يولدىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئايالنىڭ ھۆكمى

يولدىشى ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئايالنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، مەلۇم بىر ئايال مەلۇم بىر ئۆزبېكىستانلىق ئەرگە ياتلىق بولغان ئىكەن، ئۇ ئايال ھامىلىدار بولغاندا يولدىشى ۋەتىنىگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، پەرزەنت تۇغۇلۇپ ھازىر تۆت ياشقا كىرگەنگە قەدەر، يەنى تۆت يىلنىڭ مابەينىدە يولدىشىدىن ھېچبىر خەبەر يوق ئىكەن. شۇڭا، بۇ ئايال قانداق قىلىشى كېرەك؟ بەزەن كىتابلاردا: «ئېرى يوقاپ كەتكەن ئايال 4 يىل كۈتىدۇ» دەپتۇ، بەزەن ئىماملار: «شۇ كىشىنىڭ بىر دېمەتلىكلىرىدىن بىرەر كىشىمۇ ھايات قالمىغان چاغدىلا ئاندىن ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىمىز» دەپتۇ، شۇنداقلا: «ئايرىش ھۆكمىنى قازى چىقىرىدۇ» دەپتۇ. ئەگەر قازى بولمىغان رايونلاردا قانداق قىلىمىز؟ ئېنىقراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

يوقاپ كەتكەن ئادەم: خەۋىرى ئۈزۈلۈپ قېلىپ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى شۇنداقلا قەيەردىلىكىمۇ بىلىنمەيدىغان ئىنسان بولۇپ، بۇنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

ئىمام مالىكنىڭ قارىشىدا: ئايال ئەرز قىلغان چاغدىن تارتىپ 4 يىل مۇددەت بەلگىلىنىدۇ. بۇ مۇددەت ئىچىدە ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولمىسا، قازى ئۇ ئايالغا بىر مۇددەت بەلگىلەپ بېرىدۇ. بۇ مۇددەت توشقاندىن كېيىن قازى ئۇنى ئۆلگەن دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاندىن 4 ئاي 10 كۈن ئىددەت تۇتىدۇ، ئاندىن باشقا ئەرگە تەگسە ھالال بولىدۇ.(1)

ھەنەفىي مەزھەبتە: شۇ كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈندىن تارتىپ ھېسابلاپ ئادەتتە ئۇنداق كىشى بۇنچىلىك ياشىيالمايدىغان بىر ياشقا بارغاندا ئاندىن ئۆلگەن دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ مۇددەتنى بەلگىلەشتە بىر قاراشتا: شۇ كىشىنىڭ بىر دېمەتلىكلىرىدىن بىرەر كىشىمۇ ھايات قالمىغان چاغدىلا ئاندىن ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىمىز، دەپمۇ قارايدۇ. يەنە بىر قاراشتا: بۇنى 120 يىل ياكى 90 يىل دەپ بېكىتكەن.(2)

شافىئىي مەزھەبتە: ئۆلگەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانمىغۇچە ياكى قازى بۇنىڭغا ئوخشىغان بىر ئىنسان بۇنىڭدىن ئارتۇق ياشىيالمايدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان بىر مۇددەت ئۆتمىگۈچە ئۇنى ئۆلگەن دەپ ھۆكۈم قىلمايدۇ. بۇ مۇددەت يوقاپ كەتكەن چاغدىن تارتىپ ئەمەس، تۇغۇلغان چاغدىن تارتىپ ھېسابلىنىدۇ.(3)

ئىمام ئەھمەد قارىشىدا: ئادەتتە ئۆلۈم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى چوڭ بولغان جەڭ مەيدانلىرىغا ئوخشىغان جايلاردا يوقاپ كەتكەن بولسا، ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن 4 يىل ئۆتسە ئۆلۈپتۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى سالامەت تۇرۇپ ياشايدىغان نورمال ئەھۋالدا يوقاپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭغا قازى ھۆكۈم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.(4)

تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەب: «ئەگەر بىر كىشى ئۇرۇشتا ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتسە، ئايالى بىر يىل كۈتىدۇ. ئەگەر نورمال ھالەتتە يوقاپ كەتسە 4 يىل كۈتىدۇ» دەپ قارايدۇ.(5)

جايى ئېنىق بولغان ئەسىر ھەققىدە ئىمام زۇھرىي: «ئايالى باشقا ئەرگە تەگمەيدۇ، مال – مۈلكى مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىۋېتىلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ خەۋىرى ئۈزۈلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ھۆكمى ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئادەمنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش» دېگەن.(6) ئۇ يەنە: «ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئەرنىڭ ئايالى 4 يىل كۈتۈپ تۇرىدۇ» دەپ قارىغان.(7)

بۇ مەسىلىدە ساھابەلەرنىڭ قاراشلىرىمۇ بىردەك بولمىغان.

دېمەك، ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى ئىككى ئەھۋالغا خۇلاسىلەش مۇمكىن:

1 – ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كېتىش.

2 – نورمال ھالەتتە يوقاپ كېتىش.

مەزكۇر ۋەقەلىكتىكى ئەر نورمال ئەھۋالدا يوقاپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى ئىككىگە خۇلاسىلەش مۇمكىن:

بىرى، تاكى ئۆلگەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانغۇچە ياكى چوڭ ئېھتىمالدا ئۆلۈپ بولدى دەپ قارىغانغا قەدەر ئايالى تالاق قىلىنماي كۈتۈپ تۇرىدۇ، مال – مۈلكىمۇ مىراس ئېلىنمايدۇ. يەنە بىرى، ئايالى 4 يىل كۈتىدۇ، ئاندىن 4 ئاي 10 كۈن ئىددەت تۇتىدۇ.

بۇ ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلمىغان ئەينى دەۋرلەردىكى ھۆكۈم. لېكىن، ھازىرقى ئۇچۇر ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى پەۋقۇلئاددە تەرەققىيلاشقان كۈنلەردە بۇنى ئېنىقلاش ئاسان. شۇڭا، ئۇنچىۋالا ئۇزۇن كۈتۈش كېرەك ئەمەس، بەلكى جىددىي سۈرۈشتە قىلىپ باقسا ئىز – دېرىكى چوقۇم بولىدۇ.

بەلكى بۇ ئەر دىيارىمىزدىن خوتۇن ئېلىپ تاشلاپ قويۇپ ئۆز يۇرتىغا چىقىپ كېتىپ ئۆز يولىدا مېڭىۋەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا مەزكۇر ئايال قانداق قىلىشى كېرەك؟

بۇ ئەھۋالدا بۇ ئەرنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغاچقا، ئايالى تۈرلۈك ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېرىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشى كېرەك. مۇمكىن بولسا ئۇ تەرەپكە ماڭىدىغانلارغا تاپىلاپ سۈرۈشتە قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ. ياكى نىكاھنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت بولسا ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئىز – دېرىكىنى قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ھايات تېپىلسا، تالاق تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

پۈتۈن چارىلەر بىلەن سۈرۈشتە قىلىپ يەنىلا ئىز – دېرىكى بولمىسا، بۇنىڭغا قازى ھۆكۈم قىلىدۇ.

قازى بولمىغان رايونلاردا مەزكۇر ئايال ئىشەنچلىك بىرەر ئالىمغا ئەھۋالنى بايان قىلسا، بۇ ئالىم قازىنىڭ ئورنىدا پۈتۈن ئىزدەش جەريانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئەرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا قانائەت قىلمىسا، يەنە بىر مۇددەت كۈتۈپ تۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىدۇ. ۋاپات بولغانلىقىغا قانائەت قىلسا، ئۆلگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ قويسا بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم چىققاندىن كېيىن ئايال 4 ئاي 10 كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئۇندىن كېيىن باشقا ئەرگە تېگەلەيدۇ.

ئەگەر يۇقىرىقىدەك قىلماي، ئەر ھايات بولۇپ تالاق قىلمىسا، ياكى قازى ھۆكۈم قىلمىسا مەزكۇر ئايال ئەرگە تېگەلمەيدۇ. تەگسە نىكاھى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 5 – زۇلقەئدە / م. 2011، 3 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 408 – بەت. 101 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/39.
2. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/197.
3. غەززالىي: «ئەلۋەسىت»، 4/367.
4. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 6/263.
5. «بۇخارىي»، «كىتابۇتتالاق»؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 20/278.
6. «بۇخارىي»، «كىتابۇتتالاق».
7. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 20/279.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ