يادلىغان قۇرئاننى ئۇنتۇپ قالسام قانداق قىلىمەن؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن ئىلگىرى قۇرئاندىن 17 پارە يادلىغان. 10 يىل داۋامىدا باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇقۇغان يەرلىرىمنى ئۇنتۇپ قالدىم. ئەمدىلىكتە تەكرارلاي دېسەم ماڭا بەك تەس بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن توي قىلىپ بالىلار بولۇپ قالدى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «قۇرئاننى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ گۇناھىدىن چوڭ گۇناھ يوق» دېگەن ھەدىسىنى كۆرۈپ ئازابلىنىۋاتىمەن. مەن بۇ ھەدىسنى ئەمەل قىلماي ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئۈچۈنمىكىن دەپ چۈشەندىم. چۈنكى قۇرئاننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي يادا ئالساق ئۇنىڭدىن مەنپەئەتنى بەك ئاز ئالىدىكەنمىز. شۇڭا ئەمەل قىلماي يادا ئالغاننىڭ پايدىسى يوقمىكىن دەيمەن، ماڭا يول كۆرسەتسەڭلار، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

قۇرئان كەرىم ئىلاھىي ۋەھىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتابلارنىڭ جۇغلانمىسى، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئەقىدە، ئەخلاق، شەرىئەت ۋە مۇئامىلە قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ئىنسانلار جەمئىيىتىگە توغرا يول كۆرسەتكۈچى ھىدايەت دەستۇرىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆزگەرتىلىشتىن، بۇرمىلىنىشتىن ۋە يوقاپ كېتىشتىن قوغدىغان ۋە ئۇنى قوغدايدىغانلىقىنى ﭽقۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە بىز ئۇنى ئەلۋەتتە قوغدىغۇچىلارمىز ﭼ دېگەن ئايىتى([1]) بىلەن تەكىتلىگەن.

بۇ ئۇلۇغ كىتاب پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان بولۇپ، ئۇلار قۇرئان ئايەتلىرىنى يادلىغان، ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان زاتلاردۇر. جانابى ئاللاھ قۇرئاننى يادلاشقا، ئوقۇشقا، چۈشىنىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا قولايلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ: ﭽھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ئۆگىنىشكە قولايلاشتۇردۇق. ئۆگىنىدىغانلار بارمۇ؟ ﭼ دېگەن.([2])

بۇنىڭدىن ئەرەب بولسۇن، ئەجەم بولسۇن ھەممە ئىنسانلارغا قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىشنىڭ قولايلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ ئۆگىنىشنىڭ تىلاۋەت قىلىش، يادلاش ۋە چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. شۇڭا قانداق كىشى ئاللاھنىڭ كىتابىغا يۈزلەنسە ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆز كىتابىنى ئۆگىنىشنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

بىراق قۇرئان ئايەتلىرىنى يادلىغانلار داۋاملىق تەكرارلاپ تۇرمىغان تەقدىردە، ئۇنتۇلدۇرىلىدۇ. ئەبۇ ۋائىل ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرسىنىڭ پالانى پالانى ئايەتنى ئۇنتۇپ قالدىم دېيىشى نېمىدېگەن يامان، ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان، قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ يادلىغانلارنىڭ كۆڭلىدىن تۆگە قاچقاندىنمۇ بەكرەك قېچىپ تۇرىدۇ».([3])

بۇ ھەدىس قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىم دېيىشنى ئەيىبلىگەن ۋە قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇش، ئۇنتۇپ قالماسلىققا تىرىشىشقا بۇيرۇغان.

قۇرئاننىڭ تېز ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان قىلىنىشىدىكى ھېكمەت بەلكىم بەندىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ كىتابىغا باغلاپ تۇرۇش، ئۇنى داۋاملىق ئوقۇپ، ئۆگىنىپ تۇرۇش ۋە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھىدايەت يولىدا ئىزچىل مېڭىشى ئۈچۈن بولسا كېرەك.

شۇنداقتىمۇ قۇرئاندىن ناماز ئوقۇشقا لازىم بولغىدەك «فاتىھە» ۋە قىسقا بىرنەچچە سۈرىلەردىن باشقىسىنى يادلاش پەرز ئەمەس. كۆپرەك يادلىسام ئۇنتۇپ قالىمەن دەپ ئەنسىرەپ يادلىماسلىقمۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ئىبارەت.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتساق، قۇرئاندىن يادلىغان بەزى سۈرە ياكى ئايەتلەرنى تەكرارلاپ تۇرسىمۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ياكى ياشىنىپ قېلىشى، ياكى كېسەلچان بولۇشى، ياكى ئەسكە ئالالماسلىقى ھەر ئىنساندا كۆرۈلىدىغان تەبىئىي ئەھۋال بولغاچقا، بۇلارنىڭ گۇناھ ياكى ئەيىبلىنىدىغان دائىرىگە كىرمەيدىغانلىقىدا ئالىملار ئىتتىپاق. ئەمما ھۇرۇنلۇقتىن، غەپلەتتىن تەكرارلاپ ئوقۇپ تۇرمىغانلىقتىن ئۇنتۇپ قېلىش بىر خىل سەل قاراشتىن نەتىجىلەنگەن بولسا، بۇنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىدە ئالىملارنىڭ بايانلىرى بىردەك، لېكىن ھۆكمىنى ئېغىر ياكى يەڭگىل بېكىتىشتە قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.

بەزى ئالىملار يادلىغان قۇرئاننى ئۆزرىسىز ئۇنتۇپ كېتىش ھارام دەپ قارىغان، ھەتتا بەزىلەر بۇنى چوڭ گۇناھلار قاتارىغا تىزغان. سەلەفلەردىن بەزىلەرنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشنى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن سانىغانلىقى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بۇ تەرىقىدە ئۇنتۇپ كېتىشنىڭ قۇرئاننى تەكرارلىماي تاشلاپ قويغانلىقتىن ئىبارەت گۇناھنىڭ جازاسى دەپ قارىغانلىقى، يەنە بەزىلەرنىڭ بۇ ئىشنى يامان كۆرۈپ، ئۇنتۇپ كەتكەن كىشى ھەققىدە ناھايىتى ئېغىر گەپلەرنى قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.([4])

لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يۇقىرىقىدەك قۇرئاننى ئوقۇپ، مۇزاكىرە قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان سەھىھ ھەدىسلەردىن باشقا، يادلىغان قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ ھۆكمىدە سىز سوئالىڭىزدا بايان قىلغاندەك سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن. بۇ ھەقتە چوڭ گۇناھلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەن بەزى ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈپ كەلسەك ئاجىز چىقىدۇ. مەسىلەن:

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: «ماڭا ئۈممىتىمنىڭ گۇناھلىرى كۆرسىتىلگەن ئىدى، مەن بىرەر كىشىنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان قۇرئاندىن بىرەر سۈرە ياكى بىرەر ئايەتنى ئۇنتۇپ قېلىشىدەك بىرەر چوڭ گۇناھنى كۆرمىدىم» دېگەن ھەدىسنى([5]) ئىمام بۇخارى، دارىقۇتنى، قۇرتۇبى، ئىمام ئىبنى ھەجەر قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار ئاجىز دەپ باھالىغان.

يەنە سەئد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: «كىمكى قۇرئاننى ئوقۇپ (يەنى يادلاپ)، كېيىن ئۇنتۇپ قالسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قول بارماقلىرى چولاق ھالەتتە بارىدۇ» دېگەن ھەدىسنى([6]) ئىمام ئىبنى ھەجەر قاتارلىقلار ئاجىز دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ئەيىبلەنگەن ئۇنتۇشتىن، يادلاپ بولۇپ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئەھۋال ئەمەس، بەلكى ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىش مەقسەت قىلىنىدۇ، يادا ئوقۇيالمىسىمۇ ئەمەل قىلغان بولسا ئۇنۇتقان بولمايدۇ، چۈنكى ئىنسان تەبىئىتىدە يادلىغاننى ئۇنتۇش بار دەپ قارىغان. ئەرەب تىلىدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلىتىش بار بولۇپ، قۇرئاندا: ﭽئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇۋىدى، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى. ﭼ دېگەن. يەنى ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تاشلىۋىدى، ئاللاھمۇ ئۇلارغا رەھمەت قىلىشنى تاشلىدى دېمەكچى. يەنە بىر ئايەتتە: ﭽئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا ﭼ (يەنى تاشلىغان چاغدا دېمەكچى) دەپ كەلگەن.([7])

دېمەك، يۇقىرىقى قاراشتا يادلىغان ئايەتلەرنى ئەستە تۇتالماي يادا ئوقۇپ بېرەلمەيدىغان كىشى ھەقىقىي مەنىدە قۇرئاننى ئۇنۇتقان دېيىلسە، بۇنىڭدا قۇرئانغا ئەمەل قىلماي، ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى كۆزدە تۇتۇلغان دەيدۇ. بۇ ئۇنتۇشنىڭ مەجازىي مەنىسىدۇر.

ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن: قۇرئاننى ئۇنتۇش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسنى قۇرئاننى ئۇنتۇش دېگەن قۇرئانغا قاراپمۇ ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ كېتىشتىن ئىبارەت دەپ ئىزاھلىغانلىقى نەقىل قىلىنغان ۋە بۇ قۇرئاننى ئۆگىنىپ بولۇپ ئۇنتۇپ كەتكەن كىشى ھەققىدە ئەڭ يەڭگىل ھۆكۈم دەپ قارالغان. ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرىمۇ ئۇنتۇشنى «قۇرئانغا قاراپمۇ ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ كېتىش» دەپ ئىزاھلىغان. بۇ قاراشقا ئاساسەن، قۇرئاننى يادقا ئەمەس، بەلكى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇيالايدىغان بولغاندىن كېيىن قاراپ ئوقۇيالمايدىغان دەرىجىدە ئۇنتۇپ كەتسە ئاندىن ھەدىسلەردىكى جازاغا تارتىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەمما يادقا ئالغاننى ئۇنتۇپ كېتىپ قۇرئانغا قاراپ ئوقۇيالايدىغان بولسا، ئۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ.([8])

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىنكى، تەكرارلاپ تۇرۇپ بەزى ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قالسا گۇناھ بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوق.

قۇرئان ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلىشنى تاشلاپ، پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈگەن ئەھۋالدا بۇنى چوڭ گۇناھ دېيىشكە بولىدۇ. ئېغىر تەلەپپۇزدا كەلگەن ھەدىسلەر بەلكى مۇشۇنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. چۈنكى ساھابە – كىراملارمۇ يادلىغان بەزى ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋاللار بولغان. بۇنىڭدىن ھەدىسلەردىكى ئېغىر گۇناھلىق ئەمەل قىلىشنى تاشلىغانغا قارىتىلغان دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.

ئەمما قۇرئاننى ياكى بىر قىسمىنى يادلاپ بولۇپ، تەكرارلىماي، يادا ئوقۇيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان تەقدىردە، ئىمكانىيىتى تەكرارلاشقا يار بەرمىگەن بولسا، ئەلۋەتتە گۇناھ بولمايدۇ.

ئىمام ئىبنى رۇشدتىن ۋاجىپ ياكى مۇستەھەپ بىر ئىلىم بىلەن ئالدىراش بولغانلىقتىن قۇرئاننى تەكرارلاپ بولالماي ئۇنتۇپ قالغان كىشى گۇناھكار بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىجما بارلىقى نەقل قىلىنىدۇ.([9])

ئىمكانىيەت بار تۇرۇپ ھورۇنلۇق قىلىپ ياكى سەل قاراپ تەكرارلىمىغانلىقتىن ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا، بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىكى قۇرئاننى ئوقۇپ تۇرۇش ھەققىدە كەلگەن بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ خىل تۈردىكى قۇسۇرنى گۇناھ دائىرىسىگە كىرگۈزگەن ۋە: «قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىش گۇناھلار جۈملىسىدىن» دەپ ئىپادىلىگەن.([10])

يەنە تېخى ئىمام مالىك قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۆلىمالار ھەيزدار ھالەتتە قۇرئاننى تۇتماي ئوقۇسا بولىدۇ، ھەيز كۈنلىرى بىر ھەپتىگىچە سوزۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئوقۇشنى چەكلىسەك، ئۇنتۇپ كېتىدۇ دەپمۇ قارىغان. ئىمام ئىبنى تەيمىيە: «ھەيزدارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى چەكلىگەن سەھىھ دەلىل بولمىغانلىقتىن ئوقۇشى چەكلەنمەيدۇ» دېگەن ۋە يەنە تېخى ئۇنىڭ قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە ھەيزدار ھالەتتە ئوقۇپ تەكرارلىشى ۋاجىپ دېگەنلىكىمۇ نەقىل قىلىنغان.([11]) ئالىملارنىڭ بۇ خىل يۆنىلىشىمۇ قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىكىنى بىلدۈرسە كېرەك.

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ كۆنگەن كىشىنىڭ مىسالى خۇددى پۇتى باغلاپ قويۇلغان تۆگىنىڭ ئىگىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن داۋاملىق خەۋەر ئېلىپ تۇرسا تۇتۇپ تۇرالايدۇ، يېشىۋەتسە قېچىپ كېتىدۇ».([12])

قازى ئىيازمۇ سەھىھەيندە كەلگەن يۇقىرىدا ئۆتكەن ھەدىستىكى: «بىرسىنىڭ پالانى پالانى ئايەتنى ئۇنتۇپ قالدىم دېيىشى نېمىدېگەن يامان» دېگەن ئەيىبلەشنى بۇ ئۇنداق دېيىشنى ئەيىبلەش ئەمەس، بەلكى قۇرئاننى يادلاپ بولۇپ تەكرارلاپ تۇرماي غەپلەتتە قېلىپ ئۇنتۇپ كەتكەن كىشىنى ياكى ئۇنتۇپ كېتىش ئەھۋالىنى ئەيىبلەش دەپ ئىزاھلىغان. يەنە بەزى ئالىملار ئۇ ئەيىبلەشنى «ئۇنتۇپ قالدىم» دېيىشكە قارىتىلغان. بۇنداق دېيىش بىر خىل غەپلەتتە قالغانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارىغان.

ھەر ئىككى قاراشتىكىلەر بۇ ھەدىستىكى ئەيىبلەشنى تەنزىھىي مەكروھلۇقنى بىلدۈرىدۇ دېگەن.([13])

بۇ يەردە ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىشىنى پەرەز قىلغان ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن. قۇرئاننى ناماز ئوقۇغۇدەك مىقداردا يەنى «فاتىھە» بىلەن قوشۇپ بىرنەچچە سۈرە يادلاش پەرز، ئۇنىڭدىن ئارتۇق يادلاش ياكى قۇرئاننىڭ ھەممىنى يادلاش شەخسلەرگە پەرز ئەين ئەمەس، بەلكى ئۈممەتكە پەرزى كۇپايە دېيىلسە، قانداقسىگە ئارتۇق يادلىغان قۇرئاننى غەپلەت سەۋەبىدىن ئۇنتۇپ كەتتى دەپ ئۇنى گۇناھ دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز؟

بۇ سوئالغا ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «قۇرئاننى تولۇق ياكى كۆپ قىسمىنى يادلىغان كىشىنىڭ دەرىجە – مەرتىۋىسى كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ئىسلام ھەقىقەتلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ساقلانغان بولىدۇ. ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ خاس بەندىلىرى بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاشۇ يۇقىرى مەرتىۋىسىگە لايىق ئىش قىلمىغان كىشىگە باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا ئېغىرراق جازا بېكىتىلىشى مۇناسىپ كېلىدۇ. قۇرئاننى تەكرارلاپ تۇرماسلىق كۆڭلى قارىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ».([14])

ئىمام قۇرتۇبىنىڭ بۇ جاۋابى ئۇسۇل فىقھىدىكى يەنە بىر مەسىلىگە تۇتۇشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ «پەرزى كۇپايىگە تۇتۇش قىلىش بىلەن ئۇ كىشىگە پەرز ئەين بولۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن مەسىلە. قۇرئاننى يادلاش ئالىملارنىڭ ئىجماسى بىلەن پەرزى كۇپايە، يادلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزرىسىز تۇرۇپ تەكرارلىماي ئۇنتۇپ كەتسە ھەنبەلىي مەزھەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراشتا بۇ قىلمىشى ھارام بولىدۇ. يەنە بىر قاراشتا مەكروھ (تەنزىھىي) بولىدۇ. بۇنى ھەنبەلىي ئالىملاردىن بەزىلەر تەرجىھ قىلغان. بۇنىڭغا شافىئىي ئالىملار تەرجىھ قىلغان يەنە بىر قاراش يېقىن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا پەرزى كۇپايە ھۆكمىدىكى جىھاد بىلەن جىنازا نامىزىدىن باشقىسىغا تۇتۇش قىلسا، ئۇ پەرز ئەينگە ئايلانمايدۇ.([15])

يۇقىرىقى ئۇسۇل فىقھى تەتقىقاتىقا ئاساسەن قۇرئان يادلاپ بولغان كىشىگە نىسبەتەن قۇرئاننى ئۇنتۇپ قالماسلىققا تىرىشىش پەرز ئەين دېسەك، تەكرارلىماي تاشلاپ قويۇشى ھارام دېگەن يەكۈن چىقىدۇ. يادلاش بىلەن پەرز ئەينگە ئايلانمايدۇ دېسەك، تەكرارلىماي ئۇنتۇپ كەتكەن كىشى گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، ياخشى قىلمىغان بولىدۇ.

ئۇسۇل فىقھى ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى ئىككىنچى قاراش يەنى يادلاشقا تۇتۇش قىلىش بىلەن ئۇنى يادا ساقلاش پەرز ئەينگە ئايلانمايدۇ. ئۇنتۇپ كەتسە گۇناھ بولمايدۇ دېگەن قاراشنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، ئۇنتۇپ كېتىشنىڭ ئۆزى رەسۇلۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەردە بۇيرۇغان قۇرئاننى ئۇقۇپ، تەكرارلاپ تۇرۇشنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنىڭ جازاسى ياكى ئاقىۋىتى، غەپلەتتە قېلىشى تۈپەيلى بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت دېيىشمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. يەنى بىر نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلمىگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇ نېمەتنى قولىدىن تارتىۋالغان بولىدۇ. بەلكى بۇ تارتىۋېلىش تەكرارلىماسلىق سەۋەبىدىنلا بولماي، باشقا گۇناھ – مەئسىيەتلەر سەۋەبىدىن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.([16])

ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى قاراشلار ئىچىدە يادلىغان قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىش چوڭ گۇناھ قاتارىغا كىرمەيدۇ، مەكروھ تەنزىھىي دېيىش جانلىقراق. چوڭ گۇناھ دائىرىسىگە كىرىشكە مۇناسىپ كېلىدىغىنى سۇدەك يادا بىلسۇن ياكى ئۇنۇتسۇن قۇرئانغا ئەمەل قىلماي، ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يۈز ئۆرۈشتۇر. بۇ قاراشنى يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىدۇق. بۇ قاراش سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن بولۇپ. ئۇنىڭ قارىشىچە قۇرئاننى ئۇنتۇش دېگەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي تاشلىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەبۇ رەجا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، سەمۇرە ئىبنى جۇندەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرگەن چۈشى ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «كاللىسى تاش بىلەن يەنچىلىۋاتقان ئادەم بولسا، قۇرئاننى ئۆگىنىپ تاشلىۋەتكەن ۋە پەرز نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماي ئۇخلايدىغان ئادەمدۇر».([17])

ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «قۇرئاننى يادلاپ كېيىن ئۇنتۇپ كەتكەن كىشى ھەققىدە كەلگەن كۆرسەتمىلەر نېمە دېگەن قاتتىقَ!» دېگەن.

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: «ساھابە – كىراملاردىنمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە قۇرئاننى تولۇق يادلىغانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇلار يادلىغانلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئەھكاملارنى ئېگىلەيتتى. سۈرە، ئايەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئەھكاملىرىنى يادلىماي تۇرۇپ ئۆگىنىۋالاتتى. ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ‹بىز قۇرئان ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال ئىمان ئۆگىنەتتۇق، زامانى ئاخىردا ئىماندىن ئاۋۋال قۇرئان ئۆگىنىدىغان قەۋملار كېلىدۇ›. ئاللاھ تائالانىڭ: ﭽبىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار. ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىمكى كىتابنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر ﭼ.([18]) دېگەن ئايىتىنى، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىدىغانلار، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەگىشىدىغانلار دەپ تەپسىر قىلىشتا، ئالىملار ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوقتۇر». ([19])

ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق، ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇقىرىقى سۆزىدىن دەل بىزلەرنى كۆزدە تۇتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇلبۇلدەك قۇرئان ئوقۇيدىغان قارىيلاردىن جازانە يەيدىغان، باشقىلارنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان، ئومۇمەن، چوڭ گۇناھلارنى قىلىۋېرىدىغانلار يوق ئەمەس. قۇرئان يادلايدىغان ئۆسمۈرلەرگە تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇش، يالغانچىلىق ۋە شۇنىڭدەك ئېغىر ئىللەتلەر سىڭىپ قېلىۋاتقانلىقى ئادەتتە ھەممىمىزگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتە دېگەندەك، تىلاۋەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى، ئۇنى ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئىشىنىش، ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشىنىشكە تىرىشىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولسا، ئاغزىدا ئوقۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىق ئۇنى ئىنكار قىلغانلىق، ئۇنى ئوقۇمىغانلىقتىن ئىبارەتتۇر.

ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: «قۇرئاننى بىر ئايدا بىر قېتىم تامام قىلىپ ئوقۇغىن» دېگەن ئىدى، مەن: مەن بۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىتتا تامام قىلىشقا تاقىتىم يېتىدۇ، دېسەم، ئاخىرى رەسۇلۇللاھ: «ئەمىسە يەتتە كۈندە بىر تاماملاپ ئوقۇغىن، ئۇنىڭدىن ئاشۇرىۋەتمىگىن» دېدى.([20])

بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ساھابىگە ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قىلغان تەۋسىيىسى. بۇنىڭدىن قۇرئاننى ھەپتىدە ياكى ئايدا بىر تاماملاپ ئوقۇپ تۇرۇشنىڭ مۇستەھەپلىكى چىقىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۈچ كۈندىن ئاز ۋاقىتتا بىر تاماملاشنى مەكروھ دېسە، يەنە بەزىلەر يەتتە كۈندىن قىسقا ۋاقىتتا بىر تاماملاشنى مەكروھ دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر ئىزچىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالمىغان ئاساستا قانچىلىك تېز تاماملىسا مەيلى دەپمۇ قارىغان. يەنە بەزىلەر ھەركىم ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چېكى قويماستىن تاماملىسا بولىدۇ دېگەن. سەلەفلىرىمىزدىن قۇرئاننى بىر كېچىدە تاماملىغانلارمۇ، ئۈچ كۈندە، ھەپتىدە، ئايدا بىر تاماملىغانلارمۇ بولغان. ھەدىسلەردە كەلگەن بولغاچقا، بەزى ئالىملار قۇرئاننى بىر خەتمە قىلىشنى ئۆزرىسىز قىرىق كۈندىن كېچىكتۈرۈشنى مەكروھ دەپ قارىغان.([21])

ئەلۋەتتە، قۇرئاننى بۇ تەرىقىدە ئوقۇپ تۇرۇش قارىيلارغا خاس ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى بىرەر سەھىپە، بىرەر پارىدىن قۇرئانغا قاراپ ئوقۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ تەرجىمە – تەپسىرلىرىنى كۆرۈشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگىنىشى ھەر بىر مۇسۇلماندىن كۈتۈلىدىغان ئەقەللىي ئىشتۇر.

قۇرئاننى تەجۋىد قائىدىسى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش لازىم. تەكرارلاش بىلەن بىرگە مەزمۇنلىرىنى، ئەقىدە – ئەھكاملىرىنى، ئەخلاق ۋە تۈزۈملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش لازىم. مەنىسىنى چۈشەنمەي ئوقۇغان قۇرئانغىمۇ ھەر بىر ھەرپكە ئون ساۋاب ھېسابىدا ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى ئۆز ئالدىغا بىر ساۋابلىق ئىش بولسا، مەزمۇنىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش پەرزدۇر.

ئوقۇپ، تەكرارلاشتىنمۇ ئاساسلىق مەقسەت قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى، ئەمىر – پەرمانلىرى، چەكلىمىلىرى، ئۇنىڭدا ئۆرنەك قىلىپ سۇنۇلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پوزىتسىيە، ئىش – ئىزلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا قۇرئانچە روھ بىلەن ياشاشتۇر.

شۇنداق قىلغاندىلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىزنى ﭽئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى ﭼ.([22]) دەپ ئاللاھقا شىكايەت قىلىشىدىن ساقلىنىپ قالالايمىز. قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويۇش دېگەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك، ئەمەل قىلماسلىقتۇر. مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ئەمما ئوقۇپ، تەكرارلاپ تۇرماسلىقمۇ بىر خىل تاشلاپ قويۇش دائىرىسىگە كىرىپ قېلىش خەۋپى بار.

قانداقلا بولمىسۇن، يادلاپ بولغان قۇرئاننى ئۇنتۇپ كېتىش ئېغىر گۇناھ بولمىغىنى بىلەن بۇ بىر خىل غەپلەت ۋە قۇسۇرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىلگەنلىرىمىزگە ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنتۇپ كېتىش ياكى غەپلەتتە قېلىشتىن ئاللاھتىن پاناھ تىلەش ۋە ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇرئاندىن مەلۇم مىقداردا ئوقۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئاننى ھەققىنى ئادا قىلىپ تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلاردىن قىلسۇن! ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2017 – 2 – 7

2-توم، 5-نومۇرلۇق پەتىۋا.

——————————-

([1]) «ھىجر» سۈرىسى 9 – ئايەت.
([2]) «قەمەر» سۈرىسى 17 – ئايەت.
([3]) سەھىھەين: «بۇخارى» 5032 – ھەدىس. «مۇسلىم» 790 – ھەدىس.
([4]) «الزواجر» 1/231. «طرح التثريب» 3/93. «فتح الباري» 9/86. «الإتقان» للسيوطي 1/279.
([5]) «تىرمىزى» 2916 – ھەدىس.
([6]) «ئەبۇ داۋۇد» 1474 – ھەدىس.
([7]) «شرح الزرقاني» 2/17.
([8]) «الفتاوى الهندية» 5/317. «بريقة محمودية» 4/194 «مطالب أولي النهى» 1/604.
([9]) «مطالب أولي النهى» 1/605.
([10]) «مجموع الفتاوى» 13/423.
([11]) «مجموع الفتاوى» 26/191. «كشاف القناع» 1/147. «المغني» 1/96. «الشرح الكبير» للدردير 1/174.
([12]) سەھىھەين: «بۇخارى» 5031 – ھەدىس. «مۇسلىم» 789 – ھەدىس.
([13]) «شرح النووي على صحيح مسلم» 6/76. «عمدة القاري» 20/48.
([14]) «الزواجر» 1/233.
([15]) «القواعد والفوائد الأصولية» للبعلي 1/188. «التحبير شرح التحرير» 2/884. «البحر المحيط في أصول الفقه» 1/197.
([16]) فتوى موقع الإسلام سؤال وجواب برقم: 127485.
([17]) «بۇخارى» 1143 – ھەدىس.
([18]) «بەقەرە» سۈرىسى 212 – ئايەت.
([19]) «التمهيد» ابن عبد البر 14/132.
([20]) سەھىھەين: «بۇخارى» 5054 – ھەدىس. «مۇسلىم» 1159 – ھەدىس.
([21]) «الآداب الشرعية» 2/282.
([22]) «فۇرقان» سۈرىسى 30 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.