ئاياللارنىڭ بىگىز بارماققا ئۈزۈك سېلىشىنىڭ ھۆكمى

ئاياللارنىڭ بىگىز بارماققا ئۈزۈك سېلىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىگىز ۋە چىمچىلاق بارمىقىمغا ئۈزۈك سېلىشنى ياقتۇرىمەن، بەزى قېرىنداشلىرىم بۇنىڭ ھاراملىقىنى ھەدىستە كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشتى، ئەمما ئۇستازىمدىن سورىسام ئاياللارغا دېيىلمىگەن دېدى، توغرىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەدىستە ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ماۋۇ بارمىقىمغا ياكى ماۋۇنىڭغا ئۈزۈك سېلىشىمدىن توسقان» دەپ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بارمىقىغا ئىشارەت قىلغان.(1)

بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايەتىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى قاسسىي دۇردۇنى،(2) يىپەك بىلەن قاپلانغان قىزىل كۆرپىلەرنى ئىشلىتىشتىن، ۋە يەنە ئۈزۈكۈمنى ماۋۇنىڭغا ۋە ماۋۇنىڭغا سېلىشتىن توسقان» دەپ ئوتتۇرا بارماق بىلەن بىگىز بارماققا ئىشارەت قىلغان.(3)

دېمەك، «مۇسلىم»دىكى: «ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بارمىقىغا»دىن مەقسەت: ئوتتۇرا بارماق بىلەن بىگىز بارماق ئىكەنلىكىنى تىرمىزىي رىۋايەتى ئېنىق ئىپادىلىگەن.

ئىمام نەۋەۋىي: «بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈكنى ئوتتۇرا بارماق بىلەن بىگىز بارماققا سېلىشى مەكرۇھ بولىدۇ. بۇ مەكرۇھلۇق تەنزىيھىي مەكرۇھلۇقتۇر» دېگەن.(4)

بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، ئىمام نەۋەۋىي شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىمام تىرمىزىي ئەرلەرنىڭ بۇ ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشىنىڭ ھۆكمىنى مەكرۇھ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋىي بۇ مەكرۇھلۇقنى تەنزىيھىي دەپ يەڭگىل قىلغان.

ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ چەكلىمىنى ھاراملىققا ئېلىپ بارغان.(5)

بۇ ھەدىستىكى چەكلەشنى ھاراملىققا ئاپارماي مەكرۇھلۇققا ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، قايسى بارماققا ئۈزۈك سېلىش ياكى سالماسلىق ئەدەب – يوسۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردۇر. ئالىملارنىڭ دېيىشىچە: «ئىبادەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئىشلاردا بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ، توسۇش ھاراملىقنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەب – يوسۇن كۆزلەنگەن ئىشلاردا بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى ئەمەس، يول كۆرسىتىشنى بىلدۈرىدۇ، توسۇش ھاراملىقنى ئەمەس مەكرۇھلۇقنى بىلدۈرىدۇ. پەقەتلا ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدىغان بىرەر دەلىل بولسا ئاندىن ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ».

قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇسۇلفىقھ ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىبادەت بىلەن ئەدەبنى ئايرىش كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدۇر.

ئەمدى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۈزۈكنى ئوتتۇرا بارماق بىلەن بىگىز بارماققا سېلىش مەكرۇھ بولىدۇ، دەپ قارىساق، بۇ ھۆكۈم ئاياللارغىمۇ ئوخشاشمۇ ياكى پەرقلىنەمدۇ؟

بەزى ئالىملار: بۇنىڭدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشاش دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، پەرق بار، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا بارماق بىلەن بىگىز بارماققا ئۈزۈك سېلىشى چەكلەنمەيدۇ، دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈك. چۈنكى، چەكلىگەن مەزكۇر ھەدىستە: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مېنى» دېگەچكە بۇ ئەرلەرگىلا قارىتىلغان بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك، ئاياللار ئادەتتە زىننەتلىنىشكە ئېھتىياجى بولغاچقا، ئۇلارغا بۇ جەھەتتىن كەڭچىلىك بار، بۇ تەرەپتىن ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرمىزىي رىۋايەتىدە ئۈزۈكنى ئاشۇ ئىككى بارماققا سېلىشنى دۇردۇن، يىپەك بىلەن قاپلانغان قىزىل كۆرپىلەرنى ئىشلىتىش بىلەن بىر قاتاردا توسقان. يىپەك، دۇردۇنلار بولسا ئاياللارغا چەكلەنمەيدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەكرۇھلىقى ئەرلەرگە خاس دېيىشكە بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي: «ئايال كىشى ھەممە بارماقلىرىغا ئۈزۈك سالسا بولىدۇ» دېگەن.(6)

«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە مۇنداق كەلگەن: «كۈچلۈك قاراشتا ئۈزۈكنى نامسىز بارماق بىلەن باش بارماققا سېلىش ھاراملىق ياكى مەكرۇھلۇقنى بىلدۈرىدىغان بىر دەلىل كەلمىگەچكە ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھالىتىدە قېلىپ مەكرۇھ بولمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت گەپ – سۆز قىلمىغان ئىشلار مۇباھ دائىرىسىدىكى ئىشلاردۇر».(7)

بۇ يەردىكى نامسىز بارماق بىلەن باش بارماققا سېلىشنىڭ مەكرۇھ بولماسلىقى ئەرلەر بىلەن ئاياللارغا ئوخشاش.

ئەمما، ئەرلەر ئادەتتە كۈمۈش ئۈزۈكنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالغاندەك ئوڭ ياكى سول قولىنىڭ چىمچىلاق ياكى نامسىز بارمىقىغا سالىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردىن ئۈزۈك سېلىشى ھارام بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 18 – شەۋۋال / م. 2011، 16 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 193 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————-
1. «مۇسلىم»، (2078).
2. قاسسىي دۇردۇنى – ئۆز ۋاقتىدا مىسىرنىڭ قاس دېگەن يېرىدىن كېلىدىغان بىر خىل يىپەك رەخت.
3. تىرمىزىي بۇ ھەدىسنى «ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەكرۇھلىقى» دېگەن بابتا 1786 – نومۇر بىلەن رىۋايەت قىلىپ: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «ماۋۇنىڭغا ياكى ماۋۇنىڭغا» دېگەن ئىبارە بىلەن «سەھىھ» دېگەن.
4. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 14/71.
5. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 4/50.
6. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 14/71.
7. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 11/27.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ