سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پىچاق كېسىۋېتىش ياكى بىر نەرسە كىرىپ كېتىش ياكى جاراھەتلەرنى سىقىش ئارقىلىق قان چىقسا تاھارەت سۇنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
قان ۋە باشقا نەرسىلەر بەدەندىن چىقىپ ئاقسا ئاندىن تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، ئاقمىسا سۇندۇرمايدۇ.
ئىمام زۇفەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئادەتتىكى نىجاسەت چىقىدىغان جايلارغا ئوخشىتىپ قان چىقسا ئاقمىسىمۇ تاھارەت سۇنىدۇ، دەپ قارىغان. ئازغىنە قان چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ دېگەن قاراش مۇجاھىدتىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.([1])
ئاققان قاننىڭ تاھارەت سۇندۇرىدىغانلىقى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.([2])
ئۇلار بۇ دەلىللەرگە تايانغاندۇر:
ھىشام ئاتىسى ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ھۇبەيشنىڭ قىزى پاتىمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: «يارەسۇلەللاھ! مەن ھەيز كۈنلىرىدىن كېيىنمۇ قان توختىمايدىغان، داۋاملىق پاك بولالمايدىغان ئايالمەن، نامازنى تەرك ئېتەمدىم؟» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ياق، ئۇ بولسا تومۇردىن چىقىپ تۇرىدىغان قان، ھەيز ئەمەس، ئادىتىڭىز بويىچە ھەيز كەلگەندە نامازنى تەرك ئېتىڭ، ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندە ئۆزىڭىزدىن قاننى يۇيۇۋېتىپ غۇسلى قىلىۋېتىپ ئاندىن ناماز ئوقۇڭ» دېدى. ھىشام مۇنداق دەيدۇ: ئاتام يەنە: «ئاندىن بىر ھەيزنىڭ ۋاقتى كەلگۈچە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم تاھارەت ئېلىڭ» دېگەن.([3])
بۇ ھەدىستىكى: «ئاندىن بىر ھەيزنىڭ ۋاقتى كەلگۈچە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم تاھارەت ئېلىڭ» دېگەن ئىبارە ئۇرۋەنىڭ سۆزى بولماستىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. ئىمام تىرمىزى شۇنى سەھىھ دېگەندۇر.([4])
بۇ ھەدىسنى ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق دەلىل قىلغان: «بۇ ھەدىس تاھارەتنىڭ سۇنۇشىغا قاننىڭ تومۇردىن چىقىشىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن، بەدەندىن چىققان قانلا بولىدىكەن ئۇ تومۇردىن چىقماي قالمايدۇ، چۈنكى تومۇرلار بەدەندىكى قان ئاقىدىغان جايلاردۇر».([5])
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «نامىزىدا قەي قىلغان ياكى بۇرنى قاناپ كەتكەن ياكى ياندۇرغان ياكى مەزى چىققان كىشى قايتىپ بېرىپ تاھارەت ئېلىپ كېلىپ گەپ – سۆز قىلماستىن نامىزىنى كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسۇن».([6])
يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «نامازدا تۇرۇپ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى سۇنۇپ كەتسە بۇرنىنى تۇتقانچە نامازدىن چىقىپ كەتسۇن».([7])
ئىمام زەيلەئى ۋە ئىمام ھافىز ئىبنى ھەجەر دېدى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نامازدا تۇرۇپ بۇرنى قاناپ كەتسە بېرىپ تاھارەت ئېلىپ گەپ – سۆز قىلماستىن قايتىپ نامىزىنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇغانلىقى سەھىھ سابىتتۇر. بۇنى ئىمام مالىك، ئۇنىڭدىن ئىمام شافىئىي رىۋايەت قىلغان، يەنە ئىمام شافىئىي بۇ خەۋەرنى باشقا بىر تەرەپتىن ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «كىمكى نامازدا تۇرۇپ بۇرنى قاناپ كەتسە ياكى مەزى كەلسە ياكى قەي قىلسا چىقىپ كېتىپ تاھارەت ئېلىپ كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇيدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. بۇنى ئىمام ئابدۇراززاقمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىن مەزمۇندا رىۋايەت قىلغان.
يەنە ئىمام مالىك سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بۇرنى قاناپ كەتكەندە ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىغا كېلىپ تاھارەت ئېلىپ قايتىپ بېرىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.
يەنە ئابدۇراززاق ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سادىر بولسا ياكى بۇرنى قانىسا ياكى قەي قىلسا كېتىپ تاھارەت ئېلىپ كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرسۇن، گەپ – سۆز قىلغان بولسا يېڭىباشتىن باشلاپ ئوقۇيدۇ، بولمىسا، بۇرۇن ئوقۇغىنى ھېساب بولىدۇ». دېگەنلىكىنى بىرقانچە يولدىن رىۋايەت قىلغان. بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى سەھىھتۇر.([8])
«ئەززەخىيرە» ۋە «قازىيخان پەتىۋالىرى»دا مۇنداق دېيىلگەن: چىشلىگەن نەرسىدە ياكى چىش چوتكىسىدا قان ئەسىرىنى كۆرگەن بولسا، قان ئاققانلىقى مەلۇم بولمىسىلا تاھارىتى سۇنمايدۇ. چىش كولىغۇچتا قان ئەسىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ ئوخشاش. يەنە «ئەلھاۋى»دا كېلىشىچە: ئىبراھىم چىشلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان قان ھەققىدە سورالغاندا مۇنداق دېگەن: جايى مەلۇم بولۇپ ئاققان ھالەتتە بولسا، تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، ھەم ئۇ نىجىس بولىدۇ، قەيەردىن چىققانلىقىنى بىلمىسە تۈكۈرۈك بىلەن چىققان بولسا، قايسى كۆپ بولسا شۇ ھېساب بولىدۇ.([9])
ئىمام مالىك ۋە شافىئىي قاتارلىق ئالىملار ئاققان قان تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، دەپ قارىغان.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زاتۇررىقا غازىتىدا بولغىنىدا بىر ئادەمگە([10]) ئوقيا تېگىپ قان كۆپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، رۇكۇ، سەجدىسىنى قىلىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن.([11])
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق چوڭ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قېلىشى ناتايىن، ئۇنىڭغا قىلغىنىڭ توغرا بولمىدى دېگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خاتا قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئاگاھلاندۇرغان بولاتتى.([12])
ئەمەلىيەتتە، ئىمام نەۋەۋى ئېيتقاندەك: «تاھارەتنىڭ قان چىقىش، قەي قىلىش، نامازدا تۇرۇپ كۈلۈش بىلەن سۇنىدىغانلىقى ياكى سۇنمايدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ بىر ھەدىس يوق».([13])
قان چىقسا تاھارەت سۇنمايدۇ دېگەن قاراشتىكىلەر يەنە مۇنۇلارنى دەلىل قىلغان:
ھەسەن بەسرى: «مۇسۇلمانلار يارىدار ھالەتتە ناماز ئوقۇپ كەلمەكتە» دېگەن. تاۋۇس، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى، ئەتا ۋە ھىجاز خەلقى: «قانغا تاھارەت ئېلىش كەتمەيدۇ» دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يۈزىدىكى بىر تال دانىخورەكنى سىقىپ ئۇنىڭدىن قان چىققان بولسىمۇ تاھارەت ئالمىغان، ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قان تۈكۈرۈپمۇ نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ھەسەن بەسرى قان ئالدۇرغان كىشى توغرىسىدا: «قان ئالغان جاينىلا يۇيىۋەتسە بولىدۇ» دېگەن.([14])
لېكىن، بۇ رىۋايەتلەرگە ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ھەسەن بەسرىنىڭ: مۇسۇلمانلار يارىدار ھالەتتە ناماز ئوقۇپ كەلمەكتە، دېگەن سۆزى قان ئاقسا تاھارەت سۇنمايدىغانلىقىغا دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى يارىدار ھالەتتە دېگىنىدىن ناماز ئوقۇۋاتقان چېغىدا قان چىقىپ تۇرىدۇ، دېگەن مەزمۇن چىقمايدۇ، يارىسى بار كىشى يارا سەۋەبىدىن نامازنى تاشلىمايدۇ، بەلكى يارىسىنى بىر نەرسە بىلەن چىگىپ ياكى تېڭىپ قويۇپ ئوقۇۋېرىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدىمۇ يارىسىدىن بىر نەرسە چىقىپ قالسا، چىقىشى بىلەن تاھارىتى سۇنۇپ كېتىدۇ. دېمەك، ھەسەن بەسرىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى: قان ئاقمىغان ھالەتتە يارىسى بىلەن ناماز ئوقۇۋېرەتتى، دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى ئىبنى ئەبى شەيبە مۇساننىفىدە ھەسەن بەسرىدىن سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ قان پەقەت ئاققان ئەھۋالدىلا تاھارەت سۇنىدۇ، دەپ قارىغان.([15]) بۇ ھەنەفىي ئىماملارنىڭ قارىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، قارشى قاراشتىكىلەرگە ھەنەفىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ پاكىتىدۇر.
تاۋۇس ۋە باشقىلاردىن كەلگەن رىۋايەت قان ئېقىپ تۇرسىمۇ تاھارەت سۇنمايدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بۇنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەنلەر تابىئىينىڭ ئىش – ھەرىكىتى ھۆججەت دەپ قارىمايدۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ھۆججەت دەپ قارىمايدۇ. ئىمام ئەبى ھەنىفەدىن نەقىل قىلىنىشىچە ئۇ: «تابىئىنلارمۇ بىزگە ئوخشاش كىشىلەردۇر، يەنى، بىز ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى بويىچە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك ئەمەس، بەلكى بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىجتىھاد قىلىمىز» دېگەن.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يۈزىدىكى بىر تال دانىخورەكنى سىقىپ ئۇنىڭدىن قان چىققان بولسىمۇ تاھارەت ئالمىغان، دېگەن رىۋايەت بولسا، بۇ ھەنەفىي مەزھەپتىكى ئالىملارنىڭ دەلىلىدۇر، چۈنكى ئۇلار كىتابلىرىدا سىقىپ چىقىرىلغان قان بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ، تاھارەت سۇنۇش چىقىرىۋېتىلگەن قان بىلەن ئەمەس، چىققان قان بىلەن بولىدۇ، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندۇر.
ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قان تۈكۈرۈپمۇ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. دېگەن رىۋايەتكە كەلسەك، بۇنىڭدىمۇ قان چىقسا تاھارەت سۇنمايدىغانلىقىغا دەلىل يوق، چۈنكى چىش ئارىلىقىدىن چىققان قان تۈكۈرۈك بىلەن ئارىلاشقان ئەھۋالدا قايسى كۆپ بولسا شۇ ھېساب بولىدۇ. بۇ رىۋايەتتە راۋىي قايسىنىڭ كۆپلۈكى ئۈستىدە توختالمىغان.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ھەسەن بەسرى قان ئالدۇرغان كىشى توغرىسىدا: «قان ئالغان جاينىلا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ» دېگەن. بۇ رىۋايەتمۇ ھەنەفىي مەزھەپ قارىشىغا تاقاشمايدۇ، چۈنكى ساھابىلاردىن ئىبنى ئابباس، ئەلى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قان ئالدۇرغان كىشى يۇيۇنۇشى لازىم دەپ قارىغاندۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ بۇنى رەسۇللۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ياخشى سەنەدلەر بىلەن رىۋايەت قىلغاندۇر. يەنە تېخى قان ئالدۇرغاندىكى قان چىققان قان ئەمەس، چىقىرىلغان قان بولغاچقا، بۇ ھەنەفىي قاراشقا تاقاشمايدۇ.([16])
دېمەك، دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەر ئاجىزلىقتىن ياكى سەھىھ بولسىمۇ دالالىتى ئېھتىماللىق بولغان جەھەتتىن ئالىملار ساھابىلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ۋە باشقا نىجاسەتلەرنىڭ بەدەندىن چىقىشىغا قىياس قىلىشقان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق ئالىملار ئالدى – ئارقا ئىككى يولدىن باشقا پۈتۈن بەدەندىن چىققان ھەرقانداق نىجىس نەرسە تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ دېسە، ئىمام شافىئىي قاتارلىق ئالىملار ئىككى يولدىن باشقا يەردىن چىققان ھەرقانداق نەرسىلەر تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام مالىك چىقىدىغان ئورۇننى، چىققان نەرسىنى ۋە قانداق چىقىشىنى كۆزدە تۇتقان.([17])
بۇ مەسىلىدە دەلىللەرنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، قان ئاقسا تاھارەت سۇنىدۇ دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەك بولۇپلا قالماستىن ئېھتىيات جەھەتتىنمۇ ئالدى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 5. 19
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 35 – نومۇرلۇق پەتۋا.
———————————-
([1]) «بداية المجتهد»، 1/24 «فتح القدير»، 1/39.
([2]) «المجموع»، 2/65.
([3]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 228 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 333 – ھەدىس.
([4]) «تىرمىزىي»، 125 – ھەدىس.
([5]) «عمدة القاري»، 3/144.
([6]) «ئىبنى ماجە»، 1221 – ھەدىس. ئىمام ئەھمەد ۋە بەيھەقىي: «بۇ ھەدىس مۇرسەل» دېگەن. ئالبانىي «ئاجىز» دېگەن.
([7]) «صحيح ابن خزيمة»، 1019 – ھەدىس، «ئەبۇ داۋۇد»، 1114 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
([8]) «موطأ»، 1/38 – بەت 79 – نومۇر، «مصنف عبد الرزاق» 2/339 – بەت 3609 – نومۇر، «الجوهر النقي»، 2/256 «نصب الراية»، 1/42 «الدراية»، 1/32.
([9]) «شرح المنية»، ھەلەبى.
([10]) بۇ ۋەقەلىكتىكى ساھابە ئەبباد ئىبنى بىشر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. «فتح الباري»، 1/281.
([11]) «بۇخارىي»، «ئادەمنىڭ ئالدى – كەينىدىن چىققان نەرسىلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، دەپ قارىغان كىشى» دېگەن باب.
([12]) «نيل الأوطار»، 1/237.
([13]) «خلاصة الأحكام»، 1/144.
([14]) «بۇخارىي»، «ئادەمنىڭ ئالدى – كەينىدىن چىققان نەرسىلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، دەپ قارىغان كىشى» دېگەن باب.
([15]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 1/127 – بەت، 1459 – نومۇر.
([16]) «عمدة القاري»، 1/51 – 53.
([17]) «بداية المجتهد»، 1/34.
Please follow and like us: