سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز قۇرۇق ئۈزۈملەرنى ساتقان چېغىمىزدا ھەربىر خالتا ئۈزۈمدىن خالتا ئېغىرلىقى دەپ 200 گرامدىن چىقىرىۋېتىمىز. بۇ ئىش بىزنىڭ رايوندا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان ئادەت بولۇپ كەلمەكتە. بەزىلەر بۇنداق قىلسا سودا دۇرۇس بولمايدۇ، بەلكى خالتىلارنى جىڭلاپ، ھەممە خالتا قانچە كىلوگرام چىقسا شۇنچىلىك چىقىرىۋەتسە بولىدۇ دەيدۇ. سودىگەرلەر بۇنىڭغا ئۇنىمايدىكەن. سودىگەرلەرمۇ باشقا سودىگەرلەرگە ساتسا شۇنداق 200 گرامدىن چىقىرىۋېتىدىكەن. بۇ ئىشقا شەرىئىتىمىز قانداق قارايدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
سودىنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ شەرتلىرىنىڭ بىرى، تاۋارنىڭ باھاسى بىلەن تاۋار ھەر ئىككىسى تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولىدىغان مەۋھۇملۇقتىن خالىي بولۇشتۇر. ئەگەر مەۋھۇملۇق تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولمايدىغان ئازغىنە نەرسە بولسا، سودا توغرا بولۇۋېرىدۇ.
ئەگەر تاغار، خالتا ياكى ساندۇققا ئوخشاش نەرسىلەردە سېتىلىدىغان تاۋارلاردىن قېپىنىڭ ئېغىرلىقى سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا ئادەتلەنگەن بويىچە 200 گرام ياكى بىر كىلو دېگەندەك مۇقىم ئۆلچەمدە ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلسە سودا توغرا بولغان بولىدۇ. بۇ تۈرلۈك نەرسىلەردە ئاشۇنداق بېكىتىپ ئىش قىلمىغان ئەھۋالدا قىيىنچىلىق كېلىپ چىقىدۇ، شەرىئەت بولسا كىشىلەرگە ئاۋارىچىلىكنى كەلتۈرمەيدۇ.
ئۈزۈم ياكى بۇغدايغا ئوخشاش نەرسىلەر قاچىلانغان خالتا، تاغار ئېغىرلىقلىرى ئادەتتە بىر – بىرىگە يېقىن بولۇپ، 200 گرام مۆلچەرلەنگەن خالتا يا 250 گرام ياكى 150 گرام كېلىشى مۇمكىن. لېكىن، نەچچە يۈز كىلو نەرسىنى سودىلاشقاندا بىر تاغاردا 100 ياكى 50 گرامنى دەپ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك تارتىش مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا، بۇنداق ئېگىز – پەسلىكلەر ئادەتتە تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەپۇ قىلىنىپ رازى بولۇپ كېتىدىغان مىقدار ھېسابلىنىدۇ.
ئادەتتە سودا – سېتىقتىكى مەۋھۇملۇق ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ:
1. ئېغىر دەرىجىدىكى مەۋھۇملۇق بولۇپ، بۇ تالاش – تارتىشقا، جېدەلگە سەۋەب بولىدىغان بولغاچقا، بۇ مەۋھۇملۇق سودىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇ تۈرگە دائىر سودا – سېتىقلار چەكلەنگەن. مەسىلەن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: تېخى تۇغۇلمىغان بوتىلاقنىڭ بوتىلىقى بولغاندا پۇلنى تاپشۇرىدىغان سودىنى توسقان. بۇ جاھىلىيەت زامانىدا كىشىلەر قىلىشىدىغان سودا بولۇپ بىرسى بىر تۆگىنى تاكى ئۇ تۆگىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق تۇغۇلۇپ، ئۇ بوتىلاقنىڭمۇ بوتىلىقى بولغاندا پۇلىنى بېرىدىغانغا نېسى سېتىۋالاتتى.(1)
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاشلىشىپلا سودىلىشىشتىن، يەنى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە رەختنى تاشلاپلا قاراپ باقماستىن سېتىشتىن توسقان. ۋە يەنە ئىككى تەرەپ تۇتۇپ بېقىپلا ئۇنىڭغا قارىماي تۇرۇپ سودىلىشىشتىن توسقان» دېگەن.(2)
2. ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەۋھۇملۇق. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.
3. ئازغىنە مەۋھۇملۇق بولۇپ، بۇ تالاش – تارتىشقا، جېدەلگە سەۋەب بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ تۈرلۈك مەۋھۇملۇق بولسىمۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن سودا جائىز بولۇۋېرىدۇ. تىجارەت ئۆرپ – ئادىتىمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بەزىدە ئېھتىياج بولغان ئەھۋالدا سودا – سېتىقتا بەزىبىر مەۋھۇملۇققا مەيلى دېيىلىدۇ، مەسىلەن، ئۆي سودىسىدا ئۆينىڭ تېگى نامەلۇم بولسىمۇ سودا توغرا بولىدۇ، بوغاز قوينى، يىلىنىدا سۈتى بار ساغلىقنى ساتسا توغرا بولۇۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇل ئۆينىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە تەۋەدۇر. يەنە ئېھتىياج شۇنداق سودا قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ساغلىقنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمە بىلەن يىلىنىدىكى سۈتمۇ شۇنداق. يەنە مۇسۇلمانلار يوقىلاڭ نامەلۇملۇق بولغان نەرسىلەرنى ساتسا جائىز بولىدىغانلىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. مەسىلەن ئۇلار: ئىچىگە بىرنەرسە قاپلانغان توننى ساتسا، ئىچىدىكىنى كۆرمىسىمۇ جائىز دەپ بىرلىككە كەلگەن. ناۋادا ئىچىدىكىنى ئايرىم سودىلاشقان بولسا جائىز بولمايدۇ. يەنە مۇسۇلمانلار بىر ئاي دېگەن ئوتتۇز ياكى يىگىرمە توققۇز كۈن بولىدىغان تۇرۇقلۇق ئۆي، ئۇلاغ، كىيىم – كېچەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى بىر ئاي دەپ ئىجارىگە بېرىشنىڭ جائىزلىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. يەنە كىشىلەر سۇ ئىشلىتىشتە، مۇنچىدا قانچە ئۇزۇن تۇرۇشتا ئوخشاشمايدىغان تۇرۇقلۇق مۇنچىغا پۇل بېرىپ كىرسە جائىز بولىدىغانلىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. يەنە كىشىلەر سۇ ئىچىشتە ئوخشاشمايدىغان تۇرۇقلۇق ئىچىلگەن سۇ مىقدارى نامەلۇم بولسىمۇ، ئىچىدىغانلارنىڭ ئادىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ پۇل بېرىپ تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچسە جائىز بولىدىغانلىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، مالنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىلەرنى، ھاۋادىكى قۇشنى سېتىشنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىدە بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. ئالىملار دەيدۇ: مەۋھۇملۇق سەۋەبىدىن سودىنىڭ باتىل بولۇشى ياكى توغرا بولۇشى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىشلارغا باغلىق. ئۇ بولسىمۇ مەۋھۇملۇق بولۇپ قېلىشىغا ئېھتىياج بولسا، مەۋھۇملۇقتىن پەقەت ئېغىر مۇشەققەت بىلەنلا ساقلانغىلى بولسا، مەۋھۇملۇق ئازغىنە بولغان ئەھۋالدا سودا جائىز بولىدۇ، بولمىسا، جائىز بولمايدۇ».(3)
شەرىئەت ئالىملىرى مەۋھۇملۇققا دائىر مۇنداق بىر قائىدىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان: «تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق مەۋھۇملۇق سودىنى بۇزۇۋېتىدۇ».
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن مەزكۇر سوئالدىكى خالتا ئېغىرلىقىدىكى مەۋھۇملۇق سودىنىڭ توغرا بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان يەڭگىل دەرىجىدە بولغاچقا، بۇ تۈردىكى سودا توغرا بولىدۇ. ئەگەر رازى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر بولۇپ قالسا ياكى تاغار، خالتىلارنى ئالدىن جىڭلاپ ئاندىن قاچىلاش قولاي بولسا، تاغار، خالتىلارنى ئايرىم جىڭلاش لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 9 – مۇھەررەم / م. 2011، 4 – دېكابىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 139 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2143)؛ «مۇسلىم»، (1514).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2144) «مۇسلىم»، (1512).
3. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/156.