شەرىئەتتىكى پۇل - كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(5)

شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(5)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

چىقىم دەسمايىدىن چىقىرىلامدۇ ياكى پايدىدىنمۇ؟

پايدا چىققان بولسا چىقىم پايدىدىن چىقىرىلىدۇ. پايدا چىقمىغان بولسا دەسمايىدىن چىقىرىلىدۇ. ئۆز يېنىدىن چىقىم قىلىپ قويغان بولسا، بۇنى پايدىدىن ياكى پايدا بولمىسا، دەسمايىدىن تۇتۇۋالىدۇ(1).

ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن بىللە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ سەپەرگە چىققان بولسا ياكى پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياكى تىجارەتچىلەر ئارىسىدىكى ئادەت بويىچە ئۆزىنىڭ پۇلىنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىگە ئارىلاشتۇرغان بولسا ۋەياكى باشقا – باشقا ئىككى كىشىدىن ئالغان پۇلنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتىگە ئارىلاشتۇرغان بولسا، چىقىمىنى ھەربىر كىشىدىن ئالغان پۇلنىڭ مىقدارى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ بەلگىلەيدۇ. ئۆزىنىڭ يېنىدىن چىقىم قىلىپ تۇرۇپ، كېيىنچە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىدىن تۇتۇۋالسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسى پۈتۈنلەي يوقاپ كەتسە ياكى پۈتۈنلەي زىيان چىقسا، قىلغان چىقىملىرىنى پۇل ئىگىسىدىن ئالالمايدۇ. چۈنكى، پۇل ئىگىسى پۇلىدىن باشقا زىياننى تارتمايدۇ. مەسىلەن، پۇل ئىگىسى 1000 دوللار پۇلنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە بەرگەن بولسا، كۈچ ئىگىسى بۇ پۇلنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن 100 دوللار چىقىم قىلغان، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتىدىن 150 دوللار پايدا چىققان بولسا، 100 دوللار پايدىنى «كۈچ ئىگىسى قىلغان چىقىم» دەپ بېرىۋەتكەندىن كېيىن، 50 دوللار پايدىنى ئىككىيلەن پۈتۈشكەن بويىچە بۆلۈشۈۋالىدۇ(2).

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان جىدەل – ماجىرالارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

كېيىنچە، جىدەل – ماجىرا ياكى تالاش – تارتىش يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا تالاش – تارتىش يۈز بەرسە ھەربىر تەرەپنىڭ ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن، ئىسلام كۆرسەتمىسىگە تولۇق رىئايە قىلىش زۆرۈر. شۇڭا، پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ توغرا ئۇسۇلدا بولۇشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. بارلىق كېلىشىم ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى ئېنىق بەلگىلىنىشى، ھۆججەتلىنىشى ياكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا كېيىنچە، «ياق بىز ئۇنداق پۈتۈشكەن، بۇنداق دېيىشكەن» دەپ جىدەللىشىدىغان ياكى توختامنىڭ بەزى جايلىرىغا تېنىۋالىدىغان ياكى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. بۇنداق قىلمىغان ئەھۋالدا بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىدۇ، بەزى ھەقلەر زايە بولۇپ كېتىدۇ. ھۆججەتلەشتۈرۈپ قويمىغان ئەھۋالدا تالاش – تارتىشلار تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

1. مەلۇم ۋاقىت، جاي ياكى تاۋارنى بەلگىلىمەي، چەكلىمىسىز كېلىشىم قىلغان ياكى بىرنەرسە بەلگىلەپ چەكلىمىلىك كېلىشىم قىلغان، دەپ تالاش – تارتىش بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، «چەكلىمىسىز كېلىشىم قىلغان» دېگەن تەرەپنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۆزى پۇل – كۈچ كېلىشىمىگە بەكرەك ئۇيغۇن كېلىدۇ. پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىن كۆزلەنگەن پايدا چەكلىمىسىز تىجارەت قىلىش ئارقىلىق تولۇق قولغا كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، چەكلىمىسىزلىكنى دەۋا قىلغۇچى بىر قېتىم قەسەم قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭ سۆزى ھېساب بولۇپ كېتىدۇ.

ئەمما، چەكلىمە قويۇلغان تۈردە ئىختىلاپ بولۇپ قالسا، مەسىلەن، پۇل ئىگىسى: «مەن پۇلنى سىزگە پەقەت رەخت تىجارىتى قىلىشقا بەرگەن» دېسە، كۈچ ئىگىسى: «ماڭا پۇلنى بۇغداي تىجارىتى قىلىشقا بەرگەن ئىدىڭىز» دېسە، بۇنداق تالىشىپ قالغان ئەھۋالدا پۇل ئىگىسىنىڭ دېگەن سۆزى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، پۇل – كۈچ كېلىشىمى ھەر ئىككى خىل تاۋارغا مۇناسىپ كەلگەچكە، پۇل ئىگىسىنىڭ بەرگەن رۇخسىتى بىلەن ئۇنىڭ سۆزى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كۈچ ئىگىسى ئىسپات كەلتۈرەلىسە، ئۇنىڭ ئىسپاتى ئاندىن ھېساب بولىدۇ.

2. ئىككى تەرەپ دەسمايىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدە تالاش – تارتىش قىلىشىپ قالسا، كۈچ ئىگىسى: «زايە بولۇپ كەتتى» دەپ، پۇل ئىگىسى: «زايە بولمىدى» دەپ تۇرۇۋالسا ياكى پۇل ئىگىسى كۈچ ئىگىسىگە: «سەن پۇلغا خىيانەت قىلدىڭ» دەپ تۇرۇۋالسا، كۈچ ئىگىسى بۇنى ئىنكار قىلسا، بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، كۈچ ئىگىسىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئامانەت ساقلىغۇچىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ بىر قېتىم قەسەم قىلىپ بەرسىلا، ئۇنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ.

3. ئىككى تەرەپ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشتە ئىختىلاپلىشىپ قالسا، مەسىلەن، كۈچ ئىگىسى: «پۇلنى قايتۇرۇپ بەردىم» دېسە، پۇل ئىگىسى: «پۇلنى قايتۇرۇپ ئالمىدىم» دېسە، ئەگەردە مەلۇم ئىسپات بولسا ئىسپات ھېساب بولىدۇ. ئىسپات بولمىغان تەقدىردە، كۈچ ئىگىسى بىر قېتىم قەسەم قىلىپ بېرىشى بىلەنلا ئۇنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، كۈچ ئىگىسى ئامانەت ساقلىغۇچىدۇر. قەسەم قىلماي تۇرۇۋالسا، پۇل ئىگىسى بىر قېتىم قەسەم قىلىپ بەرسىلا ئۇنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. بۇ ئادەتتە ھۆججەتلەشمەي پۇل تاپشۇرۇش ئەھۋالىدۇر. ئەمما، كۈچ ئىگىسى پۇلنى قولىغا ئېلىشتا ھۆججەتلىشىپ ئالغان بولسا، ئەمما پۇل قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە ھۆججەت كەلتۈرمىسە ياكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ ئالغان بولسا، ئەمما قايتۇرغانلىقىغا گۇۋاھچى كەلتۈرمىسە، ئۇنىڭ سۆزى ۋە قەسىمى ھېساب بولمايدۇ.

4. دەسمايە مىقدارىدا تالاش – تارتىش قىلىپ قالغاندا، بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، كۈچ ئىگىسىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ، مەسىلەن، پۇل ئىگىسى: «ساڭا 2000 دوللار بەردىم» دېسە، كۈچ ئىگىسى: «ماڭا 1000 دوللار بەردىڭ» دېسە، بۇنداق ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى پۇل دەسلەپتە تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئامانەت ھۆكمىنى ئالىدۇ. ئامانەتنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ.

ئىككى تەرەپ ھەم دەسمايە مىقدارىدا، ھەم كېلىشكەن پايدا مىقدارىدا تالاش – تارتىش قىلىپ قالسا، مەسىلەن، پۇل ئىگىسى: «ساڭا 2000 دوللار بەردىم، سەن پايدىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدىغان بولغان ئىدىڭ» دېسە، كۈچ ئىگىسى: «دەسمايە 1000 دوللار ئىدى، مەن پايدىنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغان بولغان ئىدىم» دېسە، دەسمايە مىقدارىدا كۈچ ئىگىسىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ، پايدا مىقدارىدا پۇل ئىگىسىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ.

ئۇلاردىن قايسىبىرى سۆزىگە ئىسپات كەلتۈرسە، ئەلبەتتە، ئىسپات بويىچە ئىش قىلىنىدۇ. ئىسپات بولمىغاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. ناۋادا ھەر ئىككى تەرەپ ئىسپات كەلتۈرگەن بولسا، دەسمايە مىقدارىنى بەلگىلەشتە پۇل ئىگىسىنىڭ ئىسپاتى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ پۇل ئىگىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىسپاتى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. پايدا مىقدارىنى بەلگىلەشتە كۈچ ئىگىسىنىڭ ئىسپاتى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، ئالغان پايدىنى بېكىتىشتە كۈچ ئىگىسىنىڭ ئىسپاتى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.

پايدا مىقدارىدىلا تالاش – تارتىش بولۇپ قالسا، ئىسپات بولمىغاندا پۇل ئىگىسى قەسەم قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ.

كۈچ ئىگىسى «پايدا چىقتى» دەپ بولۇپ، كېيىن پايدا چىققانلىقىنى ئىنكار قىلسا ياكى «خاتا ھېسابلاپ قاپتىمەن، پايدا چىقماپتىكەن» دەپ تۇرۇۋالسا ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئىسپات كۆرسەتسە، سۆزى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ئىنسان خاتالىشىپ قالىدۇ. ئىسپات كۆرسەتمىسە سۆزى ھېساب بولمايدۇ.

5. ئىككى تەرەپ كېلىشىم تۈرىدە تالاش – تارتىش قىلىپ قالسا، مەسىلەن، پۇل ئىگىسى: «مەن ساڭا پۇلنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى ئۈچۈن بەرگەن» ياكى «ئامانەت بەرگەن» دېسە، كۈچ ئىگىسى: «ماڭا پۇلنى قەرز بەرگەن ئىدىڭ، پايدىسىنى مەن ئالىمەن» دېسە، پۇل ئىگىسىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. ھەر ئىككىسى ئىسپات كەلتۈرگەن ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسىنىڭ ئىسپاتى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا كۈچ ئىگىسى دەۋاگەر، پۇل ئىگىسى ئىنكار قىلغۇچى بولىدۇ.

پۇل ئىگىسى: «قەرز بەرگەن ئىدىم» دېسە، كۈچ ئىگىسى: «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى ئۈچۈن بەرگەن ئىدىڭ» دېسە، كۈچ ئىگىسىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تۆلەشنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر. قايسىبىرى ئىسپات كەلتۈرەلىسە شۇ تەرەپنىڭ ئىسپاتى ھېساب بولىدۇ. ھەر ئىككىسى ئىسپات كەلتۈرگەن تەقدىردە، پۇل ئىگىسىنىڭ ئىسپاتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىسپاتى ئىسپاتلاش جەھەتتە كۈچلۈكرەك بولىدۇ(3).

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قانداق ئەھۋالدا ئەمەلدىن قالىدۇ؟

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئەمەلدىن قالىدۇ:

1. پۇل – كۈچتە ئايلاندۇرۇۋاتقان پۇل نەق بولسا، قايسى تەرەپ كېلىشىمنى بۇزۇۋەتسە پۇل – كۈچ كېلىشىمى ئاياغلاشقان بولىدۇ. پۇل ئىگىسى كېلىشىمنى بۇزۇۋەتكەن ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن خەبەردار بولۇشى كېرەك. خەبەردار بولماي تىجارەتنى داۋاملاشتۇرسا، بۇ تىجارەت يەنىلا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتىگە ھېساب بولىدۇ. خەبەر تاپقاندىن كېيىن قولىدىكى نەق پۇل يۈەن بولسا، ئەسلىدە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسى دوللار بولغان بولسا، يۈەننى دوللارغا ئايلاندۇرسا بولىدۇ. لېكىن، ئۇندىن كېيىن ئۇ پۇلنى باشقا پۇلغا ئالماشتۇرمايدۇ، دەسمايىنىمۇ ھېچقانداق بىر ئىشقا ئىشلىتەلمەيدۇ.

پۇل ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە دوللار چىقارغان بولسا، پۇلنى دوللارغا ئايلاندۇرۇپ، ئانا دەسمايىنى ئېلىش ھەققى بار. پايدا بولسا ئۇندىن كېيىن تەقسىم قىلىنىدۇ ياكى ماقۇل بولغان ئەھۋالدا شۇ دوللار قىممىتىنى يۈەن بىلەن باھالاپ يۈەن ئالسىمۇ بولىدۇ. دوللار باھاسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى ئۈچۈن بەرگەن كۈندىكى باھادا ئەمەس، تەقسىم قىلىدىغان كۈندىكى باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

كۈچ ئىگىسىنىڭ قولىدا نەق پۇل بولماي مال بولسا، ئىككى تەرەپ كېلىشىمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا پۈتۈشسە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، قولىدىكى مالنىڭ قىممىتىنى باھالاپ، ئوتتۇرىسىدا كېلىشكەن بويىچە بۆلۈشۈۋالسا بولىدۇ. ئەمما، ئاياغلاشتۇرۇشقا كېلىشمەي، بىر تەرەپ ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسى كۈچ ئىگىسىنى ياكى پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. ئۇ قولىدىكى مالنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرغانغا قەدەر مال ساتىدۇ. پۇل ئىگىسى كۈچ ئىگىسىنى قولىدىكى مالنى سېتىشتىن توسۇۋالالمايدۇ. ئەمما، كۈچ ئىگىسى شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ قولىغا چۈشكەن نەق پۇلغا يېڭىدىن مال سېتىۋالمايدۇ(4).

ئەگەر مالنى نورمال باھادا سېتىش بەكلا ئۇزىراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئىككى تەرەپ مالنى بۆلۈشۈپ، ياكى ئەرزان سېتىپ، ياكى مۇۋاپىق باھالاپ بىر تەرەپ قىلىشقا ياكى مالنى پۇل ئىگىسىگە بېرىۋېتىشكە كېلىشسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ ھەققى.

2. ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتسە كېلىشىم ئاياغلاشقان بولىدۇ. چۈنكى، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك كېلىشىمى ۋاكالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ۋەكىل ياكى ۋەكىل قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ۋاكالەت ئاياغلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپ شېرىكىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەبەر تاپسۇن ياكى تاپمىسۇن، ئوخشاشلا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى شۇ چاغدىن تارتىپ ئاياغلاشقان بولىدۇ.

پۇل ئىگىسى ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن پۇل – كۈچ كېلىشىمى بۇزۇلىدۇ. سەرمايە نەق قالغان بولسا، كېلىشىم بۇزۇلغان بۇ ئەھۋالدا كۈچ ئىگىسىنىڭ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ. قولىدا نەق پۇل ئەمەس، تاۋار قالغان بولسا، ناۋادا پۇل ئىگىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەبەردار تۇرۇپ، مىراسخورلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مېلىنى بىر تەرەپ قىلسا، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىياننى كۈچ ئىگىسى تۆلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ باشقىلارنىڭ مېلىنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز بىر تەرەپ قىلغان بولىدۇ. شۇنداقلا مالنى ئېلىپ باشقا يۇرتقا سەپەر قىلالمايدۇ. بەزى ئالىملار مالنى سېتىۋېتەلەيدۇ. چۈنكى، مالنى ساتمىسا، كۈچ ئىگىسى ھەققىنى ئالالماي قالىدۇ، دەپمۇ قارىغان.

چىققان پايدا كېلىشىمدە پۈتۈشكەن بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. مالنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى تېخى نەقلەشمىگەن بولسا، پۇل ئىگىسىنىڭ مىراسخورلىرى بىلەن كۈچ ئىگىسى ئۇنى بىرلىشىپ سېتىپ بۆلۈشۈۋالسىمۇ ياكى تاۋار ھالىتىدە بۆلۈشۈۋالسىمۇ بولىدۇ.

كۈچ ئىگىسى سېتىشقا رازى بولۇپ، پۇل ئىگىسى مالنى ساتقىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالسا، پۇل ئىگىسى مالنى سېتىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. چۈنكى، كۈچ ئىگسىنىڭ پۈتۈشكەن بويىچە پايدا ئېلىش ھەققى بار. ئۇ بۇ ھەققىگە شۇ مالنى ساتقاندىلا ئاندىن ئېرىشەلەيدۇ(5).

لېكىن، پۇل ئىگىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭ مىراسخورلىرى پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى پايدىنى بۆلۈشۈپ بىر تەرەپ قىلىۋەتمەستىن، كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟ بەزى ئالىملار ئۆلۈم بىلەن كېلىشىم ئاياغلاشقان بولىدۇ. شۇڭا، قايتىدىن يېڭى كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك قاراشتا مىراسخورلار پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ پۇلى نەق ھالەتتە بولسۇن ياكى تاۋار ھالەتتە بولسۇن ئوخشاش.

پۇل ئىگىسى ئۆلۈپ كېتىپ، باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزلىرى بولۇپ قالسا ۋە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ پۇلىدىن باشقا پۇلى بولمىسا، كۈچ ئىگىسىنىڭ ھەققى باشقا قەرزدارلارنىڭ ھەققىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەققى ئاشۇ مالنىڭ ئۆزىگە باغلىنىپ قالغان، باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا پۇل ئىگىسىنىڭ بوينىغا باغلانغان.

3. ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ساراڭ بولۇپ قالسا، كېلىشىم ئاياغلاشقان بولىدۇ. چۈنكى، ساراڭلىق كېلىشىمنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

4. پۇل ئىگىسى ئىسلامدىن يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كەتسە، پۇل – كۈچ كېلىشىمى ئاياغلاشقان بولىدۇ. چۈنكى، مۇرتەدلىك مالنىڭ ئىگىدارچىلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىۋەتكەچكە كېلىشىم سالاھىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مۇرتەد بولغان كىشىنىڭ مال – مۈلكى ئۇنىڭ ئىلكىدە بولمايدۇ. كۈچ ئىگىسى مۇرتەد بولۇپ كەتكەن بولسا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى داۋاملىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مال ئىگىدارچىلىق سالاھىيىتى يەنىلا مەۋجۇد بولغان بولىدۇ.(6) پەقەت ھارام نەرسىلەردە ياكى ھارام تىجارەت قىلىشى جەھەتتىنلا پۇل ئىگىسىنىڭ ئۇنى نازارەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما، «مۇسۇلمان بىلەن كافىر ئوتتۇرىسىدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بولمايدۇ» دېگەن قاراشقا ئاساسەن بولۇپ قالسا، كۈچ ئىگىسى مۇرتەد بولۇپ دىندىن يېنىپ كەتسە، پۇل – كۈچ كېلىشىمى ئاياغلىشىدۇ.

5. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسى كۈچ ئىگىسىنىڭ قولىدا يوقاپ كەتسە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئاياغلىشىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئامانەتتۇر. ئامانەت يوقاپ كەتكەندىن كېيىن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلالمايدۇ. شۇنداقلا كۈچ ئىگىسى دەسمايىنى باشقا بىرىگە بېرىۋەتسە، ياكى خەجلىۋەتسە، ياكى يەۋالسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرنەرسە سېتىۋالالمايدىغان بولغاچقا، پۇل – كۈچ كېلىشىمى ئاياغلاشقان بولىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق. ئەمما، پۇلنىڭ بىر قىسمى تېخى پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى باشلىماستىنلا يوقاپ كەتسىچۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا، قالغان پۇل بىلەن پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە تىجارەت قىلىۋەرسە بولىدۇ. لېكىن، دەسلەپتە بەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسى ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئالىملار قالغان پۇللار پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان.

ئەلبەتتە، پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن سەرمايىنىڭ بىر قىسمى يوقاپ كەتسە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. زىيان پايدىدىن تولۇقلىنىپ، كېلىشىپ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا پۇل – كۈچ كېلىشىمى ئاياغلاشسا، دەسمايىنىڭ ياكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ پۇلى باشقىلاردا قەرز بولسا ۋە كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن پايدا ئالغان بولسا، بۇ قەرزلەرنى ئۇ يىغىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئىشلىگۈچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش ھەققى شۇ قەرزنى يىغقاندىلا قولىغا تېگىدۇ ھەمدە قەرزنى يىغمىسا ئۇنىڭ ئىشى تولۇق پۈتمىگەن بولىدۇ. پايدا ئالمىغان بولسا يىغىپ بېرىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، ئۇ بۇنداق ئەھۋالدا، بىكارغا ئىش قىلىپ بەرگەن ئادەم ھېسابىدا بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، قەرزنى يىغىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. پەقەتلا قەرز تاپشۇرىدىغانلارنى پۇل ئىگىسىگە تونۇشتۇرۇپ قويۇشى ۋە «پۇلنى مۇشۇ كىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار» دەپ قويۇشى كېرەك. ھۆججەت ئارقىلىق قەرزنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋاكالىتى چىقىرىپ بېرىش لازىم بولغاندا، ھۆججەت چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا پۇل ئىگىسىنىڭ ھەققى زايە بولۇپ كەتمەيدۇ. ئازغىنە قەرز بولسا يىغىپ بەرگىنى ئەۋزەل، ئەلبەتتە. قەرز يىغىشقا كەتكەن كىرا ياكى باشقا چىقىملار دەسمايىدىن بولىدۇ.

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن زىيان چىققان بولسا، ئالدى بىلەن چىققان پايدىدىن كۆتۈرۈلىدۇ. زىيان پايدىدىن ئارتۇق بولسا ئەسلى دەسمايىدىن كۆتۈرۈلىدۇ، كۈچ ئىگىسى زىياننى كۆتۈرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئامانەت ساقلىغۇچىدۇر. مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي بىپەرۋالىق قىلىپ، زىيانغا سەۋەب بولغان بولسا، زىياننى ئۆزى تۆلەيدۇ(7).

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە مەبلەغنىڭ زاكىتىنى پۇل ئىگىسى بېرەمدۇ ياكى كۈچ ئىگىسىمۇ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە ھېسابنى بوغۇپ، پايدىنى بۆلۈشۈپ بولمىغان ئەھۋالدا، پۇلنىڭ زاكىتىنى پۇل ئىگىسى بېرىدۇ. يەنى ئەسلىي دەسمايە بىلەن ئۇنىڭ پايدىسىغا زاكات بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن بارلىق چىقىملارنى، كۈچ ئىگىسىنىڭ ئالىدىغان پايدىسىنى، ئۇندىن باشقا يەنە باشقىلارغا بېرىشى كېرەك بولغان قەرزلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قالغان پۇلغا %2.5 مىقدارىدا زاكات بېرىدۇ. مەسىلەن، بىرىگە مىڭ دوللار پۇلنى «پايدىنى تەڭ ئالىمىز» دەپ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە بەرگەن بولسا، كېيىن ئۇ پۇل پايدىسى بىلەن ئۈچ مىڭ دوللار بولغان بولسا، پۇل ئىگىسى ئىككى مىڭ دوللارغا زاكات بېرىدۇ.

كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ پۇلىنىڭ ئىگىسى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدۇ. پەقەتلا ئۇ ئالىدىغان پايدا (يالغۇز ھالەتتە ياكى باشقا ماللىرى بىلەن) زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، پايدا قولىغا كىرىپ بىر يىل ئۆتكەندە %2.5 مىقدارىدا زاكات بېرىدۇ. چۈنكى، قولىغا تەگمىسە ئۇنىڭدا تولۇق ئىگىدارچىلىقى بولمىغان بولىدۇ ھەمدە ئۇنداق چاغدا زىيان چىقسا، زىيان پۇل ئىگىسىگە بولىدۇ. ھېسابلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مال مەلۇم بولغاچقا، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ.

پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە ھېسابنى بوغۇپ، پايدىنى بۆلۈشۈپ بولغان ئەھۋالدا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىگە تەۋە بولغان پۇلغا زاكات بېرىدۇ(8).

كۈچ ئىگىسى دەسمايىنى ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ دەسمايىسىغا ئارىلاشتۇرسا بولامدۇ؟

شۇ يۇرتتىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىتىدە كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىنى ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ دەسمايىسىگە ئارىلاشتۇرىدىغان ئادەت بولسا، بۇ جائىز بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسىنىڭ بۇ خۇسۇستا ئايرىم رۇخسىتى بولۇشى كېرەك ئەمەس. ئەمما، تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىتىدە ئارىلاشتۇرمايدىغان ئادەت بولسا، پۇل ئىگىسى ئارىلاشتۇرۇشقا ئايرىم رۇخسەت قىلىشى كېرەك. ياكى «ئۆزىڭىز خاھلىغىنىڭىزچە بىر تەرەپ قىلىڭ» دېگەندەك ئومۇميۈزلۈك رۇخسەت بەرسە بولىدۇ. بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. يەنە بەزىلەر ئارىلاشتۇرسا بولمايدۇ، دەپمۇ قارىغان(9).

پۇل ئىگىسى كۈچ ئىگىسىگە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مېلىدىن تاشقىرى يەنە ئايرىم مېلىنى تۇتقۇزۇپ، «بۇنى مەن ئۈچۈن سېتىپ قويۇڭ» دېسە بولامدۇ؟

كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىدىكى دوستلۇق ياكى بۇرادەرچىلىك ئۈچۈن قىلىپ قويىدىغان ئىش بولغاچقا، مەيلى دېيىلىدۇ. لېكىن، كېلىشىمدە «مېنىڭ ماۋۇ مېلىمنىمۇ سېتىپ قويۇشىڭىز شەرت» دەپ شەرت قىلغان بولسا، بۇ شەرت بىكار بولىدۇ، پۇل – كۈچ كېلىشىمىمۇ توغرا بولۇۋېرىدۇ(10).

پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە چىققان پايدىنى بۆلۈشكەندىن كېيىن، دەسمايىنى قايتۇرۇپ ئالمايلا يېڭىدىن پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلغان ئەھۋالدا، كېيىن چىققان زىيان قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە تىجارەت قىلغاندىن كېيىن بارلىق ھېساب بوغۇلۇپ، پۇل نەقلەشكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ پايدىنى پۈتۈشكەن بويىچە ئالسا، ئاندىن پۇل ئىگىسى ئەسلى دەسمايىنى قولىغا قايتۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ، يەنە پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا كېيىن زىيان چىقسا، بۇ زىيان دەسمايىگە بولىدۇ – دە، بۇ زىياننى پەقەتلا پۇل ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، كۈچ ئىگىسى ئالمايدۇ. چۈنكى، بۇ يېڭى بىر كېلىشىم ھېسابىدا بولىدۇ. پۇل – كۈچ كېلىشىمى تېخى ئاياغلاشماي تۇرۇپ، چىققان پايدىنى بۆلۈشۈۋالغان بولسا، ئاندىن زىيان چىقسا، ئۇلار ئالغان پايدا دەسمايىگە قايتۇرۇلىدۇ. دەسمايە تولۇقلىنىپ پايدا ئۇنىڭدىن ئاشقان ئەھۋالدا، ئاندىن ئۇ پايدىنى ئىككىيلەن بۆلۈشۈۋالسا بولىدۇ. دەسمايە تولۇقلانمىسا، كۈچ ئىگىسى بۇ زىياننى تۆلىمەيدۇ(11).

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە پايدىنىڭ بىر قىسمىنى ئۈچىنچى بىر شەخسكە بېرىشكە پۈتۈشسە بولامدۇ؟

بەزى ئالىملار بۇنداق قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىغان، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز نېسىۋىسىدىن بىر قىسمىنى كېلىشىمنىڭ سىرتىدىكى باشقا بىر شەخس ياكى ئورۇنغا بېرىۋېتىشكە پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلار بۇنداق قىلىشقا تولۇق ھەقلىقتۇر ھەمدە بۇنىڭدا سەدىقە – ئېھسان ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ساخاۋەت يولىنى كەڭ ئېچىۋېتىش بار. چۈنكى، خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى، دارىلئېتام، مەكتەپ ۋە مۇساپىرلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە ياكى قىيىنچىلىقى بار مەلۇم بىر شەخس ياكى مىسكىنلەردىن خەبەر ئالىدىغان ئورۇن قاتارلىق ياردەمگە موھتاج جايلارغا ياردەم قىلىشقا پۈتۈشۈپ، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن چىققان پايدىنىڭ بىر قىسمىنى بېرىدىغانغا پۈتۈشۈپ كېلىشىم تۈزسە، بۇ مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق،ھەم ئۆزلىرىگىمۇ خەيرلىك ئىش قىلغان بولىدۇ(12).

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە دەسمايىگە كېپىل بولغان كىشى پايدىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىشنى شەرت قىلسا بولامدۇ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە كۈچ ئىگىسى ئامانەت ساقلىغۇچىدۇر. ئۇنىڭدىن سەھۋەنلىك ئۆتمەستىن تەبىئىي ئاپەت ياكى بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچراشتەك باشتا بىرەر كېلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئامانەت زايە بولسا، ئۇ زىياننى تۆلىمەيدۇ. ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىقى ياكى ياخشى خەبەر ئالمىغانلىقى سەۋەبىدىن زايە بولۇپ كەتسە، زىياننى تۆلەيدۇ.

پۇل ئىگىسى بىرىنچى تۈردىكى زىيانغا (سەھۋەنلىكسىز زايە بولۇشتىن كېلىدىغان زىيانغا) كېپىل تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى زىيانغا (بىپەرۋالىقتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانغا) كېپىل تەلەپ قىلسا بولىدۇ(13).

ئەمما، كېپىل بولۇش دېگەن بەدەلسىز ھالەتتە پىداكارلىق قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىش ھەققى ئېلىشقا ياكى پايدىنىڭ بىر قىسمىنى شەرت قىلىشقا بولمايدۇ.

يېتىم بالىدىن خەبەر ئالىدىغان كىشى يېتىمنىڭ پۇلىدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلسا بولامدۇ؟

بەزى ئالىملار: «ئۆزىگە ئادەتتىن يۇقىرى مىقداردا پايدا بەلگىلىۋالماي ئەل قاتارى پايدا بەلگىلىسە جائىز بولىدۇ» دېگەن. يەنە بەزى ئالىملار كىشىلەر ئىشەنچسىزلىشىپ كەتكەچكە، بۇنداق قىلىش مۇتلەق جائىز بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

پۇل ئىگىسىنىڭ كۈچ چىقارغۇچىنى مالنى سېتىشقا زورلاش ھەققى بارمۇ؟

مالدا پايدا چىققان بولسا سېتىشقا مەجبۇرلاش ھەققى بار. كۈچ ئىگىسى ئانا دەسمايە پۇلنى (پايدا چىققان بولسا نېسىۋىسى بىلەن) پۇل ئىگىسىگە تاپشۇرۇۋەتسىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھېسابىغا قالغان مالنى ساتماي، ساقلاش ئىختىيارى بولىدۇ. پايدا چىقمىغان بولسا كۈچ ئىگىسىنى سېتىشقا زورلاش ھەققى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسى پۇل ئىگىسىگە ئانا پۇلنى ياكى ئانا پۇل ئورنىغا مالنى بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

پۇل ئىگىسى كۈچ چىقارغۇچىدىن بىرەر كېپىل تېپىشنى تەلەپ قىلىشى جائىز بولامدۇ ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە پۇل ئىگىسى كۈچ چىقارغۇچىدىن بىرەر كېپىل تېپىشنى شەرت قىلىشى جائىزدۇر(14).

زىياننىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى كۈچ چىقارغۇچى مەن كۆتۈرەي، دەپ تۇرۇۋالسا پۇل – كۈچ كېلىشىمى جائىز بولامدۇ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلغاندا، ئۇنداق شەرت قىلىش ياكى تەكلىپ بېرىش توغرا ئەمەس، ئىناۋەتسىزدۇر. ئەمما، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، زىيان چىقىپ بولغان چاغدا، زىياننىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى كۈچ چىقارغۇچى مەن كۆتۈرەي، دەپ تۇرۇۋالسا جائىز بولىدۇ. بۇنىڭدا بىرەر چەكلىمە ياكى باشقا چاتاق يوقتۇر. چۈنكى، بۇ شەرئىي جەھەتتىن توختامنى ئۆزگەرتمەي، ئۆز ھەققىنى باشقىلارغا خاھلىغانچە بېرىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا، بىخەستەلىك ياكى قەستەن بىپەرۋالىق قىلغان بولمىسىلا، زىيان چىققان ئەھۋالدا، شەرئىي قائىدە بويىچە زىياننىڭ ھەممىنى پۇل ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما، دەۋا ئاچماستىن ياكى زىياننى تۆلەيسەن، دەپ تۇرۇۋالمىغان ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسى ئۆزلۈكىدىن پىداكارلىق قىلىپ: «زىياننىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى تۆلەيمەن» دەپ قالسا، تۆلىسە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تاشقى كۆرۈنۈشتە بىخەستەلىك ياكى سەھۋەنلىك كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىدە بىرەر كەمچىللىك بار، دەپ ئويلىغانلىقتىن شۇنداق قىلىدۇ. بۇ «ھەركىم ئۆز مېلىدا ئەركىن تەسەررۇپ قىلالايدۇ» دېگەن شەرئىي قائىدىگە چۈشىدۇ.

بۇ كەڭچىلىكنى ھىيلە ئىشلىتىپ، توختاملاشقاندا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، پۇل ئىگىسى توختاملاشقاندا زىياننى تۆلەشكە ۋەدە قىلغان بولسۇن ياكى قىلمىغان بولمىسۇن، كېيىن زىيان چىققاندا تۆلەش ياكى تۆلىمەسلىك ئۆزىنىڭ مەرھەمىتىدۇر، تۆلەش مەجبۇرىيىتى يوقتۇر(15).

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر

كۈچ ئىگىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، قالدۇرغان مال – مۈلكىنىڭ ئىچىدە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۈچۈن ئاجراتقان مال ئېنىق بولمىسا، پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى پۇلى ئۇ قالدۇرغان مال – مۈلۈكتىن قەرز ھېسابىدا چىقىرىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ نامەلۇم بولغاچقا، ئىشلىتىۋەتكەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

كۈچ ئىگىسى باجگىر ياكى بازار باشقۇرۇشتىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلماسلىقى ئۈچۈن بىرنەرسە بەرگەن بولسا، بۇ چىقىم پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ پۇلىدىن چىقىرىلىدۇ.

كۈچ ئىگىسى قەرزگە بوغۇلغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن ۋە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە تەۋە مال قالدۇرۇپ كەتكەن ئەھۋالدا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە بەرگەن پۇلنىڭ مىقدارى ئېنىق بولسا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مېلى بىلەن بەلگىلەنگەن پايدىنى پۇل ئىگىسى ئالسا بولىدۇ. كۈچ ئىگىسىنىڭ پايدىسى قەرزگە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ.

كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مېلىدىن ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالسا بولىدۇ. لېكىن، ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالغان ئەھۋالدا باشقىلارغا ساتقان باھادا ھېسابلىشى كېرەك. شۇنداقلا پۇل ئىگىسىمۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مېلىدىن بازار نەرخى بويىچە سېتىۋالسا بولىدۇ(16).

بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى «مەلۇم مىقداردىكى پۇلغا خىيانەت قىلدى» دەپ تۇرۇۋالغان ئەھۋالدا، قارىلانغۇچى قەسەم قىلىپ بەرسە، دەۋادا ئاقلانغان بولىدۇ. قەسەم قىلماي تۇرۇۋالسا، خىيانەت قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ(17).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

ھ. 1425، 11 – رەجەب / م. 2004، 26 – ئاۋغۇست

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

————————
1. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/106؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/8864، 865؛ ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/48.
2. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 4/491؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/85، 86.
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/109؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»،5/70؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/241؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 4/492؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/869 – 872؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/86 – 88.
4. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»؛ «ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»؛ يۇقىرىقى بەتلەر؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/81.
5. شەيخ سەييىد سابىق: «فىقھۇسۈننە»، 3/331 – 332؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/80.
6. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 4/329؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، يۇقىرىقى بەتلەر؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/179؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/80 – 81.
7. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»؛ يۇقىرىقى بەتلەر. دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/872 – 874؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/82.
8. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»؛ يۇقىرىقى بەتلەر. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/37؛ ئىبنۇلقاسىم: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 4/53؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 2/799.
9. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 4/293؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»؛ يۇقىرىقى بەت. «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 5/367؛ ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/51.
10. ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ». يۇقىرىقى بەتلەر.
11. ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/51؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/82 – 83.
12. بۇ مالىكىي مەزھەبىنىڭ قارىشىدۇر. ھەنەفىي مەزھەبىدە كېلىشىم توغرا بولىدۇ، ئەمما شەرت باتىل. شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرىدە بولسا بۇ كېلىشىم توغرا بولمايدۇ. قاراڭ: ئەكمەلۇددىن بابەرتىي: «ئەلئىنايە»، ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»؛ دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي».
13. ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/52.
14. «ندوة البركة الأولى»، الفتوى رقم 59.
15. «المستشار الشرعي لمجموعة البركة»، الجزء 1، الفتوى رقم 44.
16. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، يۇقىرىقى بەتلەر.
17. شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/92 – 94.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ