ئاياللار تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدىغان ئەھۋاللار

ئاياللار تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدىغان ئەھۋاللار

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئەرلەر ئايالى تۇغماس چىقىپ قالسا، ياكى ئەر تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ياقماي قالسا ۋە ياكى ھەتتا كۆڭلى چۈشمەي قالسىمۇ ئايالىنى تالاق قىلسا بولىدىكەن. ئۇنداقتا ئاياللار قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېرىدىن تالاق تەلەپ قىلسا بولىدۇ؟ مەسىلەن، ئېرى ناماز ئوقۇمايدىغان ياكى ھاراق ئىچىدىغان ۋە ياكى تۇغماس بولغان ئەھۋاللاردا ئايال كىشى تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟ ئەگەر قىز تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجراشتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، ئايال كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شەرىئەتتە نىكاھلىنىشتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەرنىڭ ئىچىدە ئارام ئېلىش، خاتىرجەملىك، مېھىر – مۇھەببەت، ئۇنسى – ئۈلپەت، سالىھ پەرزەنت كۆرۈش، ئىپپەتلىك بولۇش ۋە جۈپتىنى ئىپپەتلىك ساقلاش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ۋە ھۇزۇر ئېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ مەقسەتلەر ۋۇجۇدقا چىقسا، نىكاھ داۋاملىشىدۇ، مەقسەتلەر ۋۇجۇدقا چىقمىسا، تالاق قىلىش ئەرنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئەر خاھلىسا ئايالىنى تالاق قىلىدۇ.

بۇ ھوقۇق ئايالنىڭ قولىدا بولمىغاچقا، ئايال خاھلىغان ۋاقتىدا ئۆزىنى تالاق قىلالمايدۇ، لېكىن نىكاھلىنىشتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەر ۋۇجۇدقا چىقمىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

1. ئەر تەقۋادار بولسۇن ياكى پاسىق بولسۇن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قېلىپ بىللە ياشاشقا چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىدە يىرگىنىش يۈز بەرگەندە، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىسە، تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەر خاھلىسا تالىقىنى بەرسە «تالاق» بولىدۇ. ئەگەر بەرگەن تويلۇق مەھرىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇۋېلىپ قويۇۋەتسە بۇ «خۇلئى» بولىدۇ. خۇلئى بىلەن ئايال بۇ ئەردىن ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدۇ. قايتا نىكاھلىنىش بولسا يېڭى نىكاھ بىلەن يېڭى تويلۇق كېرەك بولىدۇ.

«خۇلئى» دېگەن سۆز كىيىم – كېچەك ياكى كەش قاتارلىقلارنى سېلىۋېتىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، شەرىئەتتە: ئەر كىشىنىڭ مەلۇم بەدەل ئېلىپ ئايالىدىن ئايرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ئايرىلىشقا سېلىۋېتىش دېگەن مەنىدىكى «خۇلئى» سۆزىنىڭ ئىشلىتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرى يەنە بىرىگە قارىتا يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا: ﴿ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر﴾(2/«بەقەرە»: 143) دېگەن.(1)

ھەقتائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگىنىڭلاردىن بىرەر نەرسە قايتۇرۇپ ئېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ، پەقەت ئەر – ئايال ئىككىيلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورققان ئەھۋالدىلا ھالال بولىدۇ. ئەگەر ئەر – ئايال ئىككىيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ خېتىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆلىگەن تۆلىمىدە ئۇ ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چەك – چېگرىلىرىدۇر. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار، كىمكى ئاللاھنىڭ چەك – چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئەنە ئاشۇلار زالىملاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 229).

ئىكرىمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: سابىت ئىبنى قەيسنىڭ ئايالى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— يارەسۇلەللاھ! مەن سابىت ئىبنى قەيسنى يا ئەخلاقى يا دىيانىتى جەھەتتىن ئەيىبلىمەيمەن، لېكىن مەن مۇسۇلماندارچىلىقتىن كېيىن كۇفۇرلۇق قىلىپ قويۇشنى يامان كۆرىمەن، — دېدى، رەسۇلۇللاھ:

— تويلۇققا بەرگەن بېغىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟ — دېۋىدى، ئۇ ئايال:

— ھەئە، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سابىتقا:

— باغنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى تالاق قىلىۋەتكىن، — دېدى. (2)

يۇقىرىقى ھەدىستىكى ئايال ئېرىنىڭ يا دىيانىتى يا ئەخلاقىدىن شىكايەت قىلمىغان، پەقەتلا ئېرىنى ياقتۇرمىغانلىقتىن ئېرىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى جايىدا ئادا قىلالماي قېلىپ، جېدەل – ماجىرا ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مۇسۇلماندارچىلىققا لايىق ياشاپ بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. بەزى ھەدىسلەردە بۇ ئايالنىڭ ئۆزى ساھىبجامال، ئېرى پاكار، كۆرۈمسىز بولغانلىقتىن ئايال ئېرىنى ياراتمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

2. ئەر پاسىق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغان تەقدىردە، ئايال ئۆزىنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىنى، تەقۋادارلىقىنى ساقلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالسا مەسىلەن، جەمئىيىتىمىزدە بەزى ئەرلەر پەرزلەرنى ئادا قىلمايدۇ، ھاراق ئىچىدۇ، زىنا – پاھىشە قىلىدۇ، ئايالىنى يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشكە، ئېغىر گۇناھلارنى قىلىشقا زورلايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئايال ئەرنى ئوڭشاشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ، ئوڭشالمىسا تالىقىنى تەلەپ قىلىش ھەققى بولىدۇ. بەزىدە تېخى دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تالاق تەلەپ قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. تالاق قىلماي تۇرۇۋالسا، قازىغا ئەرز قىلىدۇ، قازى نىكاھنى ئۈزىدۇ.

3. ئەر ئايالىغا جىسمانىي ۋە روھىي ئازار بېرىدىغان، ئۇرۇپ، تىللاپ خورلايدىغان، قۇلدەك مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، بۇ ئەھۋال داۋاملىق تەكرارلىنىدىغان بولسا، باشتا نەسىھەت قىلىپ ئوڭشاشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ، نەسىھەت كار قىلمىسا، مويسىپىت ئاقساقاللارنى ئارىغا سېلىپ باقىدۇ، يەنە ئوڭشالمىسا تالاق تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا بولىدۇ.

4. ئەر ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمايدىغان بولسا، مەسىلەن نەپىقە بەرمەيدىغان، بېخىللىق قىلىپ چىقىمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان، ئاچ – يالىڭاچ قويىدىغان، بىللە ياتماي تاشلىۋېتىپ تالادا ئوينايدىغان، ئايالىنى قوغدىماي ئۆي – ماكانسىز، پاناھسىز تاشلاپ قويىدىغان بولسا، بۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئايال ھەق – ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ، جايىدا ئادا قىلمىسا، ياكى ئايالى بىلەن سۈلھ قىلمىسا، ئۆزىنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

5. ئەر ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ ھايات ياكى ئۆلۈكلىكىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالمىغان ئەھۋالدا، مەلۇم مۇددەت ئۆتۈپ يەنىلا خەۋىرى بولمىسا، ئايال قازىدىن تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قانچىلىك مۇددەت ئۆتۈش مەسىلىسىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.

6. ئەردە بىللە ياشاپ ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدىغان بەزىبىر جىسمانىي ئەيىب ياكى كېسەللىك بولسا، مەسىلەن، جىما قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئاجىز بولسا ياكى ئاختا قىلىنىپ كەتكەن بولسا، ماخاۋ كېسىلىگە ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەل بولسا، ياكى بەرەس بولسا، ئايال بۇنى بۇرۇن ئۇقماي نىكاھتىن كېيىن ئۇققان بولسا، تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەمما، ئالدىن بىلىپ رازى بولغان بولسا بۇ سەۋەبتىن، تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. شۇنداقلا نىكاھ قىلغاندا ساق بولۇپ كېيىن ئاشۇنداق كېسەللىكلەرگە مۇبتىلا بولغان بولسا، تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

7. ئەرنىڭ تۇغماسلىقى كەسكىن ئىسپاتلانغان ئەھۋالدا ئايال تالاق تەلەپ قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، پەرزەنت كۆرۈش شەرىئەتتە نىكاھلىنىشتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مەقسەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئايال كىشى تەبىئىتىدىن پەرزەنت كۆرۈپ ئانا بولۇشقا ئىنتىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئەردىن پەرزەنت كۆرەلمەسلىكى تېببىي تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئېنىقلانسا، بىر مۇددەت ئۆتۈپ بۇ ئەھۋال تەكىتلەنسە، ئايال تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئەر تالىقىنى بەرسە بەردى، بەرمىسە «خۇلئى» قىلسا بولىدۇ.

8. ئايال كىشى نىكاھ قىلغاندا ئۈستىگە خوتۇن ئالماسلىقنى شەرت قىلغان بولسا، بۇنى ئەر قوبۇل قىلغان بولسا، كېيىن ئايالىنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالسا، بۇرۇنقى ئايالى خاھلىسا تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەلبەتتە، ئەرنىڭ ئىككىنچى خوتۇن ئېلىش ھەققى بار، لېكىن شەرت قىلغان ئەھۋالدا شەرتتە تۇرۇش ۋاجىبتۇر.

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەرتلەرنىڭ ئىچىدە ئادا قىلىشىڭلارغا ئەڭ تېگىشلىكى، ئايالنى نىكاھلاپ ئالغان ۋاقتىڭلاردا قىلغان شەرتلەردۇر» دېگەن.(3)

ئۈستىگە خوتۇن ئالماسلىقنى شەرت قىلمىغان ئەھۋالدا ئەر ئىككىنچى خوتۇن ئالسا، ئايال تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. لېكىن، كۈندەشلىك ئېغىر كېلىدىغان بولسا «خۇلئى» ئارقىلىق ئاجراشسا بولىدۇ.

ئەلى ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەبۇ جەھلنىڭ قىزىنى فاتىمەنىڭ ئۈستىگە ئالماقچى بولۇپ سۆز ئاچقان ئىدى. فاتىمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىپ: ‹قوۋملىرى سىلىنى قىزلىرى ئۈچۈن ئاچچىقلانمايدىكەن، دېيىشىۋاتىدۇ، مانا ماۋۇ ئەلى ئەبۇ جەھلنىڭ قىزىنى نىكاھىغا ئالماقچىكەن› دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىگە چىقتى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ شاھادەت كەلتۈرۈپ بولۇپ: ‹ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، مەن ئەبۇلئاس ئىبنى ئەررەبىئغا قىزىمنى نىكاھلاپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ ماڭا راست گەپ قىلىپ سۆزىدە تۇردى. فاتىمە مەندىن بىر پارىدۇر، ئۇنىڭغا ئازار يېتىشنى يامان كۆرىمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسىنىڭ قىزى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمىنىنىڭ قىزى ھەرگىزمۇ بىر ئەرنىڭ ئەمرىدە جەم بولمايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەلى قايتا سۆز ئېچىشتىن ۋاز كەچتى».(4)

مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ: ‹ھىشام ئىبنى مۇغىرە جەمەتى مەندىن قىزىنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبقا نىكاھلاپ بېرىشلىرىگە ئىجازەت سورىغان ئىدى. مەن ئىجازەت قىلمايمەن، يەنە ئىجازەت قىلمايمەن. يەنە ئىجازەت قىلمايمەن. پەقەتلا ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغلى قىزىمنى قويۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ قىزىنى ئېلىشنى خاھلىسا، ئاندىن ئالسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ دېگەن مەندىن بىر پارىدۇر. ئۇنى بىئارام قىلغان ئىش، مېنىمۇ بىئارام قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئازار بەرگەن ئىش ماڭىمۇ ئازار بولىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم».(5)

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولۇپ تۇرىدىغان ئۇششاق – چۈششەك، قاتتىق – قۇرۇق گەپ – سۆز، جېدەل – ماجىرالار، يوقىلاڭ باھانىلەر، ياكى قېيىن ئاتا – ئانىلار بىلەن سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللاردا تالىقىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى، رېئال ھايات دېگەن ئازدۇر – كۆپتۇر خاپىلىقتىن، بىئارامچىلىقتىن، كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالىي بولمايدۇ.

سەۋەبسىز تالاق تەلەپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان قاتتىق تەھدىت بىلەن چەكلىمە كەلگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىر ئايال قىيىنچىلىقسىز ئېرىدىن تالىقىنى سورىسا، ئۇ ئايالغا جەننەتنىڭ پۇرىقى ھارامدۇر» دېگەن.(6)

شۇڭا، ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋال بولمىسا، تالاقنى ئالدىراپ تەلەپ قىلماسلىق، ئېغىر ئەھۋال بولغان تەقدىردىمۇ پەرزەنتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېغىرچىلىققا سەۋر قىلىش، پايدا – زىياننى سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قارار قىلىشتىن بۇرۇن تەجرىبىلىك كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراش، ئۆزىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاقىۋەتنى ئويلاش، جېدەلنى مۇبالىغە قىلىپ يوغىنىتىۋەتمەسلىك لازىم.

ئەر تەرەپنىڭ تۇغقانلىرىمۇ يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئەر – خوتۇننى ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنماسلىقى، قىز تەرەپمۇ بىكاردىن – بىكارغا قىزىنى ئاجراشتۇرۇۋالماسلىقى لازىم. ئەگەر قىز ياكى ئوغۇل تەرەپ سەۋەبسىز قىزىنى ئاجراشتۇرۇۋالماقچى ياكى ئوغلىنى تالاق قىلدۇرماقچى بولسا، ئوغۇل بىلەن قىز ئۇلارغا بويسۇنمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەر بىلەن خوتۇن ئۆزلىرى قارار قىلىدىغان ئىش.

«خۇلئى» قىلىشتا دىيارىمىزدا شەرئى قازى بولمىغاچقا، ئۆزئارا كېلىشىپ بىرەر ئەھلى ئىلىمنىڭ ئالدىدا خۇلئى قىلسا بولىدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاكىمنىڭ ئالدىغا بارمايلا ئۆزئارا كېلىشىپ خۇلئى قىلىشنى جائىز، دەپ قارىغان.(7)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 16 – شەئبان / م. 2011، 17 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 109 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. خۇلئى (الْخُلْعُ): ئەرەبچىدە «سېلىۋەتمەك، تارتىۋەتمەك، سۇغۇرۇپ چىقارماق ۋە يالىڭاچلىماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەتتە: ئەر كىشىنىڭ ماددىي بەدەل ئېلىپ نىكاهىدىكى ئايالىدىن خۇلئى (ياكى تالاق) سۆزىنى قىلىپ ئايرىلىشىدىن ئىبارەت. خۇلئىنىڭ ھۆكمى جائىز بولۇپ، كۆپچىلىك فۇقاھائلارنىڭ قارىشىدا خۇلئى مەيلى «تالاق» كەلىمەسى بىلەن بولسۇن ياكى باشقا كەلىمە بىلەن تالاقنى نىيەت قىلمىغان بولسۇن ئوخشاشلا ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدىغان «بائىن تالاق» ھېسابلىنىدۇ. ئىددەتمۇ ئادەتتىكى تالاقتىكىدەك (ئۈچ ھەيز) بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ رازى بولۇپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇنداق ئايرىلىشقا سېلىۋېتىش دېگەن مەنىدىكى «خۇلئى» سۆزىنىڭ ئىشلىتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرى يەنە بىرىگە قارىتا يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا: ﴿ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر﴾(2/«بەقەرە»: 143) دېگەن. قاراڭ: ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 20/260؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 19/234 – 256.
2. «بۇخارىي»، (5273).
3. «بۇخارىي»، (5151).
4. «بۇخارىي»، (3729).
5. «بۇخارىي»، (5230).
6. «ئەھمەد»، (22433)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (2226)؛ «تىرمىزىي»، (1187). ئارناۋۇت بىلەن ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. «بۇخارىي»، «كىتابۇتتالاق»، «خۇلئى» بابى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ