سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىرەيلەن توي، ئەقىقە دېگەندەك خەيرلىك ئىشلارنى سەيشەنبە كۈنىگە توغرىلىساق ياخشى بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «خەيرلىك ئىشلارنى سەيشەنبىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى يامان كۆرىمەن» دېگەن مەزمۇندا ھەدىسى بار، دەيدۇ؟ راست شۇنداق سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟ ئەقىقە يەتتىنچى كۈنى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ سەيشەنبىگىمۇ توغرا كېلىپ قالىدۇ. باشقا خەيرلىك ئىشلارنىمۇ سەيشەنبە قىلىش تېگىشلىك بولۇپ قالىدۇ. بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بۇ توغرىدا ئۇنداق بىر «سەھىھ» ياكى «زەئىف» ھەدىس بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. قولۇمدا بار ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرەرسىدىمۇ ئۇنداق بىر ھەدىسنى ئۇچراتمىدىم. ناۋادا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان مەزمۇندىكى ھەپتىنىڭ مەلۇم كۈنىدە مەيلى ياخشى ئىشتىن، مەيلى مۇباھ ئىشتىن توسقان بىرەر ھەدىس بولىدىغان بولسا چوقۇم يالغان، توقۇلما ھەدىس بولىدۇ. مەيلى سەيشەنبە، مەيلى باشقا كۈنگە توغرا كەلسۇن، خەيرلىك ئىشلارنى كېچىكتۈرمەي قىلىش ياخشى، يەتتىنچى كۈن سەيشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ ئەقىقەنى يەتتىنچى كۈنى قىلىش سۈننەتتۇر.
ھەپتىنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە ھېلىغۇ خەيرلىك ئىش ئىكەن، مۇباھ ئىشلارنىمۇ چەكلىگەن ئەھۋال يوق.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن: چارشەنبە ياكى شەنبە كۈنى سەپەر قىلسا بولمايدۇ، بۇ كۈنلەردە كىيىم تىكسە ياكى يىپ ئېگىرسە يامان بولىدۇ، پالانى كېچىدە جىما قىلسا يامان بولىدۇ، بوۋاققا زىيان يېتىدۇ… دېگەندەك سۆزلەر ھەققىدە سورالغىنىدا، مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى تېگى يوق، قۇرۇق گەپلەر. كىشى ئىستىخارە سېلىپ بىرەر مۇباھ ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئۇدۇل كەلگەن ۋاقىتتا قىلسا بولىدۇ. كىيىم تىكىش، يىپ ئېگىرىش، توقۇمىچىلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى مەلۇم بىر كۈندە قىلىش يامان كۆرۈلمەيدۇ. ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى ياكى كۈندۈزىدە جىما قىلىشمۇ يامان كۆرۈلمەيدۇ. مۇئاۋىيە ئىبنى ھەكەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇمپال ئېلىشتىن توسقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھقا:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئارىمىزدا كاھىنلارغا بارىدىغانلار بار، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇلارنىڭ قېشىغا بارماڭلار ، — دېدى.
— ئارىمىزدا شۇمپال ئالىدىغانلار بار، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇ دېگەن بىرەرسىڭلار ئۆزلۈكىدىن ئويلاپ قالىدىغان نەرسە. شۇڭا، ئۇنداق ئويلار سىلەرنى توسۇپ قويمىسۇن، — دېدى(1). ئەگەردە رەسۇلۇللاھ شۇمپال ئېلىش ئىرادە قىلغان ئىشىدىن توسۇپ قويمىسۇن، دەپ توسقان بولسا، قانداقمۇ ھەپتىنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە ئۇنى توسۇپ قويسۇن؟ لېكىن، پەيشەنبە، دۈشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى سەپەرگە چىقىش مۇستەھەب. ئەمما، باشقا كۈنلەردە سەپەر قىلىش چەكلەنمىگەن. جۈمە كۈنىلا سەپەر سەۋەبىدىن جۈمە قازا بولۇپ كېتىدىغان بولسا، ئالىملار بۇنىڭدا ئوخشاشمىغان قاراشلاردا بولغان. ئەمما، ھۆنەر – كەسپ، جىما قاتارلىق ئىشلار ھەپتىنىڭ مەلۇم كۈنىدە يامان كۆرۈلمەيدۇ».(2)
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 1 – رەجەب / م. 2011، 3 – ئىيۇن
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 14 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «ئەھمەد»، (23813)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
2. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 1/365.