قۇشلارنىڭ سۆڭىكىنى گۆشى بىلەن قوشۇپ يەۋەتسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قۇشلارنىڭ سۆڭىكىنى گۆشى بىلەن قوشۇپ يەۋەتسە بولامدۇ؟ ئانام دائىم كەپتەرنىڭ باچكىسىنى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ قىيما قىلىپ تاماق ئېتەتتى، لېكىن بەزىلەر بۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى دەيدۇ. مەن «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابنى كۆرسەم، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر گەپ يوق ئىكەن. شۇڭا، ئۇستاز ئېغىر كۆرمەي ئېنىق بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئۇچار قۇشلارنىڭ بولسۇن ياكى چارۋا – ماللارنىڭ بولسۇن شەرئى بوغۇزلاش ئارقىلىق ھالال بولغانلا بولسا سۆڭەكلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى چەكلەيدىغان بىر كۆرسەتمە يوق، بۇ جەھەتتىن ئۇستىخانلارنىڭ ھۆكمى ئەسلىدىكى ھالاللىقىدا قېلىۋېرىدۇ.

ئەمما، تېببىي جەھەتتىن جىسمانىي ياكى روھىي تەرەپتىن زىيانلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇستىخانلارنى ئىستېمال قىلىش چەكلىنىشى مۇمكىن.

ھەدىستە ئۇستىخانلارنىڭ جىنلارنىڭ تامىقى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆڭەك ياكى تېزەك بىلەن ئىستىنجا قىلىشىمىزنى توسقان».([1])

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىشى ۋە ئىستىنجا قىلىشى ئۈچۈن بىر خۇرۇم ئىۋرىق سۇنى ئېلىپ يۈرگەن ئىدىم. رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن سۇ كۆتۈرۈپ ماڭغىنىمدا رەسۇلۇللاھ:

_كىم بۇ؟_ دېۋىدى.

_ ئەبۇ ھۇرەيرە _ دېدىم. رەسۇلۇللاھ:

_ ماڭا ئىستىنجا قىلغۇدەك بىر نەچچە تاش ئەكىلىپ بەرگىن، سۆڭەك بىلەن تېزەك ئەكەلمە _ دېدى. مەن ئېتىكىمدە بىر نەچچە تاش ئەكىلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم. رەسۇلۇللاھ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە كېلىۋېتىپ:

_ ئۇستىخان بىلەن تېزەكتە ئىستىنجا قىلىشقا نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟ _ دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ:

_ بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ تائامىدۇر، نەسىيبىين جىنلىرىنىڭ ئۆمىكى يېنىمغا كەلگەن ئىدى، ئۇلار ياخشى جىنلار ئىكەن. ئۇلار مەندىن ئوزۇقلۇق سورىغان ئىدى. مەن ئۇلار ئۈچۈن: تېزەك ياكى ئۇستىخان ئۇچراتسىلا ئۇنىڭدا تاماق تاپقاي دەپ ئاللاھقا دۇئا قىلدىم، _ دېدى.([2])

تىرمىزى رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلغان ھەر بىر سۆڭەك قولۇڭلارغا ئەڭ گۆشلۈك ھالەتتە چۈشىدۇ، ھەر بىر ماياق ياكى تېزەك ئۇلاغلىرىڭلارغا ھەلەپ بولىدۇ».([3])

يەنە بىر ھەدىستە ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: بۇلار قانداقمۇ ئۇلارغا غىزا بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئۇلار سۆڭەك ئۇچراتسىلا ئۇنىڭ گۆشى يېيىلگەن كۈندىكىدەك ئەسلىگە قايتىدۇ، تېزەك ئۇچراتقان بولسا ئۇ يېيىلگەن ۋاقتىدىكى دان ھالىتىگە قايتىدۇ، شۇڭا، ھېچكىم بۇلار بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن».([4])

لېكىن، ئۇستىخانلارنىڭ جىنلارنىڭ تامىقى بولۇشى ئۇنى ئىنسان يېسە بولمايدۇ، دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، ئۇستىخانلارنىڭ بىرەر جىننىڭ مۈلكى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغاندىكىن، بەلكى ئۇنىڭ شۇ ئىنساننىڭ مۈلكى ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئۇنى خالىسا ئىستېمال قىلسا بولۇۋېرىدۇ. بەزىدە باچكا ياكى قۇشقاچتەك قۇشلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى گۆشىدىن ئايرىپ ئولتۇرۇشمۇ بىر ئاۋارىچىلىك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 4 – 15

——————-
([1]) «مۇسلىم»، 263 – ھەدىس.
([2]) «بۇخارى»، 3860 – ھەدىس.
([3]) «تىرمىزى»، 3258 – ھەدىس. تىرمىزى «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
([4]) «مسند الشاميين»، تەبەرانى 4/115. «تفسير الطبري»، 26/32 «المرقاة»، 2/61.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز