ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش

ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى بىر گەۋدىلىشىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان ھەر خىل كەسىپ ۋە سودا – سېتىق كەسىپلىرى، تور تېخنىكا كەسىپلىرى (مەسىلەن توردا ئېلان بېرىپ پۇل تېپىش، ئىنتېرنېتتا نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش، شىركەت پاي چېكى سېتىۋېلىش، خام نېفىت سېتىۋېلىش قاتارلىقلار) چىقىپ بىز مۇسۇلمانلارغا قايسىسىنى قىلىش، قايسىسىنى قىلماسلىق قايسىسى ھارام، قايسىسى ھالال بۇنى ئايرىش تەس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بىز بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچى شىركەت بولۇپ، ھازىر بىز جۇڭگو ئاكسىيە بازىرىغا مەبلەغ سالايلى دەپ ئويلاشقان ئىدۇق، بازارغا كىرىپ پاي چېكى ئېلىپ – ساتساق بولامدۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىزگە قانداق شەرتلەر ۋە پەتۋالار بار؟ ئېغىر كۆرمەي پەتۋا بېرىشلىرىنى سورايمىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالا سودا – سېتىقنى، تىجارەتنى ھالال قىلىپ مۇنداق دېگەن:

﴿ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىنى ھارام قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 275).

﴿پەقەتلا ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودا بولۇپ قالسا﴾(2/«بەقەرە»: 282).

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29).

ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى ئەمەلىيەتتە، بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەسسىدارلىقتىن كېلىپ چىققان ھەربىر شەخسنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى پاي ئېلىم – سېتىم، مىراس، ھەدىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق مۇئامىلىلەردە قىممەتكە ئىگە مۈلۈك ھېسابلىنىپ، شەرئى جەھەتتىن مال – مۈلۈككە دائىر ئەھكاملارغا بويسۇنىدۇ.

شىركەتكە ھەسسىدار بولغان پايچىكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، بەلكى ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ.

پاي چېكى تىجارىتى مۇباھ تىجارەت. لېكىن، ئالىملار بۇ خىل تىجارەتنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن شەرىئەتكە خىلاپ بارلىق ئىشلاردىن خالىي بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ.

مەسىلەن،

1 – پاي تەۋە بولغان شىركەت ئەمەلىيەتتە، جىسمى بار مەۋجۇد شىركەت بولۇشى، قۇرۇق قەغەز يۈزىدىلا قۇرۇلغان مەۋھۇم ياكى قۇرۇلۇۋاتقان شىركەت بولماسلىقى كېرەك.

2 – پاي چېكى ئېلىپ – سېتىلماقچى بولغان شىركەت جازانە – ئۆسۈم بىلەن ۋە ياكى ھاراق ئىشلەپچىقىرىشتەك، قىماردەك ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان، ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر بولۇشى شەرت. ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ھارام ئىشلار ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – سېتىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە چەكلىنىدۇ. بۇ تۈرلۈك پايلارنى ئېلىپ – ساتماسلىق تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن.

3 – پاي چېكى سودىسى قىلغاندا نەق ۋە نېسى بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر پۇلنى يەنە بىر خىل پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئەھۋاللىرىغا ئۇدۇل كەلگەندە نەقمۇنەق بولۇشى شەرت.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىسلام بانكىسى بولسىمۇ ئومۇمەن بانكىلارنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. سەۋەب: بانكىلارنىڭ مال – مۈلكى ئاساسەن نەق ۋە نېسى پۇل. ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى پاي ھېسابى بويىچە ئېلىپ – سېتىش نەق پۇل ۋە نېسى قەرزنى ئېلىپ – سېتىشتىن ئىبارەت. بۇ ھالاللىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقا تاۋار ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەردە نېسى قەرز مەسىلىسى بار بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئاساس ئەمەس، بەلكى شىركەتكە تەۋە مۇقىم مۈلۈك ۋە تاۋارلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ.

يەنە بىر شىركەتنىڭ مەبلىغى توپلىنىپ ئۇ پۇللار تېخى مۇقىم مۈلۈك ياكى ياكى تاۋارغا ياكى مەنىۋىي ھەقلەرگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن پاي ئىگىلىرى پايلىرىنى سېتىشتا شەرىئەتتىكى پۇل ئالماشتۇرۇش يەنى سەرف سودىسى شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستىلا ساتسا بولىدۇ. يەنى بىر دوللارلىق بىر پاينى پەقەتلا بىر دوللارغا ساتالايدۇ. ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياكى ئارتۇق ساتسا جازانە شەكىللىنىدۇ. چۈنكى، سېتىلغان نەرسە پۇل.

كېيىنچە سەرمايە پۇلنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى مۇقىم مۈلۈك ياكى تاۋارغا ياكى مەنىۋىي ھەقلەرگە ئايلانسا، نەق بار پۇل ياكى قەرزلەر ئايرىم ياكى بىرلىكتە 50% دىن ئاشمىسا ئاندىن پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىكى نەق پۇل ۋە قەرزلەر مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ۋە مەنىۋىي ھەقلەرگە تەۋە بولغان بولىدۇ.

شۇنداقلا شىركەت مال – مۈلكى ۋە باشقا ھەقلىرى پۈتۈنلەي ياكى كۆپ قىسمى نېسى سېتىش ۋە مۇرابەھە سودىلىرىنى قىلىش ئارقىلىق نەق ۋە نېسى پۇلغا ئايلانغان شىركەتنى بوغۇشتىن بۇرۇنقى ۋە بوغۇش باسقۇچلىرىدىمۇ سەرمايىنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىدا ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. پۈتۈنلەي نەق ۋە نېسىگە ئايلانغان تەقدىردە يەنىلا يۇقىرىقىدەك پۇل سودىسى ئەھكاملىرى بويىچە ئېلىپ- سېتىلىدۇ.

4 – يەنە سەرمايىنى زىياندىن قوغداشقا ۋە بىر مقدار پايدا بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ياكى پاي چېكلىرىنى بوغۇپ ئاخىرلاشتۇرغاندا ئالدىن ئورۇن بېرىلىدىغان ئالاھىدە پاي چېكىنى بازارغا سېلىشقا ۋە ئۇنى ئېلىپ – سېتىشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ پايدا – زىيان پىرىنسىپىنى تەكىتلىگەن ۋە جازانىنى چەكلىگەن شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپ.

5 – ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش مەقسىتى بولمىسىمۇ باشقىلارنى بىرەر شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە پاي سېتىۋالماسلىق ياكى بىرەر شىركەتنىڭ پېيىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن يالغان – ياۋىداق، مىش – مىش گەپلەرنى تارقاتماسلىق ياكى ساختا خېرىدار بولماسلىق.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەھرالىقنىڭ مېلىنى شەھەرلىك سېتىپ بەرمىسۇن. خېرىدارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ساختا خېرىدار بولماڭلار، قېرىندىشىنىڭ قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودىلاشمىسۇن. قېرىندىشى سۆز ئاچقان لايىقىغا سۆز ئاچمىسۇن. ئايال كىشى ئۆزى تېگىش ئۈچۈن ھەمشىرىسىنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئېرىدىن ئۇنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلمىسۇن» دەپ توسقان.(1)

6 – بەزى شىركەتلەر زىيان تارتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلارنىڭ پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆسۈملۈك بانكىلاردا قويۇپ ساقلاپ ئۆسۈم ئالىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆسۈمنى تىجارىتىنىڭ پايدىسى بىلەن ئارىلاشتۇرىدۇ. بۇنداق شىركەتلەرنىڭ پېيىنىڭ سودىسىنى قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆسۈم يېيىشتىن ئىبارەت.

1992 – يىلى 5 – ئايدا جىددە شەھرىدە ئېچىلغان «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» نىڭ يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدە مۇنداق قارار ماقۇللانغان:

1 – مۇئامىلىلەردە ئەسلى قائىدە ھالاللىقتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتكە زىت بولمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش جائىز ئىشتۇر.

2 – ئاساسلىق مەقسىتى جازانە ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشتەك ھارام پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر.

3 – ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ھارامدۇر(2).

يەنە 1995 – يىلى رابىتىغا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 14 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي جېكى ھەققىدىكى بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن:

1 – مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەزىبىر مۇئامىلىلىرىدە جازانە بار بولغان شىركەت ۋە بانكىلارنىڭ پېيىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشى جائىز ئەمەس.

2 – بىر شىركەتنىڭ ھارام مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ پېيىنى سېتىۋېلىپ كېيىن بىلگەن بولسا، ھارام پائالىيەتكە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتىن دەرھال چىقىپ كېتىش لازىم(3).

يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئىسلام چەكلىگەن ئىشلاردىن خالىي بولغان ئەھۋالدا پاي چېكى سودىسى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. شۈبھە ئارىلاشقان ئەھۋالدا مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك:

1 – پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى تىجارىتىلا بولماستىن، باشقا نۇرغۇن مەۋھۇم تىجارەتلەرمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل تىجارەتكە قەدەم قويماقچى بولغانلار بۇ ھەقتە ئەتراپلىق دىنىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئاندىن تۇتۇش قىلمىسا ھارامغا ياكى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

2 – پاي چېكى تىجارىتى مەلۇم سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان بىرقەدەر مۇرەككەپ تىجارەت بولغاچقا، بۇ ساھەدە ئەتراپلىق مەلۇماتى بولمىغان كىشىلەر ئاسان زىيان تارتىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ تىجارەتنى بۇ ھەقتە يېتەرلىك بىلىمى بارلار قىلغىنى تۈزۈك.

3 – پاي چېكى بازىرى ھەر مىنۇتتا نەچچە خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىنساننى دەككە – دۈككىگە سېلىپ ئاسانلا يۈرەك كېسىلى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. چوڭ زىيان تارتىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۆلگەنلەرمۇ بار. شۇڭا، ئىنسان ئۆزىنى بۇنداق بازارلاردا كۆپ ئۇپراتماسلىقى، رىزىقنىڭ ئەزەلدىن پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ھالال، چىرايلىق، ساغلام يول بىلەن پايدا تېپىشنى كۆزلىشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 22 – شەۋۋال / م. 2011، 20 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 145 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2140)؛ «مۇسلىم»، (1413).
2. قرار رقم: 63 (1/7([1] بشأن الأسواق المالية الصادر من مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره السابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 7-12 ذي القعدة 1412 الموافق 9 – 14 أيار (مايو) 1992م. ((مجلة مجمع الفقه الإسلامي بجدة)) (7-1/712).
3. قرار مجمع الفقه الإسلامي التابع لرابطة العالم الإسلام في دورته الرابعة عشرة سنة 1415 هـ الموافق 1995.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ