قۇربانلىق گۆش سەدىقە قىلىنغان شەخس ئۇنى ساتسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، مەلۇم رايونلاردا مۇسۇلمانلار قۇربانلىق قىلغان مالنىڭ گۆشلىرىنى ئۆزلىرى ئازراقلا ئېلىپ قىلىپ، قالغىنىنى دىنىي مەكتەپ دېگەندەك ئورۇنلارغا بېرىۋېتىدۇ، بۇ گۆشنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەپ بولغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ گۆش بۇ ئورۇننىڭ بىر يىللىق يەيدىغان گۆشى. ۋاقىت ئۇزىرىغانسېرى گۆشنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ گۆشنى يېڭى يېيىش ئۈچۈن گۆش دۇكانلىرىغا ئۆتكۈزۈۋېتىپ بۇ گۆشنىڭ ئورنىغا ۋاقتى – ۋاقتىدا يېڭى گۆش ئەپكېلىپ يېسە، ياكى بۇ گۆشنى پۇلغا ئۆتكۈزۈۋېتىپ پۇلىغا يېڭى گۆش سېتىۋېلىپ يېسە ۋەياكى پۇلىنى باشقا نەرسىلەرگە خەجلىسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

[ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار].([1])

[ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، بىچارە پېقىرغىمۇ يېگۈزۈڭلار].([2])

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىلەرنىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرۇشقا، پوكانچىلارنىڭ ھەققىگە قۇربانلىقتىن ھېچ نەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى. مۇسلىم رىۋايىتىدە: «بىز ئۇنىڭغا يېنىمىزدىن بېرىمىز» دەپ كەلگەن.([3])

يۇقىرىقى دەلىللەر قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق گۆشىنى ساتسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

كۈچلۈك قاراشتا قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ گۆشى، تېرىسى، مېيى ۋە كاللا – پاقالچاقلىرى، ئۇستىخانلىرى، يۇڭلىرى، مۈڭگۈزلىرى قاتارلىقلار گۆشىگە ئوخشاش، شۇڭا، ئۇنىڭ قايسىبىر قىسمىنى سېتىشقا، بىر نەرسىگە تېگىشىشكە بولمايدۇ. ئەگەر سېتىپ سالغان تەقدىردە، پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ماددىي بەدەل ئۇنىڭ قۇربانلىق سۈپىتىگە زىت كېلىدۇ.

بەزى ئالىملار قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى داس، چېلەك، تاغار، ئەلگەك قاتارلىق ئۆيدە ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قۇربانلىق قىلغۇچىغا قارىتا شۇنداق.

ئەمدى قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى مەدرىسە، مەسچىت، ۋەخپە، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ۋە ياكى باشقا پېقىرلارغا ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلسا، ئۇلار گۆشنى ئوقۇغۇچىلار پايدىسى ئۈچۈن خالىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ. قۇربانلىق گۆشى بۇ جەھەتتىن زاكات، سەدىقە ۋە ھەدىيەگە ئوخشاش.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەرگەن بىر ئېتىنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بىر كىشىنىڭ مىنىشى ئۈچۈن سەدىقە قىلغان ئىدى. كېيىن ئۆمەرگە: «ھېلىقى ئادەم ئاتنى ساتىدىغانغا تۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى. ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى سېتىۋالما، بەرگەن سەدىقەڭدىن ھەرگىز يېنىۋالما» دېدى.([4])

بۇ ھەدىستە ئات سەدىقە قىلىنغان ئادەم سەدىقە ئالغان ئاتنى سېتىشقا چىقارغان ۋە چەكلەنمىگەن.

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا گۆش كەلتۈرۈلگەن ئىدى، بۇ دېگەن بەرىيرەگە قىلىنغان سەدىقە، دېيىلدى، رەسۇلۇللاھ: «بۇ ئۇنىڭغا سەدىقە، بىزگە ھەدىيە» دېدى.([5])

بۇ ھەدىستىمۇ بەرىرە سەدىقە ئالغان گۆشنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلغان.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئۇلار خالىسا قۇربانلىق گۆشنى گۆش دۇكانلىرىغا ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئورنىغا ۋاقتى – ۋاقتىدا ئۇدۇللۇق يېڭى گۆش ئېلىپ تېگىشىپ يېسە بولىدۇ. ياكى گۆشنى سېتىۋېتىپ پۇلىغا ۋاقتى – ۋاقتىدا ئۇدۇللۇق يېڭى گۆش ئېلىپ يېسە بولىدۇ. يەنە خالىسا گۆشنىڭ پۇلىغا ئېھتىياجىغا قاراپ گۆشتىن باشقا زۆرۈر نەرسە – كېرەكلەرنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. دېمەك، بۇ گۆش ئۇلارنىڭ تولۇق ھەققى بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

لېكىن، بۇ گۆشلەر سېتىۋېتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار پايدىلانماي، ئۇنىڭ پۇلى كېيىنچە، بەزى شەخسلەرنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ توزۇپ كېتىپ قالغان ئەھۋالدا بۇ ئىشتىن ئاشۇ ئورۇنلارغا مەسئۇل بولغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولۇق مەسئۇل بولىدۇ.

ئەگەر قۇربانلىق گۆشنى بەرگۈچى: بۇ گۆشنى ئوقۇغۇچىلارغا پىشۇرۇپ يېگۈزۈڭلار، سېتىۋەتمەڭلار، دەپ (ئامانەت قىلىپ) تاپىلىغان ئەھۋالدا ئۇنى سېتىشقا ياكى پۇلىغا باشقا نەرسە ئېلىشقا بولمايدۇ. بۇ گۆشنى ئوقۇغۇچىلارغا يېگۈزۈشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئامانەتتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 5 – 4

——————————-
([1]) «ھەج» سۈرىسى، 36 – 37 – ئايەتلەر.
([2]) «ھەج» سۈرىسى، 38 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([3]) «بۇخارى»، 1716 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1317 – ھەدىس.
([4]) «بۇخارى»، 2775 – ھەدىس.
([5]) «بۇخارى»، 2775 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز