يەھۇدىيلار ئىشلەپچىقارغان چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

يەھۇدىيلار ئىشلەپچىقارغان چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىسلام دۇنياسىدا يۈسۈف قەرەداۋىيغا ئوخشاش داڭلىق ئۆلىمالار تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارغا «چەكلەنگەن مەھسۇلات» دەپ بەلگىلەنگەن كېنتاكىي، پىپسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟

يەنە بىر سوئال: ئېلېكترونلۇق بۇيۇملارنىڭ بولۇپمۇ، كومپيۇتېرنىڭ ھالقىلىق دېتاللىرىدىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ دېگەندەكلەر بولۇپ، خەلقئارادا ئاساسەن بىزگە تونۇشلۇق بولغانلىرىدىن ئىنتىل (Intel)، ئەيئەمدى AMD)) ئىككى خىلى بار، ئىنتىل ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىگە تىزىلغان، ئىسرائىلىيەنىڭ 2008 – 2009 يىلدىكى پەلەستىنگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، مۇسۇلمانلار بايقۇت قىلىشقا تېگىشلىك شىركەتلەر تىزىملىكىدە ئىسمى ئاتالغان، يەنە بىرى، ئەيئەمدى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بەرمىسىمۇ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ شىركىتى، ئۇنداقتا ھامان ئامېرىكىغا باج تۆلەيدۇ، ئامېرىكا شۇ باجنىڭ پۇلى بىلەن قۇرال ياراق، ئوق – دورا ياساپ ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلىدۇ ھەمدە ئافغانىستان، ئىراقتا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. مەسىلە ئەگەر بىز ئۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەيمىز دېسەك، ئۇنداقتا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا ئۇ خىل تېخنىكا يوق (ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەسلى بۇ خىل تېخنىكا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا ئالدى بىلەن بولۇشى كېرەك ئىدى. مىڭ ئەپسۇس…)، ئىشلەتمەيمىز دېسەك ئەقەللىيسى كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ سىلىگە ئۇشبۇ خەتنى يېزىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق بولىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى نوكىيا، ئايفون قاتارلىق تىلفۇنلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، بۇلارنىڭ تىجارىتىنى قىلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىدىغان كېنتاكىي، ماكدونالدز، بىتزا ھوت، ماك برگر ۋە ھارديز قاتارلىق ئاشخانىلاردىن يېمەك – ئىچمەك سېتىۋېلىش، يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىدىغان شىركەتلەر ئىشلەپچىققان تۈرلۈك تاۋارلارنى سېتىۋېلىش ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بايقۇت قىلىش قارارى بويىچە چەكلەنگەن ھارام ئىش بولۇپ، كىمكى ئۇنداق قىلىدىكەن يەھۇدىيلارغا ياردەم قىلغان، كافىرلارغا نۇسرەت بەرگەن، زۇلۇمغا قارشى تۇرمىغان، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولغان، شۇنداقلا گۇناھ ئىشلىگەن بولىدۇ.

ئۆلىمالار بۇ پەتۋادا ھارام دېگەن ھۆكۈمنى بېرىشتە ئاساسەن پەلەستىن ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنى قىرىۋاتقان يەھۇدىي ۋە ئامېرىكا كۈچلىرىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ماددىي ياردەم بېرىۋاتقان شىركەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلىتىش، بودىماسلىق ۋە ئىقتىسادىي بېسىم قىلىش قاتارلىق زۆرۈر مەنپەئەتلەرگە تايانغان.

يەنە بەزىبىر كېنتاكىي ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاشخانىلاردا سېتىلىۋاتقان توخۇلارنىڭ ھارام گۆش قاتارىغا كىرىدىغانلىقىغىمۇ تايانغان. چۈنكى، بۇ ئاشخانىلاردا سېتىلىدىغان توخۇلار شەرئى بوغۇزلانمايدىغان بولغاچقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى ئىستېمال قىلىشى ئەسلىدە چەكلەنگەن. لېكىن، ئۇنىڭدىن باشقا ھالال يېمەكلىكلەرنى ساتىدىغان ئاشخانىلارغا كىرىش، يېمەك – ئىچمەكتىن باشقا تاۋارلارنى سېتىۋالماسلىق بولسا ئىقتىسادىي بايقۇت قىلىپ بېسىم قىلىش جەھەتتىن چەكلەنگەن.

ئۇنداق بولۇشى، ئىمان دېگەن مۇھەببەت – نەپرەت، ئاللاھنىڭ دوستىغا دوست، دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىش، ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشى بۇلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، سودا – سېتىق، ئىستېمال ۋە باشقا بارلىق ئىشلىرىدا ۋۇجۇدقا چىقىرىشى لازىم.

ئەسلىدە بۇ تاۋارلارنى سېتىۋالماسلىق قانۇنلۇق بىر قورال ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن، بايقۇت قىلىش، ئېمبارگو قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ قەدىمدىن تارتىپ تونۇلغان بىر چارە. ئىسلامىيەتتە مەككە مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە ئۈچ يىل ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئېمبارگو يۈرگۈزگەن.

ئىمام ئىبنى كەسىر ئېيتىدۇ: «مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ئەزىيەتلىرى ئېغىرلىشىپ، ئاخىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئوچۇق – ئاشكارا ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا تاغىسى ئەبۇ تالىب بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ پۈتۈن بەنى ھاشىم جەمەتىنى توپلاپ ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزلىرىنىڭ مەھەللىسىگە ئەكىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلاردىن ئۇنى قوغداشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىرى بولسۇن، كافىرلىرى بولسۇن بەنى ھاشىم جەمەتى بىردەك ئۇنى قوغداپ قېلىشقا ئىتتىپاقلاشتى. بەزىلىرى ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق جەھەتتىن شۇنداق قىلىپ، بەزىلەر ئىمانى جەھەتتىن شۇنداق قىلدى. مەككە مۇشرىكلىرى ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تاپشۇرماي بىردەك قوغدىغانلىقىدىن خەبەر تاپقاندىن كېيىن، مۇشرىكلار يىغىلىپ بەنى ھاشىم جەمەتى بىلەن بىللە تاكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆلتۈرۈشكە تاپشۇرغانغا قەدەر ئۆزئارا ئولتۇرۇپ – قوپاشمايدىغان، ئېلىپ – سېتىم قىلىشمايدىغان، ئۆيلىرىگە دەسسىمەيدىغانغا، سۈلھمۇ قوبۇل قىلمايدىغانغا، ئۇلارغا ئىچمۇ ئاغرىتمايدىغانغا پۈتۈشكەن. شۇنداق قىلىپ بەنى ھاشىم جەمەتى مەھەللىسىدە ئۈچ يىل قامىلىپ قېلىپ قاتتىق قىينالغان. مەككە مۇشرىكلىرى ئۇلارنى بازارلاردىنمۇ توسۇۋالغان. مەككەگە ئاشلىق ياكى تاۋار كېلىپ قالسا، ئالدىن بېرىپ ئۇنى ئۆزلىرى سېتىۋالغان. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ مەقسىتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئىدى».(^[1])

سۇمامە ئىبنى ئوسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە مەككە مۇشرىكلىرىغا قارىتا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەجد تەرەپكە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار بەنى ھەنىفە قەبىلىسىدىن سۇمامە ئىبنى ئۇسال ئىسىملىك بىر ئادەمنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇنى مەسجىدنىڭ تۈۋرۈكىگە باغلاپ قويدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىقىپ: «ئى سۇمامە، نېمە تەلىۋىڭ بار؟» دېۋىدى. سۇمامە: ئى مۇھەممەد، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭ، قان قىساسى ۋاجىب بولغان ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولىسەن، ئەگەر ئەپۇ قىلىۋەتسەڭ، رەھمەت ئېيتىشنى بىلىدىغان بىرىگە ئىنئام قىلغان بولىسەن، ئەگەر پۇل – مال خاھلىساڭ، خاھلىغىنىڭنى تەلەپ قىل، دېدى. ئۇ شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇلدى، ئەتىسى رەسۇلۇللاھ: «ئى سۇمامە، نېمە تەلىۋىڭ بار؟» دېۋىدى. سۇمامە: ساڭا ئېيتقىنىمدەك، ئەگەر ئەپۇ قىلىۋەتسەڭ، رەھمەت ئېيتىشنى بىلىدىغان بىرىگە ئىنئام قىلغان بولىسەن، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى يەنە شۇ ھالەتتە قويۇپ قويدى، ئەتىسى رەسۇلۇللاھ: «ئى سۇمامە، نېمە تەلىۋىڭ بار؟» دېۋىدى. سۇمامە: ساڭا ئېيتقىنىمدەك، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ «سۇمامەنى يېشىۋېتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال مەسجىدكە يېقىن بىر خورمىزارلىققا بېرىپ غۇسۇل قىلدى، ئاندىن مەسجىدكە كىرىپ: گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئې مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن ئۈستىدە ماڭا نىسبەتەن سىلىنىڭ چىرايىلىرىدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرىدىغان بىر چىراي يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا سىلىنىڭ چىرايلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك چىراي بولۇپ قالدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن ئۈستىدە ماڭا نىسبەتەن سىلىنىڭ دىنلىرىدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرىدىغان بىر دىن يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا سىلىنىڭ دىنلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك دىن بولۇپ قالدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن ئۈستىدە ماڭا نىسبەتەن سىلىنىڭ يۇرتلىرىدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرىدىغان بىر يۇرت يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا سىلىنىڭ يۇرتلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك يۇرت بولۇپ قالدى، لەشكەرلىرى مېنى ئۆمرە قىلاي دەپ ماڭغىنىمدا تۇتۇۋالغان ئىدى، قانداق قارايدىلا؟ دەپ ئىمان ئېيتقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خۇش بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇ ئۆمرە قىلىپ مەككەگە كەلگىنىدە بىرسى ئۇنىڭدىن: ھەق دىندىن باتىل دىنغا چىقتىڭمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ياق، لېكىن مەن ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مۇسۇلمان بولدۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەمدى بۇندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىجازەت قىلمىغۇچە يەمامەدىن سىلەرگە بىر تال بۇغداي دېنىمۇ كەلمەيدۇ، دېدى.(2)

ئىبنى ھىشام ئېيتىدۇ: شۇنداق قىلىپ ئۇ يەمامەگە چىقىپ ئۇ يەردىكىلەرنى مەككەگە بىرنەرسە ئاپىرىپ سېتىشتىن توسقان، نەتىجىدە، مەككە مۇشرىكلىرى بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئۆزلىرى سىلە – رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدىلا، دەپ يالۋۇرغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇمامەگە: «بىرنەرسە ئاپىرىپ سېتىشتىن توسىمىغىن» دەپ مەكتۇب يازغان.(3)

دېمەك، سۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشرىكلارغا ئاشلىق ساتماسلىق جەھەتتىن تەھدىت سېلىپ ئېمبارگو ئېلان قىلغان. ئەگەر بۇ ئىش چەكلىنىدىغان بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇنداق قىلدۇرمىغان بولاتتى.

يېقىنقى دەۋرلەردىمۇ گەندى ھنىدىستاندا ئىنگلىز تاۋارلىرىغا قارىتا بايقۇت قىلىشنى ئېلان قىلغان. جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتى ئىرقى ئايرىمىچىلىق قىلمىشى تۈپەيلىدىن خەلقئارا ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغان.

ھازىرقى دەۋردە ئىقتىساد ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى ئاجىزلىتىش، زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىم قىلىشتا بۇ قورالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش لازىم. بۇنىڭغا بىنائەن:

1. مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولمىسۇن كېنتاكىي، ماكدونالدز، بىيبسى كولا قاتارلىق ئامېرىكا ۋە يەھۇدىي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن دەرھال توختاش لازىم.

2. يۇقىرىقىدەك چەكلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش، ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىكىنى قىلىش، ئاشۇ شىركەتلەردە ئىشلەش ۋە ئۇنىڭ ئېلان – تەشۋىقاتلىرىنى جاكارلاپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار شەخس، دۇكانچى ۋە تىجارەتچىلەرگە چەكلىنىدۇ.

3. بۇ ئىشتا ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بالىچاقا، قولۇم – قوشنا ۋە دوست – بۇرادەرلەرنىمۇ ئاشۇ ئاشخانىلار ۋە شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىققا تەشۋىق قىلىش لازىم.

4. قولىغا كىرىپ بولغان مەھسۇلاتلار بولۇپ قالسا (تەركىبى جەھەتتىن ھارام بولمىغان ئەھۋالدا) ئۇنى تاشلىۋەتمەي ئىشلىتىۋەتسە بولىدۇ.

5. چەكلەنگەن مەھسۇلاتلاردىن مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا كىرىپ بولغىنى بولسىمۇ ئۇنى سېتىۋالماسلىق لازىم. چۈنكى، ئۇنى سېتىۋالغان ئەھۋالدا تىجارەتچى ئۇ مەھسۇلاتلارنى يەنە ئەكىلىدۇ، سېتىۋالمىغان ئەھۋالدا قايتا ئەكەلمەيدۇ.

6. بەزى زۆرۈر بولغان مەھسۇلاتلاردىن يەھۇدىي ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن باشقىسى ئىشلەپچىقارمايدىغان مەھسۇلاتلار بولسا، بۇنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدا مۇسۇلمانلارغا چوڭراق زىيان يېتىدىغان بولسا، بۇنى ئىشلەتسە بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقىلار ياسىغان مەھسۇلات بولۇپ قالسا، باشقىسىنى ئېلىش لازىم. مەسىلەن كومپيوتېر زاپچاسلىرى، يانفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ساھەسىدە ئېل جى، سامسۇڭ، توشىيبا ۋە سونىي قاتارلىق كۆرىيەنىڭ، ياپونىيەنىڭ شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ياردەم بەرمەيدىغان شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئالسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 18 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 21 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 158 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 3/84.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4372)؛ «مۇسلىم»، (1764).
3. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 8/88.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ