جۇنۇپ ھالەتتە توردىن دىنىي ماتېرىيال كۆرۈش

جۇنۇپ ھالەتتە توردىن دىنىي ماتېرىيال كۆرۈش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، جۇنۇب ھالەتتە توردىن دىنىي ماتېرىيال كۆرسە دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

جۇنۇب، ھەيزدار كىشىلەرنىڭ ھەدىس، تەفسىر، فىقھ، تەۋھىد ۋە دىنىي دىداكتىك كىتابلىرىنى كىتابتىن ياكى توردىن ئوقۇسا بولىدۇ. دىنىي ماقالە يازسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئارىسىدا بىر – ئىككى ئايەت ئۇچراپ قالسا ئوقۇۋەتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئايەتلەرنى تىلى بىلەن ئەمەس ئىچىدە ئوقۇپ كەتسە تېخىمۇ ياخشى. ئومۇمەن، جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇپ پاك ھالەتتە ئوقۇغىنى ئەۋزەل.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 28 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 2 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 37 – نومۇرلۇق پەتۋا.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ