ھەج بەدەل قىلدۇرۇش

ھەج بەدەل قىلدۇرۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! باشقىلارغا پۇل بېرىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا – ئانىسىغا ۋاكالىتەن ھەج قىلدۇرسا پەرز ھەجى ئادا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر كىشى پەرز ھەجنى كېسەللىك، ئۆلۈم ۋە ياكى باشقا توسالغۇ سەۋەبىدىن ئادا قىلالماي قالغان بولسا، ئۆزلىرىگە پەرز بولغان ھەجىنى قىلىپ بولغان پەرزەنتلىرى ياكى باشقا تۇغقانلىرى پۇل ئالماي پىداكارلىق قىلىپ تۇغقىنى ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «جۇھەينە قەبىلىسىدىن بىر ئايال نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— ئانام ھەج قىلىشنى نەزر قىلىپ ، ھەج قىلالماي ئۆلۈپ كەتتى، شۇڭا ئانام ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسام بولامدۇ؟ — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، ئانىڭىز ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويۇڭ، ئېيتىڭە، ناۋادا ئانىڭىزنىڭ بوينىدا قەرزى بولغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلامتىڭىز؟ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار! چۈنكى، ئاللاھنىڭ ھەققى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، — دېدى».(1)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە رىۋايەت قىلىدۇكى، «ھەججەتۇلۋەداﺋ يىلى خەسئەم قەبىلىسىدىن بىر ئايال كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ھەجنى پەرز قىلىشى ئاتامنىڭ قېرىپ ئۇلاغ ئۈستىدە ئولتۇرالمايدىغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالدى، مەن ئاتام ئۈچۈن ھەج قىلسام ئۇنىڭدىن ئادا بولامدۇ؟ — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، — دېدى».(2)

ئەمما، مەيلى ھايات ئادەم بولسۇن، مەيلى مېيىت بولسۇن، ئاللاھ تائالا بەندىگە پەرز قىلغان ئىبادەتنى ئۆزى قىلماي، باشقىلارغا پۇل بېرىپ قىلدۇرسا، ئىبادەت ئادا بولمايدۇ. چۈنكى، ئىبادەت دېگەن باشقىلارغا پۇل بېرىپ، باشقىلارنى ياللاپ قىلدۇرىدىغان ئىش ئەمەس، ئىبادەتنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىبادەتنى ئورۇندىغۇچىدىن نىيەت خالىس بولمىسا بولمايدۇ، پۇل ئۈچۈن، دۇنيا ئۈچۈن ھەج قىلىدىغان كىراكەشلەر ساۋابقا ئەمەس پەقەت ئاشۇ ئازغىنە پۇلغىلا ئېرىشىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دەۋاتقانلىقىنى ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ: «ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ نىيەتلەرگىلا ﺑﺎغلىقتۇر، ھەركىمگە نىيەت قىلغىنىلا بولىدۇ، شۇڭا كىمكى ﺋﺎزغىنە ﻣﺎﻝ – ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻧﯩﻜﺎﮪﻠﯩﻨﯩﺶ نىيىتىدە ھىجرەت قىلغان ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﯩﺠﺮﯨﺘﻰ ھىجرەت قىلغان نەرسىسىگىدۇر».(3)

دېمەك، پۇل ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشىنىڭ ھەجى توغرا بولمايدۇ، بۇنداق كىشى دۇنيادا كۆزلىگەن پۇلغا ئېرىشىدۇ خالاس، ئاخىرەتتە ساۋابتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمىكى پەقەت دۇنياۋى ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ – زىننىتىنى خالايدىكەن، ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئۇ يەردە ئۇلارغا تولۇق بېرىمىز، ئۇلار ئۇ يەردە كەم بېرىلمەيدۇ. ئەنە ئاشۇلار ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقىغا ئېرىشەلمەيدىغانلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قىلغان ئىشلىرى بىكار بولۇپ كەتتى، ئۇلار بىكار ئىشلارنى قىلىشقان ئىدى﴾(11/«ھۇد»: 15، 16)

ھەج دېگەن ھەم پۇل خەجلەيدىغان، ھەم بەدەن جاپا تارتىدىغان قوش قاناتلىق بىر ئىبادەت بولۇپ، بۇنى ئۆزى يانچۇقىدىن پۇل خەجلەپ، سەپەرنىڭ جاپاسىنى تارتىپ، ھەجنىڭ قىيىنچىلىقىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ئورۇندىشى لازىم. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزى قىلالمىسا، پەرزەنتلىرى ئورنىدا قىلىپ قويسا بولىدۇ، چۈنكى پەرزەنتلەر شۇ كىشىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. يەنە يات كىشىلەر مېيىت يا ئۇنىڭ ئۇستازى بولغانلىقتىن، ياكى مېيىت ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بىرەر ياخشىلىق قىلىپ قويغانلىقتىن مېيىتكە ياخشىلىق قىلىپ قويغۇسى كېلىپ پۇل ئالماي مېيىتكە خالىس ھەج ياكى ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. پۇل ئېلىپ قىلسا بولمايدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىدا تائەت – ئىبادەتلەرگە ھەق ئالسا بولمايدۇ.(4) بۇ مۇشۇ بەدەل ھەج قىلىش مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن توغرا قاراش، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەرسىگە پۇل بېرىپ ھەج قىلدۇرغان ئەمەس، بىرەر ساھابەنىڭ باشقىلارغا پۇل بېرىپ ھەج قىلدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغانمۇ ئەمەس. بىرەر ساھابە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن بىرسىگە پۇل بېرىپ ھەج قىلدۇرغان ئەمەس، ياكى باشقىلارغا رۇخسەت قىلغانمۇ ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ساھابەلىرىنىڭ، سەلەفلەرنىڭ تۇتقان يولى مۇشۇ.

ئەگەر باشقىلارغا پۇل بېرىپ ئىبادەت قىلسا بولىدىغان بولسا، روزىنىمۇ ھەر كۈنگە يۈز يۈەندىن ئايدا 3000 يۈەن بېرىپ باشقىلارغا روزا تۇتقۇزسا، بەش ۋاقىت نامازنىڭ ھەربىرىگە ئون يۈەندىن كۈندە ئەللىك يۈەن پۇل بېرىپ باشقىلارغا ئوقۇتسا، ئۆزى جاپا تارتماي، ئىبادەت قىلماي ئولتۇرسا، مەسىلە ھەل بولغان بولاتتى. لېكىن، ئىبادەت دېگەن ھاشارغا ھەيدەلگەندە ئورنىغا ئادەم سەپلەپ قويسا بولىدىغان ئالۋان ئەمەس. ئۆيىدىن ياكى يۇرتىدىن سىرتقا چىقماي ئولتۇرۇپ، ھەجگە ماڭغان قوشنىسى ياكى ئاغىنىسىدىن ئىككى ياكى ئۈچ يۈز دوللار پۇل ئەۋەتىپ، مەككەدىكى ھەج بەدەل تىجارىتىنى قىلىدىغان قويمىچى بېدىكلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ بىر ۋاراق گۇۋاھنامە ئەكىلىپ بەرسە، «مەن ھاجى بولدۇم» دەپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ ئولتۇرىدىغان بىر قىسىم بىچارە كىشىلەر ھەقىقەتەن ئۆزىنى گوللاپ يۈرىدىغان كىشىلەردۇر.

ھەجگە بارغانلار بىلىدۇ، ۋەتىنىدىن، سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن ئايرىلىش پىراقى، سەپەرنىڭ ئازابى، ئاچلىق، بىدارلىق، ئېھرام باغلاپ نەپسىنى تەرك ئېتىش، مىنا ۋە ئەرافاتلاردا جېنىنى قولىغا ئېلىپ قويۇپ، ھايات – ماماتلىق سائەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش، نەچچە ئون مىڭلىغان سوم ۋە دوللەرلەرنى سەرپ قىلىش، نەچچە يىل رەسمىيەت بېجىرىپ پاسپورت ھەل قىلىش ئۈچۈن يول مېڭىش، ئۆمەككە كىرىش ئۈچۈن نەچچە يىل كۈتۈش ۋە ئۇرۇنۇش… ئەنە شۇلار ھەجنى ئاشۇنداق ساۋابى كاتتا ئىبادەت قىلغان ئىشلاردۇر. شۇڭا، ئۆزى ۋە مېلىنى سەرپ قىلىش جەھەتتىن ھەج ئىبادىتى جىھادقا ئوخشايدۇ.

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن جىھادقا چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىسام: «سىلەرنىڭ جىھادىڭلار ھەجدۇر» دېدى.(5)

ئاشۇنداق نۇرغۇن پۇللارنى سەرپ قىلغاندا، ئاشۇنداق تۈرلۈك جاپالارنى تارتقاندا ئاندىن «ئانىدىن تۇغۇلما» بولالايدىغان گەپ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «كىمكى ھەجىنى ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىپ، نامۇناسىپ ئىش (جىما) تىن ساقلانسا، گۇناھ ئىشلىمىسە، خۇددى ئۇنى ئانىسى تۇغقان كۈندىكىدەك (پاك) ھالەتتە قايتىدۇ».(6)

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاساسەن ھەنبەلىي مەزھەب بويىچە پەتۋا بېرىلىدۇ. ئەسلىدە ھەنبەلىي مەزھەبتە ئىككى قاراش بولۇپ، مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراشتا ھەج قىلىپ قويغانغا ھەق ئالسا دۇرۇس بولمايدۇ. زەئىفرەك قاراشتا دۇرۇس بولىدۇ.(7)

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج بەدەل قىلىش ئىشى تىجارەتكە ئايلانغان بولۇپ، بۇ ئىشتىن نۇرغۇن كىشىلەر تاپاۋەت قىلىدۇ. پايدىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېدىكلەر ئالىدۇ، ئاز بىر قىسمىنى گۇۋاھنامىگە ئىمزا قويۇپ بېرىدىغان بانگالى ۋە باشقا مەدىكار ئىشلەمچىلەر ئالىدۇ. بەزىدە بىر كىشى يىگىرمە – ئوتتۇز كىشىگە ھەج قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامىلەرگە ئىمزا قىلىدۇ. دېمەك، بۇ ئىش بىدئەت ئىشتىن ھالقىپ ساختىلىق، قويمىچىلىققا ئايلىنىپ قالغان.

ئادەتتە زەئىفرەك ھەدىسلەرگە تايانغان پەرز ئىبادەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق پەزىلەتلىك ئىشلارنى «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يولغا قويمىغان»، «قىلىپ باقمىغان»، «سەلەف ئۇنداق قىلمايتتى»، دەپ «بىدئەت» تامغىسىنى ئۇرۇۋېتىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرى «ھەج بەدەل» ئۈچۈن ئادەم ياللاش ئىشىنى بىدئەت دېمەيدۇ. بۇ ئىشقا كەلگەندە كۆز يۇمىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنى بىدئەت دېمەيمىز؟ مەن بۇنىڭغا ھەيران. سەلەف شۇنداق قىلامتى؟ ھەج قىلىش ئۈچۈن ئادەم ياللىغان ئەھۋال سەلەفتىن كەلگەنمۇ؟ سەلەف ئىبادەتتە كىراكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا گۇۋاھنامە چىقىرىپتىكەنمۇ؟

بەدەل ھەجنىڭ جائىزلىقىغا يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھەدىسلەردىكىسى پۇل ئالماي قىلىپ قويغان ھەجدۇر، پۇل ئېلىپ ھەج قىلىشنى ئۇنىڭغا قىياس قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

شۇڭا، ھەجگە چىقالىغانلار چىقسۇن، چىقالمىغانلار پۇرسەت كۈتسۇن، ئېغىر كېسەل ياكى مېيىپ ياكى يېشى چوڭ ياكى ۋاپات بولغانلىقتىن ھەج قىلالمايدىغانلار بولسا، ھەجگە چىقالايدىغان پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى ياكى دوستلىرى بولسا، شۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرز ھەجىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، چىقالمىغانلار ئۈچۈن ئىش ھەققى ئالماي، ئەمما ھەجگە كېتىدىغان پۈتۈن چىقىمنى قىلدۇرۇپ خالىس ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ. ئۇنداق شارائىتمۇ بولمىسا، ئۇلاردىن گۇناھ ساقىت بولىدۇ.

چۈنكى، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بېرىشنىڭ يولىنى قىلالىغانلارنىڭ كەئبەگە ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر، كىمكى تانىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر﴾ (3/«ئال ئىمران»: 97)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 11 – رەجەب / م. 2011، 13 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 97 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (1852).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1854)؛ «مۇسلىم»، (1334).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1)؛ «مۇسلىم»، (1907).
4. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 4/158.
5. «بۇخارىي»، (2875).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1521)؛ «مۇسلىم»، (1350).
7. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/93 – 94.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ