ئۆز ئاتا - ئانىلىرىدىن باشقىلارنى دادا، ئانا دەپ چاقىرىش

ئۆز ئاتا – ئانىلىرىدىن باشقىلارنى دادا، ئانا دەپ چاقىرىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئاتا – ئانىلىرىمنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنى «دادا»، «ئانا» دەپ چاقىرىپ كۆنگەن. نەچچە كۈن ئالدىدا بىر ئۆلىما كىشى بىزنىڭ ئۆيگە مېھمان بولۇپ كەلگەنتى، ئۇ مېنىڭ دادامنىڭ ئاكىسىنى «دادا» دەپ چاقىرغانلىقىمنى كۆرۈپ، «دادا» دەپ چاقىرماڭ، پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ دادىسىدىن باشقىلارنى «دادا» دەپ دەۋا قىلىشتىن توسقان. يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زەيد ئىسىملىك بىرەيلەننى بېقىۋالغاندا ئۇ «مۇھەممەد ئوغلى زەيد» دەپ ئاتالغان، كېيىن بىر ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئۇنداق ئاتاشنى بىكار قىلغان. ئەبۇ تالىب مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كىچىكىدىن تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنى بىرەر قېتىم «دادا» دەپ چاقىرغانلىقى توغرۇلۇق ھەدىس يوق. بولمىسا، پەيغەمبىرىمىز ھەممىمىزنىڭ ئەخلاق ئۈلگىسى … دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، يۇرتىمىزدا بۇنداق ئاتاش خېلى ئومۇملاشقان. شۇڭا، مەن تېخىمۇ يېتەرلىك قانائەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بۇ سوئالنى ئۆزلىرىدىن سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەزكۇر ئالىمنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئورۇنلۇق، بىراق تاغىسىنى ياكى ئۇندىن باشقا تۇغقانلىرىنى «دادا» دەپ چاقىرىش ئۇنى دادام دەپ دەۋا قىلىۋالغانلىق بولمايدۇ. ھامما ئاچىسىنىمۇ «ئانا» دەپ چاقىرسا ئۇنى ئۆز ئانام دەۋالغانلىق بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتىسىدىن باشقىلارنى ئىززەتلەش ياكى ھۆرمىتىنى قىلىش يۈزىسىدىن «دادا» ياكى «ئاتا» دەپ چاقىرسا بولۇۋېرىدۇ. ئانىسىدىن باشقىلارنى ئىززەتلەش ياكى ھۆرمىتىنى قىلىش يۈزىسىدىن «ئانا» ياكى «ئاپا» دەپ چاقىرسا بولۇۋېرىدۇ. شۇنداقلا ئۆز ئوغلىدىن باشقىلارنى مېھىر – شەپقەت يۈزىسىدىن «بالام» ياكى «ئوغلۇم» ياكى «قىزىم» دېسىمۇ ھېچگەپ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە ئۆز بالىسىدىن باشقىنى بالام دەپ دەۋا قىلىۋېلىش مەۋجۇد ئەمەس.

ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئېرى ئىدى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ئەبۇ تەلھەنىڭ قېشىغا بېرىپ: ‹ئى ئاتا!› دېدىم» دېگەن.(1)

ئىمام نەۋەۋىي: «بۇ ھەدىستە مەجاز ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار، چۈنكى ئۇ: ‹ئى ئاتا!› دېگەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئانىسىنىڭ ئېرى» دەيدۇ.(2)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ‹ئى ئوغلۇم!› دېگەن» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ: «ئى ئوغلۇم» دېگەن.(3)

يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سەئد ئىبنى ھىشامغا: «ئى ئوغلۇم» دېگەن.(4)

دېمەك، بۇ ھەقتە چەكلەنگىنى پەقەتلا ئۆز ئاتىسىنى تېنىپ، باشقىلارنى ئۆز ئاتام دەۋېلىشتۇر.

باشقىلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ چاقىرىش مەقسىتىدە «ئاكا، «تاغا»، «ئاتا»، «ئۇكام»، «سىڭلىم»، «ئاچا»، «بالام»، «ئوغلۇم»، «قىزىم» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشمۇ ئوخشاشلا جائىز، بەلكى ئىمام نەۋەۋىي ئېيتقاندەك مۇستەھەبتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 25 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 28 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 5 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «مۇسلىم»، (2040).
2. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 13/223.
3. «مۇسلىم»، (2151، 2152).
4. «مۇسلىم»، (746).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ