ئىككىنچى خوتۇنىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش

ئىككىنچى خوتۇنىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھازىر دىيارىمىزدا ئىككى خوتۇنلۇق بولۇش بەك تەكىتلىنىپ كېتىپ بارىدۇ. شۇ تەكىتلەشنىڭ تۈرتكىسىدە مېنىڭ يولدىشىممۇ ئىككى ئاياللىق بولدى. بىراق، ساقچىدىن قوغدىنىش ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن بۇ ئايالىنى مەن ۋە شۇ ئايالنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە نىكاھقا قاتناشقان بىرقانچە ئادەملەرلا بىلىدۇ. قوغدىنىش ئۈچۈن ساقچى ۋە باشقا ئىشەنچسىز كىشىلەرگە: «ئايالىم ئەمەس» دېمەكچى ۋە ياكى «ئاشنام» دېمەكچى. سورىماقچى بولغىنىم: مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ؟ ئادىللىق بولامدۇ؟ بىز ئوخشاش ئىمتىيازغا ئېرىشەلمىگەنلىكىمىز ۋە جەمئىيەت ۋە قانۇننىڭ قارشىلىقى بۇ نىكاھنى باتىل نىكاھقا ئايلاندۇرۇپ قويامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شەرىئەتتە نىكاھلىنىشتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەرنىڭ ئىچىدە ئارام ئېلىش، خاتىرجەملىك، مېھىر – مۇھەببەت، ئۇنسى – ئۈلپەت، سالىھ پەرزەنت كۆرۈش، ئىپپەتلىك بولۇش ۋە جۈپتىنى ئىپپەتلىك ساقلاش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ۋە ھۇزۇر ئېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇرۇشلاردا ئەرلەرنىڭ كۆپ قىرىلىپ كېتىپ جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىش، تۇغماس چىقىش، ھەيز ۋە نىپاستا بىللە بولماسلىق قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا — زۆرۈرىيەت دائىرىسىدە توغرا پايدىلانغان تەقدىردە، — كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ ئىپپەتلىك بولۇش ۋە پەرزەنتلىك بولۇشتىن باشقا يەنە ئومۇم جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى قوغداپ قېلىش، ئۈممەتنىڭ سانىنى ئاۋۇتۇش، تۇل خوتۇنلاردىن خەبەر ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك پايدىلىرى بارلىقى ھەم بىر ھەقىقەت.

ئىككىنچى ئايالنى شەرئى نىكاھ قىلىپ ئالغاندىن كېيىن جەمئىيەت، قانۇن ۋە ياكى رەسمىي ئورۇنلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىككىنچى ئايالىنى بىرىنچى ئايالىغا ئوخشاش ئىمتىيازغا ئىگە قىلالمىغان ئەھۋالدا، جەمئىيەت بىلەن قانۇننىڭ قارشىلىقى بىلەن بۇ نىكاھ باتىل بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ يولغا قويغان قانۇننى ئىنسانلار ياكى ئۇلار چىقارغان قانۇن ئارقىلىق بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ.

لېكىن، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادىل مۇئامىلە قىلىش، زۇلۇم سالماسلىققا ئىشەنچ قىلىشتىن ئىبارەت شەرتكە باغلانغان.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (مەھرىنى تولۇق بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، سىلەرگە ھالال بولغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىرلا خوتۇن، ياكى ئىگە بولغان چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار، بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 3).

بۇ ئايەت يېتىم قىزلاردىن خەبەر ئالىدىغانلارغا قىلىنغان خىتاب بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى قول ئاستىدىكى يېتىم قىزلارغا ئۆيلەنمەكچى بولغىنىدا ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا، ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىدىن قورقسا، باشقا ئاياللارنى ئېلىشقا بۇيرۇغان. چۈنكى، باشقا ئاياللار كۆپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا كەڭچىلىك ئاتا قىلىپ بىردىن تۆتكىچە ئېلىشنى ھالال قىلغان. ئەگەر زۇلۇم سېلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە، بىرلا خوتۇن، ياكى ئىگە بولغان چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسۇن دېمەكچى.

ئىمام ئىبنى كەسىر ۋە باشقا ئالىملار بىر ۋاقىتتا تۆتكىچە خوتۇن ئېلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا سەلەفنىڭ ئىجمائسى بارلىقىنى نەقىل قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ۋاقىتتا 11 خوتۇننى ئەمرىدە تۇتقانلىقى پەيغەمبەرگە خاس ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(1)

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىسلامدا كۆپ خوتۇنلۇق يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە «ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىرلا خوتۇن» دەپ چەكلىمە قويۇپ، پەقەتلا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى، رەسۇلىنىڭ سۈننىتىنى ئىجرا قىلالايمەن، ھەربىر خوتۇننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىمەن، رىئايە قىلىش كېرەك بولغان ئىشلاردا بىرىنى ئالاھىدە كۆرمەيمەن، دەپ ئىشەنچ قىلالايدىغانلارغىلا كۆپ خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت قىلغان. ئەگەر بىردىن ئارتۇق خوتۇن ئالغان ئەھۋالدا ئادىل مۇئامىلە قىلالمايمەن دەپ ئويلىغانلارغا پەقەتلا بىر خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت.

دېمەك، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادىل مۇئامىلە قىلىش، زۇلۇم سالماسلىققا ئىشەنچ قىلىشتىن ئىبارەت شەرتكە باغلانغاندۇر. ھازىر كۆپ خوتۇن ئالغانلاردا بۇ شەرتنىڭ تېپىلىشى ناتايىن.

ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا ئادىللىق قىلىش ئەر ئۈستىگە ۋاجىب بولغاچقا، ئەر قولىدىن كېلىدىغان ئادىللىقنى تولۇق قىلمىسا گۇناھكار بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر كىشىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرىگە مايىل بولۇپ كەتسە، قىيامەت كۈنى يېرىمى بىر تەرەپكە مايىل ھالدا كېلىدۇ» دېگەن.(2)

بۇ ئادىللىق قىلالايدىغان ئىشلاردا ئادىللىق قىلمىسا قىيامەت كۈنى پۈتۈن خالايىق ئالدىدا ئاشۇنداق قوپىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىككى خوتۇن ئوتتۇرىسىدا نۆۋەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش، ھەر ئىككىسىنىڭ بالىسى بولسا ياكى بولمىسا، ئوخشاش خىراجەت قىلىپ بېرىش، بىرسىنىڭ بالىسى بولسا بالىسى بارغا ئېھتىياجىغا قاراپ ئارتۇقراق خىراجەت بېرىش لازىم. سەپەرگە چىققاندا چەك تاشلاپ ئېلىپ چىقىشى لازىم.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەجىدىكى نۇتقىدا: «ئاياللاردا ئاللاھتىن قورقۇڭلار! چۈنكى، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە ئالدىڭلار، پەرجىلىرىنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ھالال قىلدىڭلار» دەپ تاپىلىغان.(3)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «(چوكاننىڭ ئۈستىگە) قىز ئالسا، يېنىدا يەتتە كۈن قونۇش، (چوكاننىڭ ئۈستىگە) چوكان ئالسا، يېنىدا ئۈچ كۈن تۇرۇش سۈننەتتۇر» دېگەن.(4)

ئالىملارنىڭ قىز بىلەن چوكاننىڭ قېشىدا قانچىلىك تۇرۇش مەسىلىسىدە، شۇنداقلا تۇرغان كۈنلەر ھېسابلىنامدۇ ياكى ھېسابلانمامدۇ دېگەن مەسىلىدە كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان. كۆپچىلىك ئالىملار: ئايالى بار كىشى يېڭىدىن بىر قىز ئالسا نۆۋەتنى كېسىپلا ئۇنىڭ بىلەن يەتتە كۈن تۇرىدۇ. بۇ باشقا ئاياللىرى بىلەن بولغان تەقسىملەشتە ھېساب قىلىنمايدۇ. چوكان ئالسا نۆۋەتنى كېسىپلا ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ كۈن تۇرىدۇ. بۇ باشقا ئاياللىرى بىلەن بولغان تەقسىملەشتە ھېساب قىلىنمايدۇ. ئەگەر يېڭى ئايالى خاھلىسا قېشىدا يەتتە كۈن تۇرۇپ، باشقا ئاياللىرى قېشىدا يەتتە كۈندىن تۇرىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ: «قىزنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن، چوكاننىڭ يېنىدا ئۈچ كۈن تۇرىدۇ. بۇ باشقا ئاياللىرى بىلەن بولغان تەقسىملەشتە ھېساب قىلىنىپ، يېڭىسىنىڭ قېشىدا قانچە كۈن تۇرسا، كونىلىرىنىڭ قېشىدىمۇ شۇنچە كۈندىن تۇرىدۇ» دەپ قارىغان.(5)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى نىكاھىغا ئالغاندا:

— خاھلىسىڭىز يېنىڭىزدا يەتتە كۈن تۇراي. خاھلىسىڭىز ئۈچ كۈن تۇرۇپ، ئاندىن نۆۋەت بويىچە ئايلىنىپ كېلەي، — دېگەنىدى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

— ئۈچ كۈن تۇرسىلا، — دېدى.(6)

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندىن كېيىن، قايتىپ چىقماقچى بولۇۋىدى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ پېشىگە ئېسىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «خاھلىسىڭىز يېنىڭىزدا بۇندىن ئارتۇق تۇراي، بىراق ئارتۇق تۇرغان كۈنلىرىمنى نۆۋىتىڭىزگە ھېسابلايمەن. چۈنكى، قىزنىڭ يەتتە كۈنلۈك، چوكاننىڭ ئۈچ كۈنلۈك ھەققى بار» دېدى.(7)

يەنە ئادىللىق قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلاردا ئايالىدىن بىرى ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولماسلىققا رازى بولۇپ قالسا، مەيلى. بۇ سۈلھ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا﴾(4/«نىساﺋ»: 128) دېگەن ئايەتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىر ئەرنىڭ قولىدا بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشنى خاھلىماي، تالاق قىلىۋېتىپ، باشقا بىر ئايال ئېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ، ئايالى ئۇنىڭغا: مېنى نىكاھىڭدا ساقلاپ قېلىپ باشقا بىرىنى ئال. نەپىقە بەرمىسەڭمۇ، كۈن تەقسىم قىلمىساڭمۇ سەندىن رازى، دەيدۇ. بۇنداق سۈلھ قىلىشقا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتى يول قويغاندۇر: ﴿ئۆزئارا سۈلھ قىلىشسا، ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ، سۈلھ قىلىش خەيرلىكتۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 128)»(8)

دېمەك، ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئۆز نۆۋىتى ياكى باشقا ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىپ سۈلھ قىلسا بولىدۇ. بۇنى ئايال كىشى ئۆزى ئەھۋالىغا قاراپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىگە قاراپ قارار قىلىشى لازىم.

ئەمدى ئەر باشقىلار ئىككىنچى ئايالىنى سورىغاندا: «ئايالىم ئەمەس» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ تالاقنى نىيەت قىلمىغان، يالغان ئېيتىشنى نىيەت قىلغان بولسا، ئايالى تالاق بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ پەقەتلا يالغانچىلىق بولىدۇ. «دوستۇم» ياكى «تونۇشۇم» دېگەندەك سۆزلەرمۇ نىكاھقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

توي خېتى ئېلىشنىڭ ھۆكمى

كۆپ نىكاھلىقتا ئىككى تەرەپنىڭ ھەقلىرىنىڭ زايە بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قىزىل خەت (توي خېتى) زۆرۈر بولۇپ، ھازىرقى شارائىتتا ئىككىنچى خوتۇنغا قىزىل خەت ئالغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەقلەر زايە بولىدۇ.

ئەسلىدە قىزىل خەت ئېلىش نىكاھنىڭ رۇكنىلىرىدىن ئەمەس. لېكىن، ھازىرقى زامانلاردا كىشىلەردىكى ئادەمگەرچىلىك ئاجىزلاپ، دىيانىتى سۇسلىشىپ، ئازراق تالاش – تارتىش بولۇپ قالسىلا ئەر ئايالىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىپ ئايالىنى، بالىلىرىنى تاشلىۋېتىدىغان، نىكاھنى، بالىلىرىنى تېنىۋالىدىغان، نەپىقە بەرمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئايال كىشى پەرزەنتلىرىنىڭ نەسەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ نەپىقىسىنى ئېلىشتىكى ھەققىنى ئىسپاتلىيالماي قالىدۇ. بەزىدە تېخى تالاق قىلىنغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىيالماي باشقا ئەرگە تېگەلمەي قالىدۇ.

ئايال ئەر – خوتۇنلۇقنى تېنىۋالغان ئەھۋالدا ئەرنىڭ ئەمرىدە تۇرۇقلۇق باشقا ئەرگە تېگىۋالىدۇ. ئېرى ئايالى بىلەن بالىسىغا داۋالىشىپمۇ ئىگە بولالماي قالىدۇ.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى توي خېتى ئېلىشقا ئېھتىياج تۇغۇلۇپ توي خېتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك پايدىلىرى بار:

1. ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش. مەسىلەن ئايالنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بىلەن نەپىقە ھەققى، پەرزەنتىنىڭ ئاتىسىغا نەسەبلىنىش ھەققى، ئېرىنىڭ ئايالىغا ئىگە بولۇش ھەققى، مىراس ئېلىش ھەققى قاتارلىقلار.

2. توي خېتى نىكاھقا ياكى بەزى ھەق – ھوقۇققا تانغان ئەھۋالدا تالاش – تارتىشلارنى كېسىپ تۈگىتىدۇ.

3. توي خېتى ئالغان تەقدىردە، باتىل ياكى شەرتلىرى تېپىلمىغان نىكاھلارنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بەزىدە توي خېتى ئالمىغان تەقدىردە، تېخى ئىددىتى توشمىغان ياكى نىكاھلىنىشى ھارام بولغان ئايالنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

4. توي خېتى ئالسا گۇمانلارنى يوقىتىشقا پايدىسى بار. بولمىسا، بۇلار زىنا بىلەن قارىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىللە سەپەر قىلىپ مېھمانكۈتۈشلەرگە چۈشكەن ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق.

5. توي خېتى ئېلىشنىڭ نىكاھنى يوشۇرماي ئېلان قىلىشقا پايدىسى بار.

6. توي خېتى ئالغان ئەھۋالدا ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى، ئاسانلا مۇراجىئەت قىلغىلى بولىدۇ.

توي خېتى ئالماسلىقتىن يۇقىرىقىدەك ئەرنىڭمۇ، پەرزەنتنىڭمۇ، ئايالىنىڭمۇ ھەقلىرىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشى كېلىپ چىقىدىغانلىقى مۇئەييەن بولغاچقا، ھازىرقى زامانىمىزدا توي خېتى ئېلىشنىڭ ھۆكمى ۋاجىب بولىدۇ.

سۈننەتتە نىكاھنى گۇۋاھچىلار بىلەن ھۆججەتلەش يولغا قويۇلۇپ ۋاجىب بولغاندۇر. ھازىرقى زامانىمىزدا گۇۋاھچى ئارقىلىق ھەقنى ئىسپاتلايدىغان قازىخانىمىز بولمىغاچقا، سوت ئورگانلىرى ھۆججەتلىك ئەرز سۇنمىسا دەۋاغا قارىمايدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلارغا ھوقۇقنى قوغدايدىغان يول بولمىغانلىقى ئۈچۈن توي خېتى بىلەن ھۆججەتلەپ قويۇش مۇئەييەنلىشىپ قالىدۇ. جانابىي ئاللاھ قەرزنى يېزىپ ھۆججەتلەشكە بۇيرۇغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مۇشرىكلار، ئەھلى كىتابلار بىلەن بولغان توختاملارنى يېزىپ ھۆججەتلىگەن. قەرزلەشكەندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا ئومۇمەن، يېزىپ ھۆججەتلەش يولغا قويۇلغان بولسا، نەسەب، نەپىقە ۋە ئەر – خوتۇنلۇق ھەق – ھوقۇقنى يېزىپ ھۆججەتلەش ئەلبەتتە يوللۇق بولىدۇ.

ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار شۇ چاغدىكى شارائىتقا قاراپ نىكاھنى كۆپىنچە گۇۋاھلىتىش بىلەن ھۆججەتلەپ بولدى قىلغان. قاھىرەدىكى «ئىسلام نەپىس سەنئەت مۇزىيخانىسى»دا ھىجرىيە 91 – يىلى تابىئىنلار دەۋرىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان بىر توي خېتى ساقلانماقتا. لېكىن، ھازىرقى زامانىمىزدىكى تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى، كىشىلەرنىڭ ناچارلىشىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئۇنتۇپ ياكى ئۆلۈپ كېتىشى تۈپەيلى يېزىپ ھۆججەتلەش ھەق – ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ۋاجىب بولۇپ قالدى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 29 – شەئبان / م. 2011، 30 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 108 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 1/451.
2. «ئەھمەد»، (7923)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1825)؛ «تىرمىزىي»، (1141)؛ «نەسائىي»، (8890). ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8/37) «سەھىھ» دېگەن.
3. «مۇسلىم»، (1218).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5213): «مۇسلىم»، (1461).
5. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/42؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/240.
6. «مۇسلىم»، (1460).
7. «مۇسلىم»، (1460).
8. «بۇخارىي»، (5206).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ