مېۋىلىك باغنى ئىجارە ئالسا بولامدۇ؟

مېۋىلىك باغنى ئىجارە ئالسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مېۋىلىك باغنى 5 ياكى 10 يىللىق دەپ يىللىقىنى 50 مىڭ سومدىن ئىجارىگە ئېلىپ، پەرۋىش قىلىپ، شۇ باغنىڭ مېۋىسىدىن پايدىلىنىپ، ۋاقىت توشقاندا باغ ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇپ بېرىلسە، مۇشۇ ئىش شەرىئىتىمىزدە دۇرۇس بولامدۇ يوق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مېۋىلىك باغلارنى ئىجارە بېرىشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار 3 خىل قاراشتا بولغان:

بىرىنچى قاراش: باغنى ئىجارىگە بېرىش ھەرقانداق ئەھۋالدا جائىز بولمايدۇ، دېگەن قاراش بولۇپ، بۇ ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەب قارىشىدۇر، ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن مەشھۇر قاراشمۇ شۇنداق.

ئىككىنچى قاراش: دەرەخلەر ئازراق، ئاق يەر پۈتۈن باغنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بولسا ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولسا باغنى ئىجارىگە بېرىش جائىز. بۇ ئىمام مالىكنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام ئەھمەدتىنمۇ مۇشۇنداق قاراش رىۋايەت قىلىنغان.

ئۈچىنچى قاراش: دەرەخلىك زېمىننى (باغنى) ئىجارە بەرسە، دەرەخلەر ئىجارىنىڭ بىر قىسمى بولسا جائىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى ئەقىيل قاتارلىقلارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە بىلەن شاگىرتى ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر تەرجىھ قىلغاندۇر.(1)

قارايدىغان بولساق، باشتىكى ئىككى قاراش ئەسلىدە بىر قاراش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىمام مالىكمۇ ئەسلىدە باغنى ئىجارىگە بېرىش جائىز ئەمەس دەيدۇ. لېكىن، دەرەخ ئازغىنە بولغان ئەھۋالدا زېمىننى ئاساس قىلىپ، دەرەخنى زېمىنغا تەۋە دەپ قاراپ، بۇ ئەھۋالدا زېمىننى ئىجارىگە بېرىش جائىز دېگەن. دېمەك، ئىجارە قىلىنغان نەرسە زېمىن. ئۇنىڭ نەزەرىدە بۇ خۇددى زېمىن سودىسى قىلغاندا بىرقانچە تۈپ دەرىخى بار ياكى تېخى پىشمىغان مېۋىلىك دەرەخلىرى بار يەرنى زېمىننى كۆزلەپ سېتىۋالغانغا ئوخشاش ئىش.

دېمەك، بۇ مەسىلىدە، يەنى مېۋىلىك باغنى دەرەخلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىجارىگە بېرىش ۋە ئېلىش مەسىلىسىدە قاراش ئىككىگىلا خۇلاسىلىنىدۇ. تۆت مەزھەب ئالىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار باغنى ئىجارىگە بېرىش ۋە ئېلىش جائىز ئەمەس، دېسە، ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار جائىز، دەپ قارىغان.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ چەكلەشتە ئاساسلانغان دەلىللىرى:

1. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى مېۋىنى ساق پىشقانلىقى مەلۇم بولمىغىچە سېتىشتىن توسقان.(2)

2. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇخابەرەتتىن (يەنى يەرنى چىقىدىغان ھوسۇلنىڭ مەلۇم ئۈلۈشىگە سىتىشتىن) مۇھاقەلەدىن (يەنى باشاقتىكى بۇغداينى ئۈگۈت بۇغدايغا سېتىشتىن) شاختىكى ھۆل مېۋىنى قۇرۇق مېۋىگە سېتىشتىن، مېۋىنى پىشقانلىقى مەلۇم بولمىغىچە سېتىشتىن چەكلىدى ۋە مېۋىنى تىللا ۋە تەڭگىدىن باشقا نەرسىلەرگە سېتىشتىن چەكلىدى. پەقەتلا ئەرايا، يەنى مېۋىسى باشقىلارغا بېرىۋېتىلگەن خورمىنىڭ ھۆل مېۋىسىلا قۇرۇق خورمىغا شېخىدا مۆلچەرلىنىپ سېتىلسا بولىدۇ».(3)

«مۇسلىم» رىۋايەتلىرىنىڭ بەزىسىدە: «يەنە مۇئاۋەمە سودىسى قىلىشتىن توستى» دەپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى: بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىنى ئىككى – ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك مۇددەت سېتىشتۇر.(4)

3. بەزى ئالىملار: باغنى ئىجارىگە بېرىشنى چەكلەش ئىجماﺋ، دەپ قارىغان. مەسىلەن، ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر: «بارلىق ئالىملار بىرقانچە يىلنىڭ مېۋىسىنى ساتسا جائىز بولمايدىغانلىققا بىرلىككە كەلگەن» دېگەن.(5)

كۆپچىلىك ئالىملار يۇقىرىقىلارغا ئاساسلىنىپ، مۇنداق دەپ تۇرۇۋالغان: باغنى ئىجارىگە بەرسە، تېخى پىشمىغان مېۋىنى بىر ياكى بىرنەچچە يىل ساتقان بولىدۇ، ھەدىستە چەكلىگىنىمۇ، ئىجماﺋ بىلەن چەكلىگىنىمۇ مۇشۇ ئىشتۇر. چۈنكى، بۇ نامەلۇم نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت.

ئەمەلىيەتتە، بۇ تېخى پىشمىغان مېۋىنى سېتىش بولماستىن، دەرەخ بىلەن زېمىننى ئىجارىگە بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يۇقىرىقى دەلىللەرگە چۈشمەيدۇ. ئىجماﺋ بىلەن چەكلەندى، دەپ قارالغان مەسىلىمۇ باغ ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى دەرەخلەرنىڭ بىرقانچە يىلنىڭ مېۋىسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. سېتىش بىلەن ئىجارىگە بېرىش باشقا باشقا سودىدۇر، چۈنكى مېۋىسىنى ساتسا سېتىۋالغۇچى ھېچ ئىش قىلماي مېۋە چىقسا مېۋىسىنى ئالاتتى، چىقمىسا قۇرۇق قول قايتاتتى. ئىجارىگە بېرىشتە ئىجارىگە ئالغۇچى زېمىنغا ئىشلەيدۇ، سۇغۇرىدۇ، ئوغۇتلايدۇ، پۇتايدۇ، كۈچ چىقىرىدۇ. ئېشەك، ھارۋىلارنى ئىشلىتىدۇ، بەزىدە ئادەم ياللاپ ئىشلىتىدۇ. دېمەك، باغنى ئىجارىگە بېرىش بىلەن دەرەخ مېۋىسىنى سېتىش ئوخشىمايدۇ.

باغلىرىغا ئۆزى قاراپ بولالمايدىغان كىشىلەرنىڭ باغلارنى ئىجارىگە بېرىش ئېھتىياجى بولغاچقا، دەرەخلىك باغنى دەرەخنىمۇ بىللە ئىجارىگە بەرمىسە ئىجارىگە بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، ئاندىن بەزى كىشىلەر «مۇزارەئە» ياكى «مۇساقات» تۈزۈمى بىلەن توختاملىشىپ ئىش قىلىشقا كۆنمەيدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى تۇتقان تەقۋادار كىشىلەرمۇ ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى قىلماي قالمايدۇ: يا ھىيلە ئىشلىتىپ مېۋىلىك باغنى ئىجارىگە بەردىم دېمەي، زېمىننى ئىجارىگە بەردىم دەپ توختاملىشىدۇ، بۇ ھىيلە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. ياكى ئىجارىگە بېرەلمەي زىيان تارتىدۇ. شەرىئەت بولسا كىشىلەرگە زىيان ئۇرۇشنى يولغا قويمايدۇ. ياكى باغنى ئىجارىگە بېرىپ ئۆزى ھارام دەپ قارىغان ئىشنى قىلىدۇ.

ئەسلىدە باغنى ئىجارىگە بېرىش خۇددى ئاق يەرنى ئىجارىگە بېرىشكە ئوخشاشلا ساھابە – تابىئىنلار قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئىش. بەلكى بۇ ئۇلارنىڭ زامانىدا ئىجماﺋ بولغاندەك بىر ئىش. شۇڭا، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «باغنى ئىجارىگە بەرسە بولىدۇ، دېگەن بۇ قاراش مەزھەب ئىماملىرى بۇنىڭغا قارشى بولسىمۇ سەلەف ئىجماﺋ قىلغاندەك بىر ئىشتۇر. چۈنكى، سەئىد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت قىلىدۇكى، – بۇنى ھەرب ئەلكەرمانىي «مەسائىل» دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان – ئەبباد ئىبنى ئەبباد بىزگە ھىشام ئىبنى ئۇرۋەدىن سۆزلەپ بەردىكى، ھشام ئاتىسى ئۇرۋەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 6 مىڭ تەڭگە قەرزى بار ھالەتتە ۋاپات بولغان ئىدى، ئۆمەر ئۇنىڭ قەرزدارلىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭ زېمىنىنى ئۇلارغا بىرقانچە يىل ئىجارە بەرگەن. ئۇ زېمىندا خورما ۋە باشقا مېۋىلىك دەرەخلەر بار ئىدى».(6)

ساھابە كىراملار ئۈستىدە تۇرغان بۇ ۋەقەلىكتە قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن باغنى ئىجارىگە بېرىش بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىلىك دەرەخنى ئىجارىگە بېرىش بىلەن زېمىننى ئىجارىگە بېرىشنىڭ پەرقى يوق. يەنە تېخى تالاش – تارتىش، جېدەل – ماجىرامۇ چىقمايدىغان بىر ئىش، ئادەتتە تېرىقچىلىق ياكى باغۋەنچىلىك كېلىشىمىدە بەزىدە تالاش – تارتىش بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق «مۇزارەئە»، «مۇساقات» دېگەندەك كېلىشىملەر جائىز بولىدىغان بولسا، باغنى ئىجارىگە بېرىش ئەلبەتتە جائىز بولۇشى كېرەك.

خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىراق زېمىنىنى شۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە تۇتقۇزۇپ، ئۇلاردىن خاراج(7) ئالغان. بۇ خاراج شۇ زېمىننىڭ ئىجارىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باغلارمۇ، تېرىلغۇ يەرلەرمۇ بار ئىدى.

سەھىھ سەنەد بىلەن كېلىشىچە، خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىراق زېمىنىغا خاراج بەلگىلەشكە ئەۋەتكەن. ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەربىر جەرىب(8) ئارپا زېمىنىغا ئىككى تەڭگە، ھەربىر جەرىب بۇغداي زېمىنىغا تۆت تەڭگە، ھەربىر جەرىب قومۇش زېمىنىغا ئالتە تەڭگە، ھەربىر جەرىب خورما زېمىنىغا سەككىز تەڭگە، ھەربىر جەرىب ئۈزۈم زېمىنىغا ئون تەڭگە، ھەربىر جەرىب زەيتۇن زېمىنىغا ئون ئىككى تەڭگە خاراج بېكىتكەن.(9)

ئەمر ئىبنى مەيمۇن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سۇيىقەستكە ئۇچراشتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى مەدىنەدە كۆردۈم، ئۇ ھۇزەيفە، ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— ئىراق زېمىنىنى قانداق قىلدىڭلار؟ ئۇ يەرگە كۆتۈرەلمىگۈدەك خاراج يۈكلىۋەتمىگەنسىلەر؟ — دېگەن ئىدى، ئۇلار:

— ياق بىز ئۇ يەرگە مۇۋاپىق خاراج بېكىتتۇق. ئارتۇق بېكىتىلگىنى يوق، — دېدى.

— قايتا كۆزدىن كەچۈرۈڭلار، ئۇ يەرگە كۆتۈرەلمىگۈدەك خاراج يۈكلەپ قويغان بولماڭلار يەنە؟ — دېگەن ئىدى، ئۇلار:

— ياق، — دېدى.

— ئەگەر ئاللاھ مېنى سالامەت قىلسا، ئىراقنىڭ تۇل خوتۇنلىرىنى مەندىن كېيىن مەڭگۈ باشقا بىرىگە موھتاج بولمايدىغان قىلىۋەتمىسەم، — دېدى. شۇ گەپنى قىلىپ تۆتىنچى كۈن كېلەر – كەلمەس سۇيىقەستكە ئۇچرىدى.(10)

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىراق زېمىنىدا قىلغان بۇ ئىشى ئىجارىگە ئوخشايدىغان بىر ئىشتۇر. پەقەتلا ئومۇم مۇسۇلمانلار ئۈزلۈكسىز پايدىلانسۇن دەپ ئۇنىڭغا مۇددەت بەلگىلىمىگەن يېرى بار. خاراج بولسا شۇ زېمىننىڭ ئىجارە ھەققىدۇر. مانا بۇ دەرەخلىك زېمىننى (باغلارنى) ئىجارىگە بېرىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇ ئىش خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ زامانىدىكى ۋە ئۇندىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاققا كەلگەن ئىشلار جۈملىسىدىندۇر».(11)

يۇقىرىقىلاردىن «باغلارنى ئىجارە بەرسە بولىدۇ» دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن مېۋىلىك باغلارنى پۇلغا مەلۇم مۇددەت ئىجارىگە بەرسە بولىدۇ. ئىجارە بەرگەن ئەھۋالدا باغدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئۆشرىنى(12) باغنىڭ ئىگىسى ئەمەس، ئىجارىگە ئالغۇچى بېرىدۇ. چۈنكى، ئىجارىگە ئالغۇچى ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدۇر. باغنى سۇغۇرۇشتا چىقىم قىلغان ئەھۋالدا ھەر قېتىم ھوسۇل ئالغاندا %5 ئۆشر بېرىدۇ. بىكارغا سۇغارغان ئەھۋالدا %10 زاكات بېرىدۇ. باغنىڭ ئىگىسى ئىجارىدىن كىرگەن كىرىمگە قولىدىكى باشقا ئىقتىساد بىلەن بىللە يىلدا بىر قېتىم %2.5 مىقداردا زاكات بېرىدۇ.

بىز يۇقىرىدا ئالىملارنىڭ دەلىللىرىنى شۇنداقلا شەخسىي قانائىتىمىزنى بايان قىلىپ قويدۇق، ئەمدى سورىغۇچى قايسى قاراشقا قانائەت تاپسا، شۇ بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 3 – مۇھەررەم / م. 2011، 28 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 140 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 16/32؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 4/175؛ ئەلخەتىب ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 2/466؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/185؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 5/482؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 29/55؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئىغاسەتۇللەھفان»، 2/7.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1486)؛ «مۇسلىم»، (1534).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2381)؛ «مۇسلىم»، (1536).
4. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/193.
5. «الإجماع»، 1/91.
6. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 29/59.
7. خاراج – ھوسۇلنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ ئېلىنىدىغان يىللىق غەللە – پاراق.
8. جەرىب (الْجَرِيبُ): قەدىمكى زامانلاردىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان يەر كۆلىمى ئۆلچىمى بولۇپ، ھازىر 1366.04 كوادىرات مېتىرگە باراۋەر كېلىدۇ. يەنە 48 ﺳﺎﺋ مىقدار سىغىدىغان كەمچەنگىمۇ ئىشلىتىدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ھازىر 156 (يەنە بىر قاراشتا 97.92) كىلوگرامغا باراۋەر كېلىدۇ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 451 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 611- بەت، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 41 – بەت، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.
9) ئەبۇ ئۇبەيد: «ئەلئەمۋال»، 1/88.
10. «بۇخارىي»، (3700).
11. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 29/59.
12. ئۆشر (الْعُشْرُ): ئەرەب تىلىدا: «ئوندىن بىر (10⅟)، يەنى 10%» دېمەكتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: «تېرىلغۇ زېمىن ھوسۇلىدىن ئېلىنىدىغان زاكات»تۇر. ھەدىس شەرىفتە: «يامغۇر سۈيى ۋە بۇلاقلاردىن سۇغىرىلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشر (ئوندىن بىرى) كېلىدۇ، سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشرنىڭ يېرىمى (يىگىرمىدىن بىرى) كېلىدۇ» دېيىلگەن. يەنە «ئىسلام دۆلىتىنىڭ چېگراسىدىن ئۆتكەن زىممىي سودىگەرلەردىن ۋە ئۇرۇش ھالىتىدىكى دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج»مۇ «ئۆشر» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئىسلام خەلىفەلىرى ئۇلاردىن ئۆشر ئالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/101؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 281 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ