ئارتۇق باھادا نېسى ۋە مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىشتا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟

ئارتۇق باھادا نېسى ۋە مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىشتا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! دىيارىمىزنى بەزى تاۋارلارنى نېسى سېتىش قاپلاپ كەتتى. مەسىلەن، بىر موتسىكلىت سودىگىرى بىر موتسىكلىتنى بازار باھاسى بويىچە نەق بولسا 4500 سومغا، يىل ئاخىرىدا بېرىشكە 5000 سومغا ساتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مۇسۇلمان كىشى بىر تاۋارنى نەق پۇل بىلەن سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ ياكى رازىلىشىپ پۇلنى كېچىكتۈرۈپ نېسى قىلىپ بېرىدىغانغا سودىلاشسىمۇ بولىدۇ.

نېسى سودىلاشقاندا پۇلنىڭ ھەممىنى بىر ۋاقىت بەلگىلەپ شۇ ۋاقىتتا بەرسىمۇ بولىدۇ، ياكى بىرقانچە قەرەلدە بۆلۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

ئەئمەش رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «بىز ئىبراھىمنىڭ قېشىدا مالغا ئالدىن پۇل بېرىپ قويغاندا بىرنەرسىنى رەنىگە قويۇشنىڭ ھۆكمىنى مۇزاكىرە قىلىشقان ئىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسۋەد ماڭا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ بەردىكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىيدىن نېسى ئاشلىق ئېلىپ، ئۇنىڭغا ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان».(1)

بۇ ھەدىس نېسى قىلىپ سودىلىشىشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا نېسى سودىلاشقاندا پۇلنى بىرقانچە قەرەلگە بۆلۈپ تۆلەشنىڭ جائىزلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، شەرئى ھۆكۈم جەھەتتىن بىر قەرەل بېكىتىپ نېسى سېتىش بىلەن بىرقانچە قەرەل بېكىتىپ نېسى سېتىشنىڭ پەرقى يوق.

بۇنىڭ يەنە بىر ئېنىق دەلىلى شۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «بەرىرە كېلىپ ماڭا: خوجايىنىم بىلەن توققۇز ئۇقىييە(2) ئالتۇننى ھەر يىلدا بىر ئۇقىييەدىن بۆلۈپ بېرىپ ھۆرلۈكىمنى سېتىۋېلىشقا توختاملاشتىم. شۇڭا، ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز دېدى» دېگەن.(3)

دېمەك، بۇ ھەدىسمۇ پۇلنى بىرقانچە قەرەلگە بۆلۈپ نېسى سودا قىلىشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىىدىن نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان.(4)

بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بۇ ئاشلىقنى نەق باھاسىدىن يۇقىرى سېتىۋالغان، چۈنكى ئۇ يەھۇدىينىڭ ئۇ ئاشلىقنى نەق باھادا نېسى بېرىشى ئېھتىمالدىن يىراق.

مەزكۇر دەلىللەر بىر ياكى بىرقانچە قەرەلگە بۆلۈپ نېسى سېتىشنىڭ جائىزلىقىنى، يەنە نېسى قىلىشنىڭ قارشىلىقىدا باھانى ئۆرلىتىشنىڭ جائىزلىقىنى چوڭ ئېھتىماللىق بىلەن بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، بۇ يەھۇدىي ئۇ ئاشلىقنى بازاردا نەق ساتالايدىغان باھادا ھەرگىزمۇ نېسى بەرمەيدۇ. بەرىرەنىڭ خوجايىنلىرىمۇ توققۇز ئۇقىييە نەق ئالالايدىغان بولسا نېسى توققۇز ئۇقىييەگە ساتمايدۇ. بۇ تىجارەتچى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىشى بولسۇن ھەممىگە چۈشىنىشلىك بىر ئىش. ئىمام كاسانىي: «باھا نېسىلىك قارشىلىقىدا ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن» دەيدۇ.(5)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى قوشۇن تەييارلاشقا بۇيرۇغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇ: «بىزدە ئۇلاغ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى زاكاتچى خادىملار زاكات توپلاپ كېلىدىغان چاغدا بېرىدىغانغا ئۇلاغ سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغان ئىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر تۆگىنى ئىككى تۆگىگە ياكى بىرقانچە تۆگىگە زاكاتچى خادىملار زاكات توپلاپ كېلىدىغان چاغدا بېرىدىغانغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرى بىلەن سېتىۋالدى».(6)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە كىشىلەر بىر – ئىككى (ياكى ئىككى – ئۈچ) يىلنىڭ – مېۋىسىگە ئالدىنئالا پۇل تاپشۇراتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ: «كىمىكى خورمىغا ئالدىنئالا پۇل تاپشۇرماقچى بولسا، كەمچەننى ۋە ۋەزنىنى ئېنىق قىلىپ پۇل تاپشۇرسۇن» دېدى.(7)

بۇ ھەدىستىن چىقىدىغان دالالەت شۇكى، مالغا ئالدىنئالا پۇل تاپشۇرۇش ھەدىسنىڭ ئېنىق لەۋزى شۇنداقلا بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن جائىزدۇر. بۇ قەرەللىك نېسى سېتىشقا ئوخشايدۇ. دېمەك، بۇ دەلىل قىياستىن ئىبارەت.

يەنە بارلىق ئىسلام ئۈممىتى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر نېسى ساتقاندا باھانى ئاشۇرۇپ سېتىپ كەلگەن. بۇنى ئالىملار توسمىغان. بۇ بىر خىل ئىجماﺋ ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر ساتقۇچى خۇددى بۈگۈنكى كۈنلەردە كۆپىنچە تىجارەتچىلەر قىلىۋاتقاندەك، پۇلنى نېسى قىلىش ياكى بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ بېرىش سەۋەبىدىن مال باھاسىنى نەق باھاسىدىن ئاشۇرسا، سودىغا باشقا ئىش ئارىلاشماي مۇشۇ ھالەتتە مۇستەقىل سودا بولسا، سودىنىڭ باشقا نامەلۇم تەرىپى بولمىسا، بۇ سودا جائىز. ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى (تۆت مەزھەب ئالىملىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە) بۇ سودىنى جائىز دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، نەق ئالساڭ مۇنچە پۇل، نېسى قىلىپ بىر قېتىمدا ياكى بىرنەچچە قەرەلدە بۆلەپ بېرىشكە ئالساڭ مۇنچە پۇل دەپ ئىككى باھا دېگەن بولسىمۇ ئاخىرىدا سودا بىرسىگە پۈتكەن بولسا سودىدا چاتاق يوق، جائىز بولىدۇ.

زەيدىييە مەزھەبى(8) ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرى تاۋارنى پۇلىنى نېسى قىلىش سەۋەبىدىن نەق پۇلىدىن ئاشۇرۇپ سېىتىشنى ھارام دەپ قارىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە: بۇ سودىدا زاماننىڭ مۇقابىلىگە مال ئاۋۇيدۇ، بۇ جەھەتتىن بۇ سودا جازانە سودىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. لېكىن، زەيدىييە مەزھەبى ئادەتتە ئەھلىسۈننەت ھېسابقا ئالمايدىغان شىئە مەزھەبىنىڭ بىر تارمىقى بولغاچقا، يەنە ئۇلار ئاساسلانغان دەلىللەر زەئىف بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى باشقىچە كۆز قارىشىغا پەرۋا قىلىنمايدۇ.

ئەمما، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ئاساسلانغىنى بولسا: ھەرقانداق نەرسە ئەسلىدە ھالال بولىدۇ، بۇ سودىنى ھارام دەيدىغانغا دەلىل يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سودا زامانغا قارىتا باھا ئارتۇقراق بولۇش جەھەتتىن جازانىگە ئوخشىغاندەك قىلسىمۇ ھەممە جەھەتتىن جازانە سودىسىغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئىككىسىنىڭ پەرقى: ئاللاھ تائالا سودا – سېتىقنى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ھالال قىلىپ بەرگەن، جازانىنى كېچىكىشكە قارىتا ئارتۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلغان، جازانىدا ئارتۇق بولغان نەرسە دەل مۇئامىلە قىلىنغان بىردىنبىر تاۋارنىڭ ئۆزىدە بولىدۇ، مەسىلەن، 1 چارەك بۇغداينى بېرىپ 6 ئايدىن كېيىن 2 چارەك بۇغداي قايتۇرۇشتەك، ياكى 1000 تەڭگە قەرز بېرىپ قايتۇرغاندا 1100 تەڭگە قايتۇرۇشتەك.

نېسى باھادا ياكى بۆلەپ قەرەللىك نېسى سېتىشتا بولسا سودىلاشقان نەرسە بىر تاۋار بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى نەق 1000 تەڭگە، بىر ئايدىن كېيىن بېرىش بولسا 1100 تەڭگە، بۇ بولسا جازانە ئەمەس، بەلكى سودىدا كەڭچىلىك قىلىشتۇر، چۈنكى سېتىۋالغۇچى پۇل ئەمەس تاۋار ئالغان، ئۆزى بەرگەن تاۋار تۈرىنى ئارتۇق قايتۇرۇۋالمىغان، ئەلبەتتە، ئەتىكى گۆشتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى دېگەندەك، نەق نەرسە كېلەچەكتە بېرىلىدىغان نەرسىدىن ياخشىراق ۋە قىممەتلىكراق بولىدۇ. تاۋارغا بېرىلىدىغان پۇل بىلەن تاۋارنىڭ تۈرى بىر بولمىغاندىن كېيىن ئىسلام شەرىئىتى شەيئىلەرنىڭ تەبىئىتىگە تاقىشىپ تۇرۇۋالمايدۇ. ساتقۇچىمۇ نېسى ئالغۇچىغا مالنى نېسى ياكى قەرەللىك بۆلەپ بېرىش سودىسى ئارقىلىق تاۋار پۇلىدىن دەرھال پايدىلىنالماي قېلىش جەھەتتىن پىداكارلىق قىلغان بولىدۇ.(9)

ئىمام شەۋكانىي مۇشۇ مەسىلىدە مەخسۇس بىر رىسالە يېزىپ ئۇنى «شىفائۇل ئىلەل» دەپ ئاتىغان.(10)

ئىمام شەۋكانىي مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى جائىزلىقنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنىڭ ئومۇمىغا ئاساسەن بۇنداق سودىنى جائىز دەپ قارىغان، دەلىللەر بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ».(11)

سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە شەھرىدىكى ئىسلام ئەللىرىدىن كۆپ ئالىملار قاتنىشىدىغان «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» 1990 – يىلدا ئېچىلغان ئالتىنچى قۇرۇلتىيىدىكى 53/2/6 نومۇرلۇق قارارىدا بۇ تۈرلۈك سودىنى جائىز، دەپ قارار قىلغان.

بۇ سودىدا شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «نەق ئالساڭ مۇنچە، بۆلەپ بېرىشكە ئالساڭ مۇنچە» دېگەن تەقدىردە، قارشى تەرەپ قايسىسىغا ماقۇل كەلگەنلىكىنى بەلگىلىمەي «بولدى قوبۇل قىلدىم» دەپ سودىلاشسا بۇ سودا توغرا بولمايدۇ، قايسى تۈرگە ماقۇل كەلگەنلىكىنى ئېنىق دېيىشى كېرەك.

يەنە بۇ سودىغا بەزى مەۋھۇملۇق ئارىلىشىپ قالسا بولمايدۇ، مەسىلەن، پۇلنى قاچان بېرىش، بۆلۈپ بەرگەندە ھەر قېتىمقى ئۈلۈشنىڭ ۋاقتى، مىقدارى ئېنىق بولۇشى كېرەك.

بۆلۈپ پۇل بېرىشكە پۈتۈشكەندە «ۋاقتىدا بېرەلمىسە مۇنچە پىرسەنت ئۆسۈم ياكى بازار نەرخى ئۆسۈم قېتىلىدۇ» دەپ شەرت قىلماسلىق كېرەك.

سېتىۋالغۇچى ئۈلۈشلەرنى تاپشۇرۇشتا كېچىكىپ قالسا ئارتۇق پۇل تۆلەتسە بولمايدۇ، بۇرۇن شۇنداق تۆلىتىشكە پۈتۈشسىمۇ بولمايدۇ.

قولىدا پۇل بار ئادەم پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە بەرمەي سۆرىسە بولمايدۇ، كېچىكتىڭ دەپ تۆلەم تۆلىتىشكىمۇ بولمايدۇ.

سېتىۋالغۇچى بىرەر قېتىمقى ئۈلۈش پۇلنى ۋاقتىدا بېرەلمىگەن تەقدىردە، ساتقۇچى قالغان پۇلنى ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن بېرىسەن دەپ شەرت قىلسا، سېتىۋالغۇچى رازى بولسا بولىدۇ.

ساتقۇچىنىڭ سودىدىن كېيىن تاۋارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىش ھەققى يوق، لېكىن ساتقۇچى ھەممە پۇلنى تۆلەپ بولغۇچە «تاۋار مەندە تۇرۇپ تۇرىدۇ» دەپ تاۋارنى رەنىگە ئېلىۋالسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – شەۋۋال / م. 2011، 22 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 144 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2068)؛ «مۇسلىم»، (1603).
2. ئۇقىييە (الأُوْقيَّةُ): ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە باشقا جايلاردا پەرقلىق قوللىنىلغان، تارازىلانغان ماددىغا قاراپ ئېغىرلىقى پەرقلىق بولىدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. ئالتۇن – كۈمۈشتىن باشقا ماددىلارنىڭ بىر ئۇقىييەسى 127 گىرامغا، ئالتۇننىڭكى 29.75 گىرامغا تەڭ. ھەدىس شەرىفلەردە تىلغا ئېلىنغان بىر ئۇقىييە قىرىق دىرھەم (كۈمۈش تەڭگە) گە باراۋەر كېلىدىغانلىقىغا بارلىق ئالىملار ئىجماﺋ قىلغان. ئەمما گىرامغا ئۇدۇللاشتا ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ نەزەرىدە بىر ئۇقىييە 124.8 گىرامغا، كۆپچىلىك فۇقاھائلارنىڭ نەزەرىدە 199 گىرامغا تەڭ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 97 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 20، 21 – بەتلەر، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.
3. «بۇخارىي»، (2729).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2251)؛ «مۇسلىم»، (1603).
5. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/187.
6. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (10309)؛ «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، (261). بەيھەقىي «سەھىھ» دېگەن. ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇنىڭغا ماقۇل كەلگەن. ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىير»، 3/8.
7. «بۇخارىي»، (2239).
8. زەيدىييە مەزھەبى (الزَّيْدِيَّةُ): ھ. 2 / م. 8 – ئەسىرنىڭ تۇنجى چارىكىدە كۇفەدە ئوتتۇرىغا چىققان، ئىراق، تەبەرىستان ۋە بولۇپمۇ يەمەندە مەۋجۇدلىقىنى سۈردۈرگەن، ئەقىدىدە مۇئتەزىلە يولىنى تۇتىدىغان، ئىمامەتچىلىك ئەقىدىسىدە بولسا پىكىر جەھەتتىن ئەھلى سۈننەتكە ئەڭ يېقىن بىر شىئە پىرقىسى. رەسۇلۇللاھنىڭ چەۋرىسى، كاتتا ئالىم ئەبۇ ھۈسەين زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلئەلەۋىي ئەلھاشىمىي (ھ. 76 – 122 / م. 695 – 740) غا نىسبەت بېرىلىپ «زەيدىييە مەزھەبى» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 595 – بەت.
9. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/153؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4/176؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 5/3461؛ ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 348 – بەت.
10. «شِفَاءُ الْعِلَلِ فِي حُكْمِ زِيَادَةِ الثَّمَنِ لِمُجَرَّدِ الْأَجَلِ»؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 5/250.
11. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 5/153.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ