سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! يېقىندىن بۇيان كاللامغا بىر سوئال كېلىۋېلىپ، ماتېرىيال ئاختۇرۇپمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم. شۇ ۋەجىدىن ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.
ئاللاھ تائالا 2/«بەقەرە»: 30 – ئايەتىدە: ﴿ئوز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى ئورۇن باسار) يارىتىمەن» دېدى﴾ دەپتۇ. شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللا بۇ يەردىكى خەلىفە دېگىنىمىز: «زېمىندا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە دىنىنى يۈرگۈزىدىغان، تەۋھىدكە چاقىرىدىغان، ئاللاھقا ئىخلاس قىلىدىغان ۋە ئىمان كەلتۈرۈدىغان» دەپ تەفسىر قىلىپتۇ. يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا: ﴿مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا قۇللۇق قىلىشى ئۈچۈن ياراتتىم﴾(51/«زارىيات»: 56) دەپتۇ. يەنە بەزى ماتېرىياللاردا، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياراتقان دېگەندەك قاراشمۇ بار ئىكەن، يۇقىرىقىلارنى خۇلاسىلىگەن ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ بىزنى يارىتىشتىكى مەقسىتى ئۆزىگە ئىبادەت قىلدۇرۇش ۋە بىز ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈش ھەمدە زېمىندا تەۋھىد پەيدا قىلىشى بولىدىكەن.
سورىماقچى بولغىنىم شۇكى، ئاللاھنىڭ بىزنى يارىتىشتىكى مەقسىتى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بولسا، ئۇنداقتا، ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئبادىتىمىزگە، زېمىننى گۈللەندۈرۈشىمىزگە نېمە ئېھتىياجى بار؟ ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىدىن بىھاجەتتۇر. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
سوئالىڭىز ھەقىقەتەن، مېتافىزىكىلىق مەسىلىلەرگە ئائىت چوڭ سوئاللارنىڭ بىرى. دەرۋەقە «ئىنسان نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان؟» دېگەن بۇ سوئالنىڭ ماھىيەتلىك جاۋابى تېپىلغىنىدا، نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كېتىدۇ.
مەزكۇر مەسىلىنى مېتافىزىكىلىق دېيىشىمدە، چۈنكى يارىتىش ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان «غەيبىي» ئىشلار قاتارىدىندۇر. ھەقتائالا: ﴿ئۇلارغا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق. ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلغىنىم يوق﴾(18/«كەھف»: 51).
ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ بولسا ئەزەلدە يالغۇز، يەككە – يېگانە ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسە ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. (يارىتىش باشلانغاندىن كېيىن) ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى، ئاندىن لەۋھۇلمەھپۇزغا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى يېزىپ، ئاسمان – زېمىننى ياراتقان» دېگەن.(1)
دېمەك، ئاللاھ تائالا جاھاندىكى ھەممە نەرسىنى يارىتىشنى ئىرادە قىلغان، جاھاندىكى ھەممە نەرسە كېيىن پەيدا بولغان.
ئىنساننى شۇنداقلا بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتا ھېكمەت بار، ئەلبەتتە. مۇنۇ ئايەتلەردىمۇ ئىنسان ۋە كائىناتتىكى ھەربىر شەيئىنىڭ بىكارغا يارىتىلىپ قالمىغانلىقى ئېنىق بايان قىلىنغان: ﴿بىز ئاسمان – زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق. ئەگەر بىز ئىچى پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 16، 17)، ﴿بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى، ئۆزۈڭلارنى دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ ﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 115)، ﴿ئاسمان – زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ كافىرلارنىڭ گۇمانىدۇر. كافىرلارغا دوزاختىن ۋاي!﴾(38/«ساد»: 27)
كائىناتقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ سانى بىز بىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ. مىليونلىغان يۇلتۇزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جاھان ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنساننى يارىتىشمۇ ئاشۇ ياراتقۇچى كامالى قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، جاھاندىكى مەخلۇقاتلارمۇ ئىنساننىڭ ئاللاھنى تونۇشىغا ياردىمى بولىدىغان، ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىك، يەككە – يېگانە زات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەردۇر. ئىنسان بۇ دەلىللەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىدىكى ۋە جاھاندىكى شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىنتىزامى، قانۇنىيىتى ۋە گۈزەللىكىنى تەپەككۇر ۋە مۇلاھىزە قىلغىنىدا ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىدۇ. بىلسە، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يىتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئىنسان ئۈچۈن سىناق مەيدانىدۇر. ئىمتىھان تۈگىسە مۇكاپات ياكى جازا باردۇر. دۇنيا ۋە باشقا شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى 2 – ھېكمەت ئەنە شۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنسان رەببىگە ئىبادەت قىلىشتا تىرىشىشى، ئىگىسى بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييارلىق كۆرۈشى لازىم. شۇنىڭدىلا ئەبەدى سائادەتكە ئېرىشىدۇ.
ئەمدى سوئالدىكى ئاساسلىق نۇقتىغا كەلسەك، ئاللاھنىڭ بىزنى يارىتىشتا نېمىگە ئېھتىياجى بار؟
﴿ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال – سوراق قىلىنمايدۇ. ئۇلاردىن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 23) دېگەن ئايەتنى ئوبدان تەھلىل قىلىدىغان بولساق، مەزكۇر سوئال ئاللاھنى مەخلۇقاتلارغا تولۇق ئوخشىتىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىنسان مەخلۇق، ئۇ بىر تامچە مەنىيدىن ئاپىرىدە قىلىنغان، جاھاندىكى نۇرغۇن نەرسىلەر، ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىپ يارىتىلغان يارالمىشلاردۇر، مەۋجۇدلۇقلاردۇر. بۇنداق ئىكەن، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئەنە شۇنداق ئەرزىمەس شەيئىدىن يارىتىپ، ئەقىل – ئىدىراك ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىگىسىگە ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە شۈكۈر – سانا ئېيتىش، ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيتىگە ۋە قانۇنىغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيتى بار بولىدۇ. ئۇشبۇ مەجبۇرىيەتنى بولسا، پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن. بۇنداق ئىكەن، ئىبادەتكە ئاللاھنىڭ ئەمەس، بەندىنىڭ ئېھتىياجى بار. ئاللاھ ئىنساننى يارىتىشتىمۇ بىھۇدە ياراتقان ئەمەس. ئىنسان يارىتىلغان ئىكەن، ئۇنىڭ كائىناتتا بار بولۇپ تۇرۇشى بىھۇدىلىك بىلەن نەتىجىلەنسە بولمايدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ ئۆزى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە جانابىغا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئاللاھ بولسا ھىچ شەيئىگە موھتاج ئەمەستۇر. ئەمما، بەندە ئىھتىياجلىقتۇر. ئاللاھ ھەر شەيئىدىن بىھاجەت ۋە ئۈستۈن بولغانلىقى، بەندە موھتاج ۋە ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن «نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلدىڭ؟» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ بىر نەرسىنى ياخشى كۆرسە، ياكى ئىرادە قىلسا، ياكى ياراتسا، بۇ ئېھتىياجدىن بولغان بولۇشى كېرەك ئەمەس. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. بەلكى ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلغانلىقى، ياخشى كۆرگەنلىكى، خاھلىغىنىنى قىلىدىغانلىقى، مەخلۇقلىرىغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى، رەھمىتىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر.
يەنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادىسى، ئىلىمى ۋە سۈپەتلىرىدىن باشقا ئىللەت(2) ياكى سەۋەب كۆرسىتىلمەيدۇ. ئەمما، مەخلۇقلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئىللىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەلبەتتە، ئاللاھ تائالا بىرەر ھۆكۈم بېكىتكەن ياكى بىرەر ئىشنى پەرز قىلغان بولسا، ئالىملار بەزى ئايەت – ھەدىسلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بايان قىلىشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا ئاينى ۋاقىت ۋە ھەجنى بېكىتىش ۋە باشقا مەنپەئەتلەر ئۈچۈن ياراتقان دېگەندەك.
دېمەك. ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سوئال خالىقنى مەخلۇققا ئوخشىتىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئىبادىتى ئۈچۈن يارىتىشىدا ئىلاھىي ھېكمەتلەر بار. بۇنى چەكلىك ئەقلىمىز بىلەن بىلىپ بولالمايمىز.
بىراق شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئاللاھنىڭ «ئىبادەت ئۈچۈن ياراتتىم» دېگىنى: «مېنىڭ سېنىڭ ئىبادىتىڭگە موھتاجلىقىم بار ئىدى» دېگەنلىك بولماستىن، ئەكسىچە، بۇ ئاللاھنىڭ بەندىگە مەرھەمەت قىلىپ ئۇنىڭغا قانداق ياشىشى ۋە نېمە ئۈچۈن ياشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئىبادەت دېگەن نېمە؟» «ئىش – ئەمەل قانداق قىلغاندا ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ» دېگەن مەسىلىلەر، ھەر ئىنساندا توغرا شەكىلدە ئايدىڭ بولۇشى لازىم.
دېمەك، ئاللاھنىڭ ئىنساننىڭ ھاياتتىكى غايىسىنى ئۆزى ئىخچام، ئەمما مەنىسى چوڭقۇر بىر ئايەتكە يىغىش ئارقىلىق بىلدۈرۈپ قويۇشىنىڭ ئۆزىلا ئىنسان ئۈچۈن بىر رەھمەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەتنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بىلدۈرۈشى ۋە ھېكمەت تەقەززاسى يۈزىسىدىن بىر قاتار ئەمەللەرنى شەرىئەت قىلىپ بېكىتىشىمۇ بىر رەھمەتتۇر.
يەنە شۇنىڭدەك، ئىبادەتنىڭ جەننەتتىكى ئەبەدى سائادەت بىلەن مۇكاپاتلىنىشىمۇ بىر رەھمەتتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمان ۋە رەھىم سۈپەتلىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلىرى بىلەن تېخىمۇ ئېنىق بىلىنىدۇ. ئىبادەت ۋە شەرىئەت ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىغىنىمىزدا، ئىنساننىڭ ئىبادەت ۋە خالىس ئەمەل ئارقىلىق ئالىدىغان ساۋابى، ئېرىشىدىغان پايدىسى ۋە ئەجىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھقا قايتماي بەندىگە قايتىشىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ ئىبادىتىگە ئەسلا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1436، 9 – شەئبان / م. 2015، 27 – ماي
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 19 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (3191).
2. پەلسەپە ئىستىلاھىدا ئىللەت: «بىر نەرسىنىڭ ماھىيىتىدىن تاشقىرى، ئەمما ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكۈچى» بولۇپ، ئۇ نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭغا قاراشلىق بولىدۇ. مەسىلەن، ئالەمنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىللىتى ئاللاھ تائالادۇر، ئالەم ئىللەتلەنگۈچى (مَعْلُوْلٌ) دۇر.