سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، توردىن كۈمۈشنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەندە سېتىۋېلىپ، ئۆسكەندە سېتىپ پايدا ئالغاندا قولىمىزدا ھەقىقىي كۈمۈش بولمايدۇ. پەقەت توردىكى كۈمۈشنى سېتىۋېلىپ – سېتىپ ئارىلىقتىن پايدا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن توردا قەغەز ئالتۇن سودىسى قىلماقچى ئىدىم. ئەمما، بەزەن تەرەپلىرىنى تازا توغرا بولماي قالارمۇ دەپ سەل – پەل ئىككىلىنىپ قالدىم. شۇڭا، ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار. بۇ بىر خىل تىجارەت بولۇپ، بانكا تەرەپ مەيلى ئالساق، مەيلى ساتساق بىزدىن ھەر گرامى ئۈچۈن 0.8 سوم پۇل تۇتىدىكەن. شۇڭا، بۇ قانداق بولار؟ تەپسىلاتى: قەغەز ئالتۇن سودىسىدا بانكىدىن بىر ھېساب نومۇرى بېجىرىمىز، شۇ كارتا ھېسابى ئارقىلىق بانكىنىڭ تور مۇلازىمىتى ياكى بىۋاسىتە بانكا مۇلازىمەت مۇنبىرى ئارقىلىق سودا قىلىمىز. باھاسى چۈشكەندە تۆۋەن چەكتىن ئالىمىز، قەغەز ئالتۇن سودىسىدا چۈشۈشكە ئېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئۆسۇشكىلا ئالىمىز ھەم بازارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەۋرىنىشى بىلەن مەلۇم پايدىغا ئېرىشكەندە مالنى سېتىپ چىقىرىمىز. قەغەز ئالتۇن سودىسىدا سودا قىلغۇچى بىۋاسىتە ئالتۇن بىلەن ئۇچراشمايدۇ، پەقەت كارتا ھېسابىدىكى مەبلەغنىڭ سوممىسى بىلەن پايدا زىيان بولغاننى بىلىمىز. قەغەز ئالتۇن سودىسىدا بانكىلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ھەر گرامغا رەسمىيەت ھەققى ئۇچۇن ئاتمىش تىيىندىن بىر سومغىچە مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ. ھەرقايسى ۋاقىت رايونلىرى ھەم رايونلارنىڭ پەرقى بولغانلىقى ئۇچۇن قەغەز ئالتۇن سودىسىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن.
يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دىيارىمىز قەشقەردە كومپيوتېر تورىدا ئالتۇن – كۈمۈش ئېلىم – سېتىم قىلىش بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ ئېلىم – سېتىمنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە: مەن ئالتۇن – كۈمۈش ئېلىم – سېتىم قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال بانكىغا بېرىپ كارتىدىن بىرنى بېجىرىمەن، ئاندىن كارتىمغا ئېلىم – سېتىم قىلغۇدەك پۇل قويىمەن، ئاندىن بانكا تورىغا كىرىپ كارتا نومۇرۇمنى كىرگۈزۈپ ئېلىم – سىتىم مۇنبىرىگە كىرىپ ئالتۇن – كۈمۈش تىجارىتى قىلىمەن، مەسىلەن، بازاردا ئالتۇننىڭ گرامى 300 سوم بولسا بانكا تورىدىن گرامىنى 302 سوم ئەتراپىدا پايدا بېرىپ سېتىۋالىمەن، ساتىدىغان ۋاقىتتا ئالتۇننىڭ بازار باھاسىنىڭ گرامى 302 سوم بولسا بانكا 300 سوم ئەتىراپىدا سېتىۋالىدىكەن. بۇ خىل باھالار كۈندە نەچچە يۈز قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئارىلىقتا مەبلەغ سالغانلار زىيان تارتىپ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بانكا پايدا ئالىدىكەن. بۇ خىل سودا ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بۇ خىل سودا شەرئى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ، سەۋەبى:
بىرىنچىدىن: بۇ ئەسلى قولىدا يوق نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ساتقۇچىنىڭ قولىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق. ھېسابىدا قەرز ياكى ئامانەت پۇل بار.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «قولۇڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما» دېگەن.(1)
ئىككىنچىدىن: تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدىغان نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ساتقۇچى ئالتۇن ياكى كۈمۈش تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.
ئۈچىنچىدىن: بۇ سودىنىڭ ماھىيىتىنى كۆزدە تۇتساق ئەمەلىيەتتە، بۇ قەرزنى قەرزگە سېتىشتىن ئىبارەت. قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ كۆپ خىلى چەكلەنگەن.
تۆتىنچىدىن: بۇنى ئالتۇن ياكى كۈمۈش سودىسى دەپ تۇرساقمۇ، بۇنىڭدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش سودىسىدا شەرت قىلىنغان بويىچە شۇ سورۇندا ئالتۇن ياكى كۈمۈشنى تاپشۇرۇش بولمايدۇ. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى بىر – بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشتا نەقمۇنەق، قولمۇقول بولۇشى شەرت.
بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككىيلەن دېدىكى: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تىجارەتچى ئىدۇق، شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەرراپچىلىق ھەققىدە سورىساق، رەسۇلۇللاھ: ‹نەق بولسا كېرەك يوق، ئەگەر نېسى بولۇپ قالسا دۇرۇس بولمايدۇ› دېدى».(2)
يۇقىرىقى شەكىلدىكى سودىلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن سودىلار، سىز دېگەن ئالتۇن – كۈمۈش سودىسىدا ئاشۇ چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن.
دېمەك، بۇ سودا پەقەتلا قەرز پۇلنى قەرز پۇلغا ئالماشتۇرۇپ، كۆڭلىمىزدە ئۆزىمىزنى كۈمۈش ئېلىپ – سېتىۋاتىمەن دەپ قانائەتلەندۈرۈپ مەۋھۇم دۇنيادا ئۆزىمىزنى گوللاشتىن ئىبارەت.
خۇلاسە: بۇ سودا توغرا بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 13 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 16 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 156 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «ئەھمەد»، (15347)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (3503)؛ «تىرمىزىي»، (1232). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2060، 2061)؛ «مۇسلىم»، (1589).