ئەر - خوتۇنلار بىر - بىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قارىسا بولامدۇ؟

ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قارىسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قارىسا بولامدۇ؟ «قاراش ھەدىستە چەكلەنگەن، قارىسا كۆزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئۇنۇتقاقلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەيدىغانلار بار ئىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش تۇتۇشىمىز لازىم.

شەرىئەت كۆرسەتمىسىدە ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قارىسا بولمايدۇ دەيدىغان بىرەر سەھىھ كۆرسەتمە يوق. ئەكسىچە، «قۇرئان كەرىم» ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇنىڭ جائىزلىقى ھەققىدە بايان كەلگەن:

1. «قۇرئان كەرىم»دە نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدە توختالغاندا ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەۋرەتلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر، پەقەتلا جۈپتىلىرىغا ياكى ئىلكىدىكى چۆرىلىرىگە ساقلىمىسا ئۇلار مالامەتكە ئۇچرىمايدىغانلاردۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 5، 6).

2. بەھز ئىبنى ھەكىم ئاتىسى ئارقىلىق بوۋىسى مۇئاۋىيە ئىبنى ھەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن:

— يارەسۇلەللاھ! ئەۋرەتلىرىمىزنىڭ قايسىسىنى قويۇپ، قايسىسىغا قارىساق بولىدۇ؟ — دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەۋرىتىڭنى ئايالىڭ بىلەن چۆرەڭدىن باشقىلاردىن ساقلىغىن، — دېدى.(1)

3. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى بىلەن بىللە يۇيۇنغانلىقى ئەر – خوتۇن بىر – بىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قارىسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن،

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ﻣﻪﻥ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ بىرگە ﻓﻪﺭﻩﻕ(2) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻦ (ﺳﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ) ﻏﯘسۇل ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ» دېگەن.(3)

بىللە يۇيۇنغانلىقى يەنە «سەھىھەين»دە ئۇممۇ سەلەمە، مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «بەزىلەر بۇ ھەدىسنى ئەر كىشى ئايالىنىڭ، ئايالىمۇ ئېرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا جائىز بولىدىغانلىقىغا دەلىل كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنى ئىبنى ھىببان سۇلايمان ئىبنى مۇسادىن قىلغان ماۋۇ رىۋايەتمۇ كۈچلەندۈرىدۇ: ئۇ ئەر كىشى ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش ھەققىدە سورالغاندا: مەن ئەتائدىن سورىسام، ئۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سورىغان.. ئائىشە مۇشۇ ھەدىسنى مەنىسى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن، دەپ جاۋاب بەردى، مۇشۇ ھەدىس مۇشۇ مەسىلىدىكى كەسكىن ئېنىق دەلىلدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم».(4)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ﻣﻪﻥ غۇسۇل قىلىشى ئۈچۈن ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمگە ﺳﯘ كەلتۈرگەنىدىم، ئۇ زات قوللىرىنى ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ، ﺋﻪﯞﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ يەرگە ﺳﯜﺭﻛﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ئېغىز – بۇرنىنى چايقىدى ﯞﻩ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ، قوللىرىنى ﻳﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ».(5)

يۇقىرىقى دەلىللەر ئەر – خوتۇنلارنىڭ بىر – بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشىنىڭ جائىزلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

بەزى ئالىملار: جۈپتىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا مەكرۇھ، دەپ قارىغان ۋە بۇنىڭغا بەزى ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: «ئەۋرەتكە قاراش مەكرۇھ، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋرىتىنى پەقەت كۆرۈپ باقمىدىم› دېگەن. بۇنى ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.(6) يەنە بىر خىل رىۋايەتتە: ‹رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەندىن (ئەۋرەت) كۆرمىدى، مەنمۇ ئۇنىڭدىن كۆرمىدىم› دەپ كەلگەن».(7)

لېكىن، بۇ ھەدىس مۇھەددىسلەر تەرىپىدىن «يالغان» ياكى «زەئىف» دەپ باھا بېرىلگەن. مەسىلەن، تەبەرانىي رىۋايەتىدىكى بەرەكە ئىبنى مۇھەممەد ھەققىدە ئىمام دارەقۇتنىي سۈنەنىدە: «بەرەكە يالغان ھەدىس توقۇيدۇ» دېگەن. ئىبنى ماجە رىۋايەتىنى ئىمام بۇسايرى: «ئىسنادى زەئىف» دېگەن.(8)

يەنە: ئۇتبە ئىبنى ئەبد ئەسسۇلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار ئايالىغا يېقىن كەلگىنىدە يۆگىنىۋالسۇن، ياۋا ئېشەكلەردەك يالىڭاچلىنىپ كەتمىسۇن» دېگەن.(9)

ھافىز ئىراقىي بۇ ھەدىسنى: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. ئىمام بۇسايرىمۇ: «بۇ ئىسناد زەئىف» دېگەن. شەيخ ئالبانىيمۇ «زەئىف» دېگەن ۋە يەنە: «بۇنى نەسائىمۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتتىكى: ‹بۇ مۇنكەر ھەدىس، راۋىيلىرىدىن سەدەقە زەئىف›» دېگەن.(10)

يەنە: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار ئايالى بىلەن جىما قىلسا، ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، چۈنكى بۇ ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن.(11)

بۇ ھەدىسنى بەقىييە ئىبنى مۇخەللەد رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھافىز ئىبنى ھەجەر، ئىبنۇلجەۋزىي ۋە ئىبنى ھىببان قاتارلىق مۇھەددىسلەر: «يالغان ھەدىس» دەپ كېسىپ ئېيتقان. شەيخ ئالبانىيمۇ: «يالغان» دېگەن.(12)

دېمەك، ھەدىس تەتقىقاتىدىكى قائىدىلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا، بۇ ھەقتىكى جائىزلىق ھەققىدىكى قاراشقا زىت مەنىدە چەكلەش ھۆكمىنى بېرىدىغان «زەئىف» ۋە «يالغان» ھەدىسلەر ھۆكۈم ئېلىشقا يارىمايدىغان بولۇپ، بۇلار جائىزلىقنى كۆرسىتىدىغان «سەھىھ» ھەدىسلەر ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

قاراش ئەدەب جەھەتتىن بولمايدۇ، دېگەن تەقدىردە، قاراشتىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشلار شۇنداقلا، جىما قىلىشنىڭ ئۆزى تېخىمۇ ئەدەبسىزلىك، جىما قىلماسلىق تېخىمۇ ئەدەبكە يېقىن بولسا بولاتتى.

بەزى ھەنەفىي مەزھەب كىتابلىرىدا «ئەر – خوتۇن بىر – بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا جائىز، لېكىن كۆزنى ئاجىزلىتىدىغانلىقى، ئۇنۇتقاق قىلىپ قويىدىغانلىقى جەھەتتىن قارىمىغان ئەۋزەل» دېگەن بولسىمۇ، بۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى كېيىنكى بەزىبىر ئالىملارنىڭ شەخسىي قارىشى بولۇپ، ئۇنداق زىيانلىق بولۇشى يا شەرىئەتتە ياكى تېبابەتتە ئىلمىي ئىسپاتلانغان ئەمەس. ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېگەن: «مەن ئەبۇ ھەنىفەدىن:

— ھېسسىياتىنى قوزغاش ئۈچۈن ئەر كىشى خوتۇنىنىڭ ئەۋرىتىنى، خوتۇنى ئېرىنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتسا، بولمايدۇ دەپ قارامدىلا؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— ياق، تېخى ئەجرى كاتتا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېدى.(13)

دېمەك، ھەنەفىي مەزھەبتىمۇ ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قاراش چەكلەنمەيدۇ. قارىمىغان ئەۋزەل دېگەن بەزى ھەنەفىي ئالىملار يۇقىرىقىدەك يالغان ھەدىسنىڭ يالغانلىقىغا دىققەت قىلماي قالغان بولسا كېرەك. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بەرگەن جاۋابى «بىرىڭلارنىڭ جىما قىلىشىدىمۇ سەدىقە بار»(14) دېگەن سەھىھ ھەدىستىكى ئەجىرگە ئىشارەتتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 2 – سەپەر / م. 2011، 27 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 190 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «ئەبۇ داۋۇد»، (4017)؛ «تىرمىزىي»، (2769)؛ «ئەھمەد»، (20046). ئالبانىي («ئەلئىرۋاﺋ»، 1810): «ھەسەن»، دېگەن.
2. فەرەق (الْفَرَقُ): ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھىجاز، يەمەن ۋە مىسسوپوتامىيەدە سۇ، ھەسەل، سۈت ۋە ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەجم / سىغىمىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. بىر فەرەق 3 ساﺋ ياكى 12 مۇد ۋەياكى 16 رىتلغا، يەنى تەخمىنەن 8.26 لىتىر سۇ، 6.5 كىلوگرام ئاشلىققا تەڭدۇر.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (250)؛ «مۇسلىم»، (319).
4. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/364.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (257)؛ «مۇسلىم»، (317).
6. «ئىبنى ماجە»، (662)؛ «ئەھمەد»، (25609)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇسسەبىر»، (138).
7. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/77.
8. بۇسايرىي: «مىسباھۇززۇجاجە»، (252). شەيخ ئالبانىيمۇ («ئەلئىرۋاﺋ»، 1812) «زەئىف» دېگەن.
9. «ئىبنى ماجە»، (1921).
10. ھافىز ئىراقىي: «تەخرىجۇ ئەھادىيسىل ئىھياﺋ»، (3)؛ بۇسايرىي: «مىسباھۇززۇجاجە»، (688)؛ ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، (1812)؛ ئالبانىي: «ئادابۇززۈفاف»، 110 – بەت.
11. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (13318).
12. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 4/248؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 1/226؛ ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 195 – بەت.
13. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 4/85؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/367.
14. «مۇسلىم»، (1006).

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ