دوختۇرلارنىڭ دورا پۇلىدىن شېرىنكانە ئېلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

دوختۇرلارنىڭ دورا پۇلىدىن شېرىنكانە ئېلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەن تېببىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم چوڭ دوختۇرخانىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتىمەن. مەن ئالدى بىلەن سوئالىم توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بېرەي: مەلۇم دورا ياكى ئوكۇل زاۋۇتتىن چىقىپ كېسەلنىڭ قولىغا تەگكىچە ئەسلى باھاسىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگىچە قاتلىنىپ كېتىدۇ. (ئەلبەتتە، دوختۇرخانىغا ياكى دوختۇرغا پايدىسى تەگمەيدىغان ئەرزان دورىلارمۇ كۆپ، لېكىن دوختۇرخانا ئۇلارنى ئاساسەن كىرگۈزمەيدىكەن، كىرگۈزسىمۇ كۆپ ئىشلىتىلمەيدىكەن.) دورا سودىگەرلىرى ئاۋۋال دوختۇرخانا باشلىقى، دورىخانا مۇدىرى قاتارلىقلارغا كۆپلەپ پارا بېرىش ئارقىلىق دورىنى دوختۇرخانىغا كىرگۈزىدۇ، ئاندىن دوختۇرنى ئىزدەپ شۇ خىل دورا ياكى ئوكۇلنى ئىشلەتسە قانچىلىك شېرىنكانە بېرىشىنى ئېيتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا %30 بېرىدۇ، مەسىلەن 48 سوملۇق دورا يازسا 16 سوم دوختۇرنىڭ ھېسابىغا كىرىدۇ. بۇ ئاي ئاخىرىدا بىراقلا ھېسابات قىلىنىدۇ. بەزى دوختۇرلارنىڭ پەقەت دورىدىنلا كىرىدىغان كىرىمى ئايدا نەچچە ئونمىڭ سومدىن ئاشىدۇ. مەلۇم خىل دورىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 40 سوم بولسا، ئۇ مەلۇم ئۆلكە دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا 110 سوم ئەتراپىدا بىمارغا سېتىلىدۇ، بۇنىڭ تەخمىنەن 15 پىرسەنتى ئەسلى تەننەرخ، 10 پىرسەنتى دورا شىركىتىنىڭ، 5 پىرسەنتى ھايانكەشنىڭ، 20 پىرسەنتى دوختۇرخانىنىڭ، 30 پىرسەنتى دوختۇرنىڭ بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن پۈتۈن جۇڭگودىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىك، پايدىنى بۆلۈشتىمۇ نەقپۇل بېرىش، ساياھەتكە ئەپچىقىش، ئېسىل مېھمانخانا، رېستورانلاردا مېھمان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. دوختۇرلارنىڭ بۇنى ئېلىش باھانىسى ئاساسى مۇئاشنىڭ تۆۋەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ دوختۇرلارنىڭ كىرىمىنى ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلىغا ئاساسەن بېكىتىشى قاتارلىقلار ئىكەن. بەزى دوختۇرخانىلاردا بۆلۈم مۇدىرلىرى دوختۇرلارغا مەجبۇرىي ھالدا شۇ خىل ئوكۇللارنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇيدىكەن. ئەلبەتتە، بۇ ئىشلارنى بىمارلار بىلمەيدۇ، بىلسىمۇ بەزىدە ئامالى يوق بولۇپ قالىدۇ. يۇقىرىقىلارنى مەن دوختۇرخانىدا ئاڭلىغان – كۆرگەنلىرىم، توردا دورا ھايانكەشلىرىنىڭ ئاشكارىلىغىنى بويىچە يازدىم. ئاساسلىق ئەھۋال شۇ. سورايدىغىنىم: يۇقىرىقى دورا – ئوكۇلدىن كېلىدىغان شېرىنكانە پۇلنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟ دەلىلى بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويسىلىرى، يەنە بىر مەسىلە: مۇشۇ پۇل ئامالسىز قولغا كىرىپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ھازىر نۇرغۇن دوختۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇنى بىلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەسلىدە بۇ تۈردىكى شېرىنكانىنىڭ ھۆكمىنى راستچىل ئىمان، ساغلام تەبىئەت بىلەن ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، سىز سوئالىڭىزنىڭ ئاخىرىدا: «مۇشۇ پۇل ئامالسىز قولغا كىرىپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟» دېگەن سۆزىڭىز ئارقىلىق بۇ پۇلنىڭ ھالال بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى سورىغاندەك قىلىپ باشتىكى سوئالنىڭ جاۋابنى ئۆزىڭىز بەرگەن بولدىڭىز. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، بىز بۇ مەسىلىنى بەزى تەپسىلاتلار بىلەن بېيىتىپ بىرقانچە نۇقتىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.

ئەمەلىي ئەھۋالغا نەزەر

سىز سوئالىڭىزدا دىيارىمىزدىكى دورا شىركەتلىرى بىلەن، دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشلىك بايان قىلىپسىز. مېنىڭ بۇنىڭغا قوشۇپ قويىدىغىنىم شۇكى،

بەزى دۆلەتلەردىكى بىمارنىڭ دورا سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن دىيارىمىزدىكى دورا سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار. دىيارىمىزدا بىرەر دوختۇرخانىدىكى دوختۇر كېسەل كۆرۈپ رېتسېپ يازسا، يازغان دورىلارنى شۇ دوختۇرخانىنىڭ دورىخانىسىدىن سېتىۋېلىشى شەرت قىلىنىدىكەن. (مەن بۇنى قەشقەر دوختۇرخانىلىرىدا كۆرۈپ ھەيران قالغان، باشقا شەھەرلەردە قانداق بىلمەيمەن) بۇ ئېنىقلا بىمارنى قاقتى – سوقتى قىلغانلىقتىن ئىبارەت. ئەمما، مەن تۇرۇپ باققان باشقا دۆلەتلەردە ئۇنداق شەرت يوق. بىمار رېتسېپتىكى دورىلارنى ئۆزى خاھلىغان دورىخانىدىن سېتىۋالسا يا دوختۇر ياكى دوختۇرخانا ئېتىراز بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى بۇ تەرىپى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ. بۇمۇ مۇشۇ مەسىلىگە چېتىشلىق.

يەنە دىيارىمىزدىكى دوختۇرخانىلاردا ئادەتتە بىمارغا زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرتۈشلەرنى پۇل تېپىش مەقسىتىدە مەجبۇرىي تەكشۈرتىدىغان، نەچچە كۈن ياكى بىرەر ھەپتە ئارتۇقچە ياتاقتا ياتقۇزىدىغان، ئوپېراتسىيە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللاردا ئوپېراتسىيەگە زورلايدىغان ئەھۋاللار ئېغىر. بۇمۇ مۇشۇ مەسىلىگە چېتىشلىق.

ئادەتتە باشقا دۆلەتلەردىمۇ دورا شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ دورىلىرىنى تاۋار سۈپىتىدە دوختۇرلارغا تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ، بىمارلارغا بىزنىڭ دورىمىزنى يېزىپ بەرسەڭ، دەپ دوختۇرلارغا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

بۇ خىزمەتلەر ئىچىدە: ماددىي سوۋغاتلار، ئىلمىي يىغىن، قۇرۇلتايلارغا (بىكارغا) قاتنىشىش تەكلىپى، يازلىق تەتىل ياكى باشقا سەيلە – ساياھەت قىلدۇرۇش، يەنە بەزى ئەھۋاللاردا شېرىنكانە پۇل بېرىش قاتارلىقلار بار.

دوختۇرلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا تۇتقان يولى ئوخشاش ئەمەس. بەزى دوختۇرلار بۇ تۈرلۈك شېرىنكانە ياكى قىزىقتۇرۇش سوۋغاتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي دورا شىركەتلىرى بىلەنمۇ بىمارغا قارشى تىل بىرىكتۈرمەي بىمارغا پايدا قىلىش ۋە باھاسى تۆۋەن بولۇش جەھەتتىن مۇناسىپ بولغان دورىنى يېزىپ بېرىدۇ. بۇلار ئادەتتە دوختۇرلۇق كەسىپ ئەخلاقى بىلەن ئىش قىلىدىغانلاردۇر.

يەنە بەزى دوختۇرلار دورا شىركەتلىرىنىڭ سوۋغات، شېرىنكانىلىرىنىڭ تەسىرىدە بىمارلارغا ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا پۇل كىرىدىغان دورىلارنى يېزىپ بېرىشىدۇ. بەزىدە مەلۇم پىرسەنتىنى شېرىنكانە ئالىمەن دەپ شەرت قىلىپ پۈتىشىدۇ. يەنە بەزىلەر بۇ شېرىنكانىنى ئۆز تەرى بىلەن تاپقان پۇل دەپ بۇنى بىر خىل پايدىدا ھەسسىدار بولۇش دەپمۇ قارايدۇ.

بەزى دوختۇرخانا مەسئۇللىرىمۇ دورا شىركەتلىرى بىلەن پۈتۈشۈپ شېرىنكانە ئېلىپ دورا سېتىۋېلىشتا سۈپەتكە ئېتىبار بەرمەي پارا بەرگەن شىركەتلەردىن دورا سېتىۋالىدۇ.

بۇ ئەھۋال كۆپ دۆلەتلەردە ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، دورا شىركەتلىرى دورىغا باھا بېكىتكەندە دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلارغا بېرىدىغان شېرىنكانىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ ئاندىن باھا بېكىتىدۇ.

لېكىن، بۇ يەردە بىر ھەقىقەت: دوختۇر بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىلگەن شېرىنكانىنى ئاخىرى بېرىپ بىمار تۆلىگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىمار تۆۋەنرەك چىقىم بىلەن، ئەرزانراق باشقا بىر دورا بىلەن داۋالىنىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار ئىدى.

دېمەك، بۇ مەسىلە ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۈچ تەرەپ: دورا شىركەتلىرى، دوختۇر ياكى دوختۇرخانا مەسئۇلى ۋە بىمار.

ئەلبەتتە، ھازىرقى زامانىمىزدا قانداق بىر تاۋار ئېلان قىلىشقا، بازارغا سېلىشقا موھتاج. دورىمۇ بىر خىل تاۋار، شۇنىڭغا ئوخشاش دورىلارنى ياسايدىغان باشقا شىركەتلەرمۇ بولغاچقا، بازارغا سېلىنمىسا سېتىلمايدۇ. لېكىن، دورا بىلەن باشقا تاۋارنىڭ پەرقى، باشقا تاۋارنى تاللايدىغان كىشى ئىستېمالچىنىڭ ئۆزىدۇر. ئەمما، دورىنى ئىستېمالچىغا تاللاپ بېرىدىغان كىشى بولسا، بىمارنى داۋالايدىغان دوختۇردۇر. ئادەتتە بىمار دورىنىڭ تەبىئىتىنى بىلمەيدىغان بولغاچقا، دورىنى ئېلان قىلىش ئىشلىرى دوختۇر بىلەن دورىگەرگە قارىتىلىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن دۆلەتلەردە دورىنى كەڭ ئاممىغا ئېلان قىلىش، تەشۋىق قىلىش قانۇندا چەكلەنگەن، لېكىن دىيارىمىزدا تېلېۋىزور قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان ۋە تەشۋىقات بىلەن دورىلار بازارغا سېلىنىدۇ. بىمارلار خاھلىغىنىنى سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ.

دوختۇرنىڭ بىمارغا قارىتا بۇرچى

دوختۇرلۇق، تېۋىپلىق دېگەن ئىنساننىڭ ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىدىغان، ئىنساننى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدىغان ئىنسانىي بىر كەسىپ. بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىدا ئىمانىي ئەخلاق بىلەن كەسپىي ئەخلاق تېپىلىشى لازىم. مەسىلەن،

1. بىمار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىخلاسنى ئاساس قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى كۆرۈپ، كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش. مۇشۇنداق قىلغاندىلا دوختۇر ئۆز ۋەزىپىسىنى شەرئى ۋە كەسپىي ئۆلچەم بىلەن ئادا قىلىدۇ. بۇ تەرىقىدە قىلغان خىزمىتى ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى چوڭ بىلىپ، دورا شىركەتلىرى تەقدىم قىلغان شېرىنكانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

2. دوختۇر كەسىپ ۋە مۇسۇلماندارچىلىق ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش، راستچىللىق، ئامانەتكە رىئايە قىلىش، مېھرى – شەپقەتلىك بولۇش، نامىنى بۇلغايدىغان شۈبھىلىك ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشنى ھەم دىنىي ھەم ئىنسانىي ھەم كەسپىي بۇرچ دەپ چۈشىنىش. شۇنداق قىلغاندىلا ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا، رىزقىغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، ياخشى نام قازىنىدۇ. بۇ يەردە پۇل تېپىشلا ئەمەس، ھالال، پاك پۇل تېپىشقا دىققەت قىلىش لازىم. ھارام ياكى شۈبھىلىك پۇلنى تەرك ئەتكەندە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، راھەت، بەرىكەت، دۇئا ئىجابەت قىلىنىش، تەۋپىق، قىيامەتتە ئازابتىن قۇتۇلۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

3. بىمارغا دۇرۇس مۇئامىلە قىلىش، سەمىمىي مەسلىھەت بېرىش. بىمارنى ئىنسانچىلىقتا قېرىندىشى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماسلىق، ئۇنى باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ زىيانغا ئۇچراتماسلىق، ئارتۇقچە چىقىم قىلدۇرماسلىق.

4. دوختۇر ھارام پۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ۋىجدانى ئازابلانمايدۇ. بىمارمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالمايدۇ، دوختۇر ۋىجدانىي تەرەپتىن راھەت بولسا، بىمارمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىرچىلىققا ئۇچرىماي كۆڭلى راھەت بولسا، بىمار بۇ دوختۇرنىڭ قولىدا شىپا تاپىدۇ. بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق.

شەرئى ھۆكۈم

1. دورا شىركەتلىرى ئۆز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە پۈتۈن چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ئىلمىي يىغىن، مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئوخشاش پائالىيەتلەرگە چاقىرسا، دوختۇرلار بۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭدا شەرئى جەھەتتىن چەكلىمە يوق. چۈنكى، بۇنىڭ پايدىسى ئالدى بىلەن دوختۇرنىڭ كەسپىگە ئاندىن بىمارغا بولىدۇ. شۇنداقلا دوختۇرغا ھەدىيە قىلىنغان تېببىي جەھەتتىن پايدىلىنىدىغان ئىلمىي ماتېرىياللارمۇ ئوخشاش. يەنە دورىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈك ماددىي قىممىتى بولمىغان كالېندار، قەلەم، دەپتەر، دورا ياكى شىركەت نامى بېسىلغان مايكا قاتارلىق ئاددىي نەرسىلەرنى قوبۇل قىلسا، بۇنى بىمارغا دورا يېزىپ بېرىشكە باغلىۋالمىغان ئەھۋالدا مەيلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇلار ئارقىلىق دوختۇر يېڭىلىقلاردىن خەبەردار بولۇپ تۇرىدۇ.

لېكىن، ھازىر دورا شىركەتلىرىمۇ ئۇستا بولۇپ كەتتى. شۇڭا، نەق پۇل قوبۇل قىلىشتىن قورۇنۇپ قالىدىغان دوختۇرلارغا تاشقى كۆرۈنۈشتە ئىلمىي يىغىن ئورۇنلاشتۇرغاندەك قىلىپ، ئەمەلىيەتتە، ئېسىل مېھمانخانىلاردا، ئاشخانىلاردا مېھمان قىلىپ سەيلە – ساياھەت قىلدۇرىدۇ. ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلارنى تەكلىپ قىلىدۇ. مۇكاپات بېرىدۇ. بۇنداق مەقسەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلار دوختۇرنىڭ ۋىجدانىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھارام بولىدۇ.

دورا شىركەتلىرىنىڭ مەقسىتى ھەم تاۋىرىنى تونۇشتۇرۇش ھەم كۆپ سېتىپ پايدا ئېلىش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىش بىلەن چېتىلغان بولىدۇ. يېڭى دورا، ئۈسكۈنىلەردىن خەبەردار بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئەلبەتتە، ئۇنى قايسىبىر خىل شەكىلدە بولمىسۇن تونۇشتۇرۇش لازىم. لېكىن، دوختۇر مۇشۇ تونۇشتۇرۇشتىن ئىلمىي جەھەتتىن پايدىلىنىپ خىزمىتىنى نورمال ئېلىپ بارسا، بۇ چەكلەنمەيدۇ. ئەمما، نەتىجىدە، بىمارغا زىيان ئۇرىدىغان بولسا چەكلىنىدۇ. بۇنى ئايرىپ ئىش كۆرۈش دوختۇرغا باغلىق.

2. دوختۇر دورا شىركەتلىرىدىن سوۋغات ياكى شېرىنكانە ئالسا بولمايدۇ.

بىمارنىڭ كېسىلىگە پايدا قىلىشتا ئوخشاش ئىككى دورا بار بولسا، باھاسى تۆۋەنرەك دورىنى يېزىپ بەرمەي، شېرىنكانە بەرگەن شىركەت دورىسىنى يېزىپ بەرسە دۇرۇس بولمايدۇ. ياكى بىمارغا پەقەت كېرىكى يوق ياكى ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ياكى تېخى بەزىدە زىيانلىق دورىلارنى يېزىپ بەرسە، ياكى ياتاقتا ياتمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋالدا ياتاقتا ياتقۇزۇپ دوختۇرخانىغا كىرىم قىلماقچى بولسا، ياكى كېرەك بولمىغان تەكشۈرتۈشلەرگە بۇيرۇپ دوختۇرخانىغا كىرىم قىلماقچى بولسا، بۇمۇ دۇرۇس بولمايدۇ.

بۇ تۈردىكى شېرىنكانىنىڭ، كىرىمنىڭ ھۆكمى ھارامدۇر.

ئەسلىدە بۇنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل كەلتۈرۈش ھاجەتسىز. دەلىل كەلتۈرۈش لازىم بولسا بۇ قىلمىش دىنىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ مېلىنى رازىلىقىسىز يەۋېلىش، ساختا سۆز قىلىپ باشقىلارنى گوللاش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ۋە باشقىلارغا زىيان ئۇرۇشنى چەكلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئومۇم كۆرسەتمىلەرگە خىلاپ. مەسىلەن،

جانابىي ئاللاھ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29) دېگەن. ئەلبەتتە، ئارتۇق چىقىم قىلىشقا بىمار رازى ئەمەس.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دىننىڭ ئاساسىي ئاللاھ ئۈچۈن، ئۇنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاممىسى ئۈچۈن سەمىمىي بولۇشتىن ئىبارەتتۇر» دېگەن.(1)

بىمارمۇ مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا قىممەت چۈشىدىغان دورىنى يېزىپ بېرىش، ياكى ئۇنى ئارتۇقچە چىقىم قىلدۇرۇش، ئۇنىڭغا سەمىمىي بولمىغانلىق بولىدۇ.

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش – دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى – ياكى ساختا سۆز قىلىش» دېدى، رەسۇلۇللاھ ئاشۇ سۆزنى بىز كاشكى رەسۇلۇللاھ جىم تۇرسىكەن دەپ كەتكىچە قايتا – قايتا تەكرارلاۋەردى.(2)

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن، يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى ئالدايدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس» دېگەن.(3)

ئەلبەتتە، بىمارغا ئىقتىسادىي ياكى ساغلاملىق جەھەتتىن زىيان ئۇرىدىغان دورىلارنى يېزىپ بېرىشمۇ، دوختۇرخانىلارنىڭ ياتاقلىرىدا ئارتۇقچە ياتقۇزۇشمۇ، ئارتۇقچە تەكشۈرتۈشلەرمۇ ساختا گۇۋاھلىق بېرىش، ئالداش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

دوختۇر دېگەن ئىش ھەققى قارشىلىقىدا بىمارغا ئىشلەيدىغان كىشى بولۇپ، بىمار ئۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچ قىلسا، دوختۇر قوپۇپ بىمارغا پايدىسى بولمايدىغان دورىنى يېزىپ بەرسە، ياكى ئارتۇق چىقىمدار قىلسا، ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ.

3. دوختۇرخانا مەسئۇللىرى دوختۇرخانا بىلەن دورا شىركەتلىرى ئوتتۇرىدىكى بېدىك ئەمەس، دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان خادىم بولغاچقا، ئۇلارنىڭ دورا شىركەتلىرىدىن ئالغان شېرىنكانىلىرى بېدىك شېرىنكانىسى بولماستىن، پارا ھېسابلىنىدۇ. پارىنىڭ شەرئى ھۆكمى ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا پارا بەرگۈچى، يېگۈچى ۋە ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە بولغۇچىغا لەنەت قىلغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋالدا دورا شىركىتى خادىمىمۇ، دوختۇرخانا مەسئۇلىمۇ، ئوتتۇرىدىكى پارىغا ۋاسىتە بولغان ھەممە كىشى گۇناھكار بولىدۇ.

4. دوختۇر دورا شىركەتلىرىدىن دوختۇرنىڭ يانچۇقىغا كىرىدىغان ياكى ئۆزىلا پايدىلىنىدىغان ماددىي سوۋغات ياكى شېرىنكانە ئېلىپ قالغان ئەھۋالدا، بۇنى ئۆزى خەجلىمەي، بىمارلارغا سەرپ قىلىۋېتىشى لازىم. ئادەتتە دوختۇرلار پۇلى يوق بولغاچقا، داۋالىنالماي قالىدىغان بىمارلارنى ئوبدانراق بىلىدۇ، ئاشۇ كىرىمنى ئاشۇنداق بىمارلارغا سەرپ قىلىپ قۇتۇلسا بولىدۇ. ياكى باشقا نامرات كىشىلەرگە بېرىۋەتسە بولىدۇ.

5. دورا شىركەتلىرىدىن بەزى دورىلار تەجرىبە قىلىپ كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە نەمۇنە تەرىقىسىدە دوختۇرغا بېرىلىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ قۇتىسىغا «سېتىلمايدۇ، ئۆرنەك، ھەقسىز» دېگەندەك خەتلەر يېزىلىدۇ. (دىيارىمىزدا بۇنداق ئەھۋال بارمۇ بىلمىدىم) بۇ تۈرلۈك دورىلارنى دوختۇر بىمارلارغا ھەقسىز بېرىشى كېرەك. ئەگەر بۇنى سېتىپ خەجلىسە ھارام بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، دوختۇر بۇ ئامانەتنى جايىغا يەتكۈزمەي سېتىپ خەجلەپ پايدا ئالغان بولىدۇ.

6. تىل بىرىكتۈرۈشنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، پارىنى «ھەدىيە» ياكى «مۇكاپات» دەپ ئاتىۋالغانلىق بىلەن بىرنەرسىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

7. ھازىر ھەممە دوختۇرلار شۇنداق قىلىدۇ، دەپ ئومۇم دوختۇرلارنىڭ يامان قىلمىشىنى دوراشقا بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز قىلمىشىدىن جاۋابكاردۇر.

8. ھارام بىلەن ھالال ئارىلىشىپ كەتكەن ئىشلاردا شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم. بۇنداق شۈبھىلىك ئىشلارنى دوختۇر ئۆزى بىلىپ ئايرىيالايدۇ.

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ﮪﺎﻻﻟﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﮪﺎﺭﺍﻣﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ساقلانغان ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ چەكلەنگەن رايوندا ﭘﺎﺩﺍ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﭘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭘﺎﺩﺍ ھەرئاندا بۇ رايونغا ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮪﻪﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ چەكلەنگەن رايونى بولىدۇ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ چەكلەنگەن رايونى بولسا ﮪﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩتتۇر. ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ! بەدەندە ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﮔﯚﺵ ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯜﺯۈلىدۇ، ﺋﯘ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﺘﯘﺭ».(4)

بۇ ھەدىس يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۈبھىلىك ئىشلار بار، كىمكى گۇناھ ئىكەنلىكى شۈبھىلىك بولغان ئىشلارنى تەرك ئەتسە، ھارام ئىكەنلىكى ئېنىق ئىشلارنى تېخىمۇ تەرك ئېتىدۇ. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلسا، ھاراملىقى ئېنىق ئىشلارنىمۇ قىلىپ سېلىشقا تاس قالىدۇ. گۇناھ ئىشلار ئاللاھنىڭ چەكلىگەن رايونىدۇر، كىمكى ئۇ رايوننىڭ ئەتراپىدا ئوينايدىكەن، ئۇ رايونغا كىرىپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن».(5)

جانابىي ئاللاھ ھەممىمىزنى ھارامدىن يىراق قىلسۇن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 21 – زۇلقەئدە / م. 2011، 19 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 143 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «مۇسلىم»، (55).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6919)؛ «مۇسلىم»، (87).
3. «مۇسلىم»، (101؛ 102).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (52)؛ «مۇسلىم»، (1599).
5. «بۇخارىي»، (2051).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ