ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان ئايالىنى ئىددەتتىن كېيىن نىكاھسىز ئەكىلىۋېلىش

ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان ئايالىنى ئىددەتتىن كېيىن نىكاھسىز ئەكىلىۋېلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئى ئۇستاز! بىز ھازىر بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق. بىر ئايالنى ئېرى بىردىن ئۇچ تالاق قىلغان. بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىمدا يېنىۋالغان. ئۈچىنچى قېتىمدا ئىددەت تۇتقان. ئاندىن ئۇ ئايال ئۈچ ھەيز كۆرگەندىن كېيىن ئۇ ئەر بىر قېتىم يول بار ئىكەن دەپ، ئۇ ئايالنى ئۆيگە ئەكىلىپ نىكاھ ئوقۇتماي ئولتۇرغان. ئەمدى بۇ زىنا بولامدۇ ياكى نېمە بولىدۇ؟ ئەگەر بۇ ئايال ئۇ ئەردىن ئايرىلسا قانچىلىك ئىددەت تۇتىدۇ؟ بۇلار مۇشۇ ھۆكۈمگە قاراشلىق بولۇپ قالدى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿(قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىقچە تۇتۇش، ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىش لازىم…﴾(2/«بەقەرە»: 229، 230) دېگەن ئايەتلىرىدىكى ھۆكۈمگە ئاساسەن، ئۈچىنچى تالاقنى قىلىش بىلەنلا تالاقتىن كېيىن ئىددەت توشسۇن ياكى توشمىسۇن ئۇ ئايال ئاشۇ ئەرگە ھارام بولۇپ كېتىدۇ.

ھارام بولغانلىقىنى بىلىپ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆيگە ئەكىلىۋالغان بولسا، بۇ زىنادىن ئىبارەت. ئايالمۇ بىلىپ كەلگەن بولسا، زىنا قىلغان بولىدۇ. بۇ جەرياندا بالا بولسا ئەرگە مەنسۇپ قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ ۋەلەدى زىنا (زىنادىن بولغان پەرزەنت) بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بۇلار دەرھال تەۋبە قىلىشى ۋە ئايرىلىشى لازىم. ئۇ ئەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ زىنا بولغاچقا، بەزى ئالىملار بۇنىڭغا ئىددەت كەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، بەزىلەر ئادەتتىكىدەك ئۈچ ھەيز ئىددەت كېتىدۇ، دەيدۇ. مۇۋاپىقراق قاراشتا بىر ھەيز كۆرۈپ ئىددەت تۇتۇپ خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.

ئەگەر ئەر ياكى ئايال ياكى ھەر ئىككىلىسى ھاراملىقىنى بىلمەي، بىر قېتىم يول بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قېلىپ ئىددەت توشقاندىن كېيىن ئەكىلىۋالغان ۋە ياكى كەلگەن بولسا، بۇ شۈبھىلىك جىما قاتارىغا كىرىدۇ، زىنا بولمايدۇ. بۇ جەرياندا بالا بولسا ئەرگە مەنسۇپ قىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بۇلار دەرھال تەۋبە قىلىشى ۋە ئايرىلىشى لازىم. ئايرىلغاندىن كېيىن ئادەتتىكىدەك 3 ھەيز كۆرۈپ ئىددەت تۇتىدۇ. ئىددىتى توشقاندىن كېيىن كونا ئېرى بىلەن ئەر – خوتۇن بولالمايدۇ. بۇ ئەرگە ئەمەس چوقۇم باشقا ئەرگە تېگىشى لازىم. باشقا ئەرگە تەگكەن ئەھۋالدا بۇ ئەر تالاق قىلىپ قالسا ياكى ئۆلسە ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئاندىن بۇرۇنقى ئەر بىلەن نىكاھلانسا بولىدۇ.

تالاق مەسىلىسى بىرقەدەر نازۇك بولغاچقا، يۇرتىڭىزدىكى بىرەر ئالىمغا تەپسىلىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ سوراپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 11 – شەۋۋال / م. 2011، 9 – سېنتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 102 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ