چۈمۈلە يەپ داۋالىنىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، چۈمۈلىنى يېيىش ھالالمۇ؟ بۇ سوئالنى سوراشتىكى مەقسەت مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىپ ئايپاڭباش بولۇپ قالغانتى، بىر تېۋىپ «قارا چۈمۈلە يېسىڭىز چاچ ئۈندۈرىدۇ» دەپتىكەن، ئۇ دوستۇم قارا چۈمۈلىنى بەش – ئالتە ئاي يەپتىكەن، راستىنلا چاچ ئۈندى. مەن بۇ توغرىدا ھالالمۇ – ھاراممۇ شەكلىنىپ قالدىم. جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ھاشاراتلارنى يېيىش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار:

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بارلىق ھاشاراتلارنى يېيىش ھارام. ھاشاراتلار ئىچىدىن پەقەتلا چېكەتكىنى ئايرىم ھەدىس كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھالال دەپ بىلگەن.

مالىكىي مەزھەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراشتا بارلىق ھاشاراتلار ھالال.

ھارام دېگەنلەر ئاساسلانغىنى: چۈنكى، بۇنداق نەرسىلەردىن ساغلام تەبىئەت يىرگىنىدۇ، ئۇنى مەينەت دەپ قارايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

[ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ].([1])

يەنە ئالىملار مۇنداق بىر قائىدە يەكۈنلەپ چىققان: «ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان ھەرقانداق نەرسىنى يېيىش ھارام».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆت تۈرلۈك نەرسىنى ئۆلتۈرۈشنى چەكلىگەن: چۈمۈلە، ھەسەل ھەرىسى، ھۆپۈپ ۋە سۈراد.([2])

ئىمام بەيھەقى دەيدۇ: بۇ ھەدىستە ئىسمى ئېيتىلغان ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاراملىقى چىقىدۇ، چۈنكى ھالال بولغان بولسا، ئۆلتۈرۈشتىن توسمىغان بولاتتى.([3])

ئەمدى چۈمۈلىنى يېيىشنى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ھارام دەپ قارىساق، ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا:

بىرى، زۆرۈرىيەت بولۇپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش جائىز.

يەنە بىرى، ھارام بىلەن داۋالىنىش مۇتلەق ھارام.

بۇنىڭغا ئاساسەن چۈمۈلە يەپ داۋالىنىش بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 6 – 14

————————————
([1]) «ئەئراف» سۈرىسى، 157 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([2]) «مسند أحمد»، 3067 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 5267 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن. سۈراد: قالىغاچقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قۇش.
([3]) «سبل السلام» 4/76.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز