سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نەۋرىنى نەۋرىگە نىكاھلاش توغرۇلۇق پەتۋا سورايتتىم. مەسىلەن، ئىككىلىسى ئاتا تەرەپتىن بولسا ياكى ئىككىلىسى ئانا تەرەپتىن بولسىچۇ ياكى ئارىلاش بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مەيلى ئانا تەرەپتىن ياكى ئاتا تەرەپتىن بولسۇن، نەۋرىنى نەۋرىگە نىكاھلىسا بولىدۇ، بۇ يا «قۇرئان كەرىم»دە ياكى «ھەدىس شەرىف»تە چەكلەنگەن ئىش ئەمەس.
ئەكسىچە، «قۇرئان كەرىم»دە نىكاھ قىلىشقا بولمايدىغان ئاياللارنى بايان قىلغان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەۋرە قىزلار تىلغا ئېلىنمىغان:
﴿ئانىلىرىڭلار، قىزلىرىڭلار، ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرى، سىلەرنى ئېمىتكەن سۈت ئانىلىرىڭلار، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلار، قېيىن ئاناڭلار، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) قۇچىقىڭلاردا بېقىلغان ئۆگەي قىزلىرىڭلار سىلەرگە ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن نىكاھلىنىپ تېخى بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ باك يوقتۇر. يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ئاچا – سىڭىلنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار ھارام قىلىندى. پەقەتلا جاھىلىيەتتە ئۆتكەن ئىشلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئەرنىڭ قولىدىكى ئاياللارمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى، بۇنىڭدىن پەقەت سىلەر ئىگە بولغان چۆرىلەر مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكۈملىرىدۇر. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئاياللارنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغان ھالدا، ماللىرىڭلارنى تويلۇققا سەرپ قىلىپ نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. شۇڭا، قايسى ئاياللارنى نىكاھلاپ ئېلىپ پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا بېكىتىلگەن بويىچە ھەقلىرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا رازىلىشىپ ئۆتۈۋەتكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 23، 24).
ئىمام ئىبنى كەسىر مەزكۇر ئايەتنىڭ تەفسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن سۇسلۇقنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرھاللىقتۇر، چۈنكى خرىستىئانلار ئەر كىشى بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەقەللىي تەقدىردە، يەتتە چوڭ دادا بولمىغان ئەھۋالدا توي قىلىشمايدۇ. يەھۇدىيلار بولسا، ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزىغا، ھەمشىرىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىۋېرىدۇ. شۇڭا، بۇ پاك مۇكەممەل شەرىئەت خرىستىئانلارنىڭ ئاشۇرۇۋېتىشىنى تاشلاپ ئاتىسىنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى، ئانىسىنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى نىكاھلاپ ئېلىشنى مۇباھ قىلىۋېتىپ، يەھۇدىيلارنىڭ سۇسلۇق قىلىپ قېرىندىشىنىڭ قىزىغا، ھەمشىرىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىۋېرىدىغان بۇنداق ئىنتايىن قەبىھ ئىشىنى ھارام قىلىۋەتكەندۇر».(1)
يەنە «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇنداق دېگەن:
﴿ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەن ئىگە بولغان ئاياللارنى، سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان ئاتاڭنىڭ قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق﴾(33/«ئەھزاب»: 50).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھاممىسى ئۇمەيمە بىنتى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ قىزى زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلەنگەن. ئاللاھ تائالا بۇ نىكاھنى ئۆزى قىلىپ «قۇرئان»دا ئۇنى 33/«ئەھزاب»: 37 – 39 – ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلغان.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سۆزلىشىش ئايەتى جەھشنىڭ قىزى زەينەب توغرىسىدا نازىل بولغان. ئاشۇ كۈنى ئۇنىڭ توي زىياپىتى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ جامائەتكە نان بىلەن گۆش قويدى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قالغان ئاياللىرىغا پەخىرلىنىپ: ›ئاللاھ مېنى ئاسماندا نىكاھلاپ قويغان‹ دەيتتى».(2)
يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ قىزى، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى فاخىتە (ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ) رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئەلچى ئەۋەتكەن، فاخىتە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «مەن بالىچانلىق ئايال» دەپ ئۆزرە ئېيتقىنىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلغان.(3)
دېمەك، نەۋرىنى نەۋرىگە نىكاھلاشتا ئېمىلداش بولۇپ قالغان ئەھۋال بولمىسلا شەرئى چەكلىمە يوق. ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدىمۇ ھېچ ئىختىلاپ يوق.
بىر نەۋرە قىزغا ئوخشاشلا ئاتىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزىمۇ نىكاھلىنىش ھالال بولغانلاردىندۇر.
بىر نەۋرىدىن باشقا يېقىن تۇغقانلار ئارا نىكاھلىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا چەكلىگەندىن باشقا يېقىن تۇغقانلار ئارا توي قىلىش چەكلەنمەيدۇ.
بەزىدە بىر نەۋرە ياكى باشقا يېقىن تۇغقانلار بىر ئائىلىدە بىللە چوڭ بولغان ئەھۋالدا بۇلار ئۆزئارا توي قىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر – بىرىدىن ئۆزئارا تەسىرلىنىشى ئاجىز بولۇپ قالىدىغان، ئۆزئارا مۇناسىۋەت سۇسلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
تېببىي چەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشى ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى پەرزەنتلەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ئاجىز ياكى مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا مەلۇم رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە تەتقىقاتلار بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ كەسكىن ئەمەس ئىكەن. بۇ ئېھتىماللىقلار بىر شەھەر ياكى بىر يېزا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشىدىمۇ ئوخشاش مەۋجۇد دېيىشكە بولىدىكەن. شۇڭا، بۇ ئېھتىماللىقلار بىلەن بۇنى چەكلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق ئېھتىماللىق بولغان تەقدىردىمۇ توي دېگەن ئىسلام شەرىئىتى رامكىسى ئىچىدە بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئىككى تەرەپتە توي قىلىش مەيلى بولىدىكەن، ئېمىلداشلىقتەك باشقا شەرئى توسالغۇ بولمايدىكەن، بۇ تۈرلۈك نىكاھلىنىشنى ھارام قىلىۋەتكىلى، چەكلىۋەتكىلى بولمايدۇ. بەلكى يېقىن تۇغقانلاردىن ئۆيلىنىش بەزىبىر جەھەتتىن ھەر ئىككى تەرەپكە تېخىمۇ پايدىلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداق بولغان ئىكەن، يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا نىكاھلىنىش مەسىلىسى ئىككى تەرەپنىڭ تاللىشىغا باغلىق ئىش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ياتلىق قىلغان. يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا توي قىلىشنى چەكلەيدىغان بىرەر ھەدىسمۇ يوق. بۇ ھەقتە پەقەتلا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەچچە ئەۋلاد ئىزچىل تۇغقانلار ئارا تويلىشىپ كېلىۋاتقان ۋە شۇنىڭغا ھېرىسمەنلىك قىلغان بەزى جەمەتلەرگە: «سىلەر ئاجىزلاپ كېتىپسىلەر. شۇڭا، يات قەبىلىلەردىكى ئاياللارغا نىكاھلىنىڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.(4)
ئەلبەتتە، يات قەبىلە ياكى يات جەمەت ياكى باشقا شەھەرلىك ئاياللارغا ئۆيلىنىشنىڭمۇ نۇرغۇن پايدىلىرى بار.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 18 – مۇھەررەم / م. 2011، 13 – دېكابىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 99 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 3/500.
2. «بۇخارىي»، (7421).
3. «مۇسلىم»، (2527).
4. ھافىز ئىراقىي («تەخرىجۇ ئەھادىيسىل ئىھياﺋ»، 1/387): «بۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سائىب جەمەتىگە دېگەن سۆزى دەپ تونۇلغاندۇر، بۇنى ئىبراھىم ئەلھەربىي ›غەرىبۇل ھەدىس‹تە رىۋايەت قىلغان» دېگەن.