ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئاق خۇن ياكى يەل كەلسە تاھارەت سۇنۇش مەسىلىسى

ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئاق خۇن ياكى يەل كەلسە تاھارەت سۇنۇش مەسىلىسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بالىياتقۇدىن ئاق خۇن كەلسە ۋە يەل كەلسە تاھارەت سۇنامدۇ؟ دوستلىرىم ئەزھەر تەپسىر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئۇستازىمىز تاھارەت سۇنمايدۇ دېگەن دەيدۇ ۋە ئىبنى ھەزم دېگەن ئالىم شۇنداق دەپتىكەن دەيدۇ. مەن قانداق قىلىمەن؟ تاھارەت ئالمىساممۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئادەتتە، نورمال ئەھۋالدا قىز – ئاياللاردىن كېلىدىغان ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ تۈرلىرى بىرقانچە خىل بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئايرىش مۇمكىن:

1. مەزى. بۇ سۇيۇقلۇق ئادەتتە، قىز – ئاياللاردا جىنسىي ھېسسىيات قوزغالسا ياكى جىماغا ئالاقىدار بىر نەرسە خىيال قىلسا چىقىدىغان ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتۇر. بۇ سۇيۇقلۇق چىقسا ئۇنى كىيىم – كېچەكتىن ۋە بەدەندىن تازىلىۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئۇ مەينەت ماددا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ، شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولسا نامازغا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ دەلىلى: ھەزرىتى ئەلى مەزىدىن غۇسلى قىلىپ قىينالغانلىقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سورىغاندا ئۇنىڭغا: «ئۇنداق قىلما، مەزى كۆرسەڭ زەكىرىڭنى يۇيۇۋېتىپ نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن» دېگەن.([1])

2. مەنىي. بۇ سېرىق ياكى ساغۇچ رەڭدە ياكى ئېقىش رەڭدە كېلىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئادەتتە، ئايال كىشى قاتتىق ھاياجانلانغاندا شەھۋەت بىلەن چىقىدۇ، ئەرلەردىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق كۈچلۈك قاراشتا پاكىز، كىيىم – كېچەكنى ئۇنىڭدىن تازىلاش كېرەك ئەمەس، لېكىن شۇنداقتىمۇ، ئېھتىيات جەھەتتىن تازىلىۋېتىش ياخشى. بۇ سۇيۇقلۇق چىقسا تاھارەت سۇنۇپلا قالماي جۇنۇپلۇق ھالىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا، غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. غۇسلى قىلماي ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىقى ھەدىستە ھەزرىتى ئەلىگە: «زەكىرىڭدىن چىققان سۇيۇقلۇق ئېتىلىپ چىقسا غۇسلى قىلغىن» دېگەن.

3. ۋەدىي. بۇ سۈيدۈكتىن كېيىنلا ياكى ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە ئاياللاردىن چىقىدىغان ئاق سۇيۇقلۇقتۇر. بۇ ماددا مەينەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، كىيىم – كېچەكتىكى ياكى بەدەندىكى شالتىقىنى تازىلىۋېتىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇ تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. لېكىن، غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى ۋاجىپلىق پەقەت شەرىئەتنىڭ بەلگىلىشى بىلەن بولىدۇ، شەرىئەت بولسا مەنىيدىن باشقا سۇيۇقلۇقتا غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇمىغان.([2])

4. ئادەتتە، قىز – ئاياللاردىن شەھۋەتسىز، ھاياجانسىز، كېسەللىكسىز ھالەتتە چىقىدىغان رەڭگى ئاق سۇيۇقلۇقتا ۋەدىي ياكى مەنىي ياكى مەزىنىڭ سۈپەتلىرى بولمىغان تەقدىردە، بۇ كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن پاكىز ھېسابلىنىدۇ. تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ، شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ. لېكىن، ئېھتىيات جەھەتتىن ئېلىۋەتسە ئەۋزەل.

5. قىز – ئاياللار ھېس قىلىدىغان ماتكا ئىچىدىكى نەملىك، بۇنداق نەملىك مەينەتمۇ ئەمەس، تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ.

6. ياللۇغلىنىشتەك بەزى كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان سۇيۇقلۇق. بۇنىڭغا سۈيدۈك توختىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ، شۇڭا، بۇنداق سۇيۇقلۇق چىققان ئەھۋالدا ھەر بىر ناماز ۋاقتى كىرگەندە يېڭى تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ، ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغىچە ياكى ناماز ئوقۇۋاتقاندا چىقسىمۇ ھېچقىسى يوق، ناماز ياكى تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. باشقا بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشى بىلەن بۇ ئايال ناماز ئوقۇماقچى بولسا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ دېگەنلىك: بۇنداق ئەھۋالدىكى ئايال ھەر بىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىدۇ، شۇ تاھارىتى بىلەن بىر پەرز ناماز ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنى ئوقۇيدۇ. ئەمما، يېڭى بىر ناماز ۋاقتى كىرسە يېڭى نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن يېڭى تاھارەت ئالىدۇ، يەنى، ھەر كۈنى ھەر بىر ئەزاندىن كېيىن بىر قېتىم جەمئىي بەش قېتىم تاھارەت ئالىدۇ دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، بۇنداق ئايال ۋە يەنە سۈيدۈك توختىمايدىغان ياكى يەل توختىمايدىغان ياكى ئىستىھازا قېنى توختىمايدىغان كىشىلەر ھەر بىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىدۇ.

ئەمدى ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىقىدىغان يەل مەسىلىسىگە كەلسەك، ئايال كىشى بىر قانچە قېتىم تەبىئىي تۇغۇت نەتىجىسىدە ئالدى تەرىپى سەل كېڭىيىپ كېتىپ، ئولتۇرغاندا ياكى ئوڭدا ياتقىنىدا ئالدى تەرىپىگە ھاۋا كىرىۋېلىپ، بەدەن ھالىتى ئۆزگەرگەن چاغدا ئاشۇ سىرتتىن كىرگەن ھاۋا ئاۋاز بىلەن چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

ھەنەفىي، مالىكىي شۇنداقلا بىر قىسىم ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرى نەزىرىدە بۇ يەل ئادەتتىكى يەل چىقىدىغان نىجاسەت بار جايدىن چىقمىغان بولغاچقا، بۇ كېكىرىككە ئوخشايدۇ، تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. سۇندۇرىدۇ دەيدىغان ئايرىم دەلىلمۇ كەلمىگەن. شۇڭا، تاھارەت بۇرۇنقىدەك تۇرىۋېرىدۇ.([3])

شەيخى زادە مۇنداق دەيدۇ: «ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىققان يەل مەينەت ئەمەس، چۈنكى ئۇ نىجاسەت ئورنىدىن قوزغۇلۇپ چىقمايدۇ.»([4])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 5. 8
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 36 – نومۇرلۇق پەتىۋا.

—————————————————————————-
([1]) «ئەبۇ داۋۇد»، 206 – هەدىس. ئىمام نەۋەۋىي: «سەھىھ» دېگەن. «المجموع»، 2/163. ئالبانىيمۇ «سەھىھ» دېگەن.
([2]) «المجموع»، 2/163.
([3]) «مجمع الأنهر»، 1/31 «الأم»، 1/17 «التاج والإكليل»، 1/291 «الإنصاف»، 1/195.
([4]) «مجمع الأنهر»، 1/31.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز