قەپەسگە سولاپ قۇش باقسا بولامدۇ؟

قەپەسگە سولاپ قۇش باقسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ئائىلەمدە قەپەسگە سولاپ بىر قانچە قۇش باققان ئىدىم، بەزىلەر بۇنداق قىلىش خاتا دەيدۇ، سىلىنىڭچە قانداق قىلسام بولار؟ قەپەسدە قۇش بېقىش خاتامۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئەسلىدە قۇشلارنى ئوچۇق جايلاردا كۆندۈرۈپ بېقىش ۋە ئۇلارغا دان بېرىش ساۋابلىق ئىش، بۇ جەھەتتىن قۇشلارنى بېقىش ساۋابلىق مۇستەھەپ ياخشى ئىش قاتارىغا كىرىدۇ.

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر مۇسۇلمان بىر كۆچەت تىكسە ياكى بىر زىرائەت تېرىپ، ئۇنىڭدىن ئۇچار قۇشلار ياكى ئىنسانلار ياكى ھايۋانلار يەيدىكەن، ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشى سەۋەبىدىن سەدىقە ساۋابى بولىدۇ» دېگەن.([1])

ئەمدى سايرىشىدىن، شەكلىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولاپ بېقىشقا كەلسەك، بۇ مەكروھ ئىشتۇر. تېخى ھارام بولۇشىمۇ يىراق ئەمەس. نېمە ئۈچۈن دېگەندە ئاللاھ تائالا ئۇچىدىغان، قاناتلىق قىلىپ ياراتقان بۇ قۇشلارنى تار قەپەسگە سولىۋېلىش ئۇنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش بولۇپ، قىيناش دائىرىسىگە كىرىدۇ. قىيناشتا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىيناش بولامدۇ؟ ئەركىنلىك، ھۆرلۈك دېگەن ئىنسانلارغىلا ئەمەس بەلكى ئۇچار – قۇشلارغا نىسبەتەنمۇ ئەڭ قىممەت ھەم تەبىئىي ھەقلەرنىڭ بىرىدۇر.

شۇڭا، بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان: «دەمدەر ۋە بۇلبۇل قاتارلىق سايراپ بېرىدىغان قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولاپ بېقىشنى ئىماملىرىمىز يامان كۆرگەن. چۈنكى، بۇ ئېھتىياج دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن بولماستىن، ھاكاۋۇرلۇق، چوڭچىلىق ۋە ئارتۇقچە راھەت – پاراغەتتىندۇر. ئۇنى سولاپ قويۇش ئازابلاشتۇر. ئىماملىرىمىز بۇنى ھاماقەتلىك دەپ ئاتىغان. چۈنكى، ئۇ ئۇچۇشقا سېغىنىشتىن، ھاۋا بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىشتىن ئىڭراۋاتقان قۇشنىڭ سايرىشىدىن شادلىنىشتۇر».([2])

ئەلۋەتتە، قەپەسگە سولانغان قۇشلارنىڭ سايرىشى ئەركىنلىككە بولغان سېغىنىشى ياكى بۇ زۇلۇمنى پەرۋەردىگارىغا شىكايەت قىلىۋاتقان نالىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەپسۇسكى ئىنسان بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلىنى ئاچىمەن دەيدۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بولغان بولسا بەلكى قەپەسلەرگە سولانغان قۇشلارنىڭ ئاھۇ – پەريادىنى بىزگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولاتتى. بىراق، بىز ئۇنىڭ تىلىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ داد – پەرياد، نالە قىلىشىدىن، ئەزىزلىرىدىن ئايرىلغىنىغا ھەسرەت چەككىنىدىن كۆڭلىمىزنى ئاچىمىز.

ئىسلام دىنىمىز ئىنسانلارنى مېھىر – شەپقەتلىك قىلىشنى كۆزلەيدۇ، مۇسۇلمان ھەقىقىي ئىسلام تەربىيەسى كۆرگەندە ئەتراپىدىكى بارلىق مەۋجۇداتقا خاتىرجەملىك، ئەمىنلىك بەخش ئېتەلەيدۇ، ھېچكىم، ھېچنېمە، ھېچبىر جانىۋار ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر سەپەردە بىللە ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ ھاجەت قىلىش ئۈچۈن كەتكىنىدە بىز ئىككى چۈجىسى بىلەن تۇرغان قۇشقاچتەك بىر قۇشنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىككى چۈجىسىنى ئېلىۋالدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئانىسى كېلىپ قانىتىنى يېيىپ زارلانغىلى تۇرۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ: «كىم بۇنىڭ بالىسىنى ئېلىۋېلىپ ئۇنى قايغۇغا سالدى؟ بالىسىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار» دېدى.([3])

ئىسلام دىنى پۈتۈن مەخلۇقلارغا رەھمەتتۇر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پۈتۈن جانلىقلارغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن. يۇقىرىقى ھەدىستىنمۇ شۇ مەزمۇننى كۆرۈۋالالايمىز.

ئەبۇ نۇئەيم سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، سەلەفلىرىمىزدىن سۇفيان سەۋرى ئەينى ۋاقىتتا زالىم پادىشاھلاردىن ساقلىنىپ ئەبۇ مەنسۇر دېگەن كىشىنىڭ بەسرەدىكى ئۆيىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئىدى. ئەبۇ مەنسۇر مۇنداق دەيدۇ: سۇفيان مۇشۇ ئۆيدە قونغان. ئوغلۇمنىڭ بىر بۇلبۇلى بار ئىدى. سۇفيان بۇنى كۆرۈپ: بۇ قۇش نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە سولانغان؟ قويۇۋەتكەن بولسىچۇ؟ دېۋىدى، مەن: ئۇ ئوغلۇمنىڭ، ئۇ بۇ قۇشنى ئۆزلىرىگە ھەدىيە قىلىۋېتىدۇ، دېسەم. ئۇ: ياق، ئەمما مەن ئۇنى تىللاغا سېتىۋالاي، دەپ قۇشنى سېتىۋېلىپ قويۇۋەتتى. شۇنداقتىمۇ، قۇش كېتىپ قورسىقىنى تويغۇزۇپ كېچىلىرى قايتىپ كېلىپ تۇردى. سۇفيان ۋاپات بولغان چاغدا قۇش ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ قەبرىسى ئۈستىدە پالاقشىيتتى. كېيىن بىرقانچە كۈن ئۇنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ يوقلاپ تۇردى. بەزىدە قەبرىسى ئۈستىدە قوناتتى. بەزىدە ئۆيگە قايتاتتى. كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئۇنىڭ قەبرىسى قېشىدا ئۆلۈك ھالەتتە كۆرگەن. نەتىجىدە، ئۇ ئۇنىڭ قەبرىسىگە ياكى قېشىغا دەپنە قىلىنغان.([4])

جانىۋارلارغا قىلىنغان مېھىر – شەپقەت ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن كاتتا ساۋابلىق ئىشتۇر.

نافى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئايال ئاچلىقتىن ئۆلگۈچە سولاپ قويغان بىر مۈشۈك تۈپەيلى ئازابلىنىپ دوزاخقا كېرىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا – ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر – مۇنداق دېگەن: سەن ئۇنى سولاپ ئۇنىڭغا يا تاماق بەرمىدىڭ، يا ئۇنى سۇغۇرۇپ قويمىدىڭ، يا زېمىندىكى ھاشاراتلارنى يېيىشى ئۈچۈن قويۇپمۇ بەرمىدىڭ».([5])

بۇ ھەدىسنى بەزى ئالىملار يېمەك – ئىچمەك بېرىپ سولاپ باقسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەدىس سولاپ بېقىشنى قاتتىق چەكلەشكە دەلىل بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەدىستە سولاپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر زۇلۇم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.

قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولاپ باققان ئەھۋالدا بەزىدە ئۆيدە يوق بولۇپ قېلىپ ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ دان بەرمەي قالسا، قۇشلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ، قىشتا سىرتتا قالسا سوغۇقتىن توڭلاپ قالىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، كۆپ يۈز بېرىدىغان ئەھۋال.

قۇش بېقىش توغرىسىدا مۇنداقمۇ بىر ھەدىس كەلگەن: ئەبۇتتەيياھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئارىلىشىپ يۈرەتتى. ھەتتاكى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ كىچىك بىر ئۇكامغا: «ئى ئەبۇ ئۇمەير، نۇغەير (بۇلبۇلنىڭ چۈجىسى) نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ ئەركىلىتىپ قوياتتى».([6])

بۇ ھەدىسكە تايىنىپ ھافىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىق كۆپ ئالىملار: «بۇ ھەدىستە قەپەس ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردە قۇشلارنى سولاپ بېقىشنىڭ ۋە قانىتىنى كېسىۋېتىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بار، چۈنكى ئەبۇ ئۇمەيرنىڭ قۇشىنىڭ ئەھۋالى ئاشۇ ئىككى ئىشتىن خالىي بولمايدۇ، ئەھۋال قايسىبىرى بولغان بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭغا قىياسەن ئوخشاش ھۆكۈمنى ئالىدۇ»، دەپ قارىغان.([7])

بىراق بۇ ھەدىستە يا قەپەسنى ياكى قانىتىنى كېسىۋەتكەنلىكنى تىلغا ئالمىغانلىقتىن بۇ ھەدىستىكى قۇشنىڭ ئەھۋالىدا بىر قانچە ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن. بەلكى قۇش تېخى قانىتى چىقمىغان كىچىك بولغاچقا، ئەبۇ ئۇمەير ئۇنى ئوينىغاندۇ، ھەدىستە «نۇغەير» دەپ كىچىكلىتىش دەرىجىسىنى ئىشلەتكەنلىكىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. ياكى ئۇچالايدىغان قۇشنى قولىغا كۆندۈرىۋالغاندۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ ئۇمەير كىچىك بالا ئىدى. ئادەتتە، مۇكەللەف بولمىغاچقا كىچىك بالىلارغا چوڭلارغا بېرىلمىگەن رۇخسەتلەر بېرىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەدىستە كىچىك بالىلار قۇش ئوينىسا رۇخسەت بار، يەنە چوڭلارنىڭمۇ بالىلارنىڭ ئوينىشىغا يول قويسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار، دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

يەنە شەرىئەتنىڭ ئومۇم روھىغا، كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، پۈتۈن جانىۋارلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئازار بەرمەسلىك تەلەپ قىلىنغان بىر ئىش.

ئەبۇ سالھ ئەسسەممان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئادەم كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئۇسسۇزلۇق يېتىپ، بىر قۇدۇققا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. قۇدۇقتىن چىقىپ ئۇسسۇزلۇقتىن ھاسىراپ نەم توپىنى يالاۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ، ماڭا يەتكەن ئۇسسۇزلۇق ئۇنىڭغىمۇ يېتىپتۇ – دە، دەپ، قۇدۇققا چۈشۈپ، ئۆتۈكىگە سۇ ئېلىپ، ئۇنى ئاغزى بىلەن چىشلىگىنىچە قۇدۇقتىن چىقتى ۋە ئىتنى سۇغۇردى. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنى مەغپىرەت قىلىۋەتتى» دېگەن ئىدى. ساھابىلار:

_ يارەسۇلەللاھ! ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلساق، بىزگە ئەجىر بولامدۇ؟ _ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:

_ ھەرقانداق جانلىققا ياخشىلىق قىلىشتا ئەجىر بار، _ دېدى.([8])

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر پاھىشە ئىسسىق بىر كۈندە ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن تىلىنى چىقىرىپ بىر قۇدۇق ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرغان بىر ئىتنى كۆرۈپ ئۇ ئىتقا ئۆتۈكى بىلەن سۇ تارتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىنغان». يەنە بىر رىۋايەتتە: «بەنى ئىسرائىلدىن بىر پاھىشە» دەپ كەلگەن.([9])

يۇقىرىقىلاردىن كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قەپەسلەرگە سولاپ قۇش بېقىشنىڭ ئەقەللىي تەقدىردە، مەكروھ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. شۇڭا، قەپەسلەرگە سولاپ قۇش باقماسلىق كېرەك، ئەمما ھويلا – ئاراملاردا ياكى ئوچۇق يەرلەردە كۆندۈرۈپ بېقىشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا، خالىغىنىچە ئۇچۇپ ئايلىنالايدۇ، دان بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋالدا قورسىقىنى ئۆزى تويغۇزالايدۇ.

بېلىقلارمۇ شۇنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئەگەر ئازادە ئەركىن ياشايدىغان چوڭراق كۆلچەك ياكى ئەينەك ئىدىشتە باقسا، ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالمايدىغان بولسا، باقسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2012. 2. 7

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 188 – نومۇرلۇق پەتىۋا.
————————————————-
([1]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 2320 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1553 – ھەدىس.
([2]) «الفروع»، 4/7.
([3]) «ئەبۇ داۋۇد»، 2675 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
([4]) «حلية الأولياء»، 7/58.
([5]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 2365 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2242 – ھەدىس.
([6]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 6129 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2150 – ھەدىس.
([7]) «فتح الباري»، 10/584.
([8]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 6009 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2244 – ھەدىس.
([9]) «مۇسلىم»، 2245 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز