«سەلەفىي»، «ئەشئەرىي»، «مۇرجىئە» قانداق ئېقىم؟

«سەلەفىي»، «ئەشئەرىي»، «مۇرجىئە» قانداق ئېقىم؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سەلەفىيلەر، بىدئەت، مەزھەبچى، سەلەف سالىھلەرنىڭ ئەقىدىسى، ئەشئەرىي، مۇرجىئە دېگەندەك گەپلەرنى پات – پات كۆرۈپ قالىمەن. تۆۋەندىكى سوئاللاردا توغرا مەلۇمات بەرسەڭلار بولۇپتىكەن:

1. «سەلەفىيلەر» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئېقىم قانداق ئېقىم؟ قانداق كېلىپ چىققان؟

2. «بىدئەت» دېگەن نېمە؟

3. «مەزھەب» دېگەن نېمە؟

4. سەلەف سالىھلەر ئەقىدىسى قايسى ئەقىدىنى كۆرسىتىدۇ؟

5. ئەشئەرىيلەر كىملەر؟ بۇلارنىڭ ئەقىدىسى توغرا ئەقىدىمۇ؟

6. مۇرجىئە دېگەنچۇ؟ بۇلارنىڭ ئەقىدىسىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قىسقىچە بايان قىلساق:

1. سەلەف سالىھلەر ئەقىدىسى

سەلەف سالىھلەر: «ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى پەزىلەتلىك سالىھ زاتلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا شاھىت بولغان ساھابەلەر، ئۇلاردىن ئىلىم ئالغان تابىئىنلار ۋە تابىئىنلاردىن كېيىنكى تەبەئى تابىئىنلار قاتارلىق ئىمان ۋە پەزىلەت بىلەن گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئۈچ ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. تۆت ئىمامنىڭ بەزىسى شۇ قاتارغا كىرسە، بەزىسى ئاشۇ يولنى تۇتقان ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىنى باسقان بولغاچقا، شۇ نامغا تەۋەدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىمام لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام ئەۋزائىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ۋە شۇلار كەبى زاتلارمۇ سەلەف سالىھلەرگە تەۋە دەپ قارىلىدۇ(1).

سەلەف سالىھلەر ئەقىدىسى: ساھابە، تابىئىن ۋە تابىئىنلەر تابىئىنلىرى ۋە تۆت ئىمام قاتارلىق سەلەف تەۋەلىكىدىكىلەر تۇتقان ئەقىدىنى كۆرسىتىدۇ.

لېكىن، ئاشۇ سەلەف سالىھلەرمۇ، قەتئىي ۋە كەسكىن دائىرىدىكى ئۇل ۋە ئاساس مەسىلىلەردە بىردەك قاراشقا كەلگەن بولسىمۇ، ئەقىدىنىڭ تارماق مەسىلىلىرىدە ئىجتىھاد قىلغان بولغاچقا، تارماق ئەقىدە مەسلىلىرىدىكى قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭدا ئازادىچىلىك بار. يەنە ئۇسۇلۇلفىقھىدىمۇ بەزى قاراش ئوخشاشماسلىقى بار.

دېمەك، سەلەف سالىھ ئەقىدىسى: ئاشۇ ئۈچ ئەۋلاد پەزىلەت ئىگىلىرى بولغان ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئەقىدىسى ۋە ئىجتىھاد دائىرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئازادە قاراشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. سەلەفىيلىك

سەلەفىيلىك: بەزىدە بىدئەتلەرنى تازىلاش، بەزىدە ئەقىدىنى شىركتىن تازىلاش ۋە ساپلاشتۇرۇش، يەنە بەزىدە باشقا ساھەلەردە ئىلگىرىكى سەلەف سالىھلار يولىنى تۇتۇپ مېڭىشنى كۆزلىگەن ئىسلاھات ھەرىكىتىدۇر. مەسىلەن، ئىمام ئەھمەد (ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) ئەقىلگە ئاساسلىنىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن، نەقىلنى چەتكە قاققان ۋە دەتالاشقا تايانغان مۇئتەزىلە، جەھمىييە ۋە راپىزىلەر قاتارلىق باشقا پىرقىلەرگە قارىتا، «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى ياكى ئىماننىڭ كەم – زىيادە بولۇشى، ئىماننىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى، تەقدىر ۋە ئىنسان ئىش – ھەرىكىتى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ۋە تەئۋىل(2) مەسىلىسى…قاتارلىق شۇ دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان بەزى پىرقىلەرنىڭ ئاشقۇن قاراشلىرىغا رەددىيە بەرگەن ۋە تارتىشىلغان مەسىلىلەردە سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىزاھاتىدىن ھالقىماسلىق مەۋقەسىنى تۇتقان.

ھ. 7 – / م. 13 – ئەسىرگە كەلگەندە ئىمام ئىبنى تەيمىييە (ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) ۋە ئىمام ئىبنۇلقەييىم (ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350) لار چىقىپ تەئۋىل، سۈپەت ۋە تەۋھىد مەسىلىلىرىدە مۇئتەزىلەلەر، پەيلاسوپلار ۋە ئاشقۇن تەسەۋۋۇفچىلارنىڭ قاراشلىرىنى توغرا يولدىن چەتنىگەن دەپ قاراپ، مەجازنى ئىنكار قىلغان ۋە تەئۋىلنى رەت قىلغان.

دەۋر تەلىپى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بۇ ئىلمىي مەۋقە كەلگۈسىدىكى مەجازنى ئىنكار قىلىش ۋە تەئۋىلنى تەلتۆكۈس رەت قىلىشتەك ئىككىنچى بىر ئاشقۇنلۇقنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئۇل سالغان.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر ئىجتىھادى مەۋقەسى، گەرچە ئەينى دەۋردە ئىجابىي رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى ئەگەشكۈچىلەردە پاسسىپلىق ۋە مۇتەئەسسىبلىك ھالەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كېيىنچە، ئىسلاھات ھەرىكىتى قوزغاپ چىققانلاردىن شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب (ھ. 1115 – 1206 / م. 1703 – 1791) مۇ تەئۋىل، سۈپەت ۋە تەۋھىد مەسىلىلىرىدە، ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ خاس ئەقىدىۋىي قاراشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان. بۇ ھەرىكەت شۇ دەۋردە «ۋاھابىزم» دەپ ئاتالغان.

ھ. 13 – / م. 19 – ئەسىر ئاخىرىدا يۇقىرىقىلاردىن بىرقەدەر پەرقلىنىدىغان، يەنە بىر تۈرلۈك سەلەف يولىغا قايتىش ئىسلاھات ھەرىكىتى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتمۇ سەلەفىيلىك شوئارى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. مۇھەممەد ئەبدۇھ (ھ. 1266 – 1322 / م. 1849 – 1905)، شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا (ھ. 1282 – 1354 / م. 1865 – 1935) قاتارلىق ئالىملار قوزغىغان بۇ ھەرىكەت، شۇ دەۋر غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى غەربلەشتۈرۈش پىلانىغا قارشى ھالدا، ئەسلىدىكى ساغلام ئىسلامغا قايتىش مەنىسىدىكى سەلەف يولىغا قايتىشنى ئاساسى غايە قىلغان. كېيىنچە، ۋاھابىزمنى تۇتۇپ ماڭغۇچىلار، مەزكۇر شوئارغا تەڭكەش قىلغان ئاساستا، «ۋاھابىزم» دېگەن ئاتاقتىن، «سەلەفىيلىك» ئاتالغۇسىغا تەدرىجىي يۆتكەلگەن.

گەرچە مەزكۇر ئىككى ھەرىكەت بىر – بىرىگە يېقىن زاماندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە كېيىنچە، ئوخشاش ئىسىمدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ماھىيەتتىن ئىككىسى ئىككى خىل خاراكتېرگە ئىگە. ۋاھھابىزمدىن مەيدانغا كەلگەن سەلەفىيلىك فىقھىدا ھەنبەلىي، ئەقىدىدە ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ قاراشلىرىنى مەركەز قىلىپ ئىلگىرىلىگەن بولسا، مۇھەممەد ئابدۇھ ۋە مۇھەممەد رەشىد رىزالار ئىلىپ بارغان ئىسلاھات ھەرىكىتىدە ئىسلامنى، «قۇرئان» ۋە ھەدىسنى مەركەز قىلغان ھالدا دەۋر ئەقلىيتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە شەرھلەپ چىقىش، مەنىۋىيەت، ئېتىقاد ۋە ئەخلاق سېستىمىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شانلىق ئوبرازىنى يېڭىدىن تىكلەش ۋە بۇ سېستىمىنى ئىسلامنىڭ شانلىق ئوبرازىنىڭ نەمۇنىلىرى بولغان سەلەف سالىھلارنىڭ مىتودولوگىيىسى بىلەن چەمبەرچەسلەشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئومۇمەن، بۈگۈنكى دەۋر سەلەفىيچىلىكىدە ساپ ئەقىدىنى تۇتۇش چاقىرىقىدا ئورتاق خاسلىق بار بولسىمۇ، ئۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەقىدە ۋە فىقھ قاراشلىرىنى ئاساسى مەركەز قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ھەرىكەت دەپ قاراشقا بولىدۇ(3).

قارايدىغان بولساق، سەلەفىيلەر تارماق – تارماق جامائەتلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، جامائەتلەرنىڭ ئۆزئارا بىر – بىرىدىن پەرقلىرى ھەم كۆپ. يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەممە مەسىلىلەردە بىردەك قاراشتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى «مەنار» ژۇرنىلى، جامالۇددىن ئافغانىي (ھ. 1254 – 1314 / م. 1838 – 1897)، مۇھەممەد ئەبدۇھ، مۇھەممەد رەشىد رىزا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دىيارىمىزدىكى ئابدۇقادىر داموللام (م. 1870 – 1924)، سابىت داموللا ھاجىم (م. 1883 – 1941)، مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم (م. 1932 – 1995)، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم (م. 1925 – 1993) ۋە ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم (م. 1920 – 2003)لاردەك ئالىملىرىمىز ياقلىغان سەلەفىيلىك يۆنىلىشىمۇ، بۈگۈنكى كۈندىكى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەلەفىيلىك يۆنىلىشىدىن كۆپ پەرقلىق. ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستان سەلەفىيلىك يۆنىلىشىمۇ، بۇرۇنقى ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەفىيلىك يۆنىلىشىدىن پەرقلىنىشكە قاراپ ماڭماقتا. دېمەك، ھەرقايسى سەلەفىيلىك يۆنىلىشلىرى، ھەربىر دەۋر ۋە جايدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن مەسىلىلىرىگە قاراپ بىر بىرىدىن پەرقلىق يول تۇتقان.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتساق، بۈگۈنكى دەۋر سەلەفىيچىلىكىدە ساپ ئەقىدىنى تۇتۇش چاقىرىقى ئورتاق خاسلىق بولسا، بۇ دەۋادا ھەقىقىي سەلەف يولىنى تۇتتىمۇ ياكى چەتنەپ كەتتىمۇ، بۇنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش لازىم. چۈنكى، بەزىلىرى بەزى مەسىلىلەردە ھەقىقىي سەلەف يولىنى تۇتسا، يەنە بەزىلىرى، سەلەفلەرنىڭ بىرنەچچە قارىشىدىن بىرنى تاللاپ، سەلەف ئەقىدىسى مۇشۇ دەپمۇ تۇرىۋالىدۇ. يەنە بەزىلىرى سەلەفىيلىكنى قۇرۇق دەۋا قىلىشىدۇ. بەزىلىرىنىڭ سەلەف ئەقىدىسى ۋە سەلەف يولىدىن يىراق ياكى يېقىنلىقى ھەربىر مەسىلىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ. مەسۇملۇق پەقەت پەيغەمبەرگىلا خاستۇر.

3. ئەشئەرىيلىك ۋە ماتۇرىدىيلىك

ئەشئەرىيلىك بىلەن ماتۇرىدىيلىك ئېقىملىرىمۇ ئىمام ئەھمەدتىن كېيىن 4 – ئەسىردە مۇئتەزىلە ۋە باشقا تۈرلۈك پىرقىلەرگە رەددىيە بېرىپ، ئەھلىسۈننەت ئەقىدىسىنى قوغداپ ئوتتۇرىغا چىققاندۇر.

ئەشئەرىيلەر باغداد ۋە ئەرەب ئەللىرىدە تارقالغان بولسا، ماتۇرىدىيلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بىزنىڭ دىيارلىرىمىزدا ھەمدە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقالغان. ئەشئەرىي ئەقىدىسى ئاساسەن شافىئىي ئالىملاردا كۆپ بولسا، ماتۇرىدىي ئەقىدىسى ھەنەفىيلەردە كۆپ. بۇلار ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن چوڭقۇرلاپ ئىزدەنمەي تۇرۇۋېلىشنىڭ ئورنىغا، ئەقلىي ئىزدىنىشنىمۇ ئۆز لايىقىدا قويۇپ، نەقىلنىمۇ لايىق ئورنىغا قويۇپ ئىزدەنگەن ۋە تۈرلۈك پىرقىلەرنىڭ بۇرمىلاشلىرى، ئازغۇنلىقلىرىغا قارىتا سەلەف ئەقىدىسىنى قوغدىغان. قوغداشتا كالام بىلەن يەنى ئەقلىي بەس – مۇنازىرە ۋە ئىزدىنىشلەر بىلەن شۇغۇللانغان. مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەقلىي مەۋقەدە «قۇرئان» ۋە ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن جاۋاب بېرىشكە تىرىشقان. بۇ ئىككى ئېقىم ئاساسەن ئىسلام ئۈممىتىدىكى ئەھلىسۈننەتنىڭ %90 تىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەشئەرىيلەر ئىمامى ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي (ھ. 260 – 324 / م. 874 – 936)، ئۆز ۋاقتىدا باغداتتا ئەھلىسۈننەتنىڭ «قۇرئان» ۋە ھەدىسكە قايتىش، سەلەف ئەقىدىسىنى تۇتۇش بايرىقىنى كۆتۈرگەن ۋە «ئىبانە»، «ماقالات» دېگەن كىتابلىرىدا ئەينى دەۋر سەلەف يولىنى تۇتقانلىقىنى ئېنىق يازغان. مىسالغا ئالساق: سۈپەت، تەقدىر، ئىمامەتچىلىك، شاپائەت، ھەۋزى كەۋسەر، سىرات، مىزان ۋە ئاللاھنى ئاخىرەتتە كۆرۈش، تەكلىپنىڭ مەنبەسى ئەقىل ئەمەس شەرىئەتتۇر، ئىمان سۆز ۋە ئەمەلدۇر، كەم – زىيادە بولىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەردە سەلەفلەرنىڭ يولىنى تۇتقان.(4)

تارىخ بويىچە، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ تەڭ يېرىمى دېگۈدەك، ئەشئەرىيلەر قاتارىغا تەۋەدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىمام بەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066)، نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277)، ئىبنى ھەجەر (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) دەك ئەھلى ھەدىسلەرمۇ بار.

ئەلبەتتە، بۇ ئېقىممۇ، ئەھلىسۈننەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئۈچ تارمىقىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغان ئىككى تارمىقى بولسا، ماتۇرىيدىيلىك ۋە سەلەفىيلىك.

ئەشئەرىيلەرنىڭمۇ بەزى تارماق ئەقىدە مەسىلىلەردە ئۆز ئارىلىرىدا پەرقلىق قاراشتا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

4. مۇرجىئە

«مۇرجىئە» ئاتالغۇسى ئەڭ دەسلەپتە ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشقان فىتنەلەرگە، ساھابە – كىراملار ئوتتۇرىسىدا بولغان «سىففىن» جېڭىدەك بەزى ئۇرۇش ۋە زىددىيەتلەرگە ئارىلاشماي، ئارىلاشقانلارغا قارىتا بۇنىڭ خاتا، بۇنىڭ توغرا دەپ ھۆكۈممۇ قىلماي بىتەرەپ تۇرغان، ھۆكۈمىنى قىيامەتكە كېچىكتۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا تاپشۇرغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئەبۇبەكرە، ئىمران ئىبنى ھۈساين ۋە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك بىر قىسىم بىتەرەپ ساھابە كىراملارنى، شۇنداقلا چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ئۇلارغا كېسىپ ھۆكۈم قىلمىغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد كەبى مۇجتەھىد ئالىملارنى كۆرسىتەتتى. بۇ، يەنى ئىختىلاپقا ئارىلاشماسلىق ۋە چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ئىشىنى قىيامەت كۈنىگىچە ئاللاھقا كېچىكتۈرۈش شەكسىز توغرا يولدۇر. چۈنكى، گۇناھكار كېيىنچە گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشى مۇمكىن.

كېيىنچە، چوڭ گۇناھلار سەۋەبىدىن باشقىلارنى كافىرغا چىقىرىدىغان خاۋارىجلار ۋە ھەرقانداق چوڭ گۇناھنى كۇفۇر دېيىشتە، ئۇلارغا ئوخشاپ قالغان شىئەلەرگە قارىتا ئىنكاس سۈپىتىدە ئىمان بىلەن كۇفۇر ئاتالغۇلىرىنى ئىزاھلاش ۋە ئۇقۇمىنى بېكىتىش ئوتتۇرىغا چىققاندا «مۇرجىئە» دەپ ئاتالغانلارنىڭ كۆپ قىسمى «ئىمان دېگەن ئاللاھنى تونۇش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، شۇنداقلا پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە چوڭ گۇناھلارنى تەرك قىلىشتىن ئىبارەت» دەپ تەرىپلىگەن خاۋارىجلارغا رەددىيە بېرىپ: «ئىمان – ئاللاھنى تونۇش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت» دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، «كىمكى ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دەپ تونۇسا، لېكىن بىرەر پەرزنى قىلماي قالسا ياكى بىرەر چوڭ گۇناھنى قىلىپ سالسا، ئۇ خاۋارىجلار نەزەرىدە «كافىر»، مۇئتەزىلىلەر نەزەرىدە «مۇئمىن بىلەن كافىر ئوتتۇرىدا»، مۇرجىئەلەر نەزەرىدە بولسا «ئاسىي مۇئمىن» دەپ قارىلاتتى. لېكىن، كېيىن بىر پىرقە پەيدا بولۇپ، چوڭ گۇناھ قىلغۇچىغا قارىتا «ئىمان بار ھالدا ھېچبىر گۇناھنىڭ زەرەرى يوق»لۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: «ئىمان دېمەك ئىقرار، تەستىق، ئېتىقاد ۋە تونۇماقتۇر، مۇشۇ ھەقىقەتلەر بار ھالدا ھېچبىر گۇناھ زىيان قىلمايدۇ» دېدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى چەكتىن ئېشىپ «ئىمان دېگەن قەلب بىلەن ئېتىقاد قىلىشتۇر. ئىنسان تىلى بىلەن كۇفۇرنى ئاشكارىلاپ، بۇتقا، كىرىستقا ئىبادەت قىلسىمۇ ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە ئۆلسىمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىمانى كامىل مۇئمىندۇر ۋە جەننەت ئەھلىدىندۇر» دەپ دەۋا قىلدى. مانا بۇ كېيىنكى مۇرجىئەلەر پىرقەسىنىڭ قاراشلىرى ئەمەلنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ۋە «ئاسىي مۇسۇلماننى ئاللاھ خاھلىسا جازالايدۇ، خاھلىسا مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ» دېگەن ئەھلىسۈننەت قارىشىغا تامامەن زىتتۇر.(5)

مۇئتەزىلەلەر چوڭ گۇناھ قىلغاننى كافىر دېمىسىمۇ، ئۇ پاسىق بولىدۇ. لېكىن، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دەپ قارىغان. نەتىجىدە، مۇرجىئەلەر خاۋارىج، شىئە ۋە مۇئتەزىلەلەرگە قارشى مەۋقەدە تۇرغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دىلدا تەستىقلىسىلا يېتەرلىك دەپ قارىغان. يەنە بەزىلىرى دىلدا تەستىقلىمىسىمۇ، تىلدا ئىقرار قىلسا يېتەرلىك دەپ قارىغان. يەنە بەزىلىرى دىلدا تەستىقلاش بىلەن بىرگە تىلدا ئىقرار قىلىشمۇ كېرەك دېگەن.

ئومۇمەن، بۇ تۈردىكى مۇرجىئەلەر ئىمانلا بولسا ئەمەل قىلمىسىمۇ، گۇناھ قىلسىمۇ زىيىنى يوق دەپ قارىغان. يەنى بۇلار ئەمەلنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ. لېكىن، بۇ تائىپە ئابباسىيلار دەۋرىگە كەلگەندە ئاساسەن يوقاپ كەتكەن.

بەزى ئەھلى ھەدىسلەر ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەردەك بەزى ئىماملارنى ئىمان كەم – زىيادە بولمايدۇ دەپ قارىغانلىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئەمەلنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارايدىكەن دەپ «فۇقاھائلار مۇرجىئىسى» دەپ ئاتىۋالغان. ئەمەلىيەتتە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر ئەمەلنى تەرك قىلىشقا پەتۋا بېرىپ باقمىغان. بەلكى پەرز ۋە ۋاجىب ئەمەللەرنى قىلمىسا بولمايدۇ، ھارام ئىشلارنى، گۇناھلارنى قىلسا بولمايدۇ. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلار جازاغا تارتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەگەر ئۇلار ئىماننى ئالدىن ئورۇنغا، ئەمەلنى كېيىنكى ئورۇنغا قويۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق ئالىملارنى «مۇرجىئە» دېمەكچى بولغان بولسا، بۇنىڭ زىيىنى يوق. بەلكى، بىر قىسىم ئالىملار بۇ خىل مەۋقەنى بىدئەتچى مۇرجىئىيلاردىن پەرقلەندۈرۈپ، سۈننەتكە ئۇيغۇن مۇرجىئىيلىك دەپ تەرىپلەشكەن. چۈنكى، ئىمام ئەزەمنىڭ مەزكۇر مەۋقەسى ماھىيەتتە ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسلانغان، «قۇرئان»دا ئەمەلنى ئىمانغا ئەگەشتۈرۈپ: ﴿ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان ﴾ دەپ ئايەتلەر كەلگەن.

ئۆز ۋاقتىدىكى مۇئتەزىلەلەر ۋە خاۋارىجلار تەقدىر مەسىلىسىدە ئۆز قاراشلىرىدىن باشقىچە قارىغان ئىماملارنى مۇرجىئە دەۋالىدىغان بولغاچقا، ۋە يەنە چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنى كافىر دېمىدى، دەپ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەردەك ئەھلىسۈننەت پېشۋالىرى بولغان ئىماملارغا مۇرجىئە قالپىقىنى كىيدۈرگەن ئەھۋاللارمۇ بولغان.

بۇنداق بولغاندا، خاۋارىج ۋە مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنى «مۇرجىئە» دېگىنى ئەمەلىيەتتە، ئۇنى ماختاش بولىدۇ.

دېمەك، بىرسىنى «مۇرجىئە» دېگەندە، ئۇنىڭدىن نېمىنى مەقسەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، سەلەف سالىھلەردىن ئېھتىيات يولىنى تۇتۇپ، ساھابەلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا بىرەر ھۆكۈم چىقارمىغان، ئۇرۇشتىن نېرى تۇرغان خېلى كۆپ ساھابەلەرمۇ، ئىماننىڭ ئېنىقلىمىسىدا خاۋارىج ۋە ئەھلى ھەدىسلەردىن باشقىچە قاراشتا بولغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق ئەھلىسۈننەت ئىماملىرىمۇ «مۇرجىئە» دېيىلگەن ئەھۋاللار بولغان.

ئەمما، ئەھلىسۈننەت ئەقىدىسىگە چۈشمەيدىغان، باشقا مەنىدىكى مۇرجىئە پىرقىلىرى بولسا، بۇلارنىڭ قۇيرۇقىنى ئەينى چاغدىلا قۇم باسقان بولغاچقا، ھازىر ئۇلارنى ئۇچرىتالمايمىز، ئاللاھقا شۈكرى.

5. بىدئەت

«بىدئەت» دېگەن «قۇرئان» ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتساق، دىن تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا پەيدا قىلىنغان بىرەر ئەقىدە ياكى ئىبادەتنى كۆرسىتىدۇ.

جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿راھىبلىقنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالدى. ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق﴾(57«ھەدىيد»: 27) دېگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (دىنىمىزدا) بىرەر نەرسە پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» دېگەن.(6)

ئىمام شاتىبىي: «شەرىئەتتە دەلىلى بولمىغان ئەمەل بىدئەت دەپ ئاتالغان» دېگەن.(7)

بۇ ئېنىق ۋە تالاش – تارتىش قىلىنمايدىغان مەسىلە، لېكىن ئادەتتە بىز ئالىملارنىڭ بىدئەت ئاتالغۇسىغا بەرگەن ئىزاھاتلىرى، ئېنىقلىمىلىرىنى بايان قىلغان يازمىلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆزقارىشى ھەر خىل كۆرۈنۈپمۇ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بەزى ئالىملار «بىدئەت» سۆزىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى «يېڭى پەيدا قىلىنغان ئىش» دېگەن مەزمۇنىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئۇقۇمىنى ئىنتايىن كېڭەيتسە، يەنە بەزىلەر ئۇنى پەقەت شەرىئەت دائىرىسىگىلا قاراتقان.

مەسىلەن، بىرىنچى يۆنىلىشتىكىلەردىن، ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى باشچىلىقىدىكى ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111)، ئىززۇددىن ئابدۇسسالام (ھ. 577 – 660 / م. 1181 – 1262)، نەۋەۋىي ۋە ئىبنۇلئەسىر (ھ. 544 – 606 / م. 1149 – 1210) قاتارلىقلار بىدئەتنى ياخشى ۋە يامان دەپ ئىككىگە ئايرىپ، سۈننەتكە زىت كېلىدىغىنى ياكى شەرىئەتتە بار ئىشنى بىكار قىلىۋېتىدىغان بولسا، بۇ چەكلەنگەن بىدئەت بولىدۇ؛ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرغىب قىلغان ئومۇم دائىرىگە كىرىدىغان يېڭى ئىش بولسا، بۇ مەدھىيەلىنىدىغان ياخشى بىدئەت بولىدۇ دېگەن.

بۇلار بىدئەتنى ھەرقانداق يېڭىلىققا ئىشلەتكەن بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا بولمىغان ھەرقانداق ئىشنى بىدئەت دەيدۇ ۋە ئۇ يېڭىلىقنى شەرىئەت ئاساسلىرىغا تەڭلەيدۇ، ۋاجىب دائىرىگە كىرسە، ۋاجىب بولىدۇ؛ ھارام دائىرىگە كىرسە، ھارام بولىدۇ؛ مۇستەھەب دائىرىگە كىرسە، مۇستەھەب، مۇباھ دائىرىگە كىرسە مۇباھ بولىدۇ. بۇلار ئاساسلانغان سەھىھ ھەدىسلەرمۇ بار، ئەلبەتتە.(8)

ئەمما، ياخشى بىدئەت ياكى ۋاجىب بىدئەت، ياكى مۇستەھەب بىدئەت دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامدا ئەسلى يولغا قويۇلغان، لېكىن ئىجرا قىلىنىش ئۇسۇلى جەھەتتىن يېڭىلىق بولغان ئەمەللەرنى ئەرەب تىلى جەھەتتىن «يېڭىلىق» دەپ ئاتاش دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:

مۇنزىر ئىبنى جەرىر دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىز بىر چۈش ۋاقتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق. يالاڭئاياغ، يېرىم يالىڭاچ، ئۇچىلىرىغا يۇڭ كىيىملەرنى ئارتىۋالغان، يېنىغا قىلىچ ئاسقان بىر گۇرۇھ كىشى كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇزەر قەبىلىسىدىن ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ ئاچ ۋە يوقسۇل ھالىنى كۆرۈپ چىرايى بىرقىسما بولۇپ كەتتى. ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ چىققاندىن كېيىن، بىلالنى ئەزان ئوقۇشقا بۇيرىدى. تەكبىر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ناماز ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 1) دېگەن ئايەتنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ، ئاندىن: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(59/«ھەشر»: 18) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھەر كىشى تىللالىرىدىن، تەڭگىلىرىدىن، كىيىم – كېچەكلىرىدىن، بۇغداي ۋە خورمىلىرىدىن بىرەر سادىن بولسىمۇ سەدىقە قىلسۇن، ھەتتا يېرىم خورما بولسىمۇ بەرسۇن» دېدى. ئەنسارىلاردىن بىر ئادەم خېلىلا ئېغىر بىر خالتىنى ئاران كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ سەدىقە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر بىر – بىرلەپ سەدىقىلىرىنى ئەكىلىشكە باشلىدى. قارىسام، ئېلىپ كېلىنگەن يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەكلەر ئىككى دۆۋە بولۇپ كېتىپتۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇشاللىقتىن يۈزىنىڭ ئالتۇندەك پارقىراپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. شۇندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «كىمكى ئىسلامدا بىرەر ياخشى ئىشنى يولغا قويسا، ئۇنىڭغا شۇ ئىشنىڭ ئەجرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىشنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجرى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. كىمكى ئىسلامدا بىرەر يامان ئىشنى يولغا قويسا، ئۇنىڭغا شۇ ئىشنىڭ گۇناھى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىشنى قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ».(9)

يۇقىرىدىكى ھەدىستە سەدىقە قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى «ياخشى ئىشنى يولغا قويۇش» دەپ سۈپەتلەنگەن. ھالبۇكى، سەدىقە قىلىش دىندا بار ئىش ھەمدە ئۇ تەرىقىدە سەدىقە قىلىشمۇ چەكلەنمىگەن.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ئىمام ئىبنى رەجەب (ھ. 736 – 795 / م. 1336 – 1393) ۋە ئىمام ئىبنى ھەجەر قاتارلىق يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار بولسا، بىدئەتنى ياخشى ياكى يامان بىدئەت دەپ ئايرىپ يۈرمەي، يۇقىرىقى ئالىملار ئازغۇنلۇققا تەۋە دەپ قارىغان يامان بىدئەتنىلا «بىدئەت» دەپ ئاتىغان. شەرىئەتكە مۇۋاپىق كەلگىنىنى بىدئەت دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەن.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: «بىدئەت دېگەن كىتاب ۋە سۈننەتكە ياكى سەلەفلەرنىڭ ئىجمائسىغا خىلاپ بولغان ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلەردىن ئىبارەت».(10)

ئىمام ئىبنى رەجەبمۇ مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: «بىدئەت شەرىئەتتە بىرەر ئاساسى بولمىغان، كېيىن پەيدا قىلىنغان ئىشتۇر. ئەمما، شەرىئەتتە بىرەر ئاساسى بولغان ئىش بولسا، ئەرەب تىلىدا بىدئەت دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن شەرىئەت چەكلىگەن بىدئەت بولمايدۇ».(11)

يۇقىرىقى ئىككى يۆنىلىشتىكى ئالىملارنىڭ بەرگەن ئىزاھاتلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بىدئەتنى ئىزاھلاشتا بىردەك قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارىشىدا، دىن يامان كۆرگەن ۋە ئازغۇنلۇق دەپ قارىغان بىدئەت ئىمام شاتىبىي ئىزاھلىغاندەك: «دىندا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئوخشىتىپ، ئاللاھقا تېخىمۇ ياخشى قۇللۇق قىلىش مەقسىتىدە يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىر خىل يول»دىن ئىبارەت.(12)

يىغىپ ئېيتساق، «بىدئەت»نىڭ مەنىسى بىرلا. ئۇ بولسىمۇ، دىندا بولمىغان بىر ئېتىقاد ياكى ئەمەلدۇر. پەيدا قىلىنغان ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ مىساللىرى كۆپ، بۇ فىقھىدا بايان قىلىنىدۇ. ئەمما، ئېتىقادتىكى بىدئەتلەرنىڭ مىسالى بولسا، مەسىلەن، خاۋارىجلار، قەدەرىييە ۋە رافىزىيلار پەيدا قىلىۋالغان «قۇرئان» ۋە ھەدىستە يوق، سەلەف سالىھلار ئىجمائسىغا زىت بەزى ئېتىقادلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ بىدئەتنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئىزاھاتى ھەققىدىكى نەزەرىيە تەرىپى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھەربىر ئەقىدە ياكى ئەمەلگە بۇ نەزەرىيىنى تەتبىقلاش بىلەن بىرگە تەتبىقلاشتىكى سەمىمىيەت ۋە قېلىپ – ئۆلچەمگە سېلىش ئۇسۇلىدۇر.

چۈنكى، ھازىرغا قەدەر ئېغىر بولىۋاتقان ئىش ھەربىر ئېقىم، يۆنىلىش ياكى مەدرىسە ئۆزى ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىرەر ئېتىقاد ياكى ئەمەلنى بىدئەتنىڭ بېكىتىلگەن قېلىپىغا سالغىنىدا ئۇنى بىدئەت ئەمەس دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇ قېلىپنىڭ ئۆزىگە باشقىلارنىڭكىنى سالغىنىدا ئۇنى بىدئەتكە چىقىرىدۇ. دېمەك، بۇ ئىش ئاخىرى ھەربىر مەسىلىگە سەمىمىيەت، ئىنساپ ۋە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشقا قاراشلىق بولىدۇ.

تارماق فىقھىي مەسىلىلەردە بۇنداق ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. گەرچە سەھىھ ھەدىستىن دەلىلى بولسىمۇ، ھەنەفىي مەزھەبنىڭ بەزىبىر قاراشلىرىنى بىدئەت دەپ تۇرۇۋالىدىغان بەزى سەلەفىي مەزھەب ياقلىغۇچىلىرى، ئەگەر شۇ قاراشنىڭ ئۆزىنى ياكى ئوخشىشىنى ھەنبەلىي مەزھەب ياكى ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ياكى شەيخ ئۇسەيمىن، ياكى شەيخ ئالبانىيلاردىن بىرى ياقلىغان بولسا، ئۇنى ھەرگىزمۇ بىدئەت دېمەيدۇ. بۇ گەپ ھەنەفىي مەزھەب ياكى باشقا مەزھەب ياقلىغۇچىلىرىغىمۇ ئوخشاشلا چۈشىدۇ.

مېنىڭ قارىشىمچە، ئاللاھ تائالا باشقا ھەر ئىشتا قىلغاندەك، بۇ ئىشتىمۇ ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقان، ئىزدەنگەن ۋە ئىزدىنىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرى، ياكى تەتقىقاتچى، ياكى دەۋەتچى، ھەتتا، ئاۋاملارغا قەدەر بەندىلەرنىڭ بىرەر مەسىلىگە نەقەدەر ئىنساپ، سەمىمىيەت ۋە خالىس نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ياكى باشقىچە پوزىتسىيىدە بولۇشىنى سىنايدۇ.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئىختىلاپ سەۋەبى شۇكى، زەئىف ھەدىسلەردە ياكى ساھابەلەرنىڭ سۆز، ئىش – ئىزلىرىدا كەلگەن بەزى ئىشلارنى بىدئەت دەپ بېكىتىشتە قاراشلار ئوخشاش چىقماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، زەئىف ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە، ساھابەنىڭ سۆزى ۋە ئىش – ئىزلىرىدا قاراشلار ئوخشاش ئەمەس.

بەزىدە بىرەر ئېتىقاد ياكى ئەمەلنىڭ سەھىھ دەلىلى بارلىقى ياكى سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكمۇ، ئۇنى بىدئەت دەپ تۇرۇۋېلىشقا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە. بۇنى كۈندىلىك ھاياتىمىزدا كۆپ ئۇچرىتىمىز.

بەزىدە بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئىككى خىل ھەدىس كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن «چاشگاھ نامىزى» ھەققىدە كەلگەن تۆۋەندىكى ئىككى خىل ھەدىسكە قاراپ باقايلى.

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاشگاھ نامىزىنى پەقەت ئوقۇمىغان، لېكىن مەن ئۇنى ئوقۇيمەن».(13)

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاشگاھ نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنى ئۆزى كۆرمىگەن، چۈنكى رەسۇلۇللاھ كۆپىنچە چاشگاھ ۋاقىتلىرىدا يا سەپەردە، يا مەسجىدتە، ياكى باشقا ئاياللىرىنىڭ قېشىدا ۋەياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن سىرتتا بولاتتى، بىراق ئۇ ئۆزى رەسۇلۇللاھنىڭ ئوقۇغىنىنى كۆرمىگىنى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشى ئارقىلىق بۇ نامازنىڭ پەزىلىتىدىن خەۋەردار بولغان بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە فەتھ قىلىنغان كۈندە چاشگاھ نامىزىنى ئوقۇغانلىقى، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇددەرداﺋ ۋە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا ئوقۇشنى تاپىلىغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەر («مۇسلىم» 720 – 722) دە كەلگەندۇر. يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى بىر ھەدىستە («مۇسلىم» 719): «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاشگاھ نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى. خاھلىغانچە ئارتۇقمۇ ئوقۇيتتى» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە («مۇسلىم» 717): «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاشگاھ نامىزىنى ئوقۇمتى؟» دەپ سورىغۇچىغا: «ياق، سەپەردىن قايتقىنىدىلا ئوقۇيتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىشىلەرگە پەرز قىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چاشگاھ نامىزىنى ئىزچىل ئوقۇغانلىقىنى كۆرمىگەن دېگەن قانائەتنى ھاسىل قىلىش مۇمكىن.(14)

يەنە تېخى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى باشقا بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاشگاھ نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى. خاھلىغانچە ئارتۇقمۇ ئوقۇيتتى، دېگەن.(15)

مۇۋەررىق رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:

— سىلى چاشگاھ نامىزى ئوقۇملا؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— ياق، — دېدى.

— ئەمىسە ئۆمەرچۇ؟ — دېسەم، ئۇ:

— ياق، — دېدى.

— ئەمىسە ئەبۇبەكرىچۇ؟ — دېسەم، ئۇ:

— ياق، — دېدى.

— ئەمىسە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمچۇ؟ — دېسەم، ئۇ:

— ئۇ زات ئوقۇمايتتىغۇ دەيمەن، — دېدى».(16)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ چاشگاھ نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۆرمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ چاشگاھ نامىزىنى ھەقىقەتەن ئوقۇمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەتلا ئىبنى ئۆمەرنىڭ كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە فەتھ قىلىنغان كۈنى چاشگاھ ئوقۇغانلىقىنى ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆرگەن. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ھۇرەيرە بىلەن ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنى تاپىلىغان.

ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دوستۇم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ‹ھەرئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ۋىترنى ئوقۇپ ئۇخلاش›تىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى تاپىلىغان، مەن ئۇلارنى ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئۆلگىچە تاشلىمايمەن» دېگەن.(17)

بۇ، سۈننەت بىر ئەمەلنى ئۇنىڭ سۈننەتتە بارلىقىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقتىن بىدئەت دەپ سېلىشنىڭ بىر مىسالى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بىز سۈننەتنى قانچە ياخشى بىلگىنىمىزدە، بىدئەتتىن شۇنچە يىراق تۇرۇپلا قالماي، سۈننەتتە بار ئەمەلنى بىدئەت دەپ سېلىشتىنمۇ ساقلىنالايمىز. شۇڭا، بىدئەتچىلىكنىڭمۇ، بىدئەتكە چىقىرىۋېتىشنىڭمۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك «دورىلىرى»دىن بىرى سۈننەتنى ئۆگىنىشتۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەنەفىي ئالىملاردىن مۇھەممەد ئەلخادىمىي بىدئەتنى: «ئېتىقادتا بولسۇن، ياكى ئەمەلدە بولسۇن، ياكى گەپ – سۆزدە بولسۇن، سۈننەتنىڭ قارشىسىدۇر» دەپ چۈشەندۈرگەن.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىدئەت ئۆلچىمىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىدىن، گەرچە بىدئەت ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم ئونلارچە كىتاب يېزىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ مەسىلە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كاللىسىدىلا ئەمەس، ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كاللىسىدىمۇ تېخىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ كەتمىگەندەك، غۇۋالىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، بىدئەت ئۇقۇمى يۇقىرىدا ئېنىقلىما بېرىلگەندەك ئىنتايىن روشەن، چۈشىنىشلىك، ئايدىڭ مەسىلە. يەنى دىن تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا پەيدا قىلىنغان بىرەر ئەقىدە ياكى ئىبادەتتۇر. بۇ ئىشنىڭ دىندا قاتتىق ئەيىبلىنىدىغانلىقىدا شەك يوق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر»(18) دېگەن سۆزىمۇ شەرىئەت چەكلىگەن ئاشۇ يامان بىدئەتنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئوخشاش دەرىجىدە ئەمەس. بۇنى ئىمام شاتىبىي مۇنداق بايان قىلغان: «بىدئەتلەرنىڭ ئەقىل بىلەن چۈشەنگىلى بولىدىغانلىرى تەھلىل قىلىنغاندا ئۇنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىلەردە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ بەزىسى جاھىلىيەت بىدئەتلىرىدەك ئېنىق كۇفۇرلۇقتۇر. بۇنىڭغا قۇرئانمۇ تەنبىھ بەرگەن. يەنە مۇناپىقلارنىڭ جان ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دىن تونىغا ئورىنىۋېلىشتىن ئىبارەت بىدئەتلىرىمۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېنىق كۇفۇرلۇق ئىكەنلىكىدە شەك قىلىنمايدىغان ئىشلارمۇ ئوخشاش. يەنە بەزى بىدئەتلەر كۇفۇرلۇق ئەمەس، بەلكى گۇناھ مەئسىيەت بولىدۇ. يەنە بەزىسى خاۋارىج، مۇئتەزىلە، قەدەرىييە، مۇرجىئە ۋە شۇلارغا ئوخشىغان ئازغۇن تائىپىلەرنىڭ بىدئەتلىرىدەك كۇفۇرلۇقمۇ ئەمەسمۇ قاراش ئوخشاش بولمايدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. يەنە بەزى بىدئەتلەر گۇناھ دائىرىسىدە ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كېلىنگەن. مەسىلەن، شەھۋەتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاختا قىلىنىش، روزىدار ھالەتتە ئاپتاپتا ئۆرە تۇرۇش، توي قىلماي ياشاش قاتارلىقلارغا ئوخشاش. يەنە بەزىسى مەكرۇھ دائىرىسىدە، مەسىلەن، ھارپا كۈنى كەچتە دۇئا تىلاۋەت ئۈچۈن يىغىلىش، جۈمە خۇتبىلىرىدە ئىسلام پادىشاھلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئوخشاش. دېمەك، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر دەرىجىدە ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايان. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكمى بىر، مەكرۇھ ياكى ھارام دېيىش توغرا بولمايدۇ».(19)

تەتبىقلاش دائىرىسىدە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەردە قاراش بىردەك ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، بەزى ئىشلارنىڭ تېگى يولغا قويۇلغىنى بىلەن، شۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان بەزىبىر ئىشلار يېڭىلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، قەبر بېشىدا «قۇرئان» ئوقۇش، سەپنى رۇسلاش ئۈچۈن سىزىق سىزىپ قويۇش، مەسجىدكە مېھراب چىقىرىش، نامازدىن كېيىن ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە جامائەتنىڭ تەسبىھ ۋە زىكىر ئېيتىشى… ۋەھاكازالار. بۇلاردىمۇ ھەربىر شەخسنىڭ تۇتقان يۆنىلىشى، ئەگەشكەن مەدرىسىسى، ياقلىغان قاراشلىرىنىڭ مەلۇم تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بىرەر ئىشنىڭ بىدئەت ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە، يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك مۇمكىنقەدەر ئىلمىي ئۇسۇلنى قولدىن بەرمەسلىك، سەمىمىي بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.

6. مەزھەب

«مەزھەب» ئاتالغۇسى ئەرەب تىلىدا «تۇتقان بىرەر يول، ياكى ئېتىقاد، ياكى قاراش»تىن ئىبارەت بولۇپ، كېيىنچە، بىرەر كىشىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەردە ئېتىقاد قىلغان ياكى تۇتقان كۆزقاراشلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە نەزەرىيىلىرىنىڭ توپلىمىغا قارىتىلىدىغان بولغان. بۇمۇ بىدئەت ئاتالغۇسىغا ئوخشاشلا ئېتىقادتىمۇ، فىقھىغا تەۋە ئەمەلدىمۇ بولىدۇ. دېمەك، بىرەر مەزھەبنى تۇتقان كىشى باشقىلار تۇتقان كۆزقاراشلار، پرىنسىپلار ۋە نەزەرىيىلەردىن باشقىچە يول تۇتقان بولىدۇ.(20)

بۇ ئاتالغۇ ئەسلىدە ئىسلامدىكى ئېنىق بىر كۆرسەتمە كەلمىگەن مەسىلىلەردە ساھابەلەر، تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئىجتىھاد قىلىشىدىن كېلىپ چىققان. بۇ تۈرلۈك ئىجتىھاد قىلىش ئىسلامدا يولغا قويۇلغان ۋە بۇنىڭدىن قاراش ئوخشاشماسلىقى كېلىپ چىققان.

سىياسى جەھەتتىن ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن ئەۋجىگە چىققان «خەلىفەلىككە كىم ئەڭ ھەقلىق؟» دېگەندەك مەسىلىلەر نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ئەھلىسۈننەت، شىئە ۋە خاۋارىج تائىپىلىرىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

فىقھىي جەھەتتىن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردىكى تۈرلۈك ئىجتىھادلار تۈرلۈك قاراشلارنى ۋە ھەربىر قاراشنى تۇتۇپ ماڭىدىغان ئالىملارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. نەتىجىدە، تۈرلۈك مەزھەبلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. بىز بىلىدىغان ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي قاتارلىق تۆت مەزھەب ئەھلىسۈننەتگە تەۋە ئەڭ مەشھۇر مەزھەبلەردۇر. بۇلاردىن باشقا شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھەبى، زەيدىيە مەزھەبى، خاۋارىجلارنىڭ ئىبازىي مەزھەبى ۋە يەنە ئۆز ئالدىغا قىياسنى رەت قىلىدىغان زاھىرىي مەزھەبمۇ بار.(21)

7. مەزھەبچى

«مەزھەبچى» دېگەن ئاتالغۇ يۇقىرىقىدەك بىرەر مەزھەبنىڭ قاراشلىرىنى چىڭ تۇتىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان يەنە بىر ئاتالغۇ بولسا «مۇتەئەسسىب» ياكى «مەزھەب مۇتەئەسسىبى» دېگەن ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ ئۆزى ياقلىغان مەزھەبنى دەلىلسىز قوللاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇجتەھىد ئىماملار دەۋرىدىن كېيىن ھىجرىيە 4 – ئەسىردە ئومۇملاشقان قاتماللىق ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىش دولقۇنىدا پەيدا بولغان بولۇپ، ھەربىر تالىب ياكى ئەھلى ئىلىم ئۆزى ئىلىم ئوقۇغان ئۇستازلىرى ئەگەشكەن مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قاراشلىرىنىلا ياقلىغان. ئىجتىھاد ئىشىكى تاقالدى دەپ ئىمامنىڭ سۆزىنى «قۇرئان»نىڭ ھەرپلىرىدەك بىلگەن. سەمىمىيەت يوقۇلۇپ ھاۋايى – ھەۋەس ھاكىم بولغان.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۆۋەندىكىدەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان:

1. قارشى تەرەپنىڭ «قۇرئان» ۋە ھەدىستىن ئېنىق دەلىلى بولسىمۇ، ئۆز مەزھەبىنى توغرا دەپ تۇرۇۋېلىش.

2. ئاداۋەتلىشىش ۋە تەپرىقىچىلىك.

3. قارشى تەرەپكە خاتا پەتۋا پىچىش.

4. قۇرۇق بەس – مۇنازىرە قىلىش ۋە ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگىشىش.

بۇنىڭ بىلەن چېتىشلىق يەنە بىر ئاتالغۇ بولسا «ئاشقۇنلۇق» بولۇپ، بۇ ئىلمىي ئاساستىن چەتنەپ، بىرەر مەسىلىنى شەرىئەت ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىمىگەنلىكتىن، ئۆلچەيدىغان بىرەر مېتودمۇ قوللانمىغانلىقتىن، چىڭنى بوشىتىپ، بوشنى چىڭىتىپ تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ قويۇشتىن، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچراشتىن، شۇنداقلا رىئاللىقنى ئەتراپلىق، توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلاردا بۆلۈنۈش، دۈشمەننى بىر ياقتا قالدۇرۇپ قويۇپ، بىر – بىرى بىلەن تۇتۇشۇش، پەتۋا قالايمىقانچىلىقى، ئۆلىمالارنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئىسلامنىڭ گۈزەل ھەقىقىتىنى سەت كۆرسىتىش قاتارلىق ئېغىر ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلىمالار مۇتەئەسسىب ۋە ئاشقۇنلارغا دەۋەت ساھەسىدە بوشلۇق تاشلاپ قويماي، ئومۇم مۇسۇلمانلاردا ئىسلام ئەقىدىسىنى تىكلەش ۋە ئىمانىي قىممەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ روھىي دۇنياسىغا ئوزۇق بولىدىغان، مەنىۋىيىتىدىكى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ۋە كىملىكىنى ئۆزىگە ئەسلىتىدىغان ئاساسلارنى قوپۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.(22)

ئەلبەتتە، توغرا – خاتانى ئايرىيدىغىنى دەلىلدۇر. ھەق – دەلىل ئىسپاتلىغىنىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن بىرەر مەزھەبكە تەئەسسۇبلۇق قىلماسلىق، بىرەر ئالىمنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى خاتاسىز دەپ قارىۋالماسلىق لازىم.

ھەنەفىي مەزھەبنى چىڭ تۇتۇپ مەزھەبچىلىك قىلىدىغانلارمۇ بولغىنىدەك، يېقىنقى زامانلاردا «قۇرئان» ۋە ھەدىسنىلا تۇتىمىز، مەزھەب تۇتمايمىز دېگەن چىرايلىق دەۋا بىلەن چىققان بەزى كىشىلەرمۇ بار. گەرچە بۇلارنىڭ نىيىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەنەفىي مەزھەبچىلىرىدىنمۇ ئۆتە ئۆز مەۋقەلىرىگە نىسبەتەن مەزھەبچى ئىكەنلىكلىرىنى بىلىشمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يا ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاراشلىرىنى، يا شەيخ بىن باز ياكى ئۇسەيمىن قاراشلىرىنى، ھەتتا شەيخ ئالبانىي قاراشلىرىنى يۈزدە – يۈز توغرىسى شۇ، باشقىلارنىڭ خاتا دەپ، ئۆزلىرى ئەيىبلىگەن مەزھەبچىلىك پاتقىقىغا بۇرنى – قۇلىقىغىچە پېتىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەزھەبچىلىك قىلماسلىق گېپى بولۇپ قالسا، ھەنەفىي مەزھەبچىلىك قىلماسلىق دەپ چۈشىنىدۇ. ھەرگىزمۇ ھەنبەلىيچىلىك ياكى ئىبنى تەيمىييەچىلىك قىلىشنى چۈشەنمەيدۇ. بۇلار تۆت ئىمام باشچىلىقىدىكى سەلەفلىرىمىزنىڭ قاراشلىرىنى يوققا چىقىرىپ ئىجتىھاد دەۋاسى قىلىدۇ – يۇ، ئۆزلىرىدە ئىجتىھاد سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشمەيدۇ. مەزھەب كىتابلىرىدىن قېچىپ، يا ئىبنى تەيمىييە مەزھەبى، يا شەۋكانىي مەزھەبى ياكى ئالبانىي مەزھەبىنى چىڭ تۇتۇۋالىدۇ. بۇلار مەزھەبچىلىك كېسىلىنى داۋالايمىز دەپ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان پاتپاراقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بەزىلەر ئەھلى ھەدىس يولىنى تۇتىمىز دەپ چىقىدۇ. تارىختىكى ھەربىر ھەدىس ئالىمىنى تەكشۈرۈپ چىقساق، ئۇنىڭ بىرەر مەزھەبكە تەۋە ياكى مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، تۆت مەزھەب ئىماملىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، مۇقەددەسلەشتۈرمەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز.

يەنە بەزىلىرى ئۆزلىرىنى سەلەفىي دەپ سەلەفكە مەنسۇپ قىلىۋالىدۇ. ھەقىقەتتە ئۇ، سەلەف تۇتقان يولغا ئەمەس، ئۆزىنىڭ نەپسى بىلەن ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ. گېزى كەلسە سەلەفنىڭ قاراشلىرىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۆزلىرىنى سەلەفىلىككە مەنسۇپ قىلىۋالغانلار ئوتتۇرىدىمۇ نۇرغۇن شاخچە ئېقىم، ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد.

ئىلگىرىكى تۆت مەزھەب ئىماملىرى بولسۇن، ياكى كېيىنكى ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ياكى شەيخ ئۇسەيمىن قاتارلىقلار بولسۇن، ھېچبىرى مەزھەب تەئەسسۇبچىلىقىغا چاقىرغان ئەمەس، مەزھەب تەئەسسۇبچىلىقىغا مەيلى ھەنەفىي چاقىرسۇن، مەيلى سەلەفىي چاقىرسۇن، بۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى زېدىلەيدىغان خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھەق بىرەر شەخسكە قاراپ تونۇلمايدۇ، ھەقنى بىلگىنكى، ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلگەيسەن» دېگەن.(23)

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، فىقھىنى مەزھەب كىتابلىرىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇسۇن ياكى تەفسىر، ھەدىسلەردىن ئالسۇن، بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، چوقۇم ئەستايىدىل، سەمىمىي بولۇش، ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەمەس، دەلىلگە ئەگىشىش، باشقىلارغا قارىتا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 3 – جامادىيەلئاخىر / م. 2017، 2 – مارت

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 16 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. قاراڭ: ئىبنى تەيمىييە: «دەرئۇ تائارۇزىل ئەقىل ۋەننەقل»، 1/206 – 207؛ دوكتور مۇستافا ھىلمىي: «السلفية بين العقيدة الإسلامية والفلسفة الغربية»، 3 – بەت، «دارۇددەئۋە نەشرىياتى»، ئىسكەندەرىييە – مىسىر، ھ. 1411/ م. 1991؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 912 – بەت، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017. «موسوعة الفرق والمذاهب في العالم الإسلامي (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقىلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 659 – بەت. م. 2007. قاھىرە.
2. تەئۋىل (التَّأْوِيلُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەۋۋەلىگە قايتۇرماق، ئاقىۋىتى ۋە بارىدىغان جايى» مەنىسىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «تەفسىر» مەنىسىدە. يەنە بىرى، «سۆزنىڭ ئېھتىماللىق مەنىسى كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق دەپ قارالسا، سۆزنى ئۆزىنىڭ زاھىر مەنىسىدىن ئېھتىماللىق مەنىسىگە قايتۇرۇش» دېمەكتۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ (ئاللاھ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ)﴾(30/«رۇم»: 19) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭدىن تۇخۇمدىن قۇشنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنسا، بۇ تەپسىر بولىدۇ، ئەگەر كافىردىن مۇئمىننىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ياكى جاھىلدىن ئالىمنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنسا، بۇ تەئۋىل بولىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 72 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 327 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
3. قاراڭ: دوكتور مۇستافا ھىلمىي: «السلفية بين العقيدة الإسلامية والفلسفة الغربية»، 3 -، 50 – بەتلەر، «دارۇددەئۋە نەشرىياتى»، ئىسكەندەرىييە – مىسىر، ھ. 1411/ م. 1991؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 913 – بەت، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017. ئىلمىي گۇرۇپپا: «موسوعة الفرق والمذاهب في العالم الإسلامي (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقىلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 377 – 408 – بەتلەر. م. 2007. قاھىرە.
4. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «موسوعة الفرق والمذاهب في العالم الإسلامي (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقىلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 89 – 118 – بەتلەر. م. 2007. قاھىرە.
5. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ الفِرَقِ وَالمَذَاهِبِ فِي العَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقىلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 649 – 657 – بەتلەر. م. 2007. قاھىرە؛ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە: «ئىسلامىي مەزھەبلەر تارىخى»، 113 – 117 – بەتلەر.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2697)؛ «مۇسلىم»، (1718).
7. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 1/36.
8. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 13/253؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 20/163؛ ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇل ئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1/267؛ ئىبنۇلئەسىر: «ئەننىھايە في غەرىبىلھەدىس»، 1/106؛ غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 2/3؛ ئەلئىز ئىبنى ئابدۇسسالام: «قەۋائىدۇل ئەھكام»، 2/172.
9. «مۇسلىم»، (1017).
10. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 18/346.
11. ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇل ئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1/266.
12. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 1/37.
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1128)؛ «مۇسلىم»، (718).
14. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3/39؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/56؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/196.
15. «مۇسلىم»، (719).
16. «بۇخارىي»، (1175).
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1178). «مۇسلىم»، (721).
18. «مۇسلىم»، (867).
19. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 2/37.
20. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب» 1/194؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/316؛ 1/؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1483 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017.
21. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1274 – 1276 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
22. شەيخ مۇھەممد خۇزەرىي: «تارىخۇتتەشرىئىل ئىسلامىي»، 333 – بەت؛ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە: «ئىسلامىي مەزھەبلەر تارىخى»، 1/7؛ دوكتور ھەسەن ئەلجۇجۇ: «التعصب المذهبي والتطرف الديني وأثرهم على الدعوة الإسلامية»، 1045 -، 1046 – بەتلەر.
23. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 1/340.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ