ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشى

ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئاياللار سىرتقا چىقىپ ئەرلىرىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەمدە بولسا دۇرۇسمۇ؟ ئۇستازنىڭ تەپسىلىي جاۋاب بېرىشنى سورايمەن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەسلىدە ئاياللارنىڭ ئىشلىشى ياكى تىجارەت قىلىش چەكلەنگەن ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئېلىم – سېتىمنى، تىجارەتنى ئەرگىمۇ ئايالغىمۇ ئوخشاش ھالال قىلغان.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىنى ھارام قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 275)،  ﴿پەقەتلا ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودا بولۇپ قالسا﴾(2/«بەقەرە»: 282)،  ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29).

لېكىن، ئاياللارنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجى بولغان ئەھۋالدا بىرقانچە شەرتلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم.

1. كىيىنىش، ياسىنىش، ئەرلەرگە مۇئامىلە قىلىش، يۈرۈش – تۇرۇش، پاراڭلىشىش، فىتنەگە سەۋەب بولماسلىق قاتارلىقلاردا ئىسلام كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلىش. بۇنىڭغا ئاساسەن تولۇق يۆگىنىپ كىيىنىشى، ئەتىر ياكى گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەتمەسلىكى، ئەرلەر بىلەن بىھۇدە پاراڭ، ناز – كەرەشمىلىك چاقچاق قىلىشماسلىقى كېرەك. بۇ تىجارەتچى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى ئايال بولسۇن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىردەك رىئايە قىلىدىغان ئىشلاردۇر.

2. ئېمىتىدىغان، باقىدىغان، تەربىيەلەيدىغان بوۋاق ياكى سەبى ياكى ئۇندىن چوڭراق پەرزەنتلىرى بولماسلىقى. شۇنداقلا ئېرىنىڭ تاماق، كىيىم – كېچەك ۋە باشقا ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىشى لازىم. بۇلارنىڭ بىرى قامدالماي ياكى چالا قامدىلىپ قالغان ئەھۋالدا، ئۆيدىن چىقىپ تىجارەت قىلسا بولمايدۇ. بوۋاق بالا تولۇق ئېمىتىلىشى، سۈت پاراشوكى بىلەن ئايال خىزمەتچىگە ياكى باغچىغا تاشلاپ قويۇپ تىجارەتكە ماڭماسلىق لازىم. سەبى بالا پەرۋىش قىلىنىشى، ئۆيدە يالغۇز قېلىپ ياكى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسە ئىسسىق تاماق ياكى مېھىر – شەپقەت كۆرمەي مېھرى سوغۇق ئۆيدە بىردەم ئولتۇرۇپ تورخانىغا ياكى ناچار دوستلارغا ئارىلىشىپ يولدىن چىقىپ كەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى، ئايالمۇ ئۆز ئۆيىگە، پەرزەنتلىرىگە مەسئۇلدۇر.

3. تىجارەت قىلىشقا ئېھتىياج بولۇشى. يەنى ئېرى پۇل تاپالمايدىغان ياكى باقالمايدىغان بولغاچقا، ئېرىدىن باشقا ئۇنى باقىدىغان بىركىمى بولمىغاچقا، شۇ تىجارەتنى قىلمىسا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالىدىغان بولۇشى.

شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزى قويلارنى سۇغۇرۇشقا چىقىپ قىستىلىپ سۈركۈلۈپ يۈرۈشنى خاھلىماي ئەرلەر پادىلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغۇچە ئۆز پادىلىرىنى سۇدىن توسۇپ بىر ياقتا كۈتۈپ تۇرغاندا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا:  ﴿ئىككىيلەن: پادىچىلار ماللىرىنى سۇغۇرۇپ بولمىغۇچە بىز سۇغارمايمىز، ئاتىمىز يېشى چوڭ بوۋاي﴾(28/«قەسەس»: 23) دەپ جاۋاب بەرگەن.

دېمەك، ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ ماللارنى سۇغۇرۇشقا چىقىشى ھەققىدە ئۆزرىسىنى بايان قىلىپ: ئاتىمىز ياشىنىپ قالغان، باشقا ئادىمىمىز يوق. شۇڭا، بىز ئۆزىمىز چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق، دېگەن.

مەلۇمكى، ئېرى بار ئايالنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى ئېرى قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئېرى بار ئايالنىڭ تىجارەت قىلىشىغا نېمە ئېھتىياج بار؟

بەلكىم مەقسەت كۆپرەك كىرىم قىلىشتۇر. ئەمما، ئىنسان ئالدى بىلەن ياشىماقچى بولغان تۇرمۇش سەۋىيەسىنى بەلگىلىۋېلىپ ئاندىن ئاشۇ سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماي، كىرىمىگە قاراپ ياشىشى، يوتقىنىغا قاراپ پۇت سۇنۇشى لازىم. مۇسۇلمان كىشى ئاللاھنىڭ تەقسىم قىلىپ بەرگەن رىزقىگە قانائەت قىلىپ، قولىغا كەلگەن رىزىققا قاراپ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنىيەتنى تەتۈر ئۆرۈپ ھەر خىل ئۇسۇلدا كىرىمنى ئاۋۇتۇشقا تىرىشماسلىقى كېرەك.

4. مەھرەم بىلەن بىللە بولۇشى. يەنى ئېرى داۋاملىق بىللە بولۇشى لازىم. چۈنكى، تىجارەت قىلىش جەريانىدا تۈرلۈك تىجارەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان گەپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تىجارەتكە ئارىلاشتۇرۇپ قالايمىقان چاقچاق، ھاياسىز سۆزلەرنى قىلىۋېرىدۇ. بۇ دىيارىمىزدا ھەربىر تىجارەتچى كۆز يۇممايدىغان بىر ھەقىقەت.

مېنىڭ تەۋسىيەم شۇكى، ئايال كىشى ئېرىگە تىجارەتتە ھەمكارلاشماي، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، ئېرى تېپىپ بەرگەننى خەجلەپ، ئۆيىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىشقا تىرىشىشى كېرەك. چۈنكى، ھاياتتا ھەممە نەرسە پۇل ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ ماددىي ساپاسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پەرزەنتلىرى ھەققىدە بۇنچىۋالا قۇربانلىقلارنى بېرىپ كىرىمىنى ئاۋۇتقان بىلەن بۇنىڭ قارشىلىقىدا بۇ ئائىلىنىڭ تارتىدىغان زىيىنى ئاز بولمايدۇ. ۋاقتىنى سىرتتا تىجارەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ چارچاپ ئۆيگە قايتقان ئايالنىڭ ئېرىگە، پەرزەنتلىرىگە قارىتا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى چەكلىك بولىدۇ. ئانا ئالدىراش بولۇپ، پەرزەنتلىرى ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولالمىسا، چوڭ بولغاندا بىنورمال بولۇپ چىقىدۇ. ياكى تېخى ئاق چېكىملىك ياكى باشقا خەتەرلىك يولغا كۆنۈپ قالىدۇ. بۇ چاغدا تىجارەت قىلىپ تاپقان پۇللار كار قىلمايدۇ. شۇڭا، مەسىلىنى بىر پۈتۈن ئويلاش كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 22 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 25 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 157 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ