باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايال ئىددەت تۇتامدۇ؟

باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايال ئىددەت تۇتامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايال ئىددەت تۇتامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايال ئىددەت تۇتۇش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس.

ھەنەفىي مەزھەب بىلەن شافىئىي مەزھەب ئالىملىرى ئۇنداق ئايالغا «ئىددەت تۇتۇش يوق» دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان.

مالىكىي مەزھەب ئالىملىرى بىلەن ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى ئۇنداق ئايالنىڭ «ئىددىتى ئادەتتە تالاق قىلىنغان ئايالدەك 3 ھەيز» دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن يەنە بىر قاراشتا «بىر ھەيز ئىددەت تۇتىدۇ» دەپ قارىغان. بۇ مالىكىي مەزھەبتىمۇ بار قاراشتۇر. بۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە تەرجىھ قىلغان بولۇپ.مۇشۇ قاراش مۇۋاپىق.(1)

بۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر ئېرى بار ئايال بولسا، بىر ھەيز كۆرۈپ قورسىقىدا يوقلۇقى ئىسپاتلانغانغا قەدەر ئېرى ئايالغا يېقىن كەلمەي تۇرىدۇ. ئەگەر قورسىقىدا بارلىقى ئىسپاتلانسا، بالىنى تۇغۇپ بولغۇچە يېقىن كەلمەي تۇرىدۇ.

ئېرى يوق ئايال بولسا، بىر ھەيز كۆرۈپ قورسىقىدا يوقلۇقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ياتلىق بولسا بولىدۇ. ئەگەر قورسىقىدا بارلىقى ئىسپاتلانسا، بالىنى تۇغۇپ بولغۇچە ياتلىق بولالمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – رامازان / م. 2011، 3 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 107 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/79 – 80؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 9/295؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 3/207؛ دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 2/471.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ