قۇرئاننى سۆيسە بولامدۇ؟

قۇرئاننى سۆيسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قۇرئاننى ھۆرمەتلەش ۋە ياخشى كۆرۈش يۈزىسىدىن سۆيسە بولامدۇ؟ قۇرئاننى سۆيۈش بىدئەت دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەلبەتتە، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ كالامى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات دەستۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ھەربىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنى قەلبىمىزدە سۆيۈش، ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاش، شۇنداقلا تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

لېكىن، يا «قۇرئان كەرىم»دە ۋە ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە «قۇرئان كەرىم»نى ئاغزى بىلەن سۆيۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ياكى چەكلەيدىغان بىرەر ئايرىم كۆرسەتمە كەلمىگەن بولغاچقا، ئىسلامنىڭ ئومۇم قائىدە – پرىنسىپلىرىغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ بۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى بېكىتىشتە ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئالىملىرىمىزنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان.

بىر قىسىم ئالىملار قۇرئاننى سۆيۈش مۇستەھەب دەپ قارىغان. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر قاراش بولۇپ، ئىمام غەززالىي، سۇيۇتىي، زەركەشىي قاتارلىق خېلى كۆپ ئالىملار مۇشۇ قاراشنى ياقلىغان.

بۇلاردىن بەزىلەر ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى قولىغا ئېلىپ يۈزىگە يېقىپ يىغلىغىنىچە: «رەببىمنىڭ كىتابى، رەببىمنىڭ كىتابى» دېگەنلىكىدىن ئىبارەت ساھابەنىڭ ئىش – ئىزىدىن دەلىل كۆرسەتكەن.(1)

گەرچە بۇ رىۋايەتنى ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىقلار «سەھىھ» دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سەنەدىنى چوڭقۇرراق تەكشۈرۈپ قارىساق، ئىمام ھەيسەمىي قاتارلىقلار ئېيتقاندەك سەنەدىدە ئۈزۈكلۈك بولغاچقا، «زەئىف» چىقىدۇ.(2)

شۇڭا، «زەئىف» رىۋايەتلەر بۇ تۈرلۈك ئەمەللەر دائىرىسىدە قوبۇل قىلىنىدۇ، دېگەن تەقدىردە، «قۇرئان كەرىم»نى يۈزىگە تەگكۈزۈش بىلەن لەۋلىرىگە تەگكۈزۈش ئوخشاش دەپ چۈشىنىلسە، ئاندىن بۇ رىۋايەتنى مۇستەھەبلىككە دەلىل قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇلاردىن يەنە بەزىلىرى بۇ مەسىلىنى «ھەجەر ئەسۋەد»نى سۆيۈش ۋە ئالىملارنىڭ قولىنى سۆيۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قىياس قىلىپ تۇرۇپ مۇستەھەب دېگەن. يەنە بەزىلىرى كىچىك بالىلارنى سۆيگەنگە ئوخشىتىپ «قۇرئان كەرىم»مۇ پەرزەنتلەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ سوۋغىسى، قۇرئان ئۇلاردىنمۇ ئەۋزەل. شۇڭا، سۆيۈش مۇستەھەب دەپ قارىغان.

يەنە بەزىلىرى مۇنداق دەلىل كۆرسەتكەن: شەرىئەتتىكى ئەسلى قائىدە ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۇلۇغلاشتۇر. «قۇرئان كەرىم»نى سۆيۈشمۇ مۇشۇ قائىدە دائىرىسىگە كىرىدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار «قۇرئان كەرىم»نى سۆيۈش جائىز دەپ قارىغان. بۇ ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشى، شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر قاراش بولۇپ، ھەنبەلىي مەزھەبتە مۇشۇ قاراش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىمام ئەھمەد بۇنىڭ مۇباھلىقىغا، يوللۇق ئىكەنلىكىگە يۇقىرىقى ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەتىنى دەلىل قىلغان.

يەنە بەزىلەر «ھەجەر ئەسۋەد»نى، ئالىملارنىڭ، سالىھلارنىڭ ۋە ئاتا – ئانىنىڭ قولىنى سۆيۈشكە قىياس قىلىپ، «قۇرئان كەرىم» ئۇلاردىن ئەۋزەل دەپ قارىغاچقا جائىز دېگەن.(3)

ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ «قۇرئان كەرىم»نى سۆيۈش ئايرىم دەلىل بىلەن سۈننەت ياكى مۇستەھەب دەپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، يۇقىرىقى ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتىگە ئاساسەن ئۇلۇغلاپ ۋە ھۆرمەتلەپ سۆيۈش جائىز، سۆيسە ھېچ گەپ بولمايدۇ، دەپ قارىغان.(4)

ئەلبەتتە، بۇ قاراشقا ئاساسەن، بۇ ئىش بىرەر ئايرىم دەلىل بىلەن ئىبادەت قىلىپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شەرىئەتتە بۇنى چەكلەيدىغان بىرەر دەلىل يوق ئىكەنلىكىمۇ جائىز دېگەن بۇ قاراشقا دەلىل بولالايدۇ.

ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن ئۈچىنچى بىر قاراشتا ئىمام ئەھمەد بۇ ئىجتىھادىي مەسىلىدە بىر قارارغا كېلەلمەي توختاپ تۇرغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنغان. بىر قارارغا كېلەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى شۇكى، قۇرئاننى سۆيۈش ئۇنى ئىززەتلەشنى ئىپادىلىسىمۇ لېكىن، قىياس مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىبادەتكە دائىر بەزى ئىشلار مۇستەھەب بولمايدۇ. ئۇلۇغلاش ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بېكىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدۇ دېگەن ۋە ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىش – ئىزلىرى بولغاچقا، بىر قارارغا كېلەلمىگەن. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ھەزرەتلىرى، ئىمام شەۋكانىي ھەزرەتلىرىمۇ مۇشۇ قاراشنى بايان قىلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمىگەن.(5)

بۇلار «ھەجەر ئەسۋەد»كە قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىبادەت دائىرىسىدىكى ئىش، ئىبادەت پەقەتلا بېكىتىپ بېرىش بىلەن بولىدۇ دەپ قارىغان ۋە بۇنىڭغا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نىڭ «ھەجەر ئەسۋەد» يېنىغا كېلىپ ئۇنى سۆيۈپ مۇنداق دېگەنلىكىنى دەلىل قىلىشقان: «مەن سېنىڭ زىيانمۇ، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان تاش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، ناۋادا مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سېنى سۆيگەنلىگىنى كۆرمىگەن بولسام، سېنى سۆيمەيتتىم».(6)

ھەنەفىي مەزھەبتىكى زەئىف بىر قاراشتىمۇ بىدئەت دېيىلگەن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن شەيخ ئۇسەيمىن ۋە شەيخ ئالبانىي قاتارلىق بەزى ئالىملار مۇشۇ قاراشنى تۇتقان. بۇلار «قۇرئان كەرىم»نى سۆيۈش يولغا قويۇلغان ئىبادەت ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە – تابىئىنلار «قۇرئان كەرىم»نى سۆيمىگەن، بىر نەرسىنى سۆيۈشتە ئەسلى قائىدە چەكلىنىش، ھەزرىتى ئۆمەرمۇ «ھەجەر ئەسۋەد»نى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆيگەن بولغاچقا سۆيگەن، بولمىسا سۆيمىگەن بولاتتى دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن.(7)

يۇقىرىقى قاراشلارغا قارايدىغان بولساق، «قۇرئان كەرىم»نى سۆيۈش مۇستەھەب ۋە جائىز دېگەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى جانلىق چىقىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم»نى سۆيۈش ئاللاھنىڭ كالامى، ئۈممەتنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئانغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ئىزھار قىلىش جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ خۇددى «قۇرئان كەرىم»نى چىن كۆڭلىدىن سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتەكلا ھەربىر مۇسۇلماندىن كۈتۈلىدىغان بىر ئەدەب ۋە ھۆرمەت. بۇنى ئىسلام ئاساسلىرى، شۇنداقلا سەلەفلىرىمىزنىڭ سۆزلىرى ۋە ئىش – ئىزلىرى تەكىتلىگەن ۋە تەشەببۇس قىلغاندۇر. شۇڭلاشقا «قۇرئان كەرىم»نى تاھارەت بىلەن تۇتۇش، پاكىز تۇتۇش، مۇقاۋىلاپ ئاسراش، ئۆز لايىقىدا ئۈستۈنرەك تۇتۇش، يەرگە تاشلىماسلىق، خۇشپۇراقلاش ۋە كۈمۈش قاتارلىق ماددىلاردا ئېسىل بېزەشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكىمۇ ئالىملارنىڭ بايانلىرىدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. يەنە تېخى ئالىملار «قۇرئان كەرىم»نى مەينەت يەرگە تاشلىغانلارنى كافىر دەپ، ھاقارەتلەيدىغان كىشىگە ئۇنى سېتىشنى ھارام دەپ پەتۋا بېرىشكەن. ئومۇمەن، ئالىملار «قۇرئان كەرىم»نى ھۆرمەتلەشنىڭ ۋە ھەر تۈرلۈك ھاقارەتلەشتىن ساقلىنىشنىڭ ۋاجىبلىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان.(8)

جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»نى مۇنداق سۈپەتلىگەن: ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. كىتابتا ساقلانغاندۇر. ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ. ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر﴾(56/«ۋاقىئە»: 77 – 80).

يەنە قۇرئان دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ ھاقارەتلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۈشمەن تەۋەلىكىگە قۇرئان بىلەن سەپەر قىلىشتىن توسقان.(9)

قەتادە: «مەن قۇرئان ئوقۇغاندىن بۇيان كۈدە يەپ باقمىدىم» دېگەن. بىرسى ئەتائدىن: «قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىمدا مەندىن يەل چىقىپ قالسا ئوقۇۋېرەمدىم؟» دەپ سورىغاندا ئۇ: «پۇرىقى كەتكىچە توختاپ تۇرغىن» دېگەن. مۇجاھىد قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىدا غەيرى پۇراق پۇراپ قالسا پۇرىقى كەتكىچە توختاپ تۇراتتى. ئۇ: «قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىڭدا ئەسنەپ قالساڭ، ئەسنىشىڭ توختىغانغا قەدەر ئوقۇماي تۇرغىن» دېگەن.(10)

ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەلىفەسى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابە – كىراملار بىلەن «قۇرئان كەرىم»نى بىر مۇقاۋا ئارىسىغا جەملەپ كىتاب قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىشنى قىلسام قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ياخشى ئىش، دېگەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ داۋاملىق رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىفەسىگە گەپ قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ كۆڭلىنى قانائەت تاپقۇزغان ۋە ئۇمۇ ئۆمەرنىڭ قارىشىنى توغرا تاپقان، ئاندىن ئەبۇبەكرى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى تاپشۇرغاندا، ئۇمۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىشنى قىلساڭلار قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، ئەبۇبەكرى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ياخشى ئىش، دېگەن، شۇنداق قىلىپ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ كۆڭلىنى قانائەت تاپقۇزغان ئىشقا قانائەت تاپقۇزدى ۋە قۇرئان توپلاندى.(11)

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتساق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرى ۋە ئىش – ئىزلىرى بىرەر ئىشنى ئالاھىدە بىر ئىبادەت دەپ بېكىتىشنى كۆرسەتسە، «قۇرئان كەرىم»نى سۆيۈشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكى دىننىڭ ئومۇم ئاساسلىرىغا تايىنىدۇ. ئەلبەتتە، بۇ دائىرىگە يۇقىرىقىدەك «قۇرئان كەرىم»نى توپلاشقا ئوخشىغان، چەكلەنمىگەن، ئازادە قويۇۋېتىلگەن ئىشلارمۇ كىرىدۇ. سۆيۈشتىن مەقسەت ھۆرمەت ئىزھار قىلىش بولغاچقا، سۆيۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىش شەرىئەت كۆزلىگەن ئومۇم نىشانلارنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ﴿ئەھۋال ئەنە شۇنداق. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلۇغلىسا، بۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر ﴾(22/«ھەج»: 30)، ﴿ئەھۋال ئەنە شۇنداق. كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر﴾(22/«ھەج»: 32) دېگەن. نەتىجىدە، بۇ دائىرىگە «قۇرئان»نى ھۆرمەتلەشنىڭ بارلىق شەكىللىرى كىرىدۇ. بۇ خۇددى «قۇرئان»غا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنىڭ بارلىق شەكىللىرى، دەرىجىسىگە قاراپ ھارام ياكى مەكرۇھ بولغانغا ئوخشايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، «قۇرئان»نى سۆيۈشنىڭ ئۆزى بىرەر دەلىل ياكى ئاساسقا خىلاپ كەلمەيدىغان ياخشى ئىشتۇر. ئۇنى قىلغان كىشى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

دېمەك، بۇ ھەقتە كەلگەن «زەئىف» رىۋايەتلەر بۇ ئىشنىڭ جائىز ياكى مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئاساسلىق دەلىل بولماستىن، بەلكى ئىسلامنىڭ ئومۇم كۆرسەتمىلىرىگە قوشۇمچە قىلىنىدىغان يانداشمىلاردۇر. بۇ ۋەجدىن ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەتى «زەئىف» بولسىمۇ، بۇ ھەقتە باشقا دەلىللەر يېتەرلىك.

يەنە كېلىپ، بۇ ھەقتە ئالاھىدە چەكلەش بولمىغاچقا، مالىكىيلەر دېگەندەك مەكرۇھلۇقنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، مەكرۇھلۇق چەكلىمە كەلسە ئىسپاتلىناتتى.

بەزىلەرنىڭ ئىبادەت بېكىتىش بىلەن بولىدۇ دېيىشى، ئەسلىدە توغرا گەپ بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىدىكى جائىزلىق ئومۇم كۆرسەتمىلەر بىلەن بېكىتىلگەن بولغاچقا، بۇنىڭدا يەنىلا بېكىتىش بار بولىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، سەلەفتىن كەلمىگەن دېيىش ئارقىلىق سۆيۈشنى بىدئەتكە چىقىرىش، ئومۇم ئاساسلارغا ئۇيغۇن كەلگەن، «زەئىف» بولسىمۇ رىۋايەتلەر كەلگەن، سەلەفلەر ۋە ئىلگىرىكى ئىماملار بىدئەت دەپ باقمىغان بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەردە ئىنتايىن زەئىف قاراش ھېسابلىنىدۇ.

دەرۋەقە، «قۇرئان»نى سۆيۈشنى سەلەفلەر ياكى ئىلگىرىكى مۇجتەھىد ئىماملار ياكى بۇرۇنقى مۇھەققىق ئالىملار بىدئەت دەپ باقمىغان. ئىمام ئەھمەدمۇ بىر رىۋايەتتە بىر قارارغا كېلەلمەي توختاپ قالغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە، ئىمام شەۋكانىيلارمۇ بىدئەت دېمىگەن. ئەكسىچە، ئىمام ئەھمەدتىن ۋە يەنە نۇرغۇن ئالىملاردىن جائىز ۋە مۇستەھەب دېگەن قاراش كەلگەن. ئەلبەتتە، بۇ مەسىلىدە بىزگە قاراشلىرى يېتىپ كەلگەن ئىماملارنىڭ ئەڭ پىشقەدىمى ئىمام ئەھمەد بولۇپ، ئۇ بىرەر قارىشىدا بۇنى بىدئەت دەپ باقمىغان. بەلكى بىدئەت دېيىشتىن ساقلانغان ۋە بىر نەرسە دېمىگەن. ئىلگىرىكىلەردىن بىدئەت دېگەنلەرنىڭ كىملىكى نامەلۇم. ھەنەفىي مەزھەب كىتابلىرىدا بىدئەت دېگەن قاراشقا زەئىف دېگەن باھا بېرىلسىمۇ، بىراق بۇنى كىملەرنىڭ بىدئەت دەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

بىدئەت دېگەن دىندىن بولمىغاننى پەيدا قىلىش دېگەنلىكتۇر. «قۇرئان»غا ھۆرمەت ئىزھار قىلىش دىندا بار ئىشتۇر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ كالامىنى ھۆرمەتلەشنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، مۇشۇنىڭدىن ھالقىمايمىز دەيدىغانغا بۇنىڭ بىرەر چېكى ياكى بىرەر شەكلى يوق.

سەلەفلەردىن كەلگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەكتۇبلىرىنى سۆيۈش ۋەقەلىكلىرىمۇ مەسىلىنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھەدىسلەردە كېلىشىچە، خالىد ئىبنى ۋەلىد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپاتىدىن كېيىن، ھىيرەنى سۈلھ بىلەن فەتھ قىلغاندا، شەيبان قەبىلىسىدىن بىر ساھابە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭغا يېزىپ بەرگەن مەكتۇبىنى ھەزرىتى خالىدقا ئېلىپ كەلگەن. ھەزرىتى خالىد مەكتۇبنى قولىغا ئالغاندا ئۇنى سۆيگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ھۆججەت مەكتۇبى ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە ئېلىپ كېلىنگەندە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۇ ھۆججەتنى سۆيۈپ كۆزىگە سۈرتكەن.(12)

ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ مەسىلىدە جائىز ۋە مۇستەھەب دېگەن ئالىملار «ھەجەر ئەسۋەد»نى سۆيۈشكە قىياس قىلىپ دەلىل كەلتۈرگەندەك، بىدئەت ياكى مەكرۇھ دېگەن ئالىملارمۇ ئوخشاشلا «ھەجەر ئەسۋەد»نى سۆيۈشكە قىياس قىلىپ دەلىل كەلتۈرگەن. «قۇرئان»نى سۆيۈشنى مۇستەھەب دېگەنلەر «قۇرئان»نى سۆيۈش «ھەجەر ئەسۋەد»نى سۆيۈشكە ئوخشاش، بەلكى «قۇرئان»نى سۆيۈش تېخىمۇ يۇقىرى دەپ قىياس قىلغان. لېكىن، بۇ قىياس «قۇرئان»نى سۆيۈشتەك ئىللىتى (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپىتى) ئېنىق بىر ئىشنى، ئىللىتى مەلۇم بولمىغان بىر ئىشقا قىياس قىلىش جەھەتتىن پەرقلىق قىياس بولىدۇ. لېكىن، ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئاتا – ئانا، ئۆلىما ۋە ئۇستازلارنىڭ قولىنى سۆيۈشكە قىلغان قىياسى توغرا ۋە كۈچلۈك چىقىدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككىسىدە ئىللەت (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپەت) ئېنىق.

مەكرۇھ ۋە بىدئەت دېگەنلەرنىڭ «ھەجەر ئەسۋەد»نى سۆيۈشكە قىياس قىلىشىمۇ پەرقلىق چىقىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان»بىلەن تاشنىڭ پەرقى بار. «قۇرئان»نى سۆيۈش ئىللىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ ھۆرمەتلەش. ئەمما، تاشنى سۆيۈشنىڭ ئىللىتى بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، بىر تاشنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئىبادەت قىلىپ بېكىتىلىشى ئۈچۈن ئايرىم بىر دەلىل بولۇشى لازىم. قاشتېشىنى سۆيۈش سۈننەت ياكى مۇستەھەب دېيىلىشى ئۈچۈن ياكى ئۇنى سۆيۈش ئىبادەت دېيىلىشى ئۈچۈن ئايرىم بىر دەلىل لازىم. تاۋاپ قىلغاندا «ھەجەر ئەسۋەد»نى سۆيۈش سۈننەت. لېكىن، «قۇرئان»نى سۆيۈشنى مەلۇم بىر ئەھۋالدا سۈننەت دېگەن ئەھۋال يوق. شۇڭا، مەنىسىنى چۈشەنگىلى بولىدىغان ئىبادەتنى مەنىسىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئىبادەتكە قىياس قىلىش توغرا چىقمايدۇ. «قۇرئان»نى ھۆرمەتلەش دىنىمىزدا بار. سۆيۈشمۇ ھۆرمەتلەشكە تەۋە ئىش.

شۇڭا، «قۇرئان»نى سۆيۈشنى ئىبادەت ئەمەس ئادەت دېسە، بۇ كەڭ – كۇشادە مۇباھلىق دائىرىدە قالىدۇ. ئەگەر ئىبادەت دېسە، بۇ «قۇرئان»نى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت ئىبادەتنىڭ بىر شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئومۇم دەلىللەرگە تايانغان مۇستەھەب ئىش بولىدۇ. «قۇرئان»نى سۆيۈش دىلدا سۆيۈش بىلەن زىت كەلمىگەندىن كېيىن، ناۋادا سۆيۈش ئۇنى ھۆرمەتلەش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دېيىلگەن تەقدىردە، ئۇنى بىدئەت دېيىشنىڭ ئورنى قالمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىدە ئېتىبارغا ئېلىنغان ئېنىق سۈپەت (ئىللەت) لەرگە تايانماي ئىككى نەرسىنى باراۋەر ياكى پەرقلىق دەپ قارىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ قىياسى ئورۇنسىزدۇر».(13)

بولۇپمۇ، «ھەجەر ئەسۋەد»نى سۆيۈش جاھىلىيەت ئىبادەتلىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان بىر تەرىپى بار بولغاچقا، ھەزرىتى ئۆمەر «مەن سېنىڭ زىيانمۇ، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان تاش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، ناۋادا مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سېنى سۆيگەنلىگىنى كۆرمىگەن بولسام، سېنى سۆيمەيتتىم» دېگەن. چۈنكى، مەنىسىنى چۈشەنمىسىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش يوللۇق. ئەگەشسە ئاخىرەتتە پايدىسى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاھىلىيەتتە تاشلارغا چوقۇنۇپ، تېخى يېقىنغا قەدەر ئۇنىڭدىن پايدا – زىيان كۈتۈپ كۆنگەن ھەرقايسى ئىقلىملاردىن كەلگەنلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ئۇلارنى قايمۇقۇش ۋە خاتا ئېتىقادتىن قوغداش ۋە ساپ تەۋھىد ئەقىدىسىنى خەلقى ئالەمگە كەڭ يېيىش ئۈچۈن، ھەج مەۋسۇمىدە شۇنداق جاكارلاپ قويغان.(14)

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، «قۇرئان»نى ھۆرمەتلەش دېگەن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنى تەپەككۇر بىلەن تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇش، ئۇنىڭدىكىگە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ. «قۇرئان»نى لەۋلىرى بىلەن سۆيۈش دىلىدىكى سۆيگۈنىڭ بەلگىسى بولسا ئاندىن ماسلىشىدۇ ۋە يارىشىدۇ. ئەمما، ئەمەل قىلماي سۆيۈپ قويۇش شەكىلۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خۇلاسە: «قۇرئان»نى سۆيۈش كەڭ دائىرىدە قويۇۋېتىلگەن جائىز ئىش بولۇپ، ئۈستۈن ئورۇندا قويۇشتەك ھۆرمەت ئىزھار قىلىش نىيىتى بىلەن بولسا مۇستەھەب بولىدۇ. شۇنىڭدەك، «قۇرئان»نى ھۆرمەتلەيدىغان ھەرقانداق ئىش ئالاھىدە بەلگىلەنگەن سۈننەت ئىبادەت ياكى چەكلەنگەن ئىش دەپ قارالمىغان ئىكەن، ياخشى ئىشلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇسۇلمانلار ئارا ئىتتىپاقنى ساقلاش يۈزىسىدىن، توغرا تاپمىغانلارنىڭ سۆيگەنلەرنى، ئېگىزرەك كۆتۈرگەن ياكى ئۈستۈنرەك قويغانلارنى كۆرگىنىدە ئەيىپلىشى توغرا ئەمەس.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 1 – رەجەب / م. 2017، 29 – مارت

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 1 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنۇل مۇبارەك: «ئەلجىھاد»، 1/57؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد: «ئۈسسۈننە»، 1/140.
2. نەۋەۋىي: «ئەتتىبيان في ئادابى ھەمەلەتىل قۇرئان»، 1/98؛ سۇيۇتىي: «ئەلئىتقان»، 2/458؛ زەركەشىي: «ئەلبۇرھان في ئۇلۇمىل قۇرئان»، 1/478؛ ھەيسەمىي: «مەجمەئۇززەۋائىد»، 9/385.
3. قازى شەيخزادە: «مەجمەئۇل ئەنھۇر»، 4/224؛ ھەسكەفىي: «ئەددۇررۇل مۇختار»، 6/384؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلئادابۇششەرئىييە»، 2/273؛ ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 7/34؛ زۇرقانىي: «شەرھۇززۇرقانىي»، 2/408؛ شىرۋانىي/ ئەببادىي: «ھاواشىي ئەششىرۋانىي ۋەلئەببادىي»، 1/155؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 13/133.
4. شەيخ ئىبنى باز: «شەيخ ئىبنى باز پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 9/289.
5. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلئادابۇششەرئىييە»، 2/273؛ بەئلىي: «مۇختەسەرۇل فەتاۋا ئەلمىسرىييە»، 1/265؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 5/115.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1597)؛ «مۇسلىم»، (1270).
7. ھەسكەفىي: «ئەددۇررۇل مۇختار»، 6/384؛ شەيخ ئۇسەيمىن: «فتاوى نور على الدرب»، 2/615؛ شەيخ ئالبانىي: «كيف يجب علينا أن نفسر القرآن»، سؤال رقم 8.
8. نەۋەۋىي: «ئەتتىبيان في ئادابى ھەمەلەتىل قۇرئان»، 1/98؛ زۇرقانىي: «مەناھىلۇل ئىرفان»، 1/284.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2990)؛ «مۇسلىم»، (1869).
10. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (2122 – 2125).
11. «بۇخارىي»، (4986).
12. ئەبۇ ئۇبەيد: «ئەلئەمۋال»، 1/237؛ بەلازۇرىي: «فۇتۇھۇل بۇلدان». 1/27.
13. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 19/288.
14. زۇرقانىي: «شەرھۇززۇرقانىي»، 2/408.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ