ئىت يالاپ قويغان كىيىمدە ناماز ئوقۇش

ئىت يالاپ قويغان كىيىمدە ناماز ئوقۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىزنىڭ بۇ يەردە ئىنسانلار پىستە ئىتلارنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭىدۇ، بۇ پىستىلەرنى ھەيدىۋەتسەكمۇ بەزىدە يول بويىدا، بېكەتلەردە ماشىنا ساقلاش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغاندا كېلىپ ئىشتاننىڭ پۇچقاقلىرىنى يالاپ قويىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىشتاننى يەتتە قېتىم يۇيۇپ، سەككىزىنچى قېتىمدا سوپۇنلاپ يۇيامدۇق ياكى ئادەتتىكى يۇيۇش بىلەنلا پاكلىنامدۇ؟ مۇشۇنداق ئەھۋالدا بەزىدە ئىتنى ۋە ئىگىسىنى تىللاپ قويىمەن، بۇ قىلمىشىم گۇناھقا ياتامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئىتنىڭ شۆلگىيى يۇققان ياكى ئىت يالاپ قويغان كىيىم مەينەت بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، كىيىمنىڭ مەينەت بولغان يېرىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك. شۇنداقلا ئىتنىڭ بۇرنىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى سۈيدۈكى ياكى پوقى يۇقۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ يەتتە قېتىم يۇيۇپ تازىلاش كېرەك.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قاچاڭلارغا ئىت چېپىلىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار».([1])

يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «دەسلىپىدىكى بىر قېتىم توپا بىلەن» يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «يەتتىنچى قېتىم توپا بىلەن» يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «سەككىزىنچى قېتىمدا توپا بىلەن» دەپ ھەر خىل كەلگەن.([2])

يەتتە قېتىم يۇغاندا بىر قېتىمى ياكى يەنە بىر قاراشتا سەككىزىنچى قېتىمى توپا بىلەن ياكى توپىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سوپۇنغا ئوخشاش نەرسە بىلەن يۇيۇلىدۇ.

ئالىملارنىڭ يەنە بىر قارىشىدا، ئىت شۆلگىيىنى باشقا نىجاسەتلەرگە ئوخشاش ئۈچ قېتىم يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

ئىمام مالىك، داۋۇد زاھىرىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، ئىت شۆلگىيى يۇقۇپ قالسا كىيىم مەينەت بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنى مەينەتلىكىدىن ئەمەس يۇيۇۋېتىش ئىبادەت دەپ قاراپ يۇيۇۋېتىش مۇستەھەپ.([3])

ئەلۋەتتە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى دەلىل جەھەتتىن خېلى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىت شۆلگىيى ئادەتتە، ئۇستىخانلارنى يۇمشىتىۋېتىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، مەينەتلىكى ياكى مىكروبلۇق تەرىپى ئېغىر بولسا كېرەك.

ئەگەر يۇيۇش ئىمكانىيىتى بولماي ياكى باشقا پاكىز كىيىمگە ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولماي ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا، مەينەت كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋەرسە بولىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، كېيىن پاكىز كىيىم تاپقاندا نامازنى قايتا ئوقۇۋېتىدۇ. بەزىلەرنىڭ قارىشىدا، قايتا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر تازىلىيالايدىغان ياكى باشقا پاك كىيىمگە ئالماشتۇرالايدىغان تۇرۇقلۇق ئاشۇ مەينەت كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇغان بولسا، نامىزى باتىل بولۇپ، پاك كىيىم بىلەن چوقۇم قايتا ئوقۇشى لازىم.

ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنىڭ پۇتىنى ئىت يالاپ قويسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، نامىزى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، نامازنى توختىتىپ پاكىزلىۋېتىپ ئاندىن قايتا باشلاش لازىم.

ئەگەر بۇرنىنى ياكى بەدىنىنى تەگكۈزمەي يىراقتىن پۇراپ قويسا ياكى بەدىنى تەگكەن تەقدىردىمۇ قۇرۇق بولغاچقا، نەملىك يۇقمىغان بولسا، كىيىم ياكى بەدەنگە شۆلگىيى ياكى ماڭقىسى يۇقمىغاندىن كېيىن كىيىمنى يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ.

تىللىغىنىڭىز گۇناھقا ياتمىسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقتا باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشى جەھەتتىن ياخشى بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 6. 16
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 34 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————————————-
([1]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 172 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 279 – ھەدىس.
([2]) «مۇسلىم»، 279 – 280 – ھەدىسلەر.
([3]) «المجموع»، 2/523.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز