بارات كېچىسى تۈنەش ۋە بۇ كۈندە قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش

بارات كېچىسى تۈنەش ۋە بۇ كۈندە قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يۇرتىمىزدا بارات كېچىسى تۈنەيدىغان ۋە بۇ كۈندە ئۆيدە ياغ پۇرىتىپ (مېيىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ) قۇيماق سېلىپ، قەبرىستانغا بېرىپ بىرەر قارىمنى تېپىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرۇپ، قۇيماقلارنى قارىمغا بېرىدىغان ئىشلار كىچىكىمىزدىن تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ كېچىدە كۆپىنچە كىشىلەر تۈنەيدۇ ھەم يىراقتىكىلەرمۇ كېلىپ تۇپراق بېشىنى چوقۇم يوقلايدۇ. مازار بازارغا ئايلىنىدۇ، بەزىلەر قارىم تاپالماي ئۆچرەتتە تۇرىدۇ…

شۇڭا سىلىدىن: «بارات كېچىسى قانداق كېچە؟ بۇ كۈندە چوقۇم قەبرىستاننى يوقلاش كېرەكمۇ؟ خاس مۇشۇ كۈندە تۈنەشچۇ؟ قەبرە بېشىغا بېرىپ ئۆلۈكلەرگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» دېگەنلەرنى بىلمەكچى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ،

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئۇلۇغ رامزان ئېيىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان بارات (شەئبان) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچە «بارات كېچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە بىر قانچە ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرگە ھەدىسشۇناسلارنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغان. بۇنىڭ بەزىسىنى ئىبنى ھىببان، مۇنزىرى ۋە ئالبانى قاتارلىق ئالىملار «سەھىھ» ياكى «ھەسەن» دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇخارى، دارىقۇتنى، ئۇقەيلى، ئىبنى جەۋزى، ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەرەبى قاتارلىق كۆپچىلىك مۇھەققىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە، بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر سەھىھ ئەمەس.

ئىمام ئىبنى رەجەب مۇنداق دېگەن: «شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە بىر نەچچە ھەدىسلەر بار بولۇپ، بۇلارغا ئوخشىمىغان يەكۈنلەر چىقىرىلغان. كۆپچىلىك ئۇلارنى ‹ئاجىز› دەپ قارىسا، ئىبنى ھىببان بەزىسىنى ‹سەھىھ› دەپ قارىغان».(1)

ئىمام ئىبنى رەجەب يەنە مۇنداق دېگەن: «شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىنى شامدىكى خالىد ئىبنى مەئدان، مەكھۇل، لوقمان ئىبنى ئامىر قاتارلىق تابىئىنلار ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇنىڭدا ئىبادەت قىلاتتى. بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاشنى ۋە پەزىلەتلىك دەپ قاراشنى باشقىلار ئاشۇلاردىن ئۆگەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلارغا بۇ ھەقتە يەھۇدىي – ناسارالاردىن كەلگەن رىۋايەتلەر يەتكەن ئىكەن، شۇنداق قىلىپ، شاملىق ئاشۇ تابىئىنلاردىن بۇنداق قىلىش پۇر كەتكەندىن كېيىن، باشقا جايدىكىلەردىن بەزىلەر، بولۇپمۇ بەسرىدىكى بەزى ئابىد كىشىلەر بۇنى قوبۇل قىلىپ ئۇ كېچىنى ئۇلۇغلاشقان، ھىجازلىق ئەتا، ئىبنى ئەبى مۇلەيكە ۋە مەدىنە فۇقاھالىرى قاتارلىق ئالىملار بۇنى قوبۇل قىلماي ئەيىبلىگەن. ئىمام مالىكنىڭ قارىشىمۇ شۇنداق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى «بىدئەت» دەپ قارىغان. شاملىق ئاتاقلىق مۇجتەھىد ئىمام ئەۋزائىيمۇ، بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاشنى قوبۇل قىلمىغان.(2)

ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە ئاللاھنىڭ چۈشىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغۇچىغا: «ھەي بىغەرەز! ئوتتۇرىدىكى كېچىدىلامما؟ ھەر كېچىدە چۈشىدۇ» دېگەن.(3)

قانداقلا بولمىسۇن، شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسنى «سەھىھ» دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ پەزىلەتنى بىزگە خەۋەر قىلغان زات رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولۇپ، بۇ زات ئۇ كېچىلەردە باشقا كېچىلەردىن ئالاھىدە بىرەر ئىبادەت قىلمىغان. ئەگەر بۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىش بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئالدى بىلەن ئۆزى قىلىپ بەرگەن بولاتتى. ياكى مۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇ كېچىدە قەلبىڭنى شېرىك بىلەن مۇسۇلمانغا ئاداۋەت ساقلاشتىن تازىلىغان ھالەتتە ئۇخلىشىڭنى يولغا قويغان.

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە مەلۇم رەكەت ناماز ئوقۇش ياكى تۈنەشتەك مەلۇم بىر خىل ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىمۇ بىرقانچە ھەدىسلەر كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھېچبىرى سەھىھ ئەمەس. ئەكسىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان، توقۇلما، باتىل ھەدىسلەردۇر. مۇھەققىق ھەدىسشۇناسلار شۇنداق باھالىغان. بۇنداق ئىبادەتلەرنى بەلگىلىۋېلىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدە كۆپچىلىك ئالىملار ئىتتىپاق.

شاملىق تابىئىنلار، ئىمام شافىئىي، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاتارلىق ئالىملار بۇ كېچىدە تۈنەپ ئىبادەت قىلىشنى مۇستەھەپ، دەپ قارىغان.

ئەمدى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگىنى بولسا: شەئبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىدۇر.

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز ئۇنى توختىماي روزا تۇتىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قالغانغا قەدەر تۇتاتتى. روزا تۇتمىغاندىمۇ بىز ئۇنى ئەمدى روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قالغانغا قەدەر تۇتمايتتى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ رامزاندىن باشقا ئايلاردا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتقانلىقىنى كۆرمىدىم، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئايلاردا، شەئبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتقانلىقىنى كۆرمىدىم».(4)

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچقايسى ئايدا شەئبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتمايتتى. ئۇ شەئبان ئېيىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك روزا تۇتۇپ چىقاتتى».(5)

ئۇسامە ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

– جانابلىرىنىڭ باشقا ھېچبىر ئايدا شەئبان ئېيىدىكىدەك كۆپ روزا تۇتقانلىرىنى كۆرمىدىم، – دېگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

– بۇ رەجەب بىلەن رامزان ئارىلىقىدىكى كىشىلەر تۇيماي غەپلەتتە ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان بىر ئايدۇر. ئۇ يەنە پۈتۈن ئەمەل – ئىبادەتلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا كۆتۈرۈلىدىغان ئايدۇر، شۇڭا مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياقتۇرىمەن، – دېگەن.(6)

دېمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كېچىنى ياكى ئۇ كېچىنىڭ كۈندۈزىنى بىرەر ئىبادەت قىلىپ ئالاھىدە قىلمىغان. ساھابە – كىراملاردىنمۇ ئۇنداق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان. بۇ كېچىدە ئالاھىدە تۈنەپ ئىبادەت قىلىش ساھابە – كىراملارنىڭ زامانىدىن كېيىن پەيدا بولغان.

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «رەغائىب نامىزى دەپ ئاتالغان رەجەب ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسىدە ئوقۇلىدىغان ئون ئىككى رەكەت ناماز، شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە ئوقۇلىدىغان يۈز رەكەت ناماز، بۇ ئىككى تۈرلۈك ناماز بىدئەت، مۇنكەر نامازلاردۇر. بۇ ئىككى نامازنى ‹قۇتۇل قۇلۇپ› ياكى ‹ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن› دا زىكىر قىلغانلىققا، ياكى بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسكە گول بولماسلىق لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتىلدۇر. بۇلارنى ئاڭقىرالماي مۇستەھەپ دەپ رىسالە يېزىپ سالغان بەزى ئىماملارغا ئەگىشىپ كەتمەسلىك لازىم، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدا ئېنىق خاتالاشقان».(7)

بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ كېچىدە تۈنەش، ناماز ئوقۇش قاتارلىق ئىشلار بۇ كېچىگە خاس ئىبادەت ئەمەس. بەلكى باشقا ھەرقانداق كېچىدىكىدەك قايسى كېچىدە قىلسا بولىدىغان ئىبادەتلەر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ كېچىگە ئالاھىدە خاسلاشتۇرۇۋالماي باشقا ئايلاردىكى كېچىلەردەك تەھەججۇت ئوقۇسا، ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىسى ئايدىڭ بولىدىغان ئۈچ كۈندە روزا تۇتۇش پەزىلەتلىك بولغاچقا، شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى روزا تۇتسا، ياكى ئادەتتە ھەممە ئايلاردا روزا تۇتقاندەك دۈشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن روزا تۇتسا بولىدۇ.

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچىدە ياكى ئۇ كېچىنىڭ كۈندۈزىدە قەبرىستانغا بېرىش، قۇرئان ئوقۇش ياكى ياغ پۇرۇتۇش قاتارلىق ئىشلارمۇ دىنىمىزدا ئالاھىدە كۆرسىتىلمىگەن. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 6. 12

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 32 – نومۇرلۇق پەتىۋا.

——————————-
1. «لطائف المعارف» ابن رجب الحنبلي 261 – بەت.
2. «لطائف المعارف» 263 – بەت.
3. «الحجة في بيان المحجة» أبو القاسم الأصبهاني 2/128.
4. سەھىھەين: «بۇخارىي» 1969 – ھەدىس. «مۇسلىم» 1156 – ھەدىس.
5. «بۇخارىي» 1970 – ھەدىس.
6. «مسند أحمد» 21801 – ھەدىس. «سنن النسائي» 2358 – ھەدىس. ئالبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
7. «المجموع» 4/61.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.