(ھ. 1335 – 1416 / م. 1917 – 1996)
مۇھەممەد غەززالىي ئەسسەققا چاغداش ئىسلامىي دەۋەتكە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك ئالىم ۋە پەزىلەتلىك شەيختۇر. ئىسلامنىڭ كاتتا دەۋەتچىلىرىدىن، شۇنداقلا ئىسلاھاتچىلارنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى بولغان شەيخ مۇھەممەد غەززالىي پەقەت ساناقلىق ئالىيجاناب مەشھۇرلاردىلا تېپىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. دەرۋەقە ئۇ راستچىل ئىمانغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە دىنى ۋە ئەقىدىسى ئۈچۈنلا ياشىغان، پۈتۈن ھاياتىنى شۇنىڭغا ئاتىۋەتكەن، قەلىمى بىلەن پىكرىنى ئىسلامنىڭ كۆزلىگەن مەقسەت ۋە نىشانلىرىنى بايان قىلىش، پرىنسىپلىرىنى ئىزاھلاش، بارلىقىنى قوغداش، دۈشمەنلەرگە قارشى ئۇنى مۇداپىئە قىلىشقا ئىشلەتكەن، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان مۇجاھىد دەۋەتچىدۇر.
قارىڭە، مەرھۇم شەيخنىڭ ھەق بارىدىكى جاسارىتى، ئۈممەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە ئۆزىنى دائىما يېڭىلاپ تۇرۇشتىكى ئىلغار قاراشلىرى، شۇنداقلا ئۇ زات تېگى – تەكتىگە يەتكۈزۈپ بايان قىلىۋەتكەن ئەخلاقى، قولايلاشتۇرۇپ سىڭدۈرۈۋەتكەن ساغلام ئەقىدىسى، ئىسلامنى تۈرلۈك يات چۈشەنچىلەردىن قوغداشلىرى، شەرىئەت دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن شەرىئەتنى مۇداپىئە قىلىشلىرى ۋە ئاچچىق بولسىمۇ ھەقنى ئوچۇق – ئاشكارا جاكارلىيالىغانلىقىنىڭ قەدرى قانچىلىك ئۆتۈلمەكتە – ھە!
ئۆسمۈرلۈكى ۋە پىكرىنىڭ يېتىلىش مەنبەسى
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي بۈگۈنكى مىسىرنىڭ بەھىيرە ئۆلكىسىگە تەۋە نىكلا ئىنەب يېزىسىدا ھ. 1335 – يىلى 5 – زۇلھەججە / م. 1917 – يىلى 22 – سېنتەبىردە ئېسىلزادە بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، ئىسلامىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىشكەن. ئۆزىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسمى تەسەۋۋۇف ئەھلىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان ئاتىسىنىڭ چۈشىدە ئىمام ئەبۇھامىد مۇھەممەد غەززالىيدىن (ھ. 450 — 505 / م. 1058 — 1111) ئالغان ئىشارەت ئۈزرە قويۇلغان. گۈدەك مۇھەممەد غەززالىي ئاتىسىنىڭ قولىدا قارىي بولۇپ، ھەدىس شەرىف ئوقۇغان. ئائىلىسىنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىگە كۆچۈشى بىلەن ئەلئەزھەر قارمىقىدىكى ئىسكەندەرىيە باشلانغۇچ مەكتىبىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ھ. 1356 / م. 1937 – يىلى تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەسىنى تاماملىغاندىن كېيىن قاھىرەدىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېگىزلىك دىنىي پەنلەر فاكۇلتېتى (كلية أصول الدين) غا ئوقۇشقا كىرگەن.
قاھىرەدە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ھەسەن ئەلبەننا (ھ. 1324 — 1368 / م. 1906 — 1949) بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئىمام ھەسەن ئەلبەننا ئۇنىڭ بىلىمى ۋە قەلەم قۇۋۋىتىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭدىن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ژۇرنىلى»دا ماقالە يېزىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن فاكۇلتېتنىڭ 3 – يىللىقىدىكى چاغدىلا ئۇنىڭ تۇنجى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭغا «تېتىك ئويلار» نامىدا مەخسۇس بىر باب ئاجرىتىلغان. تاكى ھ. 1360 / م. 1941 – يىلى باكلاۋۇرلۇقنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر ئىمام ھەسەن ئەلبەننا ئۇنى يېزىقچىلىققا قىزىقتۇرۇپ تۇرغان. ئاندىن ئۇ دەۋەت كەسپىنى تاللاپ، ئىزچىل ئوقۇغان ۋە ھ. 1362 / م. 1943 – يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن قاھىرە مەسجىدلىرىدە دەۋەت سەپىرىنى باشلىۋەتكەن.
شەيخ مۇھەممەد غەززالىينىڭ تۇنجى ئەسىرى «ئىسلام ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتلەر / الاسلام والاوضاع الاقتصادية» ھ. 1366 / م. 1947 – يىلى نەشردىن چىقتى. بۇ ئەسىرىدە ئىسلامنىڭ بايلىققا، گۈللىنىشكە ۋە تەبىقىلەر ئارا ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىسادىي ئىدىيەسى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن «ئىسلام ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈلمىلەر / الاسلام والمناهج الاشتراكية» (ھ. 1380 / م. 1960) دېگەن يەنە بىر كىتابىنى يېزىپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھات مەيدانىدا دەسلەپكى ئەسىرىنى تولۇقلىغان بولدى. بۇ ئەسەردە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، بايلىقنى توغرا تەقسىملەش، شەخسنىڭ ئۈممەت ئىچىدىكى ئورنى ۋە ئۈممەتنىڭ شەخسكە قارىتا مەسئۇلىيىتى قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئىزاھلىغان. بۇ ئەسەرگە ئۇلاپلا ئالىمنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرى «كوممۇنىستلار بىلەن كاپىتالىستلار قارىلاۋاتقان ئىسلام / الاسلام المفترى عليه بين الشيوعيين والرأسماليين» (ھ. 1369 / م. 1950) نەشر قىلىندى .(«تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە بۇ كېيىنكى ئىككى ئەسەرنىڭ تەرتىبى باشقىچە)
مەزكۇر ئۈچ ئەسەر شەيخنىڭ دەۋەت ۋە ئىسلام ئىدىئولوگىيەسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ساھەلەردە خېلى بۇرۇنلا قەلەم تەۋرىتىشكە تۇتۇش قىلغانلىقىنى، بۇرۇن ھېچكىم دەسسەپ باقمىغان بىر يولغا قەدەم قويغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن زور كۆپچىلىك ۋەزخان ۋە يېتەكچىلەر دىققىتىنى بىدئەت ۋە يامان ئىشلارغا قارشى تۇرۇشقىلا قارىتىپ كەلگەنىدى(1).
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي دەۋەت مەيدانىدا راستچىل، ئىخلاسمەن، پاساھەت تىل ۋە ناتىقلىقى بىلەن نام چىقىرىپ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئەنە شۇ كۈنلەردە، 1948 – يىلى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى» تارقىتىۋېتىش، مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، ئەزالارنى تەقىپكە ئېلىش ۋە تۇتۇش، قىيناشتەك قارا قۇيۇنغا دۇچار بولۇپ، نۇرغۇن كىشى تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. جامائەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ھەسەن ئەلبەننا رەھىمەھۇللاھنىڭ سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئەھۋال ئېغىرلاشتى. شەيخ مۇھەممەد غەززالىيمۇ قاتتىق قوللۇق ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلاردىن بولۇپ، نۇرغۇن قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە «تۇر» تۈرمىسىگە قامالدى. بىر يىلدىن كېيىن، 1949 – يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، دەۋەت خىزمىتىنى تېخىمۇ قىزغىن، ئىسلامنى قوغداش ۋە ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلىشنى تېخىمۇ مەزمۇت داۋاملاشتۇردى.
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي گەرچە كۆزقاراش جەھەتتە پەرقلىق بولغان تەقدىردىمۇ پەزىلەتلىك زاتلارنى دائىما ئەردەم – پەزىلەتلىرى بىلەن ئەسلەپ تۇراتتى. ئۇستازلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن پەزل – مەرھەمەتلىرىنى ۋە ئۇلاردىن ئالغان تەسىراتىنى كۆپ تىلغا ئالاتتى. مەسىلەن، ئۇ ئىمام ھەسەن ئەلبەننا رەھىمەھۇللاھ ھەققىدە: «پەزىلەتنى ئىگىسىگە مەنسۇب قىلىش يۈزىدىن ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئىمام ھەسەن ئەلبەننانىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەلىم ئالغان، ئۇنىڭ ئەدەب – ئەخلاقى تەسىرىدە نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلغان، كۆرسەتمىلىرى بىلەن رۇسلانغان، سەزگۈرلۈكى ۋە قاراشلىرىدىن نەپ ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىدۇرمەن» دەيتتى.
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي يەنە رەھىمدىللىكى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئەمما، قېرىشقاقلىقنى كۆرسە ئاچچىقلاپ قالاتتى. بۇ مىجەزى بەلكىم نۇرغۇن كىشىنى رەنجىتكەن بولسا كېرەك. دەرۋەقە، ئۇ قەلەم تەۋرەتكەن كۆپىنچە تېمىلار باشقىلار ئاللىبۇرۇن دەپ بولغان قاراشلار بولسىمۇ، بىراق ئىسلامنى قوغداش روھى ۋە ئىسلامنى نامۇۋاپىق شەكىلدە كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىشى ئۇنى بەزىدە چەكتىن ئېشىپ كېتىدىغان قىلىپ قويغان. بۇ ۋەجدىن، ئۇ بەزى قاراشلارنى «قاراقورساق فىقھى» ياكى «بەدەۋىيلەرچە ئادەت» دەپ سۈپەتلىسە، يەنە بەزىلىرىنى غەپلەت، ھاماقەت، بىغەرەزلىك ۋە باشقا سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىگەن.
شۇنداقلا شەيخ غەززالىي ئاسان يىغلايدىغان ئادەم ئىدى، مەسىلەن ئۇ قاچانكى كىتابۇللاھتىن ئۆز ھايات يولىغا تەسىر قىلغان بىرەر ئايەتنى ئوقۇسا ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشنى رەتكە سالىدىغان بىرەر ھەدىسىنى ئوقۇسا ۋەياكى ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۇلۇغلايدىغان بىرەر بېيىت شېئىر ئوقۇسا، خار بولۇپ كېتىۋاتقان ئىسلام مەدەنىيىتىگە ھەسرەتلىنىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالاتتى.
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىنى قەدىرلەيتتى، پايدىلىق كۆرگەن ھەرقانداق قاراشتىن پايدىلىناتتى. بىلىمسىز، دىننى چۈشەنمەيدىغان بىرەرسى قايسىبىر ئىمامغا تىل ئۇزىتىپ قالسا جۇدۇنى تۇتاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆلىمالارغا ھۆرمەتسىزلىك مەدەنىيىتىمىزنىڭ بوھرانغا پېتىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئۆزگە تائىپىلەرنىڭ قۇرۇق نەزەرىيەچىلەرنى ھۆرمەتلەشلىرىنى ئۆرنەك كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «نېمە ئۈچۈن بىزلەركىم ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ خاجەلىرى بولمىش ئۆلىمالىرىمىزنى ھۆرمەتلىمەيمىز» دەپ ئەجەبلىنەتتى.
گەرچە بەزى ئالىملار بىلەن ئايرىم مەسىلىلەردە پەرقلىق قاراشتا بولسىمۇ، ھەممە ئىمامنى ئۆز لايىقىدا ئىززەت – ھۆرمەت قىلاتتى. مەسىلەن، ئۇ مۇنداق دەيتتى: «گەرچە مەن گاھىدا ھەنەفىي فىقھىسىگە مايىل بولساممۇ، يەنە ئۆز ئىلمى ھەققىدە: ‹كاشكى بۇ ئىلىم كىشىلەر ئىگىسىنى بىلمەستىن تارقالغان بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلدىم› دېگەن شافىئىي (رەھىمەھۇللاھ) غا قەلبىم ۋە ھەيرانلىقىم بىلەن قايىلمەن. كاشكى، بىزگىمۇ مۇشۇ ئىخلاس ئاتا قىلىنغان بولسا! ئاشۇ چوڭ ئىماملار ھەممىمىزنىڭ ئۇستازلىرى بولۇشقا لايىقتۇر. توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن ئىلمىي تەتقىقات دېگەن ئۆلىمالارغا قارىتا ئېھتىرامىمىزنى كېمەيتىپ قويماسلىقى كېرەك».
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي پەقەت پاك شەرىئەت ئىماملىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ساھەسىدە چوققىغا چىققان ھەربىر ئالىمنى ھۆرمەتلەپ قەدىرلەيتتى. بۇ ھەرگىزمۇ مۇتلەق مۇئەييەنلەشتۈرش ئەمەس، ئەلبەتتە. ئۇ بىرەر ئالىمنىڭ پىكرىنى مۇھاكىمە نامى ئاستىدا ھەققىگە قارا سانىمايتتى. مەسىلەن، ئۇ ئېيتىدۇ: «مەن ياخشى كۆرىدىغان بىر ژۇرنالدا ئىسلاھاتچى، قەلىمى سېتىلمىغان ئەدىب ئابدۇرراھمان كەۋاكىبىينى زاڭلىق قىلغان ۋە يەنە يېڭى ئىسلام گۈللىنىشى بەرپاچىلىرىدىن ئىككى كىشىنى پاسىققا چىقارغان مەزمۇننى ئوقۇپ قالدىم. ھالبۇكى، مەن «مەنار ژۇرنىلى» ۋە ئۇنىڭ ساھىبى مۇھەممەد رەشىد رىزانىڭ، شۇنداقلا ئۇنىڭ شەيخى مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىمەن. مەن مۇتەنەببىينىڭ پۇل – مالنى بېخىللىق دەرىجىسىدە سۆيىدىغان، ئەمەلنى ساراڭلارچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرىمەن، يۇقىرى باھالايمەن ۋە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇم كېلىدۇ. ئۇ ئەرەب شائىرلىرىنىڭ پىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ چوققىدىكىلىرىدىن بىرىدۇر، ئەلبەتتە. مەن ھەرگىزمۇ بىر تالانت ئىگىسىنىڭ قابىلىيىتىنى بىرەر ئەيىب بىلەن يوق قىلىۋەتمەيمەن. كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەدەبىي ۋە دىنىي تارىخىمىزنى بۇرمىلاپ بېرىدىكەنمەن؟! كىم ئۈچۈن ئىسلام خىزمىتىدە ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىشتە بەلگىلىك كۈرەشلىرى بولغان ئۆلىمالارنى تىللاپ بېرىدىكەنمەن؟! ئەگەر ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەردەك ئىككى ئۇستازنىڭ تارىخىنى ئاشقۇن شىئەلەرنىڭ ئاغزىدىن، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ تارىخىنى خاۋارىجلارنىڭ ئاغزىدىن، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ تارىخىنى ئىجتىھادنى تونۇمايدىغانلارنىڭ ئاغزىدىن، ئىبنى تەيمىييەنىڭ تارىخىنى ئىبنى بەتتۇتە، ئىبنى پالانىلارنىڭ ئاغزىدىن، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ تارىخىنى تۈركلەرنىڭ ئاغزىدىن ئالىدىغان بولساڭ، چوڭلىرىمىزدىن كىم ساق قالىدۇ؟».
شۇنىڭدەك، شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ياشىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتلەر ئۇنىڭ ھەم سۆز، ھەم قەلەم بىلەن جىھاد قىلىشىنى ۋە يەنە باشقا قىلىش مۇمكىن بولغان جىھاد تۈرلىرى بىلەن جىھاد قىلىشىنى تەقەززا قىلاتتى. چۈنكى، ئۇ خەلقلەرنى ئۆز ئۈستىدىكى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا، ۋەتەنلىرىنى بۇزۇقچىلىقتىن تازىلاشقا، تارتىۋېلىنغان ۋەتەننى قوغداشقا ھەرىكەتلەندۈرەتتى. ئەرەب دۇنياسى تەختىدە، بولۇپمۇ مىسىر تەختىدە ئولتۇرغان ھۆكۈمدارلارغا قارىتا كۆزقارىشى يا مادارا قىلمايدىغان، يا ياغلىمىچىلىق قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، ھەربىر ھۆكۈمدارنى ئۆز لايىقىدا ماختايتتى يا سۆكەتتى.
كوممۇنىزمنى مۇسۇلمانلار ھاياتىدىن يوقىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كوممۇنىست تۈزۈمگە قارشى جىھاد قىلغان ئالىم ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن كۈنلەردە «قىزىل باسقۇنغا تاقابىل تۇرغان ئىسلام / الإسلام فى وجه الزحف الأحمر» دېگەن ئەسەرىنى يازدى. شەيخ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بېشىمغا كەلگەن ئېغىر بىر سىناقنى سۆزلەپ بېرەي. مەن ‹ئىسلام ۋە قىزىل باسقۇن› دېگەن ئەسەرىمنى كوممۇنىزمنىڭ ئاۋازى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ھۆكۈمدارمۇ ئۇنى قوللاپ تۇرۇۋاتقان ئىنتايىن قىيىن كۈنلەردە يازدىم. ئۇ كۈنلەردە كوممۇنىزمغا قاپىقىنى تۈرۈشنىڭ ئۆزىلا ئۆيىنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا، تۈرمىگە يول ئېلىشقا يېتەرلىك ئىدى. يىراق بىر مەتبەئەگە بېرىشتىن ئاۋۋال قولۇمدىكى كىتابنىڭ سەھىپىلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ: ‹بەلكىم ئۆلۈمۈم مۇشۇ كىتابتا بولۇپ قالار› دېدىم. لېكىن، كۆڭلۈم ماڭا: ‹دىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، سەن ھايات قالساڭ، بۇ ھايات نېمىدېگەن يامان!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بولغىنى بولار، دەپ كىتابنى باستۇرۇۋەردىم».
جامال ئابدۇنناسىر (1918 — 1970) جۇمھۇر رەئىسلىكىدە (1958 — 1970) مىسىر ئاساسىي قانۇنىدىن مىسىرنىڭ ئىسلام دۆلىتى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ماددىنى ئېلىۋەتمەكچى بولغىنىدا، شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ۋە شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ئىككىيلەن (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) بۇ بۇزغۇنچىلىققا قارشى ھۆركىرىگەن ئىككى ئارسلان كەبى مەزمۇت تۇرغان. نەتىجىدە ئىككىيلەننىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ، «مىسىر ئىسلام دۆلىتى» دەپ يېزىلغان.
ئەنۋەر سادات (1918 — 1981) زامانىدىمۇ (1970 — 1981) شۇنداق بولغان. ئەنۋەر سادات ئائىلە ھەق – تەلەپ قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، كۆپ نىكاھلىق تۈزۈمنى چەكلىمەكچى بولغىنىدا، شەيخىمىز بۇ پىلاننى ئەيىبلەپ خۇتبە سۆزلىگەن، كەڭ خەلق ئاممىسىمۇ بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. نەتىجىدە خەلق ئاممىسىنىڭ دېگىنى بولغان(2).
ئىسلام خىزمىتىدە قوشقان تۆھپىلىرى
شەيخ غەززالىينىڭ يازمىلىرىغا باشتىن – ئاياغ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ «ئىسلاھات ئۇسۇلى» ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان، دەۋەت ئۇسۇلىغا ئۇل بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئاساسلارنى سۆزلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ ئاساسلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈش ۋە نېگىزلىك ئۇقۇملارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. شەيخ بۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىبادەت ۋە پەرزلەرنى بىراقلا بايان قىلىۋەتمەي، ۋاقتىغا رىئايە قىلىپ بىر – بىرلەپ پەرز قىلغانلىقى، ئاندىن ھەربىر پەرزدىمۇ تەدرىجىيلىك بولغانلىقىنى، دەل ئەكسىچە ھارام قىلىنغان ئىشلاردىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولغانلىقىنى دەلىل قىلغان.
پەيغەمبەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىمۇ، دەۋەت ئۇسۇلىدىمۇ بۇ ئىش بەكلا ئېنىق بولغان. دەرۋەقە ھەممىگە مەلۇمكى، پەيغەمبىرىمىز مەككەدە ساھابەلىرىنى ئۇل ۋە نېگىزلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە تەربىيەلەپ، 13 يىل تۇرغان. «قۇرئان» يېڭى شەكىللەنگەن مۇسۇلمان جامائەتنى ئاللاھقا، ئاخىرەتكە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا، پەيغەمبەرلەرگە، ئەخلاق ۋە يۈرۈش – تۇرۇش قائىدىلىرىگە، شۇنداقلا مۇئامىلە پرىنسىپلىرىغا يۈزلەندۈرۈپ پەيغەمبەرگە چۈشۈپ تۇردى. بۇ سەۋەبتىن، بىز شەيخنىڭ «سىيرەتنى چۈشىنىش / فقە السيرة» ناملىق ئەسەرىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى دەۋىتىنى «خالايىقنى نېمىگە چاقىرىدۇ؟» دېگەن باب ئاستىدا يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېگەنلىكىنى كۆرىمىز: «مەككەدە نازىل بولغان قۇرئان سۈرىلىرى ئەقىدىلەرنى ۋە ئاللاھ بەندىلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبىرىگە ئىجرا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلىغان ئەمەللەرنى بايان قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ بېشىدا تۆۋەندىكىلەر كېلىدۇ:
1. مۇتلەق يەككە – يېگانىلىك؛
2. ئاخىرەت كۈنى؛
3. روھنى ساغلاملاشتۇرۇش؛
4. مۇسۇلمان جامائەتنى قېرىنداشلىق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قوغداش».
كىچىك ئىشلارنى يوغىناتماسلىق، چوڭ ئىشلارغا سەل قارىماسلىق شەيخ غەززالىينىڭ دەۋەت ئۇسۇلىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم ئۇل ئاساسىدۇر. چۈنكى، ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق مېتودى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ، كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ﴿ئەنە شۇنداق بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۈممەت قىلدۇق﴾(2/«بەقەرە»: 143).
شۇڭا، شەيخ مۇسۇلمانلارئارا بىرەر تەپرىقىچىلىكنى ئاڭلاپ قالسا، قاتتىق ئاچچىقلىناتتى. جەمئىيەتتە ئاشقۇنلۇق ياكى ياسالما تەقۋالىق قىلىپ، ئىسلامنىڭ مەقسەت – نىشانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا قاراپ ماڭغان بىرەر ئېقىمنى ئاڭلاپ قالسا چىرايى ئۆڭۈپ كېتەتتى. دېمەك، ئۇنىڭ نەزەرىدە كىچىك ئىشلارمۇ، چوڭ ئىشلارمۇ بىردەك ئۆز ئورنىدا تۇراتتى.
چاغداش ئىسلام دەۋىتىگە تەگكەن ھالاكەتلىك كېسەللەر نۇرغۇن بولۇپ، بۇ كېسەللەر بەزى كۆرسەتمىلەرنى بورداپ كۆپتۈرۈپ، يەنە بەزىلىرىنى قورۇپ قاق قىلىپ، ئادەتنى ئىبادەتكە، نەفلەنى پەرزگە، پوستلاقنى مېغىزغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. نەتىجىدە بۇنىڭغا چارە قىلىش قىيىن بولۇپ، دەۋەت ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.
كاتتا دەۋەتچىمىز غەززالىيمۇ مۇشۇ تەرىقىدىكى چۈشىنىشنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ھەسرەتلەنگەن.
شەيخ غەززالىي كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، سوئال سورىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتۇشقا ئاتايىن كۈچەپ، بۇنى دەۋەت ئۇسۇلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئاساسى قىلغان. بۇ ۋەجدىن، دەۋەتچىنىڭ ئىسلامىيەت ئېغىر كۈلپەتلەرگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە خالايىقتىن ئۆزىنى تارتىۋېلىشىنى ئېغىر جىنايەت ۋە چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانايتتى ھەمدە «بۇ جەڭدىن قېچىش ۋە جىھادتىن ئارقىغا يېنىۋېلىشتۇر» دەپ قارايتتى(3).
ئۇنىڭ ئۈستىگە شەيخ جېدەل – ماجىرا، كەسكىن تالاش – تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، جېدەل – ماجىرا دەل ئازغۇنلۇقنىڭ جۈپتىدۇر. ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن ئازغان بىر قەۋم چوقۇم جېدەل – ماجىراغا مۇپتىلا بولغان بولىدۇ. شەيخ يەنە: «ئوڭ – سولدىن تالىنىۋاتقان، چىلبۆرىلەر ھەر تەرەپتىن چىشلەپ تارتىۋاتقان بىر ئۈممەتنىڭ ئۆزىنى جېدەل – ماجىرا، ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر ۋە كەسكىن تالاش – تارتىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىشى جائىز ئەمەس» دەپ قارايتتى. «مەنار ژۇرنىلى»نىڭ ساھىبىنىڭ ئالتۇن قائىدىسى — «ئىتتىپاقلىقتا ھەمكارلىشىپ، ئىختىلاپتا ئۆزئارا ئەيىبلەشمەيمىز» بولۇپ، دەرۋەقە ئۈممەتنىڭ ھالى بىز كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقاندەك ئېغىر بولغىنىدا، ئۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىش تېخىمۇ لازىم ۋە تېخىمۇ ۋاجىبتۇر.
ئاخىرىدا، ئاياللار مەسىلىسى شەيخ غەززالىينىڭ پىكىر خەرىتىسىدە كەڭرى بىر كۆلەمنى ئىگىلەيتتى. ھەتتا ئۇ «يەرلىك ئۆرپلەر ۋە كەلگۈندى ئادەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئاياللار مەسىلىلىرى / قضايا المرأة بين التقاليد الراكدة والوافدة» ئاتلىق مەخسۇس بىر كىتاب يازغان. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. چۈنكى، ئەڭ دەسلەپ ئىمان ئېيتقانمۇ، ئىسلامدىكى تۇنجى شەھىدمۇ ئايال ئىدى. ئاياللار چوڭ ئەقەبە بەيئەتىگە قاتناشقان، پەيغەمبەرنى تۈرلۈك جەڭلىرىدە ئىپتىخارلانغۇدەك ھالدا قوغدىغان، قۇرۇقلۇقتىمۇ، دېڭىزدىمۇ قەھرىمانلارچە ئۇرۇشقان.
شەيخنىڭ نەزەرىدە ئاياللارغا سىلىق – سىپايە، مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كامىل، ئەردەم – پەزىلەتكە تويغان ئەركەكلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇ سىلىق مۇئامىلە مەيلى ئۆز، مەيلى يات، خاھ چوڭ، خاھ كىچىك بارچە ئايال زاتى لايىق ئەدەب – ئەخلاقتۇر. ئىنساننىڭ تۇغما ساپ تەبىئىتى بۇلغىنىپ كەتمىگەنلا بولسا، بۇنداق ئالىيجاناب مۇئامىلىنىڭ يوقاپ كېتىشى ناتايىن.
شەيخنىڭ نەزەرىدە ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاشلا مۇكەللەپتۇر. ئىسلامنىڭ ئۇل – ئەركانلىرى، ئىسلام ئۈممىتى ئادا قىلىشتىن خۇرسەن بولىدىغان ھەرقانداق بىر ئەمەل مۇسۇلمان ئەرگە ئوخشاشلا مۇسۇلمان ئايالغىمۇ چوقۇم يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئاياللار پەقەت ساناقلىق ئىشلاردىلا مۇستەسنا قىلىنغان بولۇپ، بۇ شەرئىي مەجبۇرىيەتلەردىكى باراۋەرلىكنىڭ ئۇلىنى يىقىتىۋېتەلمەيدۇ(4).
ئەسەرلىرى
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ئىسلام كۇتۇبخانىسىنى بېيىتقان. بىز تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بۇ ئەسەرلەر ئاسىيلارنى توغرا يولغا باشلاپ تۇرىدىغان ھىدايەت ماياكى بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۆز دىنىنى توغرا چۈشىنىش، دىنىنىڭ شەرەفىنى ئۈستۈن قىلىش مەقسىتىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشى ئۈچۈن، دەۋەتچىلەرگە، ئىسلاھاتچىلارغا يولنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. بۇ ئەسەرلەردىن تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى:
1. من هنا نعلم / مانا بۇ يەردىن بىلىۋالالايمىز؛
2. تأملات في الدين والحياة / دىن ۋە ھايات توغرىسىدا ئويلار؛
3. خلق المسلم / مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى؛
4. عقيدة المسلم / مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسى؛
5. فقه السيرة / سىيرەتنى چۈشىنىش ؛
6. في موكب الدعاة / دەۋەتچىلەر توپىدا؛
7. جدد حياتك / ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ؛
8. ليس من الإسلام / ئىسلامدىن ئەمەس؛
9. الاستعمار أحقاد وأطماع / جاھانگىرلىك ئۆچمەنلىك ۋە ئاچكۆزلۈك؛
10. نظرات في القرآن / «قۇرئان»غا نەزەر؛
11. كفاح دين / بىر دىننىڭ كۈرىشى؛
12. هذا ديننا / مانا بۇ بىزنىڭ دىنىمىز؛
13. الجانب العاطفي من الإسلام / ئىسلامنىڭ ھېسسىياتچانلىق تەرىپى؛
14. قذائف الحق / ھەق ئوقلىرى؛
15. الدعوة الإسلامية تستقبل قرنها الخامس عشر / ئىسلام دەۋىتى 15 – ئەسرىنى كۈتۈۋالماقتا؛
16. فن الذكر والدعاء عند خاتم الأنبياء / تۈگەنچى پەيغەمبەرنىڭ زىكىر ۋە دۇئا سەنئىتى؛
17. دستور الوحدة الثقافية بين المسلمين / مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈلتۈر بىرلىكى دەستۇرى؛
18. هموم داعية / بىر دەۋەتچىنىڭ غەملىرى؛
19. الطريق من هنا / يول بۇ يەردىن؛
20. الحق المر / ئاچچىق ھەقىقەت؛
21. المحاور الخمسة للقرآن الكريم / «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەش ئوقى؛
22. كيف نتعامل مع القرآن الكريم / «قۇرئان كەرىم»گە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟؛
23. صيحة تحذير من دعاة التنصير / مىسسىيونېرلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش چۇقانلىرى؛
24. نحو تفسير موضوعي للقرآن الكريم / «قۇرئان كەرىم»نىڭ تېمىلارغا ئايرىلغان تەفسىرى ھەققىدە؛
25. كنوز من السنة / سۈننەتتىن خەزىنىلەر؛
26. الإسلام والاستبداد السياسي/ ئىسلام ۋە سىياسىي ئىستىبدات؛
27. مستقبل الإسلام خارج أرضه/ ئىسلامنىڭ ئۆز زېمىنى سىرتىدىكى كېلەچىكى؛
چاغداش ئالىملار نەزەرىدىكى شەيخ غەززالىي
دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ھەققىدە يازغان كىتابىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «دەرۋەقە، بۇ تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ روبرومىزدا تۇرغان زات كاتتا مۇتەپەككۇر ۋە زەبەردەست يېتەكچى، پىكىر ئىشلەپچىقارغۇچى، دەۋەتخان ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقۇچى يېتۈك ئىمام، ھەتتا بەجايىكى دەۋەت، ئىسلاھات ۋە ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا مۇكەممەل بىر مەدرەسەدۇر»(5).
دوكتور ئابدۇسەبۇر شاھىن شەيخ غەززالىينىڭ خۇتبىلىرىگە تەقرىز يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: «دەرھەقىقەت، مۇقاۋىسىغا ئۇستاز غەززالىينىڭ ئىسمى يېزىلغان كىتاب تەقرىزگە ھاجەتسىز. شۇنداق قارايمەنكى، شەيخ غەززالىيغا نەسىپ بولغان كۆككە تاقىشىپ تۇرغان ئۇشبۇ ئىلىم تاجى يېتەرلىك. پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئىسلام ۋە ئىسلام دەۋىتى ھەققىدە يازغان ئونلىغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقتى. ھېچبىر زاماندىشىدىن ئالمىغان ئىلىمنى ئۇنىڭدىن ئالدى. ھەتتاكى، دەۋەت ساھەسىدە مۇشۇ ئەسرىمىزنى ئۇستاز غەززالىي ئەسرى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ».
ئەمما، مۇتەپەككۇر دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە بولسا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىسلامىي پىكىر پېشۋالىرىدىن ئوتتۇزدىن كۆپ ئالىمنىڭ پىكرىي مىراسىنى تەتقىق قىلغان، ئۇلار ھەققىدە ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى يازغان كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، شەيخ غەززالىيغا قارىغىنىمدا ئالدىمدا پەقەتلا ئالاھىدە بىر دەۋەتچى ياكى چوڭ ئۇستازلار تەبىقىسىدىن بىر ئالىم، ياكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان مول ھوسۇللۇق بىر مۇئەللىف، ياكى كۆپ قىرلىق بىر مۇتەپەككۇر ۋەياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئىسلامىي پىكرىنى يېڭىلاشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلار قاتارىدىن بىر زاتنىلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە قوشۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق سالاھىيەتكە ئىگە بىر زاتنى كۆردۈم»(6).
ۋاپاتى
ھ. 1416 – يىلى 20 – شەۋۋال / م. 1996 – يىلى 9 – مارت كۈنى چوڭ ئالىم مۇھەممەد غەززالىي سەئۇدى ئەرەبىستاندا ۋاپات بولدى. شۇ ئەسنادا ئۇ «ئىسلام ۋە دەۋر خىرىسلىرى قۇرۇلتىيى»غا قاتنىشىۋاتاتتى، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى لەھزىلىرىدىمۇ ئاللاھقا دەۋەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلامنى ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرگەن ھالدا قوغداۋاتاتتى. ئۇ بىر ئۆمۈر ئارزۇ قىلغان ۋە بۇ ئارزۇسىنى نۇرغۇن قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە سۆيۈملۈك پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ساھابە كىراملىرى قېشىغا، بەقىئ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
مەنبە: محمد الغزالي.. الداعية المجاهد
https://en.islamstory.com/ar/artical/33738
تەرجىمىدە: مۇھەددىس
1. ئەھمەد تەممام: «ئەلغەززالىي… پاساھەتلىك دەۋەت سەركەردىسى» ئىسلام ئونلاين.
2. مەسئۇد سەبرىي: «ئەلغەززالىي — يۇمشاق دىل، ھەقنى سۆزلەيدىغان راۋان تىل» ئىسلام ئونلاين.
3. مۇھەممەد غەززالىي: «ئاچچىق ھەقىقەت»، تۇراس نەشرىياتى، 118 – بەت.
4. ۋەسفى ئاشۇر ئەبۇ زەيد: «ئەلغەززالىينىڭ دەۋەت ئۇسۇلىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى»، ئىسلام ئونلاين.
5. «مەن بىلگەن شەيخ غەززالىي، يېرىم ئەسىرلىك سەپەر»، شۇرۇق نەشرىياتى، 1 – باسمىسى، 259 – بەت.
6. شەيخ مۇھەممەد ئەلغەززالى: «پىكرى مەۋقە ۋە پىكرى جەڭلەر»، ھەيئە مىسرىييە ئاممە نەشرى، 1992 – يىل، 24 – بەت.

