چىلىم چېكىشنىڭ ھۆكمى

چىلىم چېكىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىر ئەتىراپىمىزدا چىلىم چېكىدىغانلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، نېمىشقا بۇ نەرسىنى چېكىسىلەر دەپ سورىساق، بۇ دېگەن بەدەنگە پايدىلىق، بەلغەم بوشۇتىدۇ، دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ، مۇشۇ نەرسىنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى دەپ بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

چىلىم چېكىشنىڭ ھۆكمى تاماكا چېكىشكە ئوخشاشلا ھارام، شۇنداقلا ئۇنى ياساش، تېرىش، سېتىش، ئېلان قىلىپ بېرىش، ئۇنىڭدا تىجارەت قىلىش ۋە چايخانىلاردا ئۇنى ئەكىلىپ بېرىشمۇ ھارام.

چىلىم چەككەندە ئىشلىتىلىدىغان تۈتۈندە نىكوتىن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بار. ئۇنىڭغا يەنە تەم ۋە پۇراق قاتىدىغان خىمىيىۋى ماددىلار قوشۇلىدۇ، بۇ ماددىلارمۇ بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق. بۇ زەھەرلەرنىڭ سۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆتىشى ئۇنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29)، ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل – مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 195).

ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلىممۇ خۇمار قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە، ھەر ئايدا نۇرغۇن ئىقتىساد كۆيۈپ بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىسراپ قىلغانلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 15 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 19 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 186 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ