سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مۇبارەك قۇربان ھېيتتا مۇسۇلمان كىشى قىلىشى كېرەك بولغان مۇھىم ئىشلار قايسى، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
كۈچلۈك قاراشتا ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى ۋاجىبتۇر.
«ھېيت» دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، قايتا ۋە تەكرار كېلىشنى بىلدۈرىدۇ. ھېيتمۇ ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىپ شادلىق، خۇشاللىق تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ. ھەربىر مىللەتنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەيدىغان ھېيت – ئايەملىرى بولىدۇ. بۇ بارلىق ئىنسانلار جەمئىيەتلىرىدە بار ئەنئەنە، چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى مەلۇم مۇناسىۋەتلىك كۈنلەردە توپلىشىپ خۇشال – خۇرام ۋاقىت كەچۈرۈشنى ياقتۇرىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان ئىككى ھېيتى روزا ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەتتۇر. مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى، روھىنى ھېس قىلىشى، بۇ مۇناسىۋەتنى پۇرسەت بىلىپ توغرا پايدىلىنىشى كېرەك، چۈنكى بۇ دىنىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇسۇلمانلار تەنتەنە قىلىدىغان ئالاھىدە مۇراسىمدۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت – ئايەملىرى يىللىق دەم ئېلىش مۇناسىۋىتىلا بولماستىن، بەلكى شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان شادلىق ۋە خەير – ساخاۋەت، بەرىكەت، ئىبادەت مۇراسىمدۇر. روزا ھېيت ئىسلامنىڭ رۇكنىلىرىدىن بىرى بولغان روزا تۇتۇشقا چېتىشلىق بولسا، قۇربان ھېيت ئىسلامنىڭ باشقا بىر رۇكنى بولغان ھەج ئىبادىتىگە، قۇربانلىق قىلىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، سەدىقە قىلىش قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەل – ئىبادەتلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتتە مۇسۇلمان كىشى جانابى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك خەيرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا تىرىشىدۇ.
بىز تۆۋەندە بۇ ئۇلۇغ ئايەمگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:
1. مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەملىرىدە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺋﻰ ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ! ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﮪﯧﻴﺖ – ﺋﺎﻳﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ» دېگەن.(1)
بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەم ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە باشقا يات مىللەتلەردىن پەرقلىق ۋە ئالاھىدە بولۇشى، كىيىم كېيىشتە، ياسىنىشتا، يېمەك – ئىچمەكتە ۋە خۇشاللىق ئىزھار قىلىش قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردە يات مىللەتلەرنىڭ ھېيت – بايراملىرىنى تەبرىكلىمەسلىكى ۋە ئۇلارغا قېتىلماسلىقى كېرەك. ھەتتا كىچىك بالىلارنىمۇ يات مىللەتلەرنىڭ ھېيتلىرىغا قاتناشتۇرماسلىق كېرەك.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە مەدىنەلىكلەرنىڭ ئويۇن – تاماشا قىلىدىغان ئىككى بايرام كۈنى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقنى ئالماشتۇرۇپ بەردى: روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت كۈنى» دېگەن.(2)
ھافىز ئىبنى ھەجەر: «بۇ ھەدىستىن: مۇشرىكلارنىڭ بايراملىرىدا خۇشاللىق ئىزھار قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشنىڭ مەكرۇھلىقى ئېلىنغان» دېگەن.(3)
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇشۇ ئىككى ھېيتقا ئوخشىغان مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى، ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە بۇ مۇراسىملار مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.
2. ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇش ھارام
چۈنكى، بۇ روزىدىن ئېغىز ئاچىدىغان، قۇربانلىق بوغۇزلانغان مالدىن يەيدىغان قۇربان ھېيت كۈنلىرىدۇر.
ھەكىم ئىبنى ئەبۇ ھۈررە ئەلئەسلەمىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن «ھەر كۈنى روزا تۇتىمەن» دەپ نەزر قىلىۋالغان ۋە ئۇ كۈنلەرگە قۇربان ھېيت ياكى روزا ھېيت ئۇدۇل كېلىپ قالغان بىر كىشى توغرىلىق سورالغاندا، ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ﴿سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ياخشى ئۈلگىدۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 21). ئۇ زات قۇربان ھېيت ياكى روزا ھېيت كۈنى روزا تۇتمايتتى، ئۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشنى دۇرۇس دەپمۇ قارىمايتتى.(4)
زۇھرىي ئىبنى ئەزھەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ ئۇبەيدتىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن ھېيتنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئىدىم. ئۇ: ‹بۇ ئىككى كۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن كۈنلەردۇر، بىرى: روزاڭلاردىن ئېغىز ئاچقان (روزا ھېيت) كۈنى، يەنە بىرى: قۇربانلىقىڭلارنى يەيدىغان (قۇربان ھېيت) كۈنى› دېدى».(5)
ھافىز ئىبنى ھەجەر دەيدۇ: «بۇ ھەدىستىكى بۇ ئىككى كۈننى سۈپەتلەش بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتماي ئېغىز ئېچىشنىڭ ۋاجىبلىقىنىڭ ئىللىتى (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپىتى) گە ئىشارەدۇر. ئۇ بولسىمۇ: روزا ھېيتتا روزا تۇتۇشنى تاماملاپ، رامازان روزىسىنى ئۇندىن كېيىنكى روزىدىن ئايرىش، قۇربان ھېيتتا بولسا، قۇربانلىق قىلىپ بوغۇزلانغان مالدىن يەپ پايدىلىنىشتۇر، چۈنكى ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلسا ئىدى، ئۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىش پايدىسىز بولاتتى».(^[6])
يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا تۇتۇشتىن توسقان.(7)
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بارلىق ئالىملار بۇ ئىككى كۈندە يا نەزر ياكى نەفلە ياكى كەففارەت ياكى باشقا تۈرلۈك روزىنى ھەرقانداق ئەھۋالدا تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىدا بىردەك ئىتتىپاققا كېلىپ ئىجماﺋ قىلغاندۇر».(8)
3. ھېيت نامىزىنى ئوقۇش
ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە ﺑﻮﻏﯘﺯلىغىن﴾(108«كەۋسەر»: 2) دەپ بۇيرۇغان. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ساۋاب ۋە بەرىكەتكە نائىل بولۇشى كېرەك. ھېيت نامىزىنى ئوقۇيالمىغان كىشى ئۇنى كېيىن قازا قىلىدۇ. ئاياللارمۇ چىقىپ ھېيت نامىزىغا قاتناشسا سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان. ھەتتا كىيىمى يوقلارنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ كىيىپ چىقىشقا، ھەيزدارلارنىڭمۇ چىقىپ نېرىراق تۇرۇپ نامازنى كۆرۈشكە ۋە خۇتبە ئاڭلاشقا بۇيرۇغان. بۇمۇ بۇ نامازنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەفسە بىنتى سىرىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەفسە بىنتى سىرىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ توساتتۇق. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﻧﻰ ﺧﻪﻟﻪﻓﻨﯩﯔ ﻗﻪﺳﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ئايالنى يوقلاپ باردىم، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ يېزنەسىنىڭ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻏﺎﺯﺍﺗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، قىز قېرىندىشىنىڭمۇ يولدىشى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻏﺎﺯﺍﺗﺘﺎ (پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺑﯩﻠﻠﻪ جەڭ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ﮪﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئېيتىپ بەرگەن:
‹ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺘﺘﯘﻕ، ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﺘﯩﻦ:
— ﻳﺎ ﺭﻩﺳﯘﻟﻪﻟﻼﮪ! ﺑﯩﺮﻩﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ (ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻐﺎ) ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:
— ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﺪۈﺭۈﭖ ﻗﻮﻳﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻣﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﯘﻥ، — ﺩﯦﺪﻯ›».
ﮪﻪﻓﺴﻪ ئېيتىدۇ: «ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﻴﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ:
— ﺳﯩﺰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ مۇشۇنداق ﮪﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﯘ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ﺋﯘممۇ ئەتىييە:
— ﮪﻪﺋﻪ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، — ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﻴﻪ ﻗﺎﭼﺎنكى پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنى ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎ ‹ﺋﺎﺗﺎﻡ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ› ﺩﻩﭖ ﻗﻮياتتى — ﻣﻪﻥ ئۇ زاتنىڭ: ‹تالا – تۈزگە چىقمايدىغان ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ — ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪن قىزلار ﯞﻩ تالا – تۈزگە چىقمايدىغان ﻗﯩﺰ – ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭ (راۋىيلەردىن ئەييۇب ئىككىلىنىپ قالغان) — ﯞﻩ ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ، مۇئمىنلەﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﯘﻥ، ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ› ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ:
— ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭﻣﯘ ﭼﯩﻘﺎﻣﺪﯗ؟ — ﺩېگەنىدىم، ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﻴﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ:
— ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﺋﻪﺭاﻓﺎﺗﻘﺎ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ – ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﯘ؟! — ﺩﯦﺪﻯ».(9)
ھېيت نامىزىنى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە ئوقۇيدۇ. ئەڭ كېچككەندە كۈن تىكلەشكىچە ئوقۇسا بولىدۇ. ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ، نامازدىن كېيىن خۈتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبە ئوقۇلىۋاتقاندا ئالدىراش ئىشى بارلار قايتىپ كەتسە بولىدۇ. ھەدىستە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغان.
4. يۇيۇنۇش
بارلىق ئالىملار ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇشنى مۇستەھەب، دەپ قارىغان.
5. روزا ھېيتتا ناشتا قىلىۋېتىپ نامازغا مېڭىش، قۇربان ھېيتتا ناشتا قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ ئاندىن قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بىلەن ناشتا قىلىش مۇستەھەب
«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت كۈنى ناشتا قىلماي نامازغا ماڭمايتتى، قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن قايتمىغىچە ناشتا قىلمايتتى».(10)
ئىمام ئەھمەد: «نامازدىن قايتىپ قۇربانلىق قويىنىڭ گۆشىدىن يەيتتى» دەپ رىۋايەت قىلغان.(11)
يەنە بىر رىۋايەتتە: «نامازدىن قايتقىنىدا قۇربانلىقىنىڭ جىگىرىدىن يەيتتى» دەپ كەلگەن.(12)
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بولغاچقا بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن ناشتا قىلىۋېتىش كېرەك.
6. ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش
بۇ قۇربان ھېيتتىكى مۇھىم سۈننەتلەرنىڭ بىرى. بۇ تەكبىر ئۈنلۈك ئېيتىلىدۇ. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام ئىبادەتلىرىنى جاكارلاش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغۇتۇشتۇر. جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن﴾(22/«ھەج»: 28) دېگەن.
قۇربان ھېيت كۈنىمۇ مۇشۇ مەلۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر.
ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﻣﯩﻨﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﯩﻜﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ئېيتىشقا باشلايتتى، ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﻣﯩﻨﺎ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﻣﯩﻨﺎﺩﺍ تۇرغان مۇددەت ئىچىدە ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ تۆشىكىدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، خاھى ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، خاھى ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ياكى ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ھەممىسىدە ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻳﻤﯘﻧﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ (ﮪﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ) ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﺷﺮﯨﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ (مەدىنە ئەمىرى) ﺋﻪﺑﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﯞﻩ (خەلىفە) ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ.(13)
ئىمام زوھرىي رىۋايەت قىلىدۇكى، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگۈچە ۋە ئىمام نامازغا چىققۇچە تەكبىر ئېيتىشاتتى، ئىمام ناماز ئوقۇشقا چىقسا جىم بولۇشاتتى. تەكبىر ئېيتسا تەكبىر ئېيتىشاتتى.(14)
تەكبىرنى مۇنداق ئېيتىدۇ: «ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر! لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر! ۋەلىللەھىلھەمد».(15)
ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىدا، ھارپا كۈنى (ئەرافات كۈنى) بامداتتىن كېيىن تەكبىر ئېيتىش باشلىنىپ، قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەسىردىن كېيىن ئاياغلاشتۇرىدۇ. يەنى 8 ناماز ئارقىدا تەكبىر ئېيتىدۇ.
ئىمامنىڭ ئىككى شاگىرتىدىن كەلگەن قاراشتا: ھارپا كۈنى (ئەرافات كۈنى) بامداتتىن كېيىن تەكبىر ئېيتىش باشلىنىپ، قۇربان ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەسىردىن كېيىن ئاياغلاشتۇرىدۇ. يەنى 23 ناماز ئارقىدا تەكبىر ئېيتىدۇ.(16)
7. ئۆزئارا تەبرىكلىشىش
«ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشىش بۇ ھېيتتا قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى كۆپ. ساھابەلەرمۇ ھېيت كۈنى بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تەبرىكلەشكەن.(17)
يەنە بۇ كۈنلەردە سىلە – رەھىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئۆز – ئارا ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ سالاملىشىدۇ.
8. ھېيت كۈنىدە چىرايلىق كىيىنىش
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى ھېيت ۋە جۈمە كۈنىدە كىيىدىغان بىر تونى بار ئىدى.(18)
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ھېيت كۈنىدە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى.(19)
شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىشى كېرەك. لېكىن، ئاياللار زىبۇ – زىننەت بىلەن ياسىنىپ، ئەتىر چېچىپ چىقسا بولمايدۇ، بەلكى تولۇق يۆگىنىپ گىرىم قىلماي چىقىشى، تار ۋە يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيمەسلىكى، ئەرلەرگە سۈركەلمەي يىراق تۇرۇشى كېرەك.
9. ھېيت نامىزىغا بىر يولدىن بېرىپ باشقا يولدىن قايتىش
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﺗﺘﻰ» ﺩﯦﮕﻪنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.(20)
«بۇ ھەدىستىن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان جايغا باشقا – باشقا يولدىن بېرىپ – كېلىشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار شۇنداق قارايدۇ. بۇنىڭدىن ھېكمەت كۆپ. مەسىلەن، يوللارمۇ، يوللاردىكى پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇش، ئىسلام پائالىيەتلىرىنى نامايان قىلىش، ئاللاھنىڭ زىكرىنى نامايان قىلىش قاتارلىقلار. بۇنىڭ ھېكمىتى بىلىنمىگەن تەقدىردىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش لازىم».(21)
10. سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇش
ئەتاﺋ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻧﻜﻰ — ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺗﺎﺋ ﺩﯦﺪﻯ: ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻧﻜﻰ — پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ، ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﯞﯨﺪﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﺎﻟﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯜﺯﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻠﻰ، ﺑﯩﻼﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﯩﻐﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ».(22)
ئىمام نەۋەۋىي: «بۇ ھەدىستىن ئاياللارغا ۋەز – نەسىھەت قىلىش، ئۇلارغا ئاخىرەتنى، ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئەسلىتىش ۋە ئۇلارنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ» دەيدۇ.(23)
ئەلبەتتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرلەر جامائىتىگىمۇ سەدىقە توغرىسىدا ۋەز – نەسىھەت قىلغان بولۇشى كېرەك. ھېيت – ئايەم دېگەن شادلىق، خۇشاللىق كۈنى بولغاچقا، يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىپ ئۇلارنىمۇ خۇش قىلغاندىلا ئاندىن ئىنساننىڭ خۇشاللىقى مۇكەممەللىشىدۇ، قىلغان خەير – ئېھسانى سەۋەبىدىن ۋىجدانى راھەتلەپ قالىدۇ.
11. ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى – كېيىن نەفلە ناماز ئوقۇلمايدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺭﻭﺯا ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﻼ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ – ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺪﻯ دەپ رىۋايەت قىلغان.(24)
بۇ ئەلبەتتە، مەسجىدتە ئەمەس ئوچۇق مەيداندا ئوقۇسا شۇنداق، ئەمما ھېيت نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇغان ئەھۋالدا ئالدىدا ئىككى رەكئەت «تەھىييەتۇل مەسجىد» نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ.
12. قۇربانلىق قىلىش
قۇربانلىق قىلىش قۇدرىتى بارلارغا ۋاجىب، بەزىلەر سۈننەت دەپمۇ قارىغان. قۇربانلىق قىلىشنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا كەڭچىلىك قىلىپ نېئمەت قىلىپ بەرگەن ھەمدە بۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ قىلىنىپ كەلگەن سۈننەت. شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ۋە ھېيت – ئايەمنىڭ بىر شوئارى ۋە ئالامىتى. قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن تارتىپ ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى دىگەرگىچە بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى قۇربانلىق كۈنىدىن كېيىنكى ئىككى كۈندۇر» دېگەن.(25)
بەزى ئالىملار ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنىنىڭ نامازدىگەرگىچە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىسا قۇربانلىققا ھېساب بولمايدۇ.
قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچ ئۈلۈشكە بۆلۈنىدۇ، بىرى، ئۆزى ۋە ئۆيدىكىلىرىگە، يەنە بىرى، كەمبەغەللەرگە، يەنە بىر ئۈلۈشى ئۇرۇق – تۇغقان ۋە قوشنىلارغا بېرىلىدۇ.
بىر ئائىلىدە تۇرىدىغان ئاتا – ئانا ۋە كېلىن قاتارلىقلارغا بىر قوي كۇپايە قىلىدۇ. كالا ۋە تۆگە قۇربانلىق قىلسا يەتتە كىشىگە قەدەر شېرىكلىشىپ قىلسا بولىدۇ. قۇربانلىق قىلىدىغان قوي ئەيىب – نۇقسانلاردىن خالىي بولۇشى شەرت، چۈنكى بۇ ئاللاھقا تەقدىم قىلىنىدىغان ئىبادەت. شۇڭا، ئەڭ ساغلام، سېمىز ۋە چىرايلىق قوينى تاللايمىز.
ياش جەھەتتىن ئالتە ئاينى تولدۇرغان سېمىز قوي بولۇشى، سېمىز بولمىسا بىر يىلنى تولدۇرغان بولۇشى، ئۆچكە بىر يىلنى تولدۇرغان بولۇشى، كالا ئىككى يىلنى تولدۇرغان بولۇشى، تۆگە بەش يىلنى تولدۇرغان بولۇشى شەرت.
13. ھېيتتا ھالال ئويۇن – تاماشا بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا بولىدۇ
دىنىمىز ھېيتلارنى شاد – خۇراملىق كەيپىياتى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ شاد – خۇرام بولۇشى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا باغلىق بولۇپ قالماسلىقى، ھالال دائىرىدە كۆڭلىنى ئاچالايدىغان، شادلىنىشى ئۈچۈن ھارامغا موھتاج بولمايدىغان، تائەت دائىرىسىدە ئويناپ، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ، دۇنيادىمۇ شاد، ئاخىرەتتىمۇ شاد بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. جانابى ئاللاھ دەيدۇ:
(ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا ئېرىشىدۇ﴾(13/«رەئد»، 29).
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 6 – زۇلھەججە / م. 2011، 2 – نويابىر
—————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (952). «مۇسلىم»، (892).
2. «ئەھمەد»، (12025). «ئەبۇ داۋۇد»، (1134). «نەسائىي»، (1556). ھافىز ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 2/442): «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
3. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/442.
4. «بۇخارىي»، (6705).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1990). «مۇسلىم»، (1137).
6. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/239.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1991). «مۇسلىم»، (1138).
8. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8/15.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (980). «مۇسلىم»، (890).
10. «تىرمىزىي»، (542). ئىبنى خۇزەيمە، ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
11. «ئەھمەد»، (23034). بۇ ئارتۇق رىۋايەتنىمۇ ئىبنۇلقەتتان «سەھىھ» دېگەن. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 2/221.
12. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (5956).
13. «سەھىھۇلبۇخارىي»: «ﻣﯩﻨﺎﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﺭاﻓﺎﺗﻘﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ» دېگەن باب.
14. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (5629). ئالبانىي («ئەلئىرۋاﺋ»، 2/121): «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
15. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (5633). سەنەدى سەھىھ.
16. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/195.
17. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي» 2/446. ئىسنادى ھەسەن.
18. «ئىبنى خۇزەيمە»، (1766).
19. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (5938). ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي» 2/439): «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
20. «بۇخارىي»، (986).
21. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6/307.
22. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (98)؛ «مۇسلىم»، (884).
23. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6/172.
24. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (964). «مۇسلىم»، (884).
25. «مالىك»، (1035).