بانكىدىن ئالغان ئۆسۈمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

بانكىدىن ئالغان ئۆسۈمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بانكىدا پۇل قويۇش، قويغاندىن كېيىن ئۆسۈم ئېلىش (پۇل قويسا تەبىئىيلا ئۆسۈم بېرىدىكەن)، ئاندىن بۇ ئۆسۈمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا؟ مەسىلەن، توي ۋە ئۆلۈم – يىتىمدىكى رەسمىيەت ئىشلىرى، سەدىقە، سوۋغات قاتارلىقلارغا ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

يەنە بىر سوئال: ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى بانكىلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆسۈم مۇئامىلىسى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمىدۇق. مېنىڭ كارتامغا 2 يىلدىن بېرى قىلغان مۇئامىلە جەريانىدا 35 سوم خەلق پۇلى ئۆسۈم چىقىپ قاپتۇ. مۇنداق ئۆسۈم چىقىپ قالغانلار خېلى كۆپ ئىكەن. بۇنداق ئۆسۈمنى بانكىنىڭ يىلدا ئالىدىغان تاپان ھەققى ۋەياكى شىركەت ھېسابى بولسا باج قاتارلىق سېلىقلارغا بېرىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ساۋاب ئۈمىد قىلماستىن يوقسۇل كىشىلەرگە بېرىدىغانلارمۇ بار، ھەتتا شۇ سوممىسىدىكى پۇلنى ئېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدىغانلارنىمۇ ئاڭلىدىم. بۇنداق ئۆسۈمنى قايسى ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلساق ياخشى بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

1. مۇسۇلمان كىشىگە بانكىدا پۇل قويۇپ جازانە قىلىش، ئۆسۈم بېرىش ۋە ئېلىش ھارامدۇر.

ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ئېلىم – سېتىم جازانىگە ئوخشاش، دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمىكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 275).

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر جەڭگە دۇچار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلىڭلار، ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر، زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدىغان بولساڭلار، سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى تولۇق بېرىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 278 – 281).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە يېگۈچىگە ۋە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلغان.(1)

يەنە بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنى يازغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى بولغان ئىككى شاھىدقا لەنەت قىلغان ۋە: «ئۇلار باراۋەر» دېگەن.(2)

شۇنداقلا قايسى شەكىلدە بولسۇن جازانە مۇئامىلىسىگە ھەمكارلىشىشمۇ گۇناھقا ھەمكارلاشقانلىق جەھەتتىن ھارام بولىدۇ.

2. جازانىدىن خالىي بانكا تېپىلمىغان جايدا مۇسۇلمان كىشى ئۆسۈم ئېلىش مەقسىتىدە ئەمەس، پۇلىنى ساقلاش، زايە قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ياكى تىجارەتتە پۇل يوللاش قاتارلىق ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئۆسۈملۈك بانكىدا پۇل ئامانەت قويغان بولسا، بۇ ئامانەتكە ئۆسۈم چىققان بولسا، بۇ ئۆسۈمنى بانكىغا تاشلاپ قويماي قولىغا ئېلىۋېلىشى لازىم. چۈنكى، تېگىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئۆسۈم پۇلنىڭ ئەسلى ئىگىسى بانكا ئەمەس، بەلكى بۇ بانكىدا ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ بىر قىسمى ياكى بانكىدىن قەرز ئالغۇچىلارنىڭ بانكىغا تۆلىگەن ئۆسۈم پۇلىدۇر. بانكىلار بۇ مەسىلىدە شەخسلەرگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بانكا ئۆسۈملەرنى ئۆز يېنىدىن بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇنى باشقا خېرىدارلىرىدىن ھارام يول بىلەن ئالغان بولىدۇ. شۇڭا، بانكا بۇ پۇلنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولمىغاچقا، بۇ پۇلنى بانكىغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ، دېمەك، بۇ پۇل ئىگىسى نامەلۇم پۇلدۇر.

بۇ پۇللارنى تاشلاپ قويۇش بانكىنىڭ قىلمىشلىرىغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ.

ئۆز ۋاقتىدا ئىمام نەۋەۋىي ھارام پۇل ھەققىدە: «چۈنكى، بۇ مالنى بۇزۇۋېتىش ۋە دېڭىزغا تاشلىۋېتىش جائىز بولمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشتىن باشقا خەجلەيدىغان ئورۇن قالمىغان بولىدۇ» دېگەن.(3)

ئۆسۈمنى بانكىغا تاشلاپ قويماي ئېلىۋېلىش پايدىلىنىش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى ئېلىپ مۇسۇلمانلار مەنپەئەتىگە سەرپ قىلىۋېتىش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ سەرپ قىلىۋېتىش سەدىقە قىلىش ئەمەس، ئۆسۈم پۇلدىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر.

3. قولىغا ئالغان ئۆسۈمنى ئۆزى خەجلىمەي ئۇنى پېقىر – مىسكىنلەرگە، شۇنداقلا باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋېتىشى لازىم. بۇ سەرپ قىلىشتىن سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ پاكتۇر، پەقەت پاكنىلا قوبۇل قىلىدۇ. بۇ قىلغىنى پەقەت ھارام مالدىن قۇتۇلۇش، قىلغان جازانىسىنى يۇيۇش، تەۋبىسىنى تاماملاش ئۈچۈندۇر. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، نىيىتى توغرا بولغان ئەھۋالدا ساۋابقا ئېرىشىشىمۇ ئۈمىد قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ھارام مالدىن قۇتۇلۇپ ئۆزىنى پاك تۇتۇش، تەۋبىسىنى تاماملاشتىن ئىبارەت ياخشى ئىشتۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆسۈمنى توي، سوۋغات قاتارلىق ئىشلارغا، شۇنداقلا ئۆزى يېنىدىن چىقىم قىلىش كېرەك بولغان چىقىملارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئەھلى ئىلىملەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە باج – سېلىق، جەرىمانە ۋە باشقا رەسمىيەت چىقىملىرى تۆلىۋېتىش ئارقىلىق تۆلىگۈچى ئۆز مال – مۈلكىنى قوغدايدىغان، بۇ تۆلىگۈچىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا، ئۆسۈم پۇلنى بۇلارغا سەرپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

«ئۆسۈم پۇلنى مەسجىد سېلىش ۋە تۈزەشكە سەرپ قىلسا بولامدۇ» دېگەن مەسىلىدە ھازىرقى ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن، ئىمام قەرەداۋىي، شەيخ ئىبنى جىبرىن، دوكتور ئەھمەد ھەججىي كۇردىي ۋە «ئەرەب بىرلەشمە خەلىفەلىكى ئەۋقاف ۋە ئىسلام ئىشلىرى ھەيئىتى» قاتارلىقلار «بولىدۇ» دەپ پەتۋا بەرگەن. «كۇۋەيت پەتۋا ئورگىنى»، دوكتور ئەلى قاراداغىي قاتارلىقلار «مەسجىدكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ»، دەپ قارىغان.

4. ئۆسۈمنى پېقىر – مىسكىنلەر ئېلىپ ئىشلەتسە بۇ ئۇلارغا ھالال بولىدۇ، ھارام بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پۇلنىڭ مەينەت، ھاراملىقى ئۇنى ئۆسۈم شەكلىدە قولىغا كىرگۈزۈپ ناھەق ئىگە بولۇۋالغان كىشىگە قارىتا بولىدۇ. ئەمما، پېقىر – مىسكىنلەر بولسا ئۇنى ئۆسۈم يولى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ مۇباھ قىلغان يول ئارقىلىق ئالغان بولىدۇ.

قاسىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، بەرىرەگە گۆش سوۋغا قىلىنىۋىدى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا گۆش كەلتۈرۈلگەن ئىدى، مەن:

— بۇ دېگەن بەرىرەگە قىلىنغان سەدىقە، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— بۇ ئۇنىڭغا سەدىقە، بىزگە ھەدىيەدۇر، — دېدى».(4)

دېمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سەدىقە ھالال بولمايدىغان تۇرۇقلۇق، ئىگە بولۇش سەۋەبى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ گۆش رەسۇلۇللاھقا نىسبەتەن سەدىقە ھېسابلانمىغان.

بۇ بىر خىل نىسبىيلىك بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۆزى يېمىگەن بىر قوي گۆشىنى ئەسىرلەرگە بېرىۋېتىشكە بۇيرۇغان.

بىر ھەدىستە ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىسىز بوغۇزلانغان بىر قوينى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ياكى ساھابەلىرى يېمەي، بوغۇزلىغان ئايالغا: «ئۇنى ئەسىرلەرگە يېگۈزىۋېتىڭ» دەپ بۇيرۇغان.(5)

قىياس جەھەتتىنمۇ بانكىدىن كىرگەن ئۆسۈمنى ئەسلى ئىگىسى نامەلۇم بولغاچقا، ئىگىسىگە قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىغاچقا، بۇ ئۆسۈم يولدىن تېپىۋالغان، ئىگىسى بىلىنمىگەن پۇلغا ئوخشايدۇ. بۇ ھارام پۇلنى قولدىن چىقىرىپ پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىۋېتىش بەرگۈچىگە نىسبەتەن ئەمەس، پېقىرغا نىسبەتەن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ھارام مالدىن تەۋبە قىلغۇچى بۇ پۇلنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىۋېتىش ئارقىلىق تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشىنى كۆزلەيدۇ. ساۋاب ياكى ئەجىر كۆزلىمەيدۇ. دېمەك، بۇ پۇلنى قولدىن چىقىرىۋېتىش تەۋبىسىنىڭ تولۇقلىمىسى ۋە شەرتى ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي ئىمام غەززالىيدىن: «ئۇنى (ھارام پۇلنى) پېقىرغا بەرسە، ئۇ پېقىرغا ھارام بولمايدۇ، بەلكى ھالال، پاك بولىدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «غەززالىي مۇشۇ تارماق مەسىلىدە دېگەن مۇشۇ سۆزنى شافىئىي مەزھەبىمىزدىكى باشقا ئۇستازلىرىمىزمۇ دېگەن. ھەقىقەتتە بۇ مەسىلە شۇلار ئېيتقاندەكتۇر. غەززالىي بۇ قاراشنى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋە ئۇندىن باشقا سەلەفلەردىن نەقىل قىلغان. يەنە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئەلھارىس ئەلمۇھاسىبىي قاتارلىق زاهىدلاردىنمۇ نەقىل قىلغاندۇر».(6)

ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىگىسى نامەلۇم، تارتىۋېلىنغان، ئارىيەتكە ئېلىنغان، ئامانەت قويۇلغان، كىشىلەرنىڭ ئوغرى – بۇلاڭچىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان مال – مۈلكى ياكى كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى سەدىقە قىلىنىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ» دەيدۇ.(7)

ئىمام قۇرتۇبىي: «قولىدىكى ھارام مالنىڭ ئىگىسىنى تېپىشتىن ئۈمىدسىزلەنسە، ئۇنى ئاشۇ ئىگىسىنىڭ ئورنىدا سەدىقە قىلىۋېتىدۇ، ئەگەر باشقىلارغا سالغان زۇلمى ئېغىر بولۇپ، پۈتۈن قولىدىكى مال – مۈلۈك زۇلۇمدىن كەلگەن بولۇپ، كۆپ بولغانلىقتىن ئۇنى تۆلەپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى قولىدىكى پۈتۈن ئىقتىسادنى يا مىسكىنلەرگە يا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە سەرپ قىلىۋېتىشىدۇر» دەيدۇ.(8)

ئەمما، مۇئەييەن بىر شەخس بىلەن جازانە قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆسۈمنى قولىغا ئالسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ مېلىنى ناھەق ئېلىۋېلىشتىن ئىبارەت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدىكى جازانە مۇشۇ شەخسىي مۇئامىلە تۈرىگە كىرىدىغان بولغاچقا، جانابىي ئاللاھ سەرمايىنىلا ئېلىپ، ئۆسۈمنى ئالماي قويۇشقا بۇيرۇغان. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر، زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر﴾(2/«بەقەرە»: 279). شۇڭا، بۇ بارىدا شەخسلەر بىلەن بانكىلار ئوخشاشمايدۇ.

ئايەتتە ئىگىسى نامەلۇم بولغان ئۆسۈم توغرىسىدا «ئۇنى قولۇڭغا ئالمىغىن» دېگەن كۆرسەتمە كەلمىگەن بولۇپ، ئايەت پەقەت «ئىگىسى مەلۇم بولغان ئۆسۈمنى ئالمىغىن، مەلۇم بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئۆسۈمنى ئۆز ئېھتىياجىڭغا ئىشلەتمىگىن» دېمەكچى. بۇ جەھەتتىن ئۆسۈمنى بانكىغا تاشلاپ قويماي ئېلىش مەزكۇر ئايەتكە زىت كەلمەيدۇ.

ئۆسۈم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىگىسى نامەلۇم بولغان ھارام ماللارنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە سەرپ قىلىۋېتىش يۇقىرىقى ئالىملارنىڭلا قارىشى بولماستىن، ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭمۇ ئاساسەن بىرلىككە كېلىپ قالغان قارىشىدۇر.

شەيخ بىننى باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «بانكا ساڭا بەرگەن ئۆسۈمنى بانكىغا قايتۇرۇۋەتمىگىن، ئۆزۈڭمۇ يېمىگىن، بەلكى ئۇنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىۋەتكىن، مەسىلەن، پېقىرلارغا سەدىقە قىلىۋېتىش، ھاجەتخانىلارنى ئوڭشاش، قەرزلىرىنى تۆلىيەلمەي قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلارنىڭ قەرزىنى تۆلىۋېتىش…» دەيدۇ. شەيخ ئىبنى جىبرىنمۇ شۇنداق پەتۋا بەرگەن.(9)

1983 – يىلى كۇۋەيتتە ئېچىلغان 2 – نۆۋەتلىك «ئىسلام بانكىسى» قۇرۇلتىيى مۇنداق پەتۋا بەرگەن: «قۇرۇلتاي مۇسۇلمان مال – مۈلۈك ئىگىلىرىگە ئالدى بىلەن مال – مۈلكىنى ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى ئىسلام بانكىلىرىغا يۈزلەندۈرۈشنى، ئاندىن سىرتىغا يۈزلەندۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ بولغۇچە ئارىلىقتا ئېرىشكەن ئۆسۈم پۇل ھارام كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇ پۇلنى قولىغا ئېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتىگە سەرپ قىلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى كېرەك. قويمايمۇ ئېھتىياج قامدىلىدىغان تۇرۇقلۇق مال – مۈلۈكنى جازانىخور بانكا ۋە ئورگانلاردا ئامانەت قويۇشتا داۋاملىشىش شەرئى جەھەتتىن ھارام ئىش ھېسابلىنىدۇ».

خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ئېھتىياج بولمىسىمۇ ئۆسۈملۈك بانكىدا پۇل قويۇش ھارام. پۇل قويغان ئەھۋالدا چىققان ئۆسۈمنى بانكىغا تاشلاپ قويۇشمۇ ھارام، چۈنكى بۇ گۇناھقا ھەمكارلاشقانلىق. ئۆسۈمنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆزى خەجلەپ پايدىلىنىش ھارام، چۈنكى بۇ جازانە يېگەندىن ئىبارەت چوڭ گۇناھ. دېمەك، ئالغان ئۆسۈمنى ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە سەرپ قىلىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 13 – سەفەر/ م. 2012، 17 – يانۋار

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 138 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (2238).
2. «مۇسلىم»، (1598).
3. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/332.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1493)؛ «مۇسلىم»، (1504).
5. «ئەبۇ داۋۇد»، (3332). ئالبانىي («ئەلئىرۋاﺋ»، 3/196): «سەھىھ» دېگەن.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/332.
7. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 30/413.
8. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 3/367.
9. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلمۇسنەد: «فەتاۋا ئىسلامىييە»، 2/407.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ