«ۋاقىئە» سۈرىسى ھەققىدە

«ۋاقىئە» سۈرىسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «‹ۋاقىئە› سۈرىسىنى كېچىسى بىر قېتىم ئوقۇسا پېقىرلىق كۆرمەيدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟ ئەگەر ئوقۇش جائىز بولسا، ۋىتىردا ناماز ئىچىدە ئوقۇساق بولامدۇ؟ ۋىتىرنى بىر رەكئەت قىلىپ سۈرىنى پۈتۈن ئوقۇمدۇق ياكى ئۈچ رەكئەت قىلىپ سۈرىنى بۆلۈپ ئوقۇمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

56/«ۋاقىئە» سۈرىسىدىكى 96 ئايەتنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى مەككەدە نازىل بولغان. تەۋھىد ھەقىقەتلىرى ۋە قىيامەت كۈنى ھەققىدە توختالغان بۇ سۈرە ئوقۇرمەننىڭ كۆڭلىدە ئىماننى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاخىرەتكە تەييارلىنىش، سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق ئاللاھنى رازى قىلىش روھىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنىڭ دەلىللىرى، كامالى قۇدرىتى ۋە ئۇنىڭ ئىزنالىرىنى بايان قىلىدۇ. سەكرات ۋە دۇنيادىن ئاخىرەتكە يۆتكىلىش پەيتلىرى، ئاخىرەتتە ھېساب ئېلىنىدىغان چاغدىكى ئىنسانلارنىڭ تۈرلىرى، ھەربىر تۈرنىڭ ئاقىۋىتى، ھەربىرىنىڭ جەننەت ياكى دوزاخقا لايىق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى، تەقدىرى ۋە ئىرادىسى ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ تولۇق ئاجىزلىقىنى مىساللىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ.

«ۋاقىئە» سۈرىسىنى ئوقۇسا نامراتلىق يەتمەسلىك ھەققىدە بىرنەچچە ھەدىس كەلگەن، بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەر سەھىھ ھەدىس يوق.

مەسىلەن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ‹ۋاقىئە› سۈرىسىنى ھەر كېچىسى ئوقۇسا، ئۇنىڭغا مەڭگۈ پېقىرلىق يەتمەيدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىس بەكلا زەئىف ھەدىستۇر.

يەنە بىر ۋاريانتىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇقىرىقى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغاندىن كېيىن: «مەن قىزلىرىمنى ئۇ سۈرىنى ھەر كېچىسى ئوقۇشقا بۇيرۇدۇم» دېگەن. بۇمۇ زەئىف رىۋايەتتۇر.

ئۇ رىۋايەتتە يەنە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاياللارغا: «سىلەردىن بىرىڭلار ھەر كېچىسى ‹ۋاقىئە› سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئاجىز كەلمىسۇن!» دېگەنلىكى كەلگەن.(1)

دېمەك، «ۋاقىئە» سۈرىسىنىڭ نامراتلىقنى توسىدىغان ئالاھىدە بىر پەزىلىتى ياكى ئۇنى ھەر كېچىسى ئوقۇشنىڭ ئالاھىدە پەزىلىتى ھەققىدە يا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ياكى بىرەر ساھابەدىن سەھىھ رىۋايەت كەلمىگەن.

يۇقىرىقى رىۋايەتلەردىكى زەئىفلىك ئانچە ئېغىر ئەمەس ۋە زەئىف ھەدىسكە بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا ئەمەل قىلسا مەيلى دەپ قارىغان بەزى ئالىملار «ۋاقىئە» سۈرىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە ئوقۇسا بولىدۇ دەپمۇ پەتۋا بەرگەن. مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان ۋە ئىسلام تورى پەتۋا ئورگىنىنىڭ پەتۋالىرىغا ئوخشاش.(2)

بۇلارنىڭ پەتۋاسى بويىچە، ئۇ سۈرىنى ئاشۇنداق مەقسەتتە ناماز سىرتىدا ئوقۇسا، ياكى ۋىتىرنىڭ بىر رەكئىتىدە پۈتۈن ئوقۇسا، ياكى ئۈچ رەكئەتكە بۆلۈپ ئوقۇسا بولىدۇ.

لېكىن، چوڭقۇرراق تەكشۈرۈپ قارايدىغان بولساق، ئۇ رىۋايەتلەردىكى زەئىفلىك خېلىلا ئېغىر. ھەتتا بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىلىرى توقۇلما چىقىدۇ. شۇڭا، بۇ رىۋايەتلەر بىلەن ئۇ ئالاھىدە پەزىلەتنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، زەئىف رىۋايەتلەرگە بۇ تۈرلۈك پەزىلەتلىك ئىشلاردا ئەمەل قىلىشنىڭ شەرتى ئۇنىڭدىكى زەئىفلىك بەك ئېغىر بولماسلىقى كېرەك.

يۇقىرىقى رىۋايەتلەرنى بايان قىلغان بەزى ئالىملار ئۇنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «ئۇنىڭغا چىرايلىق سەۋر قىلىش بىلەن بىللە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلىنغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا نامراتلىق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ياكى بولمىسا، بۇ سۈرىنىڭ رىزىق ۋە تېرىلغۇغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى ئىپادىلىگەن ئايەتلەردىن ئالىدىغان كۆڭۈل ئازادىلىكى، پەرۋەردىگارىنى تونۇش، تەۋەككۇل قىلىش، ئۇنىڭغا تايىنىش، ئۆزىنى ۋە ئىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىمانىي پايدىلار قولغا كەلگەچكە، ئۇنىڭغا كۆڭۈل نامراتلىقى يېقىن يولىمايدۇ».(3)

ئەلبەتتە، قۇرئاننى ئاللاھنىڭ دىنىنى چۈشىنىش، توغرا ئەقىدىنى ئۆزلەشتۈرۈش، شۇنداقلا ھەربىر ھەرپ ھېسابى بويىچە ئۇنى قىرائەت قىلىشتىن قولغا كېلىدىغان ساۋابلارنى كۆزلەپ ئوقۇش لازىم. ئەڭ ياخشىسى ئالاھىدە بىر پەزىلەت بايان قىلىنغان سۈرىلەرنى مەلۇم ۋاقىتلاردا ئوقۇشتىن باشقا، قۇرئاننىڭ ھەممە سۈرىلىرىنى نۆۋەت بويىچە ئوقۇپ ئۆگىنىش زۆرۈر. ئۇنى ئوقۇپ، ياخشى ئۆگەنسە ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، بۇ ئىشى ئوقۇغۇچىنى ئاخىرەتتە ئەجىر ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرگەندەكلا ئۇنىڭغا دۇنيادىمۇ پايدىسى بولىدۇ. قۇرئان ئۆگەنگەن كىشى دۇنيادا تارتىۋاتقان جەۋرى – زۇلۇم، جاپا – مۇشەققەتلەردىن يەڭگىللەپ، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا كەڭ رىزىق ئاتا قىلىنىشىمۇ، بەرىكەت بېرىلىشىمۇ، ھەتتا نۇرغۇن چىقىم كېتىدىغان كېسەللىك ياكى بالايى – قازادىن ساقلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن بالايى – ئاپەتلەردىن ساقلاشنى، رىزىق ئاتا قىلىشنى تىلەش بىلەن بىللە تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىرىشىش، سەۋەبىنى قىلىش لازىم.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قۇرئان ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇ ئوقۇغان كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. ‹بەقەرە› بىلەن ‹ئال ئىمران›دىن ئىبارەت ئىككى نۇرلۇق سۈرىنى ئوقۇڭلار، چۈنكى بۇ ئىككى سۈرە قىيامەت كۈنى خۇددى ئىككى پارچە بۇلۇتتەك، ياكى سايىۋەندەك، ۋە ياكى قاناتلىرىنى ئېچىپ، ئىككى قۇر بولۇپ تىزىلغان قۇشلاردەك، ئوقۇغان ئىگىلىرىنى ئاقلايدۇ. ‹بەقەرە› سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇنى ئوقۇش بەرىكەت، تاشلاپ قويۇش ھەسرەتتۇر. ئۇنى سېھرىگەرلەر ئوقۇيالمايدۇ» دېگەن.(4)

يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. مەن ‹ئەلىف لام مىم› نى بىر ھەرپ دېمەيمەن. بەلكى، ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىم› بىر ھەرپتۇر» دېگەن.(5)

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى رىزىق كەلتۈرىدىغان، سىقىلىش ۋە ئەزىيەتنى كەتكۈزىدىغان زىكىرلەر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن(6) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (مەغپىرەت تىلىسەڭلار) سىلەرگە مول يامغۇرلۇق بۇلۇت ئەۋەتىدۇ. سىلەرگە ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ﴾(71/«نۇھ»: 10 – 12).

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ دېگىنىنى قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەربىر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بېكىتكەندۇر﴾(65/«تالاق»: 2، 3) دېگەن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 5 – رەجەب / م. 2017، 2 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 2– نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (2500)؛ ئىمام ئەھمەد: «فەزائىلۇسساھابە»، 2/726؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 6/201؛ ئىبۇنلجەۋزىي: «ئەلئىلەلۇل مۇتاناھىيە»، 1/112؛ ئىبنۇلقەتتان ئەلفاسىي: «بايانۇل ۋەھمى ۋەلئىيھام»، 4/663؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئەلمەتالىبۇل ئالىيە»، 5/307.
2. شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان: «ئەلمۇنتەقا»، 34/8؛ موقع الشبكة الإسلامية، رقم الفتوى: 202432.
3. موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 5/65.
4. «مۇسلىم»، (804).
5. «تىرمىزىي»، (2910). سەھىھ.
6. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئەلۋابىلۇسساييىب»، 1/161.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ