ئايال كىشىگە نامەھرەم ئەر قان بەرسە بولامدۇ؟

ئايال كىشىگە نامەھرەم ئەر قان بەرسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئايال كىشىگە نامەھرەم ئەر قان بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قان بېرىشتە نامەھرەملىك بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايالغا يات ئەر ياكى ئەكسىچە قان بەرسە بولىدۇ.

شۇنداقلا قان بېرىش ئارقىلىق مەھرەم تۇغقان بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى، ئايەت ۋە ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن نىكاھلىنىش ھارام بولىدىغان تۇغقانچىلىق پەقەتلا يا نەسەب جەھەتتىن يا ئېمىلداشلىقتىن يا قۇدا – باجىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

بىر ئايال كىچىك بالىغا قان بەرسە ئايال ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالمايدۇ، شۇنداقلا ئايال كىشى ئېرىگە قان بەرسە ياكى ئەكسىچە بولسا، بىرى بىرىگە هارام بولۇپ قالمايدۇ، نىكاھقىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 28 – رامازان / م. 2011، 28 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 103 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ