سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
شەكسىزكى، بەزى ۋاقىتلارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىن، بەزى جايلارنىڭ باشقا جايلاردىن، شۇنداقلا بەزى شەخسلەرنىڭ باشقا شەخسلەردىن ئەۋزەل بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، بىز بەزى ئاي – كۈنلەرنىڭ پەزىلىتى سەۋەبىدىن يىلبويى تىرىشىپ ئىبادەت قىلىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان كاتتا ساۋابلارغا ئېرىشىمىز. مەسىلەن، رامازان ئېيى، قەدر كېچىسى، جۈمە كۈنى، رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى، تەشرىق كۈنلىرى،(1) زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە سەھەر ۋاقتى دېگەندەك.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»لەردە ئىسپاتلانغان بولۇپ، جانابى ئاللاھ: ﴿سۈبھى بىلەن، ئون كېچە بىلەن قەسەمكى﴾(89/«فەجر»: 1، 2) دېگەن.
ھەزرىتى ئىبنى ئابباس، ئىبنى زۇبەير، مۇجاھىد ۋە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن مۇفەسسىرلەر بۇ كېچىلەرنى «زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كېچىسى» دەپ تەفسىرلىگەن، ئىمام تەبەرىي: «تەفسىردە سۆزى ھۆججەت ھېسابلىنىدىغان مۇفەسسىرلەر مۇشۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، مۇشۇ توغرا تەفسىردۇر» دېگەن. ئىمام ئىبنى كەسىرمۇ: «مۇشۇنداق تەفسىر قىلىش توغرىدۇر» دېگەن.(2)
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئون كۈننىڭ كېچىسى بىلەن قەسەم قىلىشى بۇ كۈنلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزلىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ:
— باشقا كۈنلەﺭﺩﻩ قىلىنغاﻥ ھەﺭقاندﺍﻕ ئىباﺩﻩﺕ ئۇشبۇ (ﺯﯗلھەججە ئېيىنىڭ ئاﯞﯞﺍلقى) ئون كۈندە قىلىنغاﻥ ئىباﺩﻩتتىن ئەﯞﺯﻩﻝ ئەمەستۇﺭ، — ﺩېگەندﻩ، ساھابەلەر:
— جىھاﺩمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدﯗ؟ — ﺩېدى. ﺭﻩسۇلۇللاھ:
— جىھاﺩمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدﯗ، پەقەﺕ خەﯞﭖ – خەتەﺭگە قاﺭىماﻱ، جېنى بىلەﻥ، مېلى بىلەﻥ جىھاﺩقا ئاتلىنىپ، ئۆﺯىمۇ، مېلىمۇ قايتمىغاﻥ ئاﺩﻩمنىڭ ئەمىلىلا بۇنىڭدىن ئەﯞﺯﻩﻝ بولىدﯗ، — ﺩېدﻯ.(3)
بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەر ئارقىلىق مۇجاھىدلارنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مۇجاھىدلارغا بېرىلىدىغان ساۋاب قانچىلىكتۇ؟ بۇنى بىلسەك، بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىلگىلى بولىدۇ.
زەكۋان رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:
— ماڭا جىھادقا باراۋەر بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداق ئەمەلنى تاپالمايمەن، — دەپ، ئاندىن:
— مۇجاھىد جىھادقا ئاتلانسا (قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) سەن مەسجىدىڭگە كىرىپ بوشاشماي نامازدا تۇرۇپ، ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتالامسەن؟ — دېۋىدى. ھېلىقى ئادەم:
— بۇنى كىممۇ قىلالسۇن؟ — دېدى(4).
دېمەك، بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن.
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدىغانلىقى جەھەتتىن ئېيتقاندا زۇلھەججەنىڭ ئون كۈنىدەك كۈن يوق. شۇڭا، ئۇ كۈنلەردە تەسبىھ، ھەمدۇسانا، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ) ۋە تەكبىرنى كۆپ ئېيتىڭلار» دېگەن.(5)
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە مۇبارەك ئەرافات كۈنى بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىنى تاماملاپ مۇكەممەللەشتۈرگەن، بۇ كۈندە تۇتقان روزا ئىككى يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھتىن ئەرافات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىل بىلەن كېلەر بىر يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.(6)
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىش كۈنى (زۇلھەججەنىڭ ئونىنچى كۈنى) بولۇپ، بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتىغان قۇربانلىقلىرىنى تەقدىم قىلىشىدۇ، تەكبىر ئېيتىشىدۇ. دېمەك، بۇ كۈندە يىلبويى ھېچبىر كۈندە قىلىنىپ باقمىغان تائەت – ئىبادەتلەر قىلىنىدۇ.
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە ھاجىلار تاۋاپ، سەئيى، تەلبىيە ئېيتىش، ئىھرام باغلاش، مىنادا تۇرۇش، مىنادىن ئەرافاتقا، ئەرافاتتىن مۇزدەلىفەگە ۋە مۇزدەلىفەدىن مىناغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدۇ.
بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر ھەسسىلەپ ساۋاب ۋە ئەجىرگە ئېرىشىش پۇرسىتىدۇر، چۈنكى بۇ كۈنلەردىكى بىر رەكئەتكە نۇرغۇن رەكئەت ساۋابى، بىر سەدىقىگە نۇرغۇن سەدىقە ساۋابى، بىر تەسبىھكە نۇرغۇن تەسبىھ ساۋابى، بىر ياخشىلىققا نۇرغۇن ياخشىلىق ساۋابى بېرىلىدۇ. بۇ كۈنلەرنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىنى ئوبدان بىلگەن سەلەفلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ قولدىن بەرمەيتتى. كاتتىلىرىمىزدىن ھەزرىتى سەئىد ئىبنى جۇبەير زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى ھەققىدىكى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە ھەتتا ئۆزى چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق ئىبادەت قىلاتتى، ئۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە چىرىغىڭلارنى ئۆچۈرمەڭلار» دەيتتى.(7)
بۈگۈنكى كۈنلەردە بىزلەر ئىبادەت قىلىشتا ھۇرۇنلۇق قىلىمىز، بەزىدە ئارزۇ قىلىمىزيۇ لېكىن، ئىرادىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ كۈنلەر بىزدەك غەپلەتتە قالغانلار ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەت پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۈنلەردە قاتتىق تىرىشساق ئېرىشىدىغان ساۋابنى سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ كۈنلەردە قىلغان تىرىشچانلىق يىلبويى تائەت – ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، باشقا پۈتۈن يىل ئىچىدىكى بارلىق كۈنلەردىن ئەۋزەل، لېكىن مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسى ئارىسىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدىن ئەۋزەل بولىدۇ.
بۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا مۇسۇلمان كىشى بۇ كۈنلەردە باشقا كۈنلەردىكىدىن بەكراق ھىممەت قىلىپ نەفلە ناماز، روزا، «قۇرئان» ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، ھەمدۇسانا، زىكىر – ئىستىغپار، موھتاجلارغا ياردەم بېرىش، تاماق يېگۈزۈش، سىلە – رەھىم قىلىش، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە بارلىق ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.
بۇ كۈنلەردە قىلىنىدىغان ئەمەللەر:
1. روزا تۇتۇش: ھەدىستە كېلىشىچە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى توققۇز كۈنىدە، ئاشۇرا (مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى) دا ۋە ھەر ئاينىڭ ئۈچ كۈنىدە روزا تۇتاتتى».(8)
روزا ئالدىنقى 9 كۈنىدە تۇتۇلىدۇ، ئونىنچى كۈنى قۇربان ھېيت بولغاچقا قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇلمايدۇ.
2. تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر)، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ)، ھەمدۇسانا (ئەلھەمدۇلىلاھ)، ۋە تەسبىيھ (سۈبھەنەللاھ) ئېيتىش. بۇلار ئون كۈننىڭ ھەممىسىدە ئۆيلەردە، كوچىلاردا ۋە بارلىق زىكىر قىلىش جائىز بولغان جايلاردا ئۈنلۈك ھالدا ئېيتىلىدۇ. بۇ ھەقتە بىز يۇقىرىدا ھەدىس بايان قىلدۇق. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغىتىشتۇر. بۇلارنى ئەرلەر ئۈنلۈك ئېيتىدۇ، ئاياللار ئىچىدە ئېيتىدۇ.
ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ زۇلھەججەنىڭ ﺋﺎﯞﯞﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. (ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ نەۋرىسى) ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﻧﻪﻓﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.(9)
بۇ پائالىيەت ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە تاشلىنىپ قالغان سۈننەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى ئىمكان قەدەر ياشارتىشقا تېرىشىش كېرەك. جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن﴾(22/«ھەج»: 28)، ﴿ئاللاھنى ساناقلىق كۈنلەردە زىكرى قىلىڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 203) دېگەن.
ئايەتتىكى «مەلۇم كۈنلەر» كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك، زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر، «ساناقلىق كۈنلەر» بولسا ﺗﻪﺷﺮﯨﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ(10).
3. ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش. شەكسىزكى، بۇ كۈنلەردە ئادا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى ھەج قىلىشتۇر، ئاللاھ تائالا ھەج قىلىشقا نېسىپ قىلغان كىشى ھەممە شەرتلىرى بىلەن ھەج ئادا قىلسا ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك: «گۇناھ ئارىلاشمىغان ھەجگە جەننەتتىن باشقا مۇكاپات يوقتۇر».(11)
4. بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. ھەجگە مۇيەسسەر بولالمىغانلارمۇ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا سىلە – رەھىم قىلىش، ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەر (ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش)، سەدىقە – ئېھسان قىلىش، «قۇرئان» ئوقۇش، دۇئا قىلىش، زىكىر قىلىش ۋە بارلىق تائەت – ئىبادەتلەر بىلەن بۇ ئون كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
5. ھېيت نامىزى ئوقۇش. قۇربان ھېيت بىلەن روزا ھېيت ئەھلى ئىسلامنىڭ ھېيت – بايرىمىدۇر. ھېيت نامىزىدا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش، جامائەت بولۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ۋەز – نەسىھەت ئاڭلاش ۋە دۇئا – تىلەكلەرگە قاتنىشىش كەبى پەزىلەتلىك ئەمەللەر بار.
6. قۇربانلىق قىلىش. بۇ كۈنلەردە قۇربانلىقنى بوداپ سەمرىتىپ ياكى پۇل خەجلەپ قۇربانلىق ئېلىپ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ياخشى ئەمەللەردىندۇر.
7. راستچىللىق بىلەن تەۋبە قىلىش. بۇ كۈنلەردە تەۋبە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، راستچىل تەۋبە دېگىنىمىز: گۇناھ ئىشلارنى دەرھال تاشلاپ، ئۇنى قەلبىدىن يامان كۆرۈپ، ئىككىنچى قىلماسلىققا بەل باغلاش، باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان رۇس يولدا مېڭىشتۇر. تەۋبە قىلىش باشقا كۈنلەردە زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ كۈنلەردە تېخىمۇ زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك، چۈنكى بۇ كۈنلەر باشقا چاغلاردا قىلىنمايدىغان نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەمەللەر قىلىنىدىغان چاغ بولغاچقا تەۋبە، ياخشى ئەمەللەر ۋە پەزىلەتلىك كۈنلەر بىرلەشسە بۇ نىجاتلىقنىڭ ئالامىتى بولىدۇ.
﴿تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر﴾(28/«قەسەس»: 67)
شۇڭا، ھەربىر ئاقىل مۇسۇلمان بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەردە كۆپلەپ ساۋاب قازىنىشقا ھېرىسمەن بولۇش كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 2 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2018، 10 – نويابىر
—————-
1. تەشرىق كۈنلىرى: زۇلھەججەنىڭ 11 – ، 12 – ، 13 – (يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – ۋە 4 -) كۈنلىرى.
2. «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 24/345 – 348؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر» 4/506.
3. «بۇخارىي»، (969).
4. «بۇخارىي»، (2785).
5. «ئەھمەد»، (5446). ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ رىۋايەتنى («ئەلئامالى ئەلمۇتلەقە»، 1/14): «ھەسەن» دېگەن. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (11116). ھەيسەمىي («مەجمەئۇززاۋائىد» 4/17) بۇ رىۋايەتنى: «راۋىيلىرى سەھىھنىڭ راۋىيلىرىدۇر» دېگەن.
6. «مۇسلىم»، (1162).
7. «دارىمىي»، (1774). زەھەبىي («سىيەرى ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 4/326) «سەنەدى ياخشى» دېگەن.
8. «ئەھمەد»، (22388). «ئەبۇ داۋۇد»، (2437). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
9. «بۇخارىي»: «تەشرىق كۈنلىرى قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى» بابى.
10. «بۇخارىي»: «تەشرىق كۈنلىرى قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى» بابى؛ «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 3/543 – 353.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1773). «مۇسلىم»، (1349).