مېۋە، كۆكتات قاتارلىق سېتىپ پۇل قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ زاكىتى

مېۋە، كۆكتات قاتارلىق سېتىپ پۇل قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ زاكىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سېتىپ پۇل قىلىنىدىغان مېۋە، كۆكتات قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھوسۇلىنى يىققان ۋاقىتتا ئوندىن بىرى ياكى يىگىرمىدىن بىرىنى بېرىمىزمۇ ياكى سېتىپ پۇل قىلىپ پۇلنىڭ زاكىتىنى بېرىمىزمۇ؟ ناۋادا سېتىلغان پۇلى نېسى قېلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئالالمىسا ئۇ چاغدا زاكات قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

زېمىندىن چىقىدىغان زىرائەت ھوسۇللىرىغا زاكات كېلىدۇ.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ”ئۇ يەنە، بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلغان، مېۋىلىرى، دانلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، زەيتۇن ۋە ئانارنى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. مېۋىسى پىشقاندا ئۇلاردىن يەڭلار. ھوسۇل ئالغان كۈندە ھەققىنى ئادا قىلىڭلار. ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ“.(1)

زىرائەت يامغۇر ياكى ئېرىق – ئۆستەڭلەردىكى بىكارلىق سۇ بىلەن سۇغىرىلغان تەقدىردە، ھوسۇللىرىغا %10 زاكات كېلىدۇ. كۈچ ۋە چىقىم بىلەن سۇغىرىلغان ئەھۋالدا %5 زاكات كېلىدۇ.

سالىم ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاسماندىن، بۇلاقلاردىن سۇغۇرۇلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئوندىن بىرى (%10) كېلىدۇ، سۇ ئەكىلىپ سۇغۇرىلىدىغان زىرائەتلەرگە يىگىرمىدىن بىرى (%5) كېلىدۇ».(2)

زىرائەت ھوسۇللىرىنىڭ تۈرلىرىگە كەلسەك، بۇغداي قاتارلىق ئاشلىقلارغا، مېۋىلەردىن خورما بىلەن ئۈزۈمگە زاكات كېلىدىغانلىقىدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. لېكىن، ئۇنىڭدىن باشقا مېۋە – چېۋە، كۆكتات، بېدىگە ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ يەم – خەشەكلىرى، قىزىلگۈل، زەپە قاتارلىق دورا – دەرمەكلەر، كېۋەز ۋە چاي قاتارلىقلارغا يۇقىرىقىدەك زاكات كېلەمدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار خورما بىلەن ئۈزۈمدىن باشقا مېۋىلەرگە، كۆكتاتقا يۇقىرىقىدەك زاكات كەلمەيدۇ، سېتىلغاندىن كېيىن پۇل قولغا كىرىپ بىر يىل ئۆتسە، ئۆز ئالدىغا ياكى قولىدىكى باشقا ئىقتىسادقا قوشۇلۇپ، زاكات كېلىدىغان ئۆلچەمگە يەتسە ئاندىن پۇل ھېسابىدا %2.5 مىقداردا زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى: پەقەتلا بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈمدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ھوسۇلدىلا زىرائەت ئۆلچىمى بويىچە زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى: ئوزۇقلۇق بولىدىغان، ساقلىنىدىغان ھوسۇللارغىلا زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلىرى: قۇرۇتۇلۇپ كەمچەنلىنىدىغان، ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدىغان ھوسۇللارغىلا زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئىككى شاگىرتىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولغان.(3)

كۆپچىلىك ئالىملار ئاساسەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈزۈم بىلەن خورمىدىن باشقا مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلاردىن زاكات ئالمىغانلىقىغا ئاساسلانغان بولۇپ، بەزىبىر ئاجىزراق رىۋايەتلەر بىلەن ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەرنى خاسلاشتۇرۇش يولىنى تۇتقان. مەسىلەن:

1.   ئەتا ئىبنى سائىب رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغىيرە مۇسا ئىبنى تەلھەنىڭ زېمىنىدىن چىققان كۆكتاتلاردىن زاكات ئالماقچى بولغاندا، مۇسا ئىبنى تەلھە ئۇنىڭغا: ئۇنداق قىلالمايسەن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدا سەدىقە يوق دەيتتى دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: تەرخەمەك، تاۋۇز، ئانار ۋە شىكەر قومۇشى قاتارلىقلاردىن زاكات ئەپۇ قىلىنغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زاكات ئالماي ئەپۇ قىلىۋەتكەن، دەپ كەلگەن.(4)

2. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە دىن ئۆگىتىشكە ئەۋەتكەندە، ئۇلارغا: «ئارپا، بۇغداي، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە خورمىدىن ئىبارەت مۇشۇ تۆت نەرسىدىن باشقىسىدىن زاكات ئالماڭلار» دېگەن.(5)

3. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆكتاتلارغا زاكات كېلىش مەسىلىسىنى سوراپ مەكتۇب يازغاندا: «ئۇنىڭدا زاكات يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.(6)

كۆپچىلىك ئالىملار يۇقىرىقىلارغا تايىنىپ مۇنداق قارىغان: ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك زىرائەت ھوسۇللىرى بار تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن زاكات ئالماي ئەپۇ قىلىۋەتكەنلىكى بۇ تۈرلۈك ھوسۇللارغا زاكات كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دېگەن: «زاكات ئۇزۇن ساقلانمايدىغان مېۋە – چېۋە، كۆكتاتلارغا ئەمەس، ئاشلىققا كېلىدۇ. تائىفتا ئانار، شاپتۇل ۋە ئۇترۇجە قاتارلىق مېۋىلەر بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭدىن زاكات ئالغانلىقى بىرەر دەلىل بىلەن كەلمىگەن».(7)

كۆپچىلىك ئالىملار كۆكتاتلاردا، خورما بىلەن ئۈزۈمدىن باشقا مېۋىلەردە زاكات كەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى: بۇ ھوسۇللار ئادەتتە كەمچەنلەنمەيدۇ، ساقلانمايدۇ. نەتىجىدە، ئىقتىساد شەكلىدە پايدىلانغىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئادەتتە زېمىنغا تېرىلىدىغان ھەرقانداق زىرائەتتىن چىققان ھوسۇلغا يۇقىرىقى زىرائەت ھوسۇللىرىغا بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە زاكات كېلىدۇ. دان، تەرخەمەك ۋە سامساققا ئوخشاش ئوتياش، بېدە، گۈل، زەپە، زاراڭزا، مېۋە – چېۋە، ئوسما قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدا ئوخشاش دەپ قاراپ، ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن مۇنداق دەلىل كەلتۈرگەن:

1. ”ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن زاكات ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن تازىلاپ پاكلىغايسەن، يەنە ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىكتۇر“.(8) مېۋە – چېۋە، كۆكتاتلارمۇ مالدۇر.

2. ”ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئىشلەپ تاپقاننىڭ پاكلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەرپ قىلىڭلار، ئۆزەڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەرپ قىلماڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر“.(9)

بۇ ئايەتتىكى «سەرپ قىلىش» زاكاتنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ ئومۇملىقىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ئەڭ ھەقلىق بولغان نەرسە كۆكتاتلاردۇر، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن زېمىندىن بىۋاسىتە چىقىدۇ.(10)

3. ”ئۇ يەنە، بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلغان، مېۋىلىرى، دانلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، زەيتۇن ۋە ئانارنى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. مېۋىسى پىشقاندا ئۇلاردىن يەڭلار. ھوسۇل ئالغان كۈندە ھەققىنى ئادا قىلىڭلار. ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ“.(11)

بۇ ئايەتنىڭ بېشىدا ئاللاھ تائالا ئۈزۈم، خورما، زىرائەت، زەيتۇن ۋە ئانار قاتارلىق بەش تۈرلۈك زىرائەت ۋە مېۋە – چېۋىلەرنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن «ھوسۇل ئالغان كۈندە ھەققىنى ئادا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغاچقا، بۇ ئايەت تىلغا ئېلىنغان بارلىق ھوسۇللارغا زاكات ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە شۇنداق تەپسىر قىلغان. بۇ ئايەت مەدىنىدە نازىل بولغان دېگەن قاراشمۇ بار. مەككىدە نازىل بولغان دېگەن تەقدىردىمۇ زاكات مەككىدىمۇ پەرز ئىدى. مەككە ئايەتلىرىدىمۇ زاكاتقا بۇيرۇغان ئەھۋاللار بار.(12)

مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئىمام ئەبۇ بەكىر ئەلجاسساس مۇنداق دەيدۇ: «سەلەفلەر ئوتتۇرىسىدا «فۇسسىلەت» سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىدا، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ئايەتلەر قاتارىدىن ئىكەنلىكىدە قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. ئۇ ئايەتتە زاكات بەرمىگەنلەر ھەققىدە: ”زاكات بەرمەيدىغان مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار يەنە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ“(13) دەپ تەھدىت كەلگەن».(14)

قانداقلا بولمىسۇن، مال – مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى زاكات تەرىقىسىدە ئايرىش جاھىلىيەتتىمۇ، ئىسلامنىڭ مەككىدىكى دەسلەپكى دەۋرىدىمۇ كەڭ تارقالغان ئىش ئىدى. لېكىن، كېيىن مەدىنىدە ھازىرقى بىز تونۇيدىغان شەكىلدە پەرز قىلىنغان.(15)

مېنىڭچە، زاكات مەككە دەۋرىدە پەرز بولسىمۇ، بىراق تېخى ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەنمىگەن بولغاچقا، بۇ تۈرلۈك زىرائەت زاكاتلىرىنى يىغىش ئىشى كىشىنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن مەدىنىدە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى ئىسلام ھۆكۈمىتى زاكات توپلايدىغان تۈزۈم شەكىللەنگەن.

4. سالىم ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاسماندىن، بۇلاقلاردىن سۇغۇرۇلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئوندىن بىرى (%10) كېلىدۇ، سۇ ئەكىلىپ سۇغۇرىلىدىغان زىرائەتلەرگە ئوندىن بىرىنىڭ يېرىمى (%5) كېلىدۇ».(16)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بۇ قارىشى ئىلگىرىكىلەردىن ئىبراھىم نەخەئىي، مۇجاھىد، ھەمماد ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قاتارلىقلارنىڭ، كېيىنكىلەردىن شاگىرتى زۇفەر بىلەن داۋۇد زاھىرىينىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراش يەنە، ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان.(17)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تايانغان دەلىللەرگە قارايدىغان بولساق، ئايەتلەر بىلەن ھەدىس زىرائەت ھوسۇللىرىنى ئايرىماي، بارلىق زىرائەت ھوسۇللىرىغا ئومۇمىيۈزلۈك زاكات پەرز قىلىۋەتكەن. كۆپچىلىك ئالىملار تايانغان دەلىللەر ھەم سەنەد جەھەتتىن، ھەم دالالەت جەھەتتىن ئاجىز بولغاچقا، ئايەت بىلەن سەھىھ ھەدىسلەردىكى ئومۇملۇقنى مەلۇم ھوسۇللارغىلا خاسلاشتۇرالمايدۇ.

كۆكتات بىلەن مېۋىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە زاكات ئالمىغانلىقى ئۆز ۋاقتىدا بۇ ھوسۇللارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تېرىلىپ بازارغا سېلىنمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈزۈك زىرائەت بايلىقى ھېسابلانماي، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاشلىقتەك كۆپ كىرىم بولمايدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.(18)

ياكى بۇ تۈرلۈك ھوسۇللارنىڭ زاكىتىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىغمايدىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرى بېرىدىغان ئىدى دېسەكمۇ بولىدۇ.(19)

ئەمما ھازىرقى زاماندا بولسا، كۆكتات بىلەن مېۋىلەردىن نەچچە توننىلاپ ھوسۇل ئېلىنىدۇ. ئۇزۇنراق مۇددەت ساقلاش، يۆتكەش ۋە تارقىتىپ بازارغا سېلىش ئىشلىرى بەكلا قولايلىق. بەلكى تېخى مېۋە – چېۋە، كۆكتات تېرىشتىن بولىدىغان كىرىم ئاشلىقتىن ئالىدىغان كىرىمنى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇنداق بولىدىكەن، بۇ تۈرلۈك ھوسۇللارغا زاكات كېلىدۇ دەپ قاراش شەرىئەت زاكات تۈزۈمىدىن كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا ئىسلام روھىغا ماس كېلىدۇ.

ئىمام كاسانى مۇنداق دەيدۇ: «زاكات ۋاجىپ بولۇشنىڭ سەۋەبى ھوسۇل ئارقىلىق كىرىم قىلىپ بېرىدىغان زېمىن بولۇپ، كۆكتاتنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولغاچقا، كىرىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.»(20)

يۇقىرىقىلارغا قارايدىغان بولساق، مەيلى دەلىل جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىسلام روھىغا ماس كېلىش جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى شەرىئەت زاكات تۈزۈمىدىن كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش جەھەتتىن بولسۇن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «زېمىندىن چىققان ھەرقانداق ھوسۇلغا زاكات كېلىدۇ» دېگەن قارىشى زامانىمىزغا ئەڭ مۇناسىپ كېلىدىغان قاراشتۇر.(21)

بۇنىڭغا ئاساسەن ھازىرقى كۈنلەردە ئەزىز دىيارىمىزدا كەڭ كۆلەمدە تېرىلىۋاتقان گۈل چاي، باغلاردىن ھوسۇل ئېلىنىۋاتقان ياڭاق، چىلان قاتارلىق ھوسۇللىرىغىمۇ زاكات كېلىدۇ.

ئەمدى زىرائەت ھوسۇللىرىنىڭ زاكات كېلىش ئۆلچىمى سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بەش ۋەسەقكە يەتمىگەن زىرائەت ھوسۇللىرىدا زاكات يوق».(22)

بىر ۋەسەقنى تەخمىن بىلەن ئېغىرلىق ئۆلچىمىگە ئۇدۇللىساق: 122.5 كىلوگرامغا، يەنە بىر قاراشتا 130.5 كىلوگرامغا باراۋەر. بەش ۋەسەق 612.5 كىلوگرامغا، يەنە بىر قاراشتا 652.8 كىلوگرامغا باراۋەردۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بارلىق زىرائەتلەردىن مۇشۇ مىقداردىن ئاشقان ھالەتتە ھوسۇل ئېلىنسا ھەر يىلدا ئەمەس، ھەر قېتىم ھوسۇل ئالغاندا زاكات ئايرىلىدۇ.

ھوسۇلنىڭ ئۆزىدىن زاكات ئايرىش مۇناسىپ بولسا ئۆزىدىن ئايرىيدۇ. ساتقان پۇلدىن ئايرىش مۇناسىپ بولسا ساتقان پۇلدىن ئايرىيدۇ. كۆكتات بىلەن مېۋىلەر ئادەتتە تېز بۇزۇلۇپ قالىدىغان بولغاچقا، ساتقان پۇلدىن %5 زاكات ئايرىش مۇناسىپ.

زىرائەت يامغۇر ياكى ئېرىق – ئۆستەڭلەردىكى بىكارلىق سۇ بىلەن سۇغىرىلغان تەقدىردە، ھوسۇللارغا %10 زاكات كېلىدۇ. كۈچ ۋە چىقىم بىلەن سۇغىرىلغان ئەھۋالدا %5 زاكات كېلىدۇ.

سۇ چىقىملىرىدىن باشقا تېرىپ ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىم، باج، بازارغا يۆتكەش ۋە قاچىلاش چىقىملىرى ھوسۇلنى ساتقان پۇلدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. قالغان ساپ ھوسۇلغا زاكات ئايرىلىدۇ.

ھوسۇل ئالغۇچى ئۆزى ۋە ئائىلىسى يېگەن ھوسۇل ساپ ھوسۇلدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ.

ھوسۇل ئېلىش جەريانىدا زىرائەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئالغان قەرزمۇ ساپ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ. ئۇندىن باشقا قەرزلەرنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا ساپ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ. يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان ئەھۋالدا ئىجارە پۇلمۇ ساپ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ.(23)

ھوسۇلنى سېتىپ پۇلىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئالالمىسا، قاچان قولىغا ئالسا، شۇ چاغدا زاكات بېرىدۇ. قولىغا ئالالمىسا زاكات ئايرىمايدۇ.

خۇلاسە: مېۋە – چېۋە، كۆكتات ۋە بارلىق زىرائەت ھوسۇللىرىغا زاكات كېلىدۇ. تېز بۇزۇلۇپ قالىدىغانلىرى سېتىلىپ، پۇلىدىن سۇنىڭ بىكارلىق ياكى چىقىملىق بولۇشىغا قاراپ %10 ياكى %5 زاكات ئايرىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2012. 8. 13

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 34 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————————–

1. «ئەنئام» سۈرىسى 141 – ئايەت.
2. «بۇخارىي» 1483 – ھەدىس.
3. «المبسوط» 3/2. «بدائع الصنائع» 2/94. «بداية المجتهد» 1/184. «الحاوي الكبير» 3/238. «المجموع» 5/411 «المغني» 2/295.
4. «سۈنەنى دارەقۇتنىي» 2/97. تىرمىزى: «سەھىھ ئەمەس. مۇرسەل» دەپ باھالىغان.
5. «المستدرك على الصحيحين» 1459 – ھەدىس. «سۈنەنى دارەقۇتنى» 2/98. تىرمىزىي: «سەھىھ ئەمەس» دەپ باھالىغان. بەيھەقىي: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
6. «تىرمىزىي» 638 – ھەدىس. ئىمام تىرمىزىي: «بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ ئەمەس، بۇ مەسىلىدە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن» دېگەن.
7. «تەفسىرى قۇرتۇبى» 7/101.
8. «تەۋبە» سۈرىسى 103 – ئايەت.
9. «بەقەرە» سۈرىسى 267 – ئايەت.
10. «بدائع الصنائع» 2/94.
11. «ئەنئام» سۈرىسى 141 – ئايەت.
12. «التفسير الكبير» فخر الدين الرازي 13/175.
13. «فۇسسىلەت» سۈرىسى 6 – ، 7 – ئايەتلەر.
14. «أحكام القرآن» 1/162.
15. «روح المعاني» 24/98.
16. «بۇخارى» 1483 – ھەدىس.
17. «عمدة القاري» 9/73.
18. «ئىسلام ئونلاين»دا 2001/7/21 – كۈنى دوكتور رىفئەت فەۋزىينىڭ نەق مەيدان بەرگەن پەتىۋاسىغا قارالسۇن.
19. «بدائع الصنائع» 2/94.
20. «بدائع الصنائع» 2/94.
21. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن ئىمام قەرداۋىنىڭ «فىقھۇززاكات» ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.
22. سەھىھەين: «بۇخارىي» 1405 – ھەدىس. «مۇسلىم» 979 – ھەدىس.
23. دوكتورمۇھەممەد ئابدۇللاھ شەببانىينىڭ: «فىقھۇززاكاتتا قاراشلار ۋە تەھلىللەر» دېگەن تەتقىقاتىغا قارالسۇن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.