«مەلھەمەتۇ كۇبرا» ھەدىسى

«مەلھەمەتۇ كۇبرا» ھەدىسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان «مەلھەمەتۇ كۇبرا» ھەدىسى دېيىلگەن بىر ھەدىس بار ئىكەن. ئۇنىڭدا ئاخىر زاماندا يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشلار ھەققىدە بايانلار بار ئىكەن. بۇ ھەدىس ۋە ئۇنىڭدا كەلگەن بايانلار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

رەببانىي بەندىلەرنىڭ ھەق بىلەن ناھەق، ئىمان بىلەن كۇفۇر ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشتە تۈرلۈك مۇشكىلات ۋە سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى، بۇ يولدا كىمنىڭ چىداملىق، كىمنىڭ چىدامسىز ئېكەنلىكىنىڭ ئەمەلىي مەيداندا ئايرىلىشىنىڭ مۇھەققەقلىكى جانابى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ يەر يۈزىدە يولغا قويغان قانۇنىيەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىلاھىي ئادالەت ۋە پەزل – مەرھەمەت نۇرىنى ئۇشبۇ قانۇنىيەت ئاساسىدا تەجەللى قىلىپ تۇرىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە، ئىمان بىلەن كۇفۇر ئوتتۇرسىدا كۆرەشلەر ئۈزۈلمىگەن ھەم ئۈزۈلمەيدۇ. تاكى قىيامەتكە قەدەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جەڭلەر، كۈرەشلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئاقىۋەتتە بولسا، ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمىگەن، سەباتلىق بىلەن تۇرغانلار غەلىبە قىلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاتنىڭ پېشانىسىگە تا قىيامەتكىچىلىك ياخشىلىق پۈتۈلگەندۇر» دېگەن.(1)

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى قاتارىدا شۇنداق بىر نېئمەت باركى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا ھەرقانچە ئېغىر كۈلپەتلەر، قاتتىق سىناقلار كېلىپ، بۇ ئۈممەت تۈگىشىپ كېتىدىغان بولدى، دەپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىمۇ ئۈممەت ئۆزىنى بىر سىلكىۋېتىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، قايتىدىن كۈچكە كېلىدۇ.

مەزكۇر قائىدە ھەر دەۋردە كۈچكە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭغا بىنائەن دەيمىزكى، ئىسلام ئۈممىتى بۈگۈنمۇ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەردىن ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ۋە تەۋپىقى بىلەن چوقۇم قۇتۇلۇپ كېتىدۇ. پەقەت مۇسۇلمانلار مەزكۇر نېئمەتنى قەدىرلەشنى بىلىپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئاللاھنىڭ غەلىبە مەشئىلىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىشىدا شەك يوق. ئىشىنىمىزكى، بۇ خىل ئىسلاھات يولىنى تۇتقۇچىلار ئۈممەت ئېچىدە ھېچقاچان يوقالمايدۇ.

چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆز ۋەدىسى بويىچە بۇ دىننى قوغداشقا كېپىل بولغان. ئاللاھ تائالا بۇ دىننى قوغداش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق مەرد ئەركەكلەرنى، شىجائەتلىك قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرۈپ تۇرىدۇكى، ئۇلار ئىلىم – مەرىپەت، دەۋەت ۋە جىھاد مەيدانىدىكى چىدامچانلىقى ۋە پىداكارلىقلىرى بىلەن بۇ دىننى قوغدايدۇ، ئۆچكەن ئىزلارنى تېرىلدۈرۈپ، سولغان روھلارنى ياشارتىدۇ. ئۇلار يېرىم يولدا بوشىشىپ قالغانلارغا، ئۇلارغا قارشى تۇرغانلارغا، دىن دۈشمەنلىرىگە غالچىلىق قىلغانلارغا پەرۋا قىلماستىن، تاكى قىيامەتكە قەدەر سەباتلىق بىلەن ھەقنى قوغدايدۇ. مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆۋەندىكى ھەدىستە بېشارەت بەرگەن مۇئمىنلەر جامائەسىدۇر.

ئۇمەير ئىبنى ھاﻧﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئۈممىتىمدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەر ھەرقاچان، ھەر زامان ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى بىجانىدىل ئىجرا قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇستەھكەملىكىدىن ئۇلارنى ياردەمسىز قويغانلارمۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرغانلارمۇ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى (ھەر مۇئمىننىڭ روھىنى قەبز قىلىدىغان شامال) كەلگىچە، ئۇلار شۇنداق تۇرىدۇ».(2)

مۇسۇلمانلارنىڭ خرىستىئانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر قاتار ھەدىسلەردە كەلگەندەك، بەزىدە ئۇرۇش، بەزىدە سۈلھ، يەنە بەزىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

بەزى ھەدىسلەردە قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى ئېچىدە مۇسۇلمانلار بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىدا «مەلھەمە كۇبرا» يەنى چوڭ جەڭ بولىدىغانلىقى، بۇ جەڭدە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى، ئاندىن ئۇلارنىڭ كونستانتىنوپول (ئىستانبۇل) نى فەتھ قىلىشقا يۈرۈش قىلىدىغانلىقى، ئۇندىن كېيىن دەججال ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى خەۋەر بېرىلگەن.

«مەلھەمە كۇبرا» دېگەن نۇرغۇن ئىنسانلار قىرىلىپ كېتىدىغان چوڭ جەڭ دېگەن مەنىدە.

بۇنىڭغا دائىر ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسمى شام دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر قىسمى سەھىھ بولغان بۇ ھەدىسلەر مۇئمىنلەر بىلەن كافىرلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان كۆرەشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ زامانى ئاخىرىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ھەل قىلغۇچ چوڭ جەڭنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇمىغان، پەقەتلا شۇنداق جەڭ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن.

لېكىن، بۇ سەھىھ ھەدىسلەرنى بۈگۈنكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇدۇللاپ ئىزاھلاش ئالاھىدە دەلىل – ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ بىر غەيب ئىش. ناۋادا ھازىرقى ئەھۋالنى مۇناسىپ دەپ قاراپ ھەدىسلەرنى ئىزاھلىساق، كېيىنچە ئۇنىڭدىنمۇ مۇناسىپ ۋەزىيەتلەر توغرا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

مەلۇمكى، شام دىيارى سايكىس بىيكو (Sykes – Picot)(3) كېلىشىمىدىن كېيىن سۈرىيە، پەلەستىن، ئىئوردانىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۆلۈۋېتىلگەن.

«مەلھەمە كۇبرا ھەدىسى» دەپ تونۇلغان مۇنداق بىر ھەدىس «سەھىھۇ مۇسلىم»دە كەلگەن:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رىملىقلار ئەئماق ياكى دابىق دېگەن يەرگە چۈشمىگىچە قىيامەت بولمايدۇ. ئۇ چاغدا مەدىنەدىن شۇ چاغلاردىكى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر قوشۇن چىقىدۇ. ئۇلار قارىمۇقارشى سەپ تۈزۈپ تۇرغاندا رىملىقلار:

— بىزنىڭ يولىمىزنى توسماڭلار، بىز ئادەملىرىمىزنى ئەسىر ئالغانلار بىلەن ئۇرۇشىمىز، — دەيدۇ. لېكىن، مۇسۇلمانلار:

— ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، قېرىنداشلىرىمىزنى سىلەرگە تاشلاپ قويمايمىز، ـ دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش باشلىنىدۇ. (مۇسۇلمانلارنىڭ) ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇرۇش مەيدانىنى تاشلاپ قاچىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىلىرىنى مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدۇ. ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇلار ئاللاھنىڭ نەزەرىدە شېھىدلەرنىڭ ئەۋزەللىرى ھېسابلىنىدۇ. قالغان ئۈچتىن بىر قىسمى غەلىبە قىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھېچقانداق قىيىن سىناققا دۇچ كەلمەيدۇ. ئۇلار كونستانتىنوپول (ئىستانبۇل) نى ئازاد قىلىدۇ، ئۇلار قىلىچلىرىنى زەيتۇن دەرىخىگە ئېسىپ قويۇپ، غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقىنىدا شەيتان:

ـ يۇرتۇڭلارنى دەججال بېسىۋالدى، ـ دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار يۈگۈرۈپ چىقىدۇ، لېكىن بۇ يالغان بولۇپ چىقىدۇ. شامغا يېتىپ كەلگەنلىرىدە، دەججال ھەقىقەتەن چىقىدۇ. ئۇلار سەپنى تۈزەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، نامازغا تەكبىر ئېيتىلىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، ئۇلارغا ئىمام بولىدۇ. ئاللاھنىڭ دۈشمىنى (دەججال) ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرگىنىدە، خۇددى تۇز سۇدا ئېرىگەندەك ئېرىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا چېقىلمىسىمۇ، ئۇ ئېرىپ ھالاك بولۇپ كېتەتتى، ئەمما ئاللاھ ئۇنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارغا نەيزىسىنىڭ ئۇچىدىكى قاننى كۆرسىتىدۇ».(4)

بەزىلەر مەزكۇر ھەدىستىكى «مەدىنە» بولسا مەدىنە مۇنەۋۋەرە، «ئەئماق» ياكى «دابىق» دېگەن جايلارنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەتراپىدىكى جايلار دەپ ئىزاھلىسا، بەزىلەر «ئەئماق» سۈرىيەدىكى ھەلەب بىلەن تۈركىيەدىكى ئانتاكىيە ئارىلىقىدىكى «دابىق»قا يېقىن جاي، ئانتاكىيەنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ، «دابىق» ھەلەب شىمالىدىكى «مەرج دابىق» دېگەن بىر كەنت. دەپ ئىزاھلايدۇ. مەدىنە بولسا شەھەر مەنىسىدە بولۇپ، دىمەشىقنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھەلەب شەھرىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ.(5)

«مەلھەمە كۇبرا» جېڭىدىن كېيىن يەھۇدىيلار بىلەن چوڭ جەڭ بولىدۇ. چۈنكى، دەججالنىڭ ئىران تەرەپتىن چىقىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا يەھۇدىيلارنىڭ ئەگىشىدىغانلىقى ھەدىسلەردە كەلگەن.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دەججالغا ئىسپاھان يەھۇدىيلىرىدىن ئۇچىسىغا يىپەك تون كىيگەن 70 مىڭ كىشى ئەگىشىدۇ» دېگەن.(6)

زامانى ئاخىرىدا يەھۇدىيلارنىڭ ئىسپاھاندا بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولمايدۇ. لېكىن، ئىمام ئەھمەد رىۋايەتىدە: «دەججال ئىسپاھاندىكى «يەھۇدىييە» دېگەن جايدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭغا باشلىرىغا تاج كىيىۋالغان 70 مىڭ يەھۇدىي ئەگىشىدۇ» دەپ كەلگەن.(7)

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «ئەبۇ نۇئەيم ‹ئىسپاھان تارىخى› دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلىشىچە: ‹يەھۇدىييە› ئەسلىدە ئىسپاھان كەنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يەھۇدىيلار تۇرىدىغان بولغاچقا، ‹يەھۇدىييە› دەپ ئاتالغان. كېيىنچە، مۇسۇلمانلار يەرلىشىپ، بىر قىسمىدا يەھۇدىيلار قېپقالغان. ‹ئىسپاھان يەھۇدىيلىرىدىن 70 مىڭ كىشى ئەگىشىدۇ› دېگەن ھەدىس پۈتۈن ئىسپاھانلىق يەھۇدىي دېگەننى ئەمەس، ئاشۇ جايدىكى يەھۇدىيلار كەنتىدىن 70 مىڭى دەججالغا ئەگىشىدۇ دېگەننى كۆرسەتسە كېرەك».(8)

يەھۇدىييە كەنتى پارس مەملىكىتىدە «كو جوھۇدان» يەنى «يەھۇدىيلار يولى» دەپ ئاتىلاتتى.(9)

يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ ئەڭ يامىنى، بۇلار پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئىسلام قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىدىغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق بېشارەت بەرگەن: «سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇشقان، ھەتتا ئارقىسىغا يەھۇدىي يوشۇرۇنۇۋالغان تاش، ئى مۇسۇلمان! ئارقامدا يوشۇرۇنۇۋالغان يەھۇدىي بار، ئۇنى ئۆلتۈرگىن دەيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمەستىن بۇرۇن قىيامەت قايىم بولمايدۇ».(10)

مەزكۇر ھەدىستىن شۇنداق مەنا چىقىدۇكى، شۇ چاغلاردىكى تاشمۇ ئىسلام بىلەن كۇفۇر، دوست بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىدىكى كۈرەشنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇيدۇ. ھالبۇكى، كۈنىمىزدىكى بەزى كىشىلەر بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنەلمەي، چۈشەنسىمۇ دىن دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتماقتا. ئۇلارنى ئارقا تېرەك قىلشتەك كۇپرانە يولنى بازارغا سېلىشماقتا، ئاللاھنىڭ ئامانىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئورنىغا بىراۋلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، ئۆز مەنپەئەتى ئالدىدا ئاللاھنىڭ ۋە دىننىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئۈستىدىكىنى بۇرچىنى ئۇنتۇپ دۇنيالىق مەنپەئەتلەرگە دۈم چۈشمەكتە. ھەتتا بەزىدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىسمەنلەر دىننى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن دىننى سۈيئىستېمال قىلماقتا. ئەلبەتتە، بۇنداقلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تاشچىلىكمۇ، ھاڭگىت قۇشىنىڭ بىر تال پىيىچىلىكمۇ قىممىتى بولمايدۇ.

يەھۇدىيلارنىڭ مەنبەلىرىدە زامانى ئاخىرىدىكى چوڭ بىر جەڭ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ جەڭ كەنئانچە «بارگاھ تېغى» دېگەن مەنىدە «ئارماگىدون» (Armagedōn) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تاغ پەلەستىندە.

«ئارماگىدون» ئەقىدىسى خرىستىئانلاردىمۇ بار. لېكىن، يەھۇدىيلار مەزكۇر قومانداننى داۋۇد ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن بولغان بىر پادىشاھ، بۇ پادىشاھقا يەھۇدىيلار ئەگىشىپ مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلارنى يوقىتىپ، جىمى خالايىقنى بويسۇندۇرۇپ «ئىسرائىل» دۆلىتىنى قۇرىدۇ دەپ قارىسا، خرىستىئانلار مەزكۇر قومانداننى ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خىرىستىئان دىنىغا كىرمىگەنلەرنى يوقىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ جەھەتتىن، مۇسۇلمانلاردىكى «مەلھەمە كۇبرا» ئەقىدىسى بىلەن يەھۇدىيلاردىكى ۋە خرىستىئانلاردىكى «ئارماگىدون» ئەقىدىسى ئوتتۇرىسىدا ئىسىمدىمۇ، مەزمۇندىمۇ پەرق بارلىقى مەلۇم.

كونستانتىنوپول (ئىستانبۇل) فەتھ قىلىنغاندىن كېيىن رۇمىييە (ھازىرقى رىم) نىڭمۇ فەتھ قىلىنىدىغانلىقى بەزى ھەدىسلەردە بېشارەت بېرىلگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا (ئۇ زاتنىڭ سۆزلىرىنى) يېزىۋاتقان ئىدۇق، بىرەيلەن:

— كونستانتىنوپول بۇرۇن فەتىھ قىلىنامدۇ، رۇمىييەمۇ؟ — دەپ سورىغانىدى،

— ئالدى بىلەن ھېراكلىيۇسىنىڭ شەھىرى (كونستانتىنوپول) فەتىھ قىلىنىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى.(11)

ئەھۋال ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلغان بويىچە بولغان. ئىستانبۇل سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ تەرىپىدىن ئاۋۋال فەتھ قىلىنغان. شۇڭىلاشقا، بۇ ھەدىس رىم ياكى ئىتالىيەنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ياۋروپانىڭ فەتھ قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بولسا كېرەك.

دەرۋەقە، يۇقىرىقى ھەدىسلەر ئىسلام ئۈممىتىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. جانابى ئاللاھ ئىسلام ئۈممىتىگە كۈچ – قۇۋۋەت، ئىززەت ئاتا قىلغاي!

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن زامانى ئاخىرىدا خرىستىئانلار بىلەن ھەل قىلغۇچ چوڭ بىر جەڭ بولىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلىدىغانلىقى، ئىستانبۇل قايتا فەتھ قىلىنىدىغانلىقى، يەھۇدىيلار بىلەنمۇ چوڭ جەڭ بولىدىغانلىقى ۋە دەججال ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئىستانبۇل تەكبىر ۋە تەھلىل بىلەن 2 – قېتىم فەتھ قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە بەزى ھەدىسلەردە ياۋروپالىقلار ئۆزلىرى ئارىسىدىكى مۇسۇلمان بولغانلار بىلەنمۇ ئۇرۇشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بىراق، بۇلار ئاساسەن غەيبى خەۋەرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ جەريان تەرتىپى، بەزىبىر تەپسىلاتى ۋە ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا ئۇدۇللاش مەسىلىلىرىدە كېسىپ بىر نەرسە دېمەك بىرقەدەر مۈشكۈلدۈر.

بەزىلەر ئۈممەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى چۈشىنىشكە ئاجىز كەلسە زامانى ئاخىرغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەرنى خاھلىغىنىچە ئىزاھلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بىراق، بۇ تۈرلۈك ھەدىسلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ئەمەلىيەتكە چېتىپ ئىزاھلاشتا مۇھەققىق ئالىملارنىڭ ئىزاھاتلىرى ۋە بايانلىرىغا مۇراجىئەت قىلماستىن ئالدىراپ كېتىلسە ياكى ئاشۇرىۋېتىلسە تەسىرى يامان بولىدۇ.

ئەلبەتتە، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىرى بىلەن زەئىف ۋە توقۇلمىلىرىنى، شۇنداقلا سەنەدى سەھىھ تۇرۇقلۇق بىرەر مەزمۇننى ئېنىق ئىپادىلىمىگەنلىرى بىلەن مەزمۇنى ئېنىق بولسىمۇ، سەنەدى سەھىھ بولمىغانلىرىنى ئايرىش ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ.

بولۇپمۇ، بىز ھەدىسلەرگە تاشقى كۆرۈنىشىدىن قارايدىغان بولساق، بايان قىلىنغان ئەھۋاللار بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ، زىتتەك تۇيۇلىدۇ. مەسىلەن، بەزى ھەدىسلەردە «مۇسۇلمانلار ئاجىزلاپ ئىلگىرىكىدەك غېرىبانىلىققا قايتىدۇ»، «فىتنەلەر قاراڭغۇ كېچىنىڭ زۇلمەتلىرىدەك ھەممىنى قاپلايدۇ»، «دىنىنى چىڭ تۇتقان كىشى بىر تال چوغنى سىقىمداپ تۇرغان كىشىدەك بولىدۇ»، «ئىسلام تۈگۈنى بىر – بىرلەپ يېشىلىپ كېتىدۇ» دېيىلسە، يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئۈممەتكە كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى، ئىتالىيەنىڭ فەتھ قىلىنىدىغانلىقى ۋە دىننىڭ ھەممە جايلارغا يېتىپ بارىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ ھەدىسلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بەزىلەر ئويلىغاندەك يۇقىرىدىن تۆۋەنگىلا قاراپ ماڭىدىغان بولماستىن، گاھ تۆۋەنگە، گاھ يۇقىرىغا قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈنلەر ھەققىدىكى تۈرلۈك ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە تۆۋەندىكى ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى چۈشىنىش ئاساس بولۇشى كېرەك:

ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ھۇزەيفە ئىبنى ئەليەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ياخشىلىق ھەققىدە سورايتتى. مەن بولسام يامانلىق ھەققىدە سورايتتىم. چۈنكى، مەن بۇ يامانلىقنىڭ بېشىمغا كېلىپ قېلىشىدىن قورقاتتىم. مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىز جاھىلىيەت ۋە يامانلىق ئىچىدە ياشايتتۇق. ئاللاھ بىزنى بۇ ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلدى. بۇ ياخشىلىقتىن كېيىن، يامانلىق بارمۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، — دېدى. مەن:

— ئۇنداقتا، ئاشۇ يامانلىقتىن كېيىن يەنە ياخشىلىق بارمۇ؟ — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، ئەمما بۇ ياخشىلىققا ئىس تۈتەك ئارىلاشقان — دېدى. مەن:

— ئۇنىڭ ئىس – تۈتىكى دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— شۇنداق بىر كىشىلەركى، ئۇلار مېنىڭ سۈننىتىم بويىچە يېتەكلىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ بەزىسىنى توغرا دەيسەن، بەزىسىنى خاتا دەيسەن. — دېدى. مەن:

— ئۇنداقتا، ئاشۇ ياخشىلىقتىن كېيىن يەنە يامانلىق بارمۇ؟ — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، بىر مۇنچە دەۋەتچىلەر بار، ئۇلار كىشىلەرنى جەھەننەمگە چاقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا كىم ئەگەشسە، ئۇلار ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ، — دېدى. مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنى بىزگە سۈپەتلەپ بەرسىلە. — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇلار بىزلەردىن بولۇپ، بىزنىڭ تىلىمىزدا سۆزلەيدۇ، — دېدى. مەن:

— ئەگەر شۇلارغا يولۇقۇپ قالسام، مېنى نېمىگە بۇيرۇيلا؟ — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمامىغا ئەگىشىسەن، — دېدى. مەن:

— ئەگەر ئۇلارنىڭ جامائىتى ياكى ئىمامى بولمىسىچۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇ چاغدا بارلىق پىرقىلەردىن ئايرىلىپ تۇرغىن. گەرچە ئايرىلىپ تۇرۇشۇڭ دەرەخ يىلتىزىنى چىڭ چىشلەپ، شۇ ھالدا ئۆلۈپ كېتىشىڭگە توغرا كەلسىمۇ، — دېدى.(12)

بۇ ھەدىسمۇ يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك مۇسۇلمانلار ئۇزۇن زامانلىق تارىخىدا ئاللاھ تائالانىڭ بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيىتى بويىچە، بەزىدە ئاجىزلىق، بەزىدە قۇدرەتلىك باسقۇچلارنى بېشىدىن كەچۈرىدىغانلىقىغا، بىر خىللا بولمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان. ئۆتمۈش تارىخمۇ بۇنى قېتىملاپ ئىسپاتلاپ كەلدى. مۇڭغۇل ۋە ئەھلى سەلىب ئىستىلالىرىدىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوسمان ئەرتۇغرۇل، سەيفۇددىن قوتۇز، نۇرىددىن زەنكى، سالاھىدىن ئەييۇبىي قاتارلىق ئەزىمەتلەر قوماندانلىقىدا قايتا باش كۆتۈرۈشى، قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇلارنىڭ ئادالەت ۋە ھەقىقەت بىلەن دۇنيا سورىغانلىقىدەك شانلىق تارىخلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بىزدىن تەلەپ قىلىنغىنىمۇ بەزى ھەدىسلەرنى بىرەر توپقا توغرىلاپ ئىزاھلاش بولماستىن، غالىب ۋە مەغلۇبىيەت ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پۈتكەن ئورتاق قانۇنىيىتى، مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن قايتا غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن، جاكارلىنىپ بولغان ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىش قىلىشتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 12 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2016، 21 – فېۋرال

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 18 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2849)؛ «مۇسلىم»، (1871).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3641)؛ «مۇسلىم»، (1037).
3. بۇ ئوسمان ئېمپىراتورلۇقى يىقىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە شام ۋە ئىراق دىيارلىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن 1916 – يىلى قىلىشقان كېلىشىم بولۇپ، ئىككى تەرەپ رۇسىيەنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ئىراق بىلەن ئىئوردانىيە ئەنگىلىيىگە، سۈرىيە بىلەن شام فرانسىيىگە تەئەللۇق بولىدىغان، پەلەستىن خەلقئارالىق باشقۇرۇشتا بولىدىغانغا مەخپى كېلىشكەن. بۇ كېلىشىم ئەرەب دۆلەتلىرىگە قارىتا قىلىنغان ئەڭ خەتەرلىك سۈيقەستلەرنىڭ بىرىدۇر.
4. «مۇسلىم»، (2897).
5. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/222، 2/417؛ موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 10/53؛ سەخاۋىي: «القناعة فيما يحسن الإحاطة به من أشراط الساعة»، تحقيق: محمد العقيل 43 – بەت؛ مەھمۇد ئەتىييە: «فقد جاء أشراطھا»، 261 – بەت؛ تۈركىي ئەبدەلىي: «نهاية التاريخ دراسة شرعية تأصيلية جادة»، 29 – بەت.
6. «مۇسلىم»، (2944).
7. «ئەھمەد»، (13368). ئىمام ئىبنى ھەجەر «سەھىھ» دېگەن.
8. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 13/328.
9. ئەبۇ نۇئەيم: «تارىخۇ ئىسباھان»، 1/34.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2926)؛ «مۇسلىم»، (2922).
11. «ئەھمەد»، (6645). ئىمام زەھەبىي، شەيخ ئەھمەد شاكىر ۋە ئالبانىيلار «سەھىھ» دېگەن. يەنە بەزىلەر «زەئىف» دېگەن.
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3606)؛ «مۇسلىم»، (1847).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ