سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھازىر بازارلاردا ئەرلەرنىڭ قىزىل مايكىلىرى بەك كۆپ، كىيىدىغانلارمۇ خېلى بار. مەن «ئەرلەرنىڭ قىزىل كىيىم كىيىشى مەكرۇھ تەنزىيھىي» دەپ ئاڭلىغان. يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزىل تون كىيگەنلىكى توغرىسىدىمۇ ھەدىس بار ئىكەن. مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم ئەرلەر قىزىل كىيىم كىيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئىنسانغا پەقەت تۆۋەندىكى كىيىملەرنى كىيىش چەكلىنىدۇ:
1 – ئەرلەر ئاياللارغا، ئاياللار ئەرلەرگە ياكى ھەر ئىككى جىنستىكىلەر كافىرلارغا ئوخشىۋالىدىغان كىيىملەر.
2 – ئەرلەر ئۈچۈن يىپەك كىيىم.
3 – نېپىز ياكى تار كىيىم.
4 – شۆھرەتكە سەۋەب بولىدىغان ئادەتتە ھېچكىم كىيىپ باقمايدىغان كىيىم.
5 – تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىدىغان كىيىملەر.
رەڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالىملار ئاق ياكى يېشىل كىيىمنى «مۇستەھەب» دەپ قارايدۇ. قىزىل بىلەن باشقا رەڭ ئارىلاشقان كىيىمنى ھەممەيلەن چەكلىمەيدۇ. بىراق، باشقا رەڭ ئارىلاشمىغان قىپقىزىل كىيىمنى كىيىش مەسىلىسىدە قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزى ئالىملار بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى يەتتە ياكى سەككىزگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئاساسلىق قاراش ئىككى دېيىشكە بولىدۇ.
ھەنەفىي مەزھەب بىلەن ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى قىزىل كىيىم كىيىشنى «مەكرۇھ» دەپ قارىغان بولۇپ، بۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزىل كىيىم كىيگەن توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن قىزىل كىيىم كىيىشتىن چەكلىگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىنى بىللە تۇتۇپ مېڭىش ئۈچۈن يا «مۇباھ»، يا «ھارام» دېمەي ئوتتۇرىسىدا «مەكرۇھ» دەپ مۇۋاپىقلاشتۇرغان.(1)
لېكىن، چەكلىگەن ھەدىسلەرنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ھەدىسشۇناسلارنىڭ باھاسىغا قارايدىغان بولساق، بىرىمۇ «سەھىھ» ھەدىس چىقمايدۇ، ھەممىسى «زەئىف». ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىسى ئوخشاشمىغان ئەھۋالدا سەھىھنى ئېلىپ زەئىفنى قويۇش ئارقىلىق تەرجىھ قىلىش مۇئەييەنلىشىدۇ، چۈنكى «زەئىف» ھەدىس «سەھىھ» ھەدىسكە زىت كەلگەن ئەھۋالدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەكلىگەن ھەدىسلەرنى باشقىچە تەئۋىل قىلىشمۇ مۇمكىن.
يەنە بەزى ئالىملار باشقا رەڭ ئارىلاشمىغان قىپقىزىل كىيىمنى كىيىشنى «مۇباھ» دەپ قارىغان بولۇپ، بۇلار بۇ ھەقتە كەلگەن مۇباھلىقنى بىلدۈرىدىغان «سەھىھ» ھەدىسلەرگە تايىنىپ، بۇنىڭغا زىت كېلىدىغان، چەكلىگەن ھەدىسلەر «زەئىف» بولغاچقا، ئۇنى ئالمىغان.(2)
ئەبۇ ئىسھاق رىۋايەت قىلىدۇكى، بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارا بوي، كەڭ يەلكىلىك زات بولۇپ، چاچلىرى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا چۈشۈپ تۇراتتى. مەن رەسۇلۇللاھنى بىر قۇر قىزىل كىيىمدە كۆردۈمكى، ئۇنىڭدەك كېلىشكەن بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم»(3).
ئىمام نەۋەۋىي: «بۇ ھەدىستە قىزىل كىيىم كىيسە جائىزلىقىغا دەلىل بار» دەيدۇ.(4)
ئەبۇ جۈھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەرگەنكى: «ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنى ﺗﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ كۆرگەنىدىم. شۇ چاغدا ﺑﯩﻼﻟﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاشقان ﺗﺎﮪﺎﺭەت سۈيىنى ﺋﺎﻟﻐﺎنلىقىنى كۆردۈم. يەنە كۆردۈمكى، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘ تاھارەت سۈيىنى ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍتاتتى، كىم ئۇ سۇدىن ئالالىسا، ئۆز ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯜﺭكەيتتى، سۇدىن نېسىۋە تەگمىگەنلەر دوستلىرىنىڭ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ھۆللۈكتىن بولسىمۇ يۇقتۇرۇۋېلىشاتتى. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻼﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻟﺘﻪ ﻧﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ئېلىپ، ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﻧﺠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ﭘﯘشقىقى ﺗﯜﺭۈلگەن ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻧﻪﻳﺰە تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ كۆردۈم. بۇ چاغدا كۆردۈمكى، بەزى ﺋﺎﺩﻩملەر ﯞﻩ ﺋﯘﻻﻏﻼﺭ ﻧﻪﻳﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ مېڭىشىۋاتاتتى».(5)
بەزى ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىيگەن كىيىمنى قىپقىزىل ئەمەس، قىزىل بىلەن باشقا رەڭ ئارىلاش ياكى يوللۇق ئىدى، دەپ باققان بولسىمۇ، ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ساھابەنىڭ قىزىل دەپ سۈپەتلىگەنلىكى ئۇنىڭ يوللۇق ئەمەس قىپقىزىللىقىنى كۆرسىتىدۇ.(6)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىسراپ ياكى تەكەببۇرلۇق قىلماستىن يەپ – ئىچىڭلار، كىيىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار» دېگەن.(7)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «سەندە ئىسراپخورلۇق بىلەن تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئىللەت بولۇپ قالمىسىلا، خاھلىغىنىڭنى يەپ، خاھلىغىنىڭنى كىيىۋەرگىن» دېگەن.(8)
«مۇباھ» دېگەن بۇ قاراش ھەزرىتى ئەلى، تەلھە، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر، بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قاتارلىق بىر تۈركۈم ساھابەلەرنىڭ شۇنداقلا، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، نەخەئىي، شەئىبىي ۋە ئەبۇ قىلابە قاتارلىق بىر تۈركۈم تابىئىنلارنىڭ قارىشى بولۇپ، مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرى تۇتقان قاراشتۇر. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر قاراشتا شۇنداق كەلگەن. دەلىل جەھەتتىن مۇشۇ قاراش كۈچلۈك.
ئىمام ئىبنى قۇدامە: «ئىلگىرىكى (‹سەھىھەين›دىكى) ھەدىسلەر تېخىمۇ سەھىھ ھەم ھۆكۈمنى ئىپادىلەشتە تېخىمۇ ئېنىق. يەنە قىزىلمۇ باشقا رەڭلەرگە ئوخشاش بىر رەڭدۇر» دېگەن.(9)
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىبۇ – زىننەتلەرنى كىم ھارام قىلدى؟»﴾(7/«ئەئراف»: 32)
ئىمام شەۋكانىي ئېيتىدۇ: «ئۇنداق بولغان ئىكەن، سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈچلىنىپ كېتىدىغان ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھالىتىدە قېلىش ۋاجىبتۇر. بولۇپمۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ھەججەتۇلۋەدائدىن كېيىن كىيگەنلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا ئازغىنە ۋاقىت ياشىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولغاچقا، شۇنداق قىلىش مۇئەييەنلىشىدۇ».(10)
ئەمدى شەرئى ھۆكۈم يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن مۇباھ بولغان بولسىمۇ، ئادەتتە ھازىرقى زامانىمىزدىكى جەمئىيەتتە مەلۇم ياشتىن ھالقىغان كىشىلەرنىڭ قىپقىزىل كىيىم كىيىشنى ئادەمگەرچىلىككە لايىق ئىش ئەمەس ياكى چاكىنىلىق دەپ قارايدىغان ئۆرپ – ئادەتنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ، قىپقىزىل كىيىمنى كىيمىگەن تۈزۈك. چۈنكى، ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا گۇناھ بولمىسىمۇ جەمئىيەتنىڭ قارىشىنى كۆزدە تۇتۇپ قىلمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. مۇباھ دەپلا ھەممە ئىشنى قىلىۋېرىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 21 – رامازان / م. 2011، 21 – ئاۋغۇست
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 194 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/358؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/341.
2. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/305؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 2/92.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3551)؛ «مۇسلىم»، (6210).
4. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4/219.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (376)؛ «مۇسلىم»، (503).
6. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 2/90.
7. «بۇخارىي»، «كىيىم – كېچەكلەر» بۆلۈمى. 1 – باب. مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان.
8. «بۇخارىي»، «كىيىم – كېچەكلەر» بۆلۈمى. 1 – باب.
9. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/420.
10. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 2/90.