پاقا، يىلان قاتارلىقلارنى دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىش

پاقا، يىلان قاتارلىقلارنى دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! جىددىي مەسلىگە يولۇقتۇم، ياردەم قىلغايسىز! مەن بىر تېۋىپ، بۇندىن بۇرۇن پاقا بىلەن يىلاننى دورا ئورنىدا ساتقان، ھازىر بۇنى يېيىشكە بولمايدىغانلقىنى بىلدىم. مېنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ياخشى، ئەگەر تەقۋادارلىققا ياخشى بولمايدىغان يېرى بولسا نەق گەپنى دېسىڭىز مەن بۇنى ساتماي باشقا دورىلارنى ساتساممۇ بولىدۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتەھۇ، مەن بولسام بىر ئۇيغۇر تېبابەت دورىگىرى. بىز دورا ياسىغان چاغدا بىر قىسىم دورىلىرىمىزغا بۇقىنىڭ زەكىرى (بۇقا چۇيى) قوشۇلىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرىغا بۇغا مۈڭگۈزى، قوينىڭ بويۇن بېزى، قۇندۇزنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ئاجرالمىسى، ئەپيۇن، نەشە، ئېشەك سۈتى قاتارلىق دورىلار قوشۇلىدۇ.

بۇلارنى قوشمىساقمۇ دورا پايدا قىلىدۇ، لېكىن تازا ياخشى بولمايدۇ. بۇ دورىلارنى قوشمىساق نۇرغۇن كىشىلەر بىز ياسىغان دورىنى پايدا قىلمىدى (ساختا دورىكەن) دەپ يېمەيدىكەن، بىز زادى قانداق قىلساق بولىدۇ؟

ئادەتتە بىز قارا چۈمۈلىلەرنى تۇتۇپ كۇچۇلا يېغىغا چىلاپ (چۈمۈلە يېغى) ئالىمىز، ئاشۇنداق قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇقا ۋە باشقا ھالال ھايۋانلارنىڭ زەكىرى، تاشىقى، مېڭىسى، بۇغا مۈڭگۈزى، قوينىڭ بويۇن بېزى، ۋە قۇندۇز (بادەستەر) ئۇرۇقدىنىنىڭ ئاجرالمىسى قاتارلىقلار، قۇندۇزنىڭ ئۆزىدىن چىقىرىلىدىغان مايلار ھارام ئەمەس. شۇڭا، ئۇنى ئىستېمال قىلسا، دورىغا قاتسا بولىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى بەزى ئالىملار مەكرۇھ دەپمۇ قارىغان.

يەنە ئىپارنى ئىستېمال قىلسا، دورىغا قاتسا بىردەك قاراشتا جائىز بولىدۇ.

ئەمما، ئەسلى نىجىس ياكى ھارام قىلىنغان نەرسىلەر مەسىلەن، پاقا، قان، يىلان، چايان، ئېشەك گۆشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى ئادەتتە ئىستېمال قىلىش چەكلىنىدۇ.

داۋالىنىشتا ئىشلىتىشكە كەلسەك، بىر قىسىم ئالىملار داۋالىنىشتىمۇ ھارام ۋە نىجىس ماددىلار بىلەن داۋالىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا شىپالىق يوق، دەپ قارايدۇ.

زوھرىي ئېيتىدۇ: «بىرەر زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىش ھالال بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ نىجىستۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 5) دېگەن».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراق توغرىسىدا: «ئاللاھ سىلەرنىڭ كېسىلىڭلارنىڭ شىپاسىنى سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردە قىلمىغان» دېگەن.(1)

يەنە بىر قىسىم ئالىملار بۇ نەرسىلەر ئادەتتە زۆرۈر داۋالىنىش ئەھۋالى بولمىسا ھارام، زۆرۈر داۋالىنىش ئەھۋالى بولۇپ ئاشۇنى ئىستېمال قىلمىسا باشقا ھالال پاك دورا تېپىلمايدىغان ئەھۋاللاردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇلارنىڭمۇ بەزى سەھىھ ھەدىسلەردىن دەلىلى بار، مەسىلەن، ئۇرەنىيلىك كىشىلەرگە مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ھاۋاسى ياقماي ئاغرىپ قالغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى تۆگە سۈتى ۋە سۈيدۈكلىرىنى ئىچىشكە بۇيرۇغان، بەزى ساھابەلەرگە تېرە كېسەللىكى سەۋەبىدىن يىپەك كۆينەك كىيىشكە رۇخسەت قىلغان. دېمەك، داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان.

ئېشەك سۈتى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، گۆشىگە ئوخشاش ھارامدۇر. بەزىلەر ئۇنى مەينەت ئەمەس، داۋالىنىشتا پايدىلىق دەپ قارالسا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، دەيدۇ.(2)

لەيس مۇنداق ئارتۇق رىۋايەت قىلدى: يۇنۇس ماڭا ئىبنى شىھابتىن مۇنداق سۆزلەپ بەردى: مەن ئۇنىڭدىن (ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىيدىن): ئېشەك سۈتىدە ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئۆتىدە، ياكى تۆگە سۈيدۈكىدە تاھارەت ئالساق، ياكى ئۇلارنى ئىچسەك، بولامدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ (تۆگە سۈيدۈكى) بىلەن داۋالىناتتى، ئۇنداق قىلسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، دەپ قارايتتى. ئەمما، ئېشەك سۈتىگە كەلسەك، بىزگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلىگەنلىكى يەتكەندۇر. سۈتى توغرىسىدا يا بىرەر بۇيرۇق ياكى چەكلەشتىن خەبەر تاپمىدۇق، ئەمما يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئۆتلىرىگە كەلسەك، ئىبنى شىھاب ئەززۇھرىي ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىي ئارقىلىق ئەبۇ سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوۋۇز چىشلىق ھەرقانداق يىرتقۇچ ھايۋاننى يېيىشنى چەكلىگەن.(3)

ئەمدى ئالىملار ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق ئىككى قاراش بولغاندىكىن دورىگەرلەر، تېۋىپلار بۇ ئىككى قاراشنىڭ قايسىبىرىنى تۇتۇپ ئىش قىلسا بولىدۇ.

ئەلبەتتە، ئىستېمال قىلغۇچىلار زۆرۈر ئەھۋال بىلەن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالنى ئايرىپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك، تېۋىپلارمۇ شۇنىڭغا قاراپ رېتسېپ يېزىشى كېرەك.

يەنە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، مەلۇم بىر كېسەلنى داۋالىمايدىغان، پەقەتلا كىشىلەرنى مەست قىلىدىغان، خۇشخۇي قىلىدىغان دورا ۋە مەجۇنلارنى ياساش، سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش ئېنىق ھارام بولىدۇ. ئەمما، ئادەتتىكى كېسەللىكلەرنىڭ دورىسىنى ياسىغاندا ئۇنىڭ تەركىبىگە نەشە، خەشخاش قاتارلىق دورىلار مەلۇم مىقداردا قوشۇلسا، دورىنى ئىستېمال قىلغاندا مەست بولمايدىغان بولسا، ئۇنداق دورىنى ياساش ھەم ئىستېمال قىلىش ھارام بولمايدۇ.

پاقىنى دورىغا قېتىشقا كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پاقىنى ئۆلتۈرۈشتىن، ئۇنىڭدا دورا ياساشتىن توسقان.

بىر تېۋىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دورىغا پاقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن توسقان.(4)

ئىمام خەتتابىي: «بۇ ھەدىستىن پاقىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھاراملىقى چىقىدۇ» دەيدۇ.(5)

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن پاقىنى ئادەتتىكى ئەھۋالدىمۇ، داۋالىنىش زۆرۈرىيىتىدىمۇ ئۆلتۈرۈشكە، يېيىشكە بولمايدۇ.

چۈمۈلە قاتارلىق ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توسقان ھەدىسلەر بولسىمۇ داۋالىنىشتا دورا شەكلىدە ئىشلىتىشتىن توسقان ھەدىس يوق. شۇڭا، دورا بولىدىغانلىقى ئېنىق بولسا تىرىك چاغدا ئوتتا قىيناپ ئۆلتۈرمەي، ئالدى بىلەن قىينىماستىن تېز ئۆلتۈرۈپ ئاندىن ياغقا ياكى سۇغا چىلاپ يېغىنى، شورپىسىنى چىقارسا مەيلى بولىدۇ ئىنشائاللاھ، چۈنكى چۈمۈلىنى ئادەتتىكى ئازار بەرمىگەن ئەھۋاللاردا ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئازار بەرسە ياكى ئىنسان ھاياتىنى قوغداشقا دورا ئۈچۈن زۆرۈر بولسا مەيلى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 19 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2011، 21 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 178 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. «بۇخارىي»، «تاتلىق – شىرىن ھالۋىلار بىلەن ھەسەل ئىچىش» دېگەن باب.
2. ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 1/114؛ ساۋىي: «بۇلغەتۇسسالىك»، 3/42؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/525؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/410.
3. «بۇخارىي»، (5781).
4. «ئەھمەد»، (15795)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (5269). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
5. ئەزىمئابادىي: «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 10/252.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ