سەللە يۆگەش ھەققىدە

سەللە يۆگەش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆزلىرىدىن سورايدىغىنىمىز سەللە ھەققىدە. بۇ مەسىلە يۇرتىمىزدىكى پېشقەدەم ئۆلىمالار بىلەن ياش ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلماقتا، پېشقەدەم ئۆلىمالىرىمىز «سەللە سۈننەتتۇر. سەللە بىلەن ئوقۇغان ناماز سەللىسىز ئوقۇغان نامازدىن 27 دەرىجە ئارتۇق» دەيدۇ. ياش ئۆلىمالارنىڭ دېيىشىچە «سەللە توغرۇلۇق 72 ھەدىس بار، ھېچقايسى سەھىھ ئەمەس، سەللە دېگەن ئەرەبنىڭ كىيىمى، چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدە ھەممە كىشىنىڭ سەللىسى بار ئىدى، بۇ سەللە پەيغەمبىرىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بولغاچقا، پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭمۇ سەللىسى بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەللە بىلەن ئوقۇغان ناماز سەللىسىز ئوقۇغان نامازدىن 27 دەرىجە ئارتۇق دېگەن ھەدىس ھەرگىزمۇ سەھىھ ئەمەس» دەيدۇ. زادى سۈننەتمۇ ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر ھەقىقەت شۇكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەللە يۆگىگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەللە يۆگىگەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر. مەسىلەن، مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاھارەت ئېلىپ بېشىنىڭ ئالدى تەرىپى بىلەن سەللىسىگە ۋە كەشىگە مەسىھ قىلغان.(1)

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە فەتھ قىلىنغان كۈنى بېشىدا قارا سەللە بار ھالەتتە كىرگەن.(2)

ئەمر ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالايىققا قارا سەللە يۆگىگەن ھالەتتە خۇتبە سۆزلىگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە ئەمر ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بېشىدا قارا سەللە، سەللىسىنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلاپ مۇنبەردە تۇرغانلىقى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا» دېگەن.(3) «بىر ئۇچىنى» دەپمۇ رىۋايەت كەلگەن.

ئۇبەيدۇللاھ نافىئتىن، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەللە يۆگىسە سەللىسىنىڭ ئۇچىنى ئىككى تاغىقى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قوياتتى. ناﻓﯩﺌ دەيدۇ: «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سەللىسىنىڭ ئۇچىنى ئىككى تاغىقى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قوياتتى». ئۇبەيدۇللاھ دېدى: «ئەلقاسىم بىلەن سالىملارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەنمەن».(4)

ساھابە كىراملارنىڭمۇ سەللە يۆگىگەنلىكى ئىسپاتلانغان. مەسىلەن:

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بېشىغا يۆگەيدىغان سەللىسى بار ئىدى.(5)

ھەسەن بەسرىي: «ساھابەلەر (ئىسسىقنىڭ دەستىدىن) ئىككى قولىنى يەڭدىن چىقارماي سەللە ۋە دوپپىغا ئوخشاش نەرسىلەرگە سەجدە قىلاتتى» دېگەن.(6)

يەنە بىر ھەقىقەت شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ ئۈلگىمىزدۇر، جانابىي ئاللاھ بىزگە ئۇنى ئۈلگە قىلىپ بەرگەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە بۇيرۇپ: ﴿سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ياخشى ئۈلگىدۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 21)؛  ﴿ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى سۆيگەي»﴾ (3/«ئال ئىمران»: 31) دېگەن.

لېكىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەللە يۆگىگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ بۇ بىزدىن تەلەپ قىلىنغان ئەگىشىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشمۇ ياكى ئەگىشىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئادەت خاراكتېرلىق ئىش – ھەرىكەتمۇ؟ بۇنىڭدا ئالىملار ئىككى قاراشتا بولغان:

بىر قىسىم ئالىملار: سەللە سۈننەت ئەمەس، مۇباھ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە يۆگىگەن، دەپ قارايدۇ. بۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى 3 قىسىمغا ئايرىغان:

1. ئىنسانىي تەبىئەت ۋە ئادەت بىلەن قىلغان ئىش – ھەرىكەتلەر.

2. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس ئىش – ھەرىكەتلەر.

3. ئىبادەت جەھەتتىن قىلغان ئىشلار.

بۇنىڭغا ئاساسەن كىيىم – كېچەك مەسىلىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەر كافىرلارغا خاس كىيىم بولمىسىلا ئىبادەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ناۋادا سەللە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۆگىگەنلىكى ئۈچۈنلا سۈننەت بولىدىغان بولسا، ئىزار بىلەن رىداﺋ(7) كىيىشمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىيگەنلىكى ئۈچۈن سۈننەت بولغان بولاتتى.

يەنە بەزى ئالىملار: سەللە يۆگەش سۈننەت ئىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، كىمكى سەللە يۆگەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىدىكەن، ساۋابقا ئېرىشىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، ئۇنى ئۈلگە قىلىش ئەسلى قائىدە بولۇپ، ئەگىشىشكە، ئۈلگە قىلىشقا بولمايدىغانغا بىرەر دەلىل ئىسپاتلانمىغىچە بۇ ئەسلى قائىدىدىن چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە نۇقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز لازىم:

1. يۇقىرىدا ئىسپاتلىغىنىمىزدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەللە يۆگىگەن.

2. سەللە يۆگەشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان بەزى ھەدىسلەر يالغان ياكى بەكلا زەئىف. مەسىلەن، «سەللە بىلەن ئوقۇلغان ناماز 25 نامازغا باراۋەر كېلىدۇ». «سەللە بىلەن ئوقۇلغان جۈمە 70 جۈمەگە باراۋەر كېلىدۇ».«سەللە بىلەن ئوقۇلغان نامازغا ئون مىڭ ساۋاب بار» دېگەندەك.(8) يەنە «سەللە بىلەن ئوقۇلغان ئىككى رەكئەت، سەللىسىز 70 رەكئەتتىن ئەۋزەل».(9)

يەنە بەزى ھەدىسلەر سەل زەئىف ياكى ھەسەن. مەسىلەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بىر قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەندە ئابدۇراھمان يۆگىگەن سەللىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چۇۋۇۋېتىپ ئۆز قولى بىلەن يۆگەپ قويغان. ئارقىغا تۆت بارماق ياكى شۇنچىلىك ئۇزۇنلۇقتا تاشلاپ قويغان. ئاندىن: «ئى ئەۋفنىڭ ئوغلى! مانا مۇشۇنداق سەللە يۆگىگىن، بۇ تېخىمۇ تونۇشلۇق ھەم چىرايلىق» دېگەن.(10)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بۇ تېخىمۇ چىرايلىق» دېگەن سۆزىدىن ئەۋزەللىك، مۇستەھەبلىك چىقىدۇ، دەپ قارالغان.

3. مۇھەددىسلەرنىڭ سۈننەتكە بەرگەن تەرىپىگە قارايدىغان بولساق، سەللە يۆگەش ئۇلارنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە سۈننەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.

4. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ئادەت خاراكتېرلىك سۈننەتلەر، ئىبادەت خاراكتېرلىك سۈننەتلەر دەپ ئايرىش ئۇسۇل ئالىملىرى ئارىسىدا بار ئەقلىي ئىزدىنىش بولۇپ، بۇ ھەممە ئالىملار تەرىپىدىن ئىتتىپاققا كەلگەن ئۇسۇل ئەمەس.

5. سەللە يۆگەشنى ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەھلى ئىلىملەر، پەزىلەتلىك، دىيانەتلىك كىشىلەر قىلىپ كەلگەن ئىش بولۇپ، مىسىر، شام، ئىراق، تۈركىيە، ئافرىقا، ھىندىستان ۋە بىزنىڭ دىيارىمىزدىمۇ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئالىملار سەللە يۆگەپ كەلمەكتە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ تېخى يېقىنغا قەدەر ئالىملار سەللە يۆگەيتتى، ھازىر سەللىنىڭ ئورنىغا رومال ئومۇملىشىپ قالدى.

6. بەدر غازىتىنىڭ ۋەقەلىكىدە ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانىلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ﴾ (3/«ئال ئىمران»: 125)

بۇ ئايەتتىكى «نىشانىلىق پەرىشتە» دېگەن سۆزنىڭ تەفسىرىدە سەللە يۆگىگەن ھالدا دەپمۇ كەلگەن بولۇپ، سەللە رەڭگى ھەققىدە ئوخشىمىغان رىۋايەتلەر بار. بەزىلەر ئاق، بەزىلەر سېرىق، بەزىلەر قارا يەنە بەزىلەر قىزىل دېگەن.(11)

7. سەللە يۆگەشنى سۈننەت، مۇستەھەب دەپ قارىغانلارغا، مۇستەھەب ياكى سۈننەت ئەمەس، ئادەت دەپ قارىغانلار ئېتىراز بىلدۈرسە بولمايدۇ. چۈنكى، كىشى ئۆز قارىشىنى باشقىلارغا تاڭسا بولمايدۇ. كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىمەن دەپ سەللە يۆگىسە، ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ساھابە كىراملار كىيىم – كېچەكتىلا ئەمەس، يېمەك – ئىچمەكتىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىشاتتى.

ئىسھاق ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى تەلھە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئۇ ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بىر تىككۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزى تەييارلىغان تاماققا تەكلىپ قىلغانىدى، مەنمۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن باردىم. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ تەلەڭگىنىڭ ئەتراپىدىن قاپاقنى ئىزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ كۈنىدىن تارتىپ قاپاقنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن».(12)

ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستە يېمەك – ئىچمەكتە ۋە ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن ئەھلى خەيرگە ئوخشاش بولۇشقا تىرىشىشقا ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە ھېرىسمەن بولۇش بار. بۇ ھەدىستە يەنە ئىنسان تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى بويلاپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن ھەزرىتى ئەنەسنىڭ ئالاھىدە پەزىلىتى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئاشۇنداق ئاددىي ئىشلاردىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشكە تىرىشاتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن».(13)

شۇنداقلا سەللە يۆگەشنى سۈننەت ياكى مۇستەھەب ئەمەس دەپ قارىغانلارغا، مۇستەھەب ياكى سۈننەت دەپ قارىغانلار ئېتىراز بىلدۈرسە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلە.

8. دىنىمىز كىيىم – كېچەك، تەقى – تۇرقىدا كافىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق كىيىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سەللە يۆگىگەن ئەھۋالدا پەرقلىنىش بولىدۇ.

9. ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ‹سەھاب› دەيدىغان سەللىسى بار ئىدى، بۇنى ھەزرىتى ئەلىگە كىيدۈرۈپ قويغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كىيەتتى. ئۇنىڭ ئاستىغا (دوپپا ياكى تۇماقتەك) باش كىيىمى كىيەتتى. سەللىسىز (دوپپا ياكى تۇماقتەك) باش كىيىمىمۇ كىيەتتى. باش كىيىمىسىز سەللىمۇ يۆگەيتتى. سەللە يۆگىسە ئۇچىنى ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلاپ قوياتتى. مۇسلىم ‹سەھىھ›ىدە ئەمر ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بېشىدا قارا سەللە، سەللىسىنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلاپ مۇنبەردە تۇرغانلىقى كۆرگەن› دېگەن. يەنە ‹سەھىھۇ مۇسلىم›دە كېلىشىچە، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە فەتھ قىلىنغان كۈنى بېشىدا قارا سەللە بار ھالەتتە كىرگەن. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە سەللىنىڭ ئۇچىنى تىلغا ئالمىغان، بۇ سەللىنىڭ ئۇچىنى ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىغا داۋاملىق تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ».(14)

خۇلاسە: سەللىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىش مەقسىتىدە يۆگىسە ساۋاب بېرىلىدىغان مۇستەھەب ئىش. يۆگىمىسە گۇناھ بولمايدۇ. سەللىنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرگە قارىغىنىمىزدا سەللىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 28 – زۇلقەئدە / م. 2011، 26 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 191 – نومۇرلۇق پەتۋا.

———————
1. «مۇسلىم»، (274).
2. «مۇسلىم»، (1358).
3. «مۇسلىم»، (1359).
4. «تىرمىزىي»، (1736). تىرمىزىي: «ھەسەن غەرىيب» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
5. «مۇسلىم»، (2552).
6. «بۇخارىي»، «ئىسسىق قاتتىق بولغاندا كىيىمگە سەجدە قىلىش» دېگەن باب.
7. ئىزار: بەلنىڭ ئاستىنى پۇتقىچە تولۇق يۆگەيدىغان يوپكىدەك رەخت. كۈنىمىزدە يەمەن ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئەر ۋە ئاياللارغا ئورتاق كىيىم. مىئزەر (الْمِئْزَرُ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىداﺋ: ئىككى مۈرىگە ئارتىۋالىدىغان، بەدەننىڭ ئۈستۈن تەرىپىنى يۆگەيدىغان يەكتەك، تونغا ئوخشىغان كىيىم.
8. ئەجەلۇنىي: «كەشفۇلخەفاﺋ»، (1603).
9. ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1/25): «يالغان» دېگەن.
10. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (4671)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (6254). ھەيسەمىي ۋە سۇيۇتىيلار: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن. قاراڭ: ھەيسەمىي: «مەجمەئۇززەۋائىد»، 5/20؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 2/107.
11. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 1/403.
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5379)؛ «مۇسلىم»، (2041).
13. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/526.
14. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 1/135.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ