«سەبە» سۈرىسى 13 – ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە

سوئال: (ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، ئورنىدىن مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى. ئى داۋۇد ئائىلىسى بۇ نېمەت ئۈچۈن شۈكۈر قىلىڭلار. لېكىن، قۇللىرىمدىن شۈكۈر قىلىدىغانلار ئازدۇر.)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يۇقىرىقى «سەبە» سۈرىسى 13 – ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا. ئادەتتە، دىنىمىز ئىسلامدا ھەيكەل ياساش چەكلىنىدىغان تۇرسا، جىنلارنىڭ سۇلايمان پەيغەمبەرگە ھەيكەللەرنى ياساپ بېرىشىنى قانداق چۈشىنىمىز ياكى شۇ ۋاقىتنىڭ شەرىئىتىدە ھەيكەل ياساش چەكلەنمەمتى؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مەزكۇر ئايەتتىكى «ھەيكەللەر» دېگەن سۆزنىڭ تەپسىرىدە ئالىملارنىڭ تەپسىرلىرى مۇنداق: ھەسەن بەسرى: «ئۇ چاغلاردا ھەيكەللەر ھارام قىلىنمىغان ئىدى» دېگەن.

ئاندىن بۇ ھەيكەللەرنىڭ نېمىنىڭ ھەيكەللىرى ئىكەنلىكىدە ئىككى خىل تەپسىر بار: بىرى، توز، بۈركۈت قاتارلىق ئۇچار – قۇشلارنىڭ ھەيكەللىرى تەختىنىڭ ۋە ئەرشىنىڭ پەلەمپەيلىرىدە ئىدى، بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقچى بولغانلار ئەيمىنەتتى. بۇنى زاھھاك دېگەن.

يەنە بىرى، ھەيكەللەر پەيغەمبەرلەر بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ھەيكەللىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى كۆرۈپ ئۇلار ئىبادەت قىلغاندەك ئىبادەت قىلسۇن، ئۇلارغا ئوخشاش تىرىشسۇن دېگەن مەقسەتتە ياسالغان. بۇنى ئىبنى سائىب دېگەن.

ئاندىن بۇ ھەيكەللەرنىڭ قايسى ماددىدىن ياسالغانلىقى ھەققىدىمۇ ئىككى خىل تەپسىر بار: بىرى، مىستىن ياسالغان. مۇجاھىد شۇنداق دېگەن.

يەنە بىرى، مەرمەر تاش بىلەن مىستىن ياسالغان. قەتادە شۇنداق دېگەن.(1)

بەزىلەر مۇنداقمۇ تەپسىر قىلىپ باققان: «جانلىقلاردىن باشقا دەل – دەرەخ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنىڭ ھەيكەللىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى «تىمسال» دېگەن جانلىق ياكى جانسىز باشقا بىر نەرسىنىڭ سۈرىتىگە ئوخشىتىلغان ھەرقانداق نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. ياكى بېشى كېسىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن».(2)

لېكىن، بۇ ھەيكەللەرنىڭ نېمىنىڭ ھەيكەللىرى ياكى نېمىدىن ياسالغان ھەيكەل ئىكەنلىكىدە سەھىھ بىر نەقىل يوق. پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرى قىسمەن مەسىلىلەردە ئوخشاش بولماسلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ئىش. بۇنىڭ قۇرئاندىكى مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىلگىرىكى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنمىغان ئىش ئىدى، بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشقا يول ئاچماسلىق ئۈچۈن ھەيكەل ياساش ھارام قىلىنغان دېگەن تەپسىر ئەڭ مۇۋاپىق كۆرۈنىدۇ.

ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇممۇ ھەبىبە بىلەن ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندىكى ئىچىدە سۈرەتلەر قويۇلغان بىر چېركاۋنى ئېسىگە ئېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۆزلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار ئۆز ئىچىدىكى بىرەر ياخشى ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك ئۇنىڭغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ يامانلىرىدۇر» دېدى.(3)

ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملىرىمىز مۇنداق دېگەن: ئۇلارنىڭ دەسلەپكىلىرى ئاشۇ ھەيكەللەرنى كۆرۈپ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىش، ئۇلارنىڭ سالىھ ئەھۋاللىرىنى ئەسلەپ ئۇلار تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنىڭ قېشىدا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئىبادەت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلغان. ئۇلاردىن كېيىن بىر مۇنچە زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن بەغەرەز ناچار بىر ئەۋلاد مەيدانغا كېلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشەنمىگەن. شەيتان ئۇلارغا: سىلەرنىڭ ئاتا – بوۋاڭلار، ئەجدادىڭلار مۇشۇ ھەيكەللەرگە ئىبادەت قىلىشاتتى، دەپ ۋەسۋەسە قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاشۇ ھەيكەللەرگە ئىبادەت قىلغان. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان، ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇلارغا ئېغىر جازا – ئوقۇبەتلەر بىلەن تەھدىت قىلغان ۋە شۇنداق ئىشلارغا ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك يوللارنى تاقىۋەتكەن. مەسىلەن مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلىرىنىڭ، سالىھلىرىنىڭ قەبىرلىرىنى مەسچىت قىلىۋالغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ غەزىپى ئىنتايىن شىددەتلىك بولىدۇ» يەنە: «ئى ئاللاھ مېنىڭ قەبرەمنى ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇت قىلمىغايلا» دېگەن».(4)

ھەيكەل ياساش بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھارام قىلىنغان دېگەن بۇ قاراشنى كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر تەرجىھ قىلغان توغرا قاراشتۇر.

قازى ئەبۇ مۇھەممەد ئىبنى ئەتىييە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، يەنى، ھەيكەل ياساش مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەرىئىتى بىلەن مەنسۇخ بولۇپ كەتكەن».(5)

ئىمام بەيزاۋى: «ھەيكەللەرنىڭ ھارام قىلىنىشى يېڭىلانغان شەرىئەتتۇر» دېگەن.(6)

ئىمام ئەلۇسى مۇنداق دەيدۇ: «جانلىق نەرسىنى تولۇق تەسۋىرلەپ ھەيكىلىنى ياساشنىڭ ھاراملىقى ئۆز ۋاقتىدىكى ئاشۇ شەرىئەتتە بولمىغان، ئۇ پەقەت بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدىلا بولغان».(7)

خۇلاسە: ھەيكەل ياساش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردە مۇباھ ئىش ئىدى. ئىلگىرىكىلەرنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ياسىغان پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ ھەيكەللىرىگە كېيىنكىلەر چوقۇنىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان بولۇۋالغاچقا بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھەيكەل ياساش ھارام قىلىنغان.

ئەيسا ئەلەيھىسسالاممۇ لايدىن قۇشنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ ئۇنىڭغا پۈۋلىسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جان كىرىپ ھەقىقىي قۇش بولاتتى. بۇ «ئال ئىمران» سۈرىسى 49 – ئايەتتە بايان قىلىنغان.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 7. 4

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 4 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————————-
1. «زاد المسير»، 6/439.
2. «تفسير كشاف»، 3/582.
3. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 3873 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 528 – ھەدىس.
4. «تفسير القرطبي»، 2/58.
5. «المحرر الوجيز»، 4/409.
6. «تفسير البيضاوي»، 4/394.
7. «روح المعاني»، 22/119.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز