مېيىتكە كافۇر ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ھەدىس

مېيىتكە كافۇر ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ھەدىس

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «پەرز ئەين» ناملىق ئۇيغۇرچە كىتابتا «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېيىتنى دەپنە قىلغاندا ئۇنىڭغا كافۇر(1) چېچىڭلار» دېگەن بىر «ھەدىس»نى كۆرۈپ قالدىم، بۇ ئىشەنچلىكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مېيىتنى يۇيۇپ – تاراشنىڭ ھۆكمى «ۋاجىب كۇپايە» بولۇپ، مېيىتنى سوپۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان پاكىزلىغۇچلار بىلەن پاكىز يۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن غەيرى پۇراق چىقماسلىقى ۋە ھاشارەتلەرنىڭ يېقىن كەلمەسلىكى ئۈچۈن، بەزىبىر خۇشبۇي ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى مېيىتنىڭ بەدىنىگە سۈرتۈش ۋە كېپەنلىكنى خۇشبۇي بىلەن ئىسرىقلاش قاتارلىقلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ۋە ساھابە – كىراملارنىڭ ئىش – ئىزلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان سۈننەت ۋە مۇستەھەب ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.

بۇ، ئىنساننى ھايات ۋاقتىدا ئىززەتلىگەندەك، ئۆلگەن ۋاقتىدىمۇ ئىززەتلەشتىن ئىبارەت. ئىمام كاسانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «مېيىتنى ئىززەتلەش ۋاجىب بولغاچقا، ئۇنىڭدىن غەيرى پۇراق كەلمەسلىكى ئۈچۈن، خۇشبۇيلىنىشى ۋە تېز پۇراپ كېتىشتىن ساقلاش ئۇنى ئىززەتلەش جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئېچىدە ئەڭ ئاۋۋال ئىززەتلىنىدىغىنى سەجدە ئەزالىرىدۇر. بېشى بىلەن ساقىلىمۇ ئەڭ ئىززەتلىك ئەزالاردىندۇر».(2)

ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، مېيىتنى يۇيۇپ – تارىغاندا بەدبۇي پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، مېيىت خۇشبۇي نەرسىلەر بىلەن ئۈچ قېتىم ئىسرىقلاندۇرۇلغان كارىۋات ياكى ئېگىزرەك تاختاي ئۈستىگە ياتقۇزىلىدۇ. ئاندىن تېپىلسا «سىدر» ياكى «ھۇرد»(3) بىلەن قاينىتىلغان ئىسسىق سۇدا يۇيۇلىدۇ. چاچ – ساقاللىرى «خىتمىي»(4) بىلەن يۇيۇلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت ياخشى پاكىزلاشتۇر.

يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن كىپەنلىرىنى ھۆل قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھۆللۈكنى سۈرتۈۋېتىپ، بېشى ۋە ساقىلىغا مېيىتلارغا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس ھەنۇت (ئارىلاشما خۇشبۇي) (5) سۈرتۈلىدۇ. ئۇ تېپىلمىسا، ھازىرقى ئەتىرلەر ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.

بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىپار خۇشبۇيۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر» دېگەن.(6)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە: «مېيىتنى خۇشبۇي نەرسىلەر بىلەن ئىسرىقلاندۇرساڭلار تاق ئىسرىقلاندۇرۇڭلار» دېگەن.(7) يەنە بىر رىۋايەتتە: «مېيىتنىڭ كېپىنىنى ئۈچ قېتىم ئىسرىقلاندۇرۇڭلار» دەپمۇ كەلگەن.(8)

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن مېيىتنىڭ بەدىنىنى ۋە كېپىنىنى بىر ياكى ئۈچ قېتىم خۇشبۇيلاش ۋە ئىسرىقلاشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ.(9)

يەنە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مېيىتكە ئىپار سېپىپ خۇشبۇيلىغانلىقى ۋە مېيىتنىڭ قولتۇق ۋە يوتا ئارىلىقلىرىغىمۇ ئىپار سەپكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.(10)

يەنە مېيىتنى ئۈچ ياكى بەش قېتىم يۇيۇپ، ئەڭ ئاخىرقى يۇيۇشتا كافۇر ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان سەھىھ ھەدىسلەرمۇ كەلگەن.

ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى (زەينەب) تۈگەپ كېتىپ يۇيۇلىدىغان چاغدا، بىزنىڭ يېنىمىزغا كىرىپ: ‹ئۇنى سۇ ۋە سىدر بىلەن ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم يۇيۇڭلار، ئەگەر تېگىشلىك دەپ قارىساڭلار، ئۇنىڭدىن ئوشۇق يۇيۇڭلار، ئەڭ ئاخىرىدا كافۇر ئىشلىتىڭلار، يۇيۇپ بولساڭلار ماڭا خەۋەر قىلىڭلار› دېگەنىدى، بىز يۇيۇپ بولۇپ رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلساق، رەسۇلۇللاھ بىزگە ئۆزىنىڭ ئىزارىنى(11) بېرىپ: ‹ئۇنى بۇنىڭ بىلەن يۆگەپ قويۇڭلار› دېدى».(12)

بۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگىنى، مېيىتنى قۇرۇق سۇ ياكى سىدر ئارىلاش سۇدا ئۈچ ياكى بەش قېتىم يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاخىرقى بىر قېتىمدا كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان سۇدا يۇيۇشتۇر.

ھەدىستە رەسۇلۇللاھنىڭ مېيىتكە كافۇر ئىشلىتىشكە بۇيرۇشىمۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مېيىتنى ئىززەتلەش ۋە ئۇنى يۇيۇپ – تاراپ، ئەڭ پاكىز ۋە خۇشبۇي ھالىتىدە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزىتىش ئارقىلىق ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا كەلگەن كۆرسەتمىلىرى قاتارىدىندۇر. كافۇر بىر تەرەپتىن خۇشپۇراق پەيدا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مېيىتنى ساقلايدۇ. قەدىمكى چاغلاردىمۇ پادىشاھلارنىڭ تەختلىرى قۇرۇت ۋە زىيانداش ھاشارەتلەر يېقىن يولىمايدۇ، دەپ كافۇر ياغىچىدىن ياسىلىدىكەنتۇق.

ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى كافۇرنى مېيىتكە ئىشلىتىشتىكى ھېكمەتنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «كافۇرنى ئىشلىتىشتىكى ھېكمەت توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: مېيىتنى ئۇزىتىشقا قاتناشقان پەرىشتىلەر ۋە باشقىلار ئۈچۈن مېيىتنىڭ پۇرىقىنى خۇشبۇي قىلىشتىن باشقا يەنە كافۇرنىڭ قۇرۇتۇش، سوۋۇتۇش ۋە ئۆتكۈر پۇراق ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا، مېيىتنىڭ بەدىنىنى قاتۇرۇش، ئۇنىڭدىن قۇرۇت – قوڭغۇز قاتارلىق ھاشاراتلەرنى قوغلاش، بەدەندىن بىر نەرسە چىقىشنى توسۇش ۋە تېز بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خاسىيەتلىرى بار. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ مۇشۇ ساھەدە ئەڭ كۈچلۈك خۇشبۇي نەرسىلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئۇنى ئاخىرقى قېتىم يۇغاندىن كېيىن ئىشلىتىشنىڭ سىرى شۇ. چۈنكى، دەسلەپكى قېتىمدا ئىشلىتىلسە كېيىنكى يۇيۇشتا سۇ ئۇنى يوقىتىۋەتكەن بولاتتى. ئىپار كافۇر ئورنىدا تۇرامدۇ؟ نوقۇل خۇشبۇيلاش كۆزدە تۇتۇلسا ئىدى، ئەلبەتتە، ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرغان بولاتتى. باشقا مەقسەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ دېسەك، ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بەلكى كافۇر تېپىلمىغان تەقدىردە، باشقا خۇشبۇي نەرسە بىرەر خاسىيەتتە بولسىمۇ ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرالايدۇ.»(13)

ئىمام نەۋەۋىي مەزكۇر ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستىن ئاخىرقى يۇيۇشتا ئازراق كافۇر ئىشلىتىشنىڭ مۇستەھەبلىكى يەكۈنلىنىدۇ. بۇ بىز شافىئىيلار ئىچىدە بىرلىككە كېلىنگەن قاراشتۇر. ئىمام مالىك، ئەھمەد ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ ئاشۇ ھەدىسكە ئاساسلانغان ۋە مېيىتنى خۇشبۇيلاپ بەدىنىنى سوۋۇتۇپ قاتۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تېز بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ياكى مېيىتنى ئىززەتلىگەن بولىدىغانلىقى جەھەتتىن مۇشۇ قاراشنى تۇتقان.»(14)

مېيىتكە كافۇر ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە بارلىق ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، مېيىتنى ئاخىرقى قېتىم يۇيۇشتا، سۇغا كافۇر قېتىپ يۇيۇشتىن باشقا يەنە، كافۇر مېيىتنىڭ پېشانە، بۇرۇن، تىز ۋە پۇت – قوللىرى قاتارلىق سەجدە ئەزالىرىغا سۈرتۈلىدۇ، ياكى چېچىلىدۇ، ياكى پاختا بىلەن سەجدە ئەزالىرى، ئېغىز – بۇرنى، قۇلىقى، كۆزى ۋە سۇيۇقلۇق چىقىدىغان دانىخورەكتەك يەرلىرى ئۈستىگە قويۇلىدۇ. سەجدە ئەزالىرىنى مەخسۇس تىلغا ئېلىش سەجدە قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن مەزكۇر ئەزالارنى ئالاھىدە كۆرگەنلىكتىندۇر. ئەمما، ئىپار ئارىلاش خۇشبۇي نەرسىلەر بولسا، چاچ – ساقاللىرى، تىزىنىڭ ئىچ تەرىپى، قولتۇق قاتارلىق كىر يىغىلىپ قالىدىغان جايلارغىمۇ سۈركىلىدۇ. پۈتۈن بەدەنگە سۈركىسىمۇ بولىدۇ.(15)

سەلەفلىرىمىزدىن شۇنداق كۆرسەتمىلەر كەلگەن بولۇپ، ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كافۇر سەجدە ئەزالىرىغا قويۇلىدۇ» دېگەن.(16)

تابىئىنلاردىن ئىبراھىم نەخەئىي: «مېيىتنىڭ كېپىنى ئىسرىقلىنىپ، ئارىلاشما خۇشبۇي نەرسىلەر سەجدە ئەزالىرىغا قويۇلىدۇ» دېگەن. ۋە يەنە: «يۇيۇپ بولغاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئالدى بىلەن سەجدە ئەزالىرىدىن باشلايدۇ» دېگەن.(17)

يەنە تابىئىنلاردىن مىسىر ئالىمى يەزىد ئىبنى ئەبى ھەبىب: «مېيىتنى خۇشبۇيلاشتا ئارىلاشما خۇشبۇي نەرسىلەرنى سەجدە قىلىدىغان يەتتە ئەزاسىغا سېپىش سۈننەتتۇر» دېگەن.(18)

ئىبنى جۇرەيج مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەتائدىن:

— ئۆزلىرى قايسى تۈرلۈك ھەنۇتنى ئەڭ ياقتۇرىدىلا؟ —دەپ سورىسام، ئۇ:

— كافۇر، — دېدى. مەن:

— ئۇنى مېيىتنىڭ قەيېرىگە قويىدۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— بىلەكلىرىگە، — دېدى. مەن:

— قولتۇقلىرىغىچۇ؟ — دېسەم، ئۇ:

— ھەئە، تىزلىرىنىڭ ئارقىسىغىمۇ، يوتىلىرىنىڭ ئارىلىقلىرىغىمۇ، كۆزلىرى، ئېغىز – بۇرنى ۋە قۇلاقلىرىغىمۇ، — دېدى. بىز:

— كافۇرنى قۇرۇق ئىشلىتەمدۇ ياكى سۇدا نەملەمدۇ؟ — دەپ سورىساق، ئۇ:

— قۇرۇق ئىشلىتىدۇ، — دېدى.(19)

يەنە ئەشئەس ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئۇنى يۇيۇپ – تاراپ، ئۇدۇل ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار» دېگەن. ئۇنى يۇيۇپ – تاراپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كافۇر ئەكەلدۈرۈپ، مېيىتنى ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئالدۇرۇپ، يۈز – قوللىرى، بېشى ۋە پۇتلىرىغا قويغاندىن كېيىن: «ئۇنى كېپەنلەڭلار» دەپ بۇيرۇغان.(20)

ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «بارلىق ئۇستازلىرىمىز بىردەك مېيىتنىڭ بېشى ۋە ساقىلىغا ھەنۇت قويۇلىدۇ. كافۇر سەجدە ئەزالىرىغا قويۇلىدۇ دەپ قارىغان».(21)

ئىمام زۇفەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «كافۇر كۆزى بىلەن ئېغىز – بۇرنىغا سېپىلىدۇ. چۈنكى، مەقسەت كافۇر چېچىلغان ئورۇندىن قۇرۇت – ھاشاراتلارنى يىراقلاشتۇرۇشتۇر. بۇ ئەزالار شۇ جەھەتتىن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇنى تاپالمىسا زىيىنى يوق».(22)

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ: «مېيىتكە خۇشبۇي ئىشلەتكەندە سەجدە ئەزالىرىغا كافۇر، بېشى ۋە ساقىلىغا ئارىلاشما خۇشبۇي قويۇلىدۇ. بېشى بىلەن ساقىلىغا، شۇنداقلا پۈتۈن بەدىنىگە كافۇر قويسىمۇ، ئاللاھ خاھلىسا، مەيلى، بولىدۇ. ئارىلاشما خۇشبۇي بىلەن كافۇر بىر پارچە پاختىغا قويۇلۇپ، ئېغىز – بۇرنىغا، قۇلاقلىرىغا ۋە ئارقا تەرىپىگە قويۇلىدۇ. ئوچۇق يارىسى بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگىمۇ قويۇلىدۇ.(23)

بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئېھراملىق ھالەتتە ۋاپات بولغانلارلا بۇ ھۆكۈمدىن مۇستەسنا قىلىنىپ، ئۇلارنى خۇشبۇيلاش ھارام بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەردىكى: «بىر ئادەم ئەرەفاتتا تۇرۇۋېتىپ تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت (خۇشبۇي) ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى، ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە تۇرغۇزىلىدۇ › دېدى».(24)

ئىمام نەۋەۋىي: «ئېھراملىق ئەر ۋە ئايال كىشىلەردىن باشقىلارغا قارىتا كېپەنلىكنى خۇشبۇي نەرسىلەردە ئىسرىقلاش مۇستەھەب بولىدۇ» دېگەن.(25)

ئەمما، مېيىت ئايال كىشى بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭغا ئەر كىشىگە ئوخشاش خۇشبۇي ئىشلىتىلەمدۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى زەينەپ ۋاپات بولغاندا كافۇر ئىشلىتىشكە بۇيرۇغانلىقى قاتارلىق يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسەن، ئايالغىمۇ كافۇر ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىش، كېپىنىنى ئىسرىقلاش مۇستەھەب بولىدۇ.

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆيىدىكىلەرگە: «مەن ئۆلۈپ قالسام كېپەنلىكىمنى ئىسرىقلاڭلار، ئاندىن مېنى ھەنۇتلاڭلار، كېپىنىمگە ھەنۇت چاچماڭلار، ئارقامدىن ئىسرىق ئوتى كۆتۈرۈپ ماڭماڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىلغان.(26)

شۇنداقلا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ئىددەت تۇتۇش مەزگىلىدە تۈگەپ كەتكەن ھازىدار ئاياللارغىمۇ كافۇر ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، كېپىنىنى خۇشبۇي نەرسىلەردە ئىسرىقلاش مۇستەھەب بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «توغرا قاراش شۇكى، ئىددەت مەزگىلىدە ۋاپات بولغان ئايالنى خۇشبۇيلاش ھارام بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئىددەت مەزگىلىدە خۇشبۇي ئىشلىتىش نىكاھلىنىشىغا سەۋەب بولمىسۇن ئۈچۈن ھارام قىلىنغان، ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بۇ مەنا يوقالغان» دېگەن.(27)

خۇلاسىلىسەك، ئېھرام باغلىغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتمىگەنلا بولسا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مېيىتنى ئاخىرقى قېتىمدىكى يۇيۇشتا كافۇر ئىشلىتىش سەھىھ ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان. شۇڭا، مېيىتنى كېپەنلەشتىن بۇرۇن بەدىنىگە كافۇرنىڭ ئۆزىنى ياكى كافۇر ئارىلاشقان خۇشبۇي نەرسىلەرنى سېپىش ياكى سۈرتۈش ساھابە – كىراملار ۋە سەلەفلىرىمىزدىن كەلگەن مۇستەھەب ئىشتۇر. ئەلبەتتە، بۇ مېيىتنى دەپنە قىلغاندا ئەمەس، بەلكى يەرلىكىدە قويۇشتىن بۇرۇن ئۇنى يۇيۇپ – تاراپ كېپەنلىگەندە قىلىنىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 27 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2016، 6 – فېۋرال

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 15 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. كافۇر (كَافُورٌ/ Camphora): بىر خىل دەرەخ ياغىچىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان شارسىمان كىرىستال خۇشبۇي ماددا. پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، مەلۇم ئىسسىقلىقتا ئاسانلا پارغا ئايلىنىدۇ. تۈرلۈك تېببىي پايدىلىرىدىن باشقا غەيرى پۇراقنى يوقىتىش، پاكىزلاش ۋە قۇرتتىن ساقلاش رولى بار. ئادەتتە، سەكسەن خالتا دۇكانلىرىدا تېپىلىدۇ. تا بۈگۈنگە قەدەر مېيىتكە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. كافۇر «قۇرئان كەرىم»دە (76/«ئىنسان»: 5) تىلغا ئېلىنغان.
2. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/308.
3. «سىدىر»: جىگدە بىلەن چىلاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر خىل دەرەخ. سۇ مۇشۇ دەرەخنىڭ غازىڭى بىلەن قاينىتىلىدۇ. «ھۇرد»مۇ كىر چىقىرىش رولىنى ئۆتەيدىغان سوپۇندەك بىر خىل ماددا.
4. «خىتمىي»: بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن سوقۇپ ئېزىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۇنىڭ ئورنىدا چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
5. «ھەنۇت»: تەركىبىدە ئەتىر، مىشكى – ئەنبەر، ئىپار، سەندەل ۋە كافۇر قاتارلىقلار بولغان رەڭسىز خۇشبۇيلىغۇچ. قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/303 – 307.
6. «ئىبنى خۇزەيمە»، (2584)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (3158). سەھىھ.
7. «ئەھمەد»، (14580)؛ «ئىبنى ھىببان»، (3031)؛ ئىمام نەۋەۋىي ۋە شەيخ ئالبانىيلار «سەھىھ» دېگەن.
8. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (6494)؛ نەۋەۋىي («خۇلاسەتۇل ئەھكام»، 3405) ئىسنادى «سەھىھ» دېگەن.
9. ئەزىمئابادىي: «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 8/302.
10. «ئابدۇرراززاق»، (6140، 6141).
11. ئىزار (الْإِزَارُ): بەلنىڭ ئاستىنى پۇتقىچە تولۇق يۆگەيدىغان يوپكىدەك رەخت. كۈنىمىزدە يەمەن ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئەر ۋە ئاياللارغا ئورتاق كىيىم. مىئزەر (الْمِئْزَرُ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 22/169؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 126 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1253)؛ «مۇسلىم»، (939).
13. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/129.
14. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 7/3.
15. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/307؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 3/25؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/171؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/154.
16. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (10916)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (6496). سەنەدى «زەئىف»تۇر.
17. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (11020 – 11022). ئىسنادى «سەھىھ»تۇر.
18. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/187. ئىسنادى «سەھىھ»تۇر.
19. «ئابدۇرراززاق»، (6146).
20. «ئابدۇرراززاق»، (6149)
21. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 3/25.
22. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/308.
23. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/265.
24. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1265)؛ «مۇسلىم»، (1206).
25. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/153.
26. «مالىك»، (530)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (6495)؛ نەۋەۋىي: («خۇلاسەتۇل ئەھكام»، 3405). نەۋەۋىي: ئىسنادى «سەھىھ» دېگەن.
27. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/162.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ