جۈمە كۈنى ھېيت بولسا جۈمە نامىزى ئوقۇلمامدۇ؟

جۈمە كۈنى ھېيت بولسا جۈمە نامىزى ئوقۇلمامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ يىل روزا ھېيت جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالدى. جۈمە كۈنى ھېيت بولسا جۈمە نامىزى ئوقۇلماي، ھېيت نامىزى بىلەن پېشىن ئوقۇلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھېيت كۈنى جۈمەگە توغرا كېلىپ قالسا، جامائەتنىڭ ھېيت نامىزىنى ئوقۇغانلىقى جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، ئادەتتە، جۈمە پەرز بولغان ھەربىر ساغلام ئەر كىشى ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان بولسىمۇ، جۈمە نامىزىنىمۇ ئوقۇشى پەرز. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى مەھەللىسىدە جۈمە ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدىغان قىشلاق ئاھالىلىرى ھېيت نامىزىغا كەلگەن بولسا، ئۇلار خاھلىسا، جۈمەگىچە ساقلاپ تۇرۇپ جۈمە ئوقۇيدۇ. خاھلىسا، مەھەللىسىگە قايتىپ كېتىپ جۈمەگە كېلىدۇ. خاھلىسا، كەلمەي مەھەللىسىدە پىشىن ئوقۇيدۇ دەپ قارايدۇ.(1)

ئىمام مۇھەممەد بىلەن ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن: «ئىككى ھېيت (ھېيت نامىزى بىلەن جۈمە نامىزى) بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالسا، بىرىنچىسى (ھېيت نامىزى) سۈننەتتۇر. ئىككىنچىسى (جۈمە نامىزى) پەرزدۇر. ئىككىسىنىڭ ھېچبىرى تەرك قىلىنمايدۇ. ھەر ئىككىسىدە ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.(2)

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «ھېيت كۈنى بولغان تەقدىردىمۇ، جۈمە بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يۇرت بولسىلا، يۇرت ئاھالىسنىڭ جۈمەگە چاقىرىلغان تۇرۇپ، ئۆزرىسىز ھالدا، جۈمەنى تەرك قىلىشى جائىز بولمايدۇ. قۇربان ھېيتتىمۇ ئوخشاش».([3])^

سەھىھ دەلىللەرمۇ ھېيت كۈنى جۈمە نامىزىنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن.

ئاللاھ تائالا بۇيرۇغانكى: ﴿ئى ئىمان ئيتقانلار! جۈمە كۈنى نامازغا ئەزان ئېيتىلغان ھامان، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە مېڭىڭلار، ئېلىم – سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر﴾(62/«جۇمۇئە»: 9).

بۇ ئايەت جۈمەگە ئەزان توۋلانغاندا دەرھال بېرىشقا بۇيرۇغان. بۇ بۇيرۇق ھەممە كۈنلەرگە ئومۇمدۇر. بۇ ئومۇملۇقنى خاسلاشتۇرىدىغان كەسكىن دەلىل بولمىسا، ھېيت كۈنىگە ئۇدۇل كەلگەن جۈمە كۈنىنى ئىستىسنا قىلىۋەتكىلى، ھېيت كۈنى جۈمە گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ.

بۇنى تېخىمۇ تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، يا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن، يا راشىد خەلىفەلەردىن، ياكى بىرەر ساھابەدىن ھېيت نامىزى سەۋەبىدىن جۈمە نامىزىنى ئوقۇتمىغانلىقى سەھىھ ھالەتتە ئىسپاتلانمىغان. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر ئىككى نامازنى ئوقۇغان. مەسىلەن:

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ھېيت نامىزىدا ۋە جۈمە نامىزىدا 87/«ئەئلا» ۋە 88/«غاشىيە» سۈرىلىرىنى ئوقۇيتتى، ھېيت بىلەن جۈمە بىر كۈندە كېلىپ قالسىمۇ، بۇ ئىككى سۈرىنى ھەر ئىككىلى نامازدا ئوقۇيتتى.(4)

بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەر ئىككى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇپ كەلگەنلىكىنىڭ ئېنىق دەلىلىدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىق سەۋەبلىك جۈمە نامىزىنى ئوقۇماسلىق رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپتۇر.

جۈمە نامىزى بىلەن ھېيت نامىزىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، جۈمە نامىزى بارلىق ئالىملار بىردەك پەرزلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەن، ئۆزرىسىز كىشىگە پەرز ئەين بولغان مۇھىم نامازلارنىڭ بىرىدۇر. ھېيت نامىزى بولسا، بەزىلەرنىڭ قارىشىدا سۈننەت، بەزىلەرنىڭ قارىشىدا ۋاجىب، يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىدا پەرز كۇپايەدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، شەرىئەت نەزەرىدە، تۆۋەن تۇرىدىغان ناماز سەۋەبىدىن ئۇنىڭ پەرزلىكى ساقىت بولۇپ كەتمەيدۇ.

ئەبۇ ئۇبەيد رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: مەن ھېيت كۈنى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە ئىدىم. ئۇ كۈن جۈمە كۈنى ئىدى. ئۇ خۇتبە سۆزلەشتىن ئىلگىرى ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئاندىن خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئى خالايىق! بۇ سىلەرگە ئىككى ھېيت جەم بولغان بىر كۈندۇر، مەدىنەنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا ئاھالىلىرىدىن جۈمە نامىزىغىچە كۈتۈپ تۇرۇشنى خاھلىغانلار كۈتۈپ تۇرسۇن، قايتىپ كېتىشنى خاھلىغانلار بولسا، مەن ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدىم.(5)

بۇ ھەدىس، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەلىفەلىرىدىن بولغان ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ساھابە – كىراملارنىڭ جۈمە نامىزىنى ھېيت كۈنىمۇ ئوقۇغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھېيت ئۈچۈن مەدىنە سىرتىدىن كەلگەن يېزا – قىشلاق ئاھالىلىرىغا ئەسلىدە جۈمە پەرز بولمىغاچقا، ھېيت نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يېزىلىرىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، مەدىنەلىكلەرگە جۈمە ئوقۇماسلىققا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئىمام ئەھمەد بىر قارىشىدا كۆپچىلىك بىلەن بولسىمۇ، ھەنبەلىي مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان يەنە بىر قارىشىدا، ھېيت كۈنى جۈمەگە توغرا كەلسە، ھېيت نامىزى ئوقۇغانلارنىڭ جۈمەگە كېلىشى ساقىت بولۇپ كېتىدۇ. پەقەتلا ئىمامنىڭ جۈمەگە كېلىشى ۋاجىب. ھېيت نامىزى ئوقۇمىغان ياكى ھېيت نامىزىنى ئىمام بىلەن ئوقۇيالماي كېيىن ئوقۇغانلارنىڭمۇ، جۈمەگە كېلىشى ۋاجىب. جۈمەگە يېتەرلىك سان توشسا، ئىمام ئۇلارغا جۈمە نامىزى ئوقۇپ بېرىدۇ. سان توشمىسا، ئۇلار پېشىن ئوقۇيدۇ.(6)

بۇ يەردە شۇنى ئېنىق ئايرىش كېرەككى، ھەنبەلىي مەزھەب ھېيت نامىزىنى ئىمام بىلەن بىللە ئوقۇغان كىشىنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇماي، پېشىن ئوقۇشى جائىز دەپ قارايدۇ. بۇ ئىمامدىن باشقا جامائەتكە نىسبەتەن شۇنداق. ئەمما، ئىمام چوقۇم جۈمەگە كېلىشى ۋاجىب. ھەنبەلىي مەزھەبتىكى يەنە بىر رىۋايەتتە، قىرىق كىشى چوقۇم ئىمام بىلەن جۈمە ئوقۇشقا كېلىشى ۋاجىب. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئىمام بىلەن قىرىق كىشىنىڭ جۈمەگە كېلىشى ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىق بىلەن ساقىت بولمايدۇ. يەنى ئىمام بىلەن قىرىق بىر كىشىدىن باشقىلارنىڭ جۈمەگە كېلىشى ۋاجىب ئەمەس دېگەن مەزمۇن چىقىدۇ. ئىمامنىڭلا جۈمەگە كېلىشى ۋاجىب دېگەن دەسلەپكى قاراش بويىچە ئېيتقاندىمۇ، جۈمە نامىزى ھېيت نامىزى بىلەن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ دەۋەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھەنبەلىي مەزھەب قارىشىدا، ھېيتنى ئىمام بىلەن ئوقۇغان كىشى جۈمەگە كەلمەي، پېشىن ئوقۇسىمۇ رۇخسەت. بۇ ھېيت نامىزىنىڭ جۈمەنىڭ پەرزلىكىنى بىكار قىلىۋەتتى دېگەنلىك بولمايدۇ. پەقەتلا جۈمەگە كېلىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىكار قىلىۋەتتى دېگەنلىك بولىدۇ. كەلمىسە پېشىن ئوقۇيدۇ. ئەگەر جۈمەگە كېلىپ قالسا ئۇنىڭ ھەققىدە جۈمەنىڭ پەرزلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ – دە، ئۇ چاغدا جۈمەنى ئوقۇيدۇ، پېشىن ئوقۇسا بولمايدۇ. دېمەك، بۇ ئەھۋالدا ئۇ جۈمەگە كەلمەسلىككە رۇخسەت قىلىنغان بىمار ۋە ئايال كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار جۈمەگە كەلمىسە پېشىن، كەلسە جۈمە ئوقۇشى لازىم بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ھەنبەلىي مەزھەب ھېيت نامىزى ئوقۇغانلاردىن جۈمە نامىزى ساقىت دېمەيدۇ.

ھەنبەلىي فەقىھلەردىن ئىمام بەھۇتىي ئېيتىدۇ: «ھېيت جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، ھېيت نامىزى ئوقۇپ پېشىن ئوقۇسا جائىز. جۈمەگە كېلىش ساقىت بولىدۇ، ۋاجىبلىقى ساقىت بولمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھېيت نامىزى ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكمى بىمار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جۈمەنى تەرك قىلىش ئۆزرىسى بار كىشىگە ئوخشايدۇ. جۈمەنىڭ ۋاجىبلىقى ئۇنىڭ بوينىدىن ساقىت بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇ سەپەردىكى كىشى ياكى قۇل كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى، كېلىشنى ساقىت قىلىش يەڭگىللىتىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا، ئۇ كېلىپ قالسا، جۈمە جامائىتى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. جۈمەگە ئىمام بولالايدۇ. ئەۋزىلى ئىختىلاپ دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن جۈمەگە كېلىشتۇر. پەقەتلا ئىمامنىڭ جۈمەگە كېلىشىنىڭ ۋاجىبلىقىمۇ ساقىت بولمايدۇ».(7)

ھەنبەلىيلەرنىڭ ئاساسلانغان دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:

1.  ئىياس رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: مەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن:

— سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بولغىنىڭدا، ئىككى ھېيت بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالغان ئەھۋالنى ئۇچراتقانمۇ؟ — دەپ سورىغان چاغدا مەن شۇ سورۇندا بار ئىدىم. زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ھەئە، رەسۇلۇللاھ كۈندۈزنىڭ دەسلىپىدە ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. ئاندىن: «جۈمە ئوقۇشنى خالايدىغانلار جۈمە ئوقۇسۇن» دەپ جۈمە ئوقۇماسلىققا رۇخسەت قىلغان ئىدى، — دېدى.(8)

بۇ ھەدىسنى بەزى مۇھەددىسلەر «سەھىھ»، يەنە بەزىلىرى «ھەسەن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىبنۇلمەدىنىي، ئىبنۇل قەتتان، ئىبنۇلمۇنزىر، ئىبنى ھەجەر قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاتاقلىق مۇھەددىسلەر بۇنى رىۋايەت قىلغان ئىياس نامەلۇم كىشىدۇر، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. يەنە بەزىلەر: «رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن.

2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۈگۈن ئىككى ھېيت بىر كۈندە كەلدى. شۇڭا، ھېيت نامىزى ئوقۇغان ئادەم جۈمە نامىزىغا كەلمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بىز جۈمە ئوقۇيمىز» دېگەن.(9)

بۇ ھەدىسنىمۇ بەزى مۇھەددىسلەر «سەھىھ»، يەنە بەزىلىرى «ھەسەن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىبنۇ ئابدۇلبەر، ئىبنۇلجەۋزىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر: «راۋىيلاردىن بەقىييە ئىبنۇل ۋەلىد زەئىف بولۇپ، شۇئبەدىن قىلغان رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن. راۋىيلاردىن ئىبنۇل مۇساففە بىلەن ۋەسسابىيلارمۇ نامەلۇم كىشىلەر دېيىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ رىۋايەت «مۇرسەل»(10) بولۇپ، ئەبۇ سالىھتىن مۇرسەل كەلگەنلىكىنى ئىمام ئەھمەد بىلەن دارەقۇتنىيلار مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە راۋىيلاردىن بەقىييەنىڭ رەسۇلۇللاھقا تۇتاشتۇرۇپ قىلغان رىۋايەتىدىن ھەيران قالغان.(11)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، مەزكۇر ئىككى ھەدىس بىرى – بىرىگە قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، بىرىنچى قاراشتىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ئېنىق ۋە سەھىھ دەلىللىرى ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

مەزكۇر ئىككى ھەدىسنى «سەھىھ» دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى كەلتۈرگەن بەزى رىۋايەتلەر، رۇخسەت قىلىنغانلارنىڭ شەھەر سىرتىدىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە ، ھەدىستىكى «بىز چوقۇم جۈمە ئوقۇيمىز» دېگەن سۆز مەدىنە ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا جۈمە بىلەن ھېيت بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئۈستۈن مەھەللىلىكلەر جۈمەنى كۈتۈپ ئولتۇرسا ئىختىيارى» دېگەن. يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈستۈن مەھەللىلىكلەرگە رۇخسەت قىلىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.(12)

3. ئىبنى جۇرەيج ئەتائنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئىبنى زۇبەيرنىڭ دەۋرىدە روزا ھېيت جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. ئىبنى زۇبەير: ئىككى ھېيت بىر كۈندە كەلدى، دېدى – دە، ئىككىسىنى جۇغلاپ، ئەتىگەندە ئىككى رەكئەتلا ئوقۇدى، ئاندىن تا ئەسىرگىچە شۇ ئىككى رەكئەتتىن باشقا ناماز ئوقۇمىدى.(13)

4. ۋەھب ئىبنى كەيسان ئېيتىدۇ: «ئىبنى زۇبەير زامانىدا ھېيت نامىزى جۈمەگە توغرا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ، كۈن خېلى كۆتۈرۈلگۈچە كۈتۈپ تۇرۇپ ئاندىن چىقىپ ئۇزۇن خۇتبە ئوقۇدى. ئاندىن چۈشۈپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. ئۇ كۈنى جامائەتكە جۈمە ئوقۇپ بەرمىدى. مەن بۇ ۋەقەنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ: ‹دەل سۈننەتنى قىلىپتۇ› دېدى».(14)

ئىمام شەۋكانىي قاتارلىقلار بۇ ئىككى رىۋايەت سەنەدىنى «سەھىھ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇنداق تەھلىل قىلغان: ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەككەدە مەلۇم مۇددەت ئۇرۇش شارائىتى ئاستىدا ھېيت نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ جۈمە نامىزى بىلەن جەملەپ، ھەربىرىنى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇغان بولۇش ئېھتىمالى بار. چۈنكى، ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بەزى ئالىملار، جۈمە نامىزىنى كۈن قايرىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇسا بولىدۇ، دەپمۇ قارايدۇ. يەنە بىر ئېھتىمال بەلكىم، ئۇرۇش ھالىتىدە خەۋپ سەۋەبىدىن جۈمە بىلەن ھېيت نامىزىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىككى رەكئەتلا ئوقۇغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. يۇقىرىقى رىۋايەتلەرمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنە يۇقىرىقى رىۋايەتلەردە ئورنىغا «پېشىن ئوقۇدى» دېگەن مەزمۇننىڭ يوقلۇقىمۇ شۇنى تەكىتلەيدۇ. بەلكى، بۇ تېخى ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھېيت نامىزىنى ئوقۇماي جۈمە ئوقۇش بىلەن كۇپايىلەنگەن بولۇش ئېھتىمالىمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولسا ھېيت نامىزى جۈمەنى ئوقۇتمىغان ئەمەس، جۈمە نامىزى ھېيت نامىزىنى ئوقۇتمىغان بولىدۇ. يۇقىرىقى رىۋايەتلەردىكى: «ئاندىن چىقىپ ئۇزۇن خۇتبە ئوقۇدى. ئاندىن چۈشۈپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى» دېگەن ئىبارىلەر، ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھېيت نامىزى ئەمەس، جۈمە ئوقۇغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خۇتبىنى نامازدىن بۇرۇن ئوقۇش جۈمەنى كۆرسىتىدۇ. ھېيت نامىزىدا خۇتبە نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئىمام خەتتابىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ: «جۈمەنى بۇ شەكىلدە بۇرۇن ئوقۇش پەقەتلا كۈن تىكلەشمەستىنلا جۈمە ئوقۇش جائىز دېگەن قاراشقا ئاساسەن جائىز بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى زۇبەير جۈمە ئوقۇغان ۋە بۇ جۈمە بىلەن ھېيت نامىزىمۇ، پېشىنمۇ ساقىت بولغان».(15)

ھەممىگە مەلۇمكى، ھېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسى نامازدىن كېيىن بولىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىجماﺋ قىلغاندۇر. ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ خۇتبىنىڭ ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەلبەتتە. بۇنى تۆۋەندىكى سەھىھ رىۋايەتمۇ تەكىتلەيدۇ.

ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺟﯘﺭﻩﻳﺞ ئېيتتىكى: ﺋﻪﺗﺎﺋ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﯕﺎ خەۋەر ﺑﻪﺭدىكى: «ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺯﯗﺑﻪﻳﺮ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ (خەلىفەلىككە) ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ: ‹ﺭﻭﺯا ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻤﺎيتتى، ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ كېيىندۇر› ﺩﯦﮕﻪﻥ».(16)

مۇسلىم رىۋايەتىدە: «شۇ كۈنى ئىبنى زۇبەير ھېيت نامىزىغا ئەزان توۋلىماي، نامازنى خۇتبىدىن بۇرۇن ئوقۇدى» دەپ قەيت قىلىنغان.

گەرچە ئەتائغا ئوخشاش بەزى سەلەفلەر يۇقىرىقى ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ رىۋايەتلىرىگە ئاساسلىنىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇلسا جۈمە ساقىت بولۇپ كېتىدۇ، پېشىنمۇ ئوقۇلمايدۇ، ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئەسىر ئوقۇلىدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ قاراش بارلىق ئالىملار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان قاراش بولغاچقا، بۇ قاراشمۇ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتىنى خاتا چۈشىنىشتىن كېلىپ چىققانلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ. ھازىر ئەتائنىڭ قارىشىنى ياقلايدىغانلار بولمىغاچقا، بىز ئۇ قاراش ئۈستىدە توختالمىدۇق.

خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ھېيت جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا ئىككى نامازنىڭ ھەربىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش سۈننەت بولۇپ، بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەمنىڭ، شۇنداقلا خەلىفەلىرىنىڭ ئىش – ئىزلىرى، دەسلەپكى دەۋردىن تارتىپ قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە، ئۆزرىسىزلا بولىدىكەن، ئەرلەرنىڭ جۈمەنى ئادا قىلىشنىڭ پەرزلىكىدىكى ئىجماﺋ قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.

ھېيت نامىزى ئوقۇغانلارغا جۈمەگە كەلمەسلىك رۇخسەت دېگەن قاراشتىكىلەر ئاساسلانغان دەلىللەر سەنەد جەھەتتىن «زەئىف» بولۇش بىلەن بىرگە، مەزمۇن جەھەتتىنمۇ ئۇلارنى سەھىھ دەلىللەر بىلەن بىللە چۈشىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار. چۈنكى، شەھەر، كەنت سىرتىدىكى جۈمە مەسجىدى يوق ياقا مەھەللىدىكىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس. ئەمما، ئۇلار ھېيت نامىزىغا كېلىپ قالسا ئىمام ئۇلارنىڭ قايتىپ ھېيت تەييارلىقىنى قىلىشقا رۇخسەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار جۈمەگىچە ساقلاپ ئولتۇرسا قۇربانلىق قىلىش، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا پەتە ئوقۇش جەھەتتىن سىقىلىپ قالىدۇ.

ئەلبەتتە، ھەممەيلەننىڭ بىردەك قارىشىدا، شەھەردە تۇرۇپ ھېيت نامىزىغا قاتنىشالمىغانلارغا جۈمەگە كەلمەسلىككە رۇخسەت يوق. شۇڭا، ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمەي قالغانلار جۈمەگە مەسجىدكە بېرىشى ۋاجىب.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 3 – شەۋۋال / م. 2015، 22 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 26 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/153؛ مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 1/85؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 2/166؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/412؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/159؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/105.
2. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانىي: «ئەلجامىئۇسسەغىر»، 1/113.
3. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/239.
4. «مۇسلىم»، (878).
5. «بۇخارىي»، (5572).
6. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/105؛ بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 2/40.
7. بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 2/40.
8. «ئەھمەد»، (19337)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1070).
9. «ئەبۇ داۋۇد»، (1073).
10. مۇرسەل ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُرْسَلُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەۋەتمەك، يوللىماق ۋە مەيلىگە قويۇۋەتمەك» دېگەن مەنىلەردىكى «إِرْسَالٌ» كەلىمەسىدىن «ئەۋەتىلگەن» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا بىرقانچە مەنىدە قوللىنىلغان. مەشھۇر ئىستىلاھتا: «تابىئىننىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بەرگەن ھەدىسى»دۇر. بەزىلەر چوڭ تابىئىن بولۇشىنى شەرت قىلىشىدۇ. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ئىسنادىدا ساھابە ياكى باشقا راۋىيلىرىدىن بىرى زىكىر قىلىنمىغان ھەدىس». بۇنىڭغا ئاساسەن «مۇرسەل» بىلەن «مۇنقەﺗﯩﺌ» ئوخشاش. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ساھابە بولمىغان راۋىينىڭ ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى› دەپ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى»دۇر. ئالىملاردىن ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەدلەر «مۇرسەل ھەدىس ھۆججەت» دەپ قارىسا، ئەھلى ھەدىسنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇرسەلنى زەئىف ھەدىسلەر قاتارىغا تىزىدۇ. ئىمام شافىئىي «بىرقانچە شەرتلەر تېپىلسا ھۆججەت» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 676 – 678 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِي عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ»، 369 – بەت. «دارۇلفىكر نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1979.
11. ئەلخەتىب ئەلباغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 3/129؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىيد»، 10/272؛ ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىير»، 2/88.
12. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/239.
13. «ئەبۇ داۋۇد»، (1072.
14. «نەسائىي»، (1794).
15. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/106.
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (959)؛ «مۇسلىم»، (886).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ