سەدىقە فىتىر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

سەدىقە فىتىرنىڭ ئېنىقلىمىسى

سەدىقە فىتىرنىڭ لۇغەت مەنىسى: ئېغىز ئېچىش سەدىقىسى ياكى بەدەن سەدىقىسى.

ئىستىلاھتا: مۇسۇلمانلار روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ، ئېغىز ئاچقاندا پېقىرلارغا بېرىشى ۋاجىپ بولغان سەدىقە.

بۇ سەدىقە ھەر كىشى بېشىغا ۋاجىپ بولغانلىقى ئۈچۈن «كىشى بېشىغا ۋاجىپ بولىدىغان زاكات» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇنى ھەدىستە كەلگەن بويىچە بىر خىل زاكات دەپ ئاتىغاندا، «رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ ئېغىز ئاچقاندا، رامىزاندا سادىر بولغان بەزى گۇناھلارنى پاكلىغۇچى، روزىنىڭ كەم قالغان نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغۇچى زاكات» دېگەن مەنىدە بولىدۇ. چۈنكى، زاكات دېگەن سۆز پاكلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن، پۇل – مال ۋە باشقا ئىقتىسادقا مۇئەييەن ئۆلچەم بىلەن بېرىلىدىغان زاكات بىلەن بۇ زاكاتنىڭ كۆپ پەرقلىرى بار.

سەدىقە فىتىرنىڭ پايدىسى

سەدىقە فىتىر رامىزان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل – ھاقارەتكە ئوخشاش بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ. مەسىلەن، روزا تۇتقان كىشى غەيۋەت قىلىش، تىللاش، نامەھرەملەرگە قاراپ سېلىش ياكى بەزىبىر نالايىق ئىشلارنى بىلىپ – بىلمەي سادىر قىلىپ قالىدۇ. سەدىقە فىتىر بولسا تەۋبە، زىكىر، ئىستىغپار ۋە نەپلە ناماز قاتارلىق باشقا ياخشى ئەمەللەرگە قېتىلىپ، روزا تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا كەفارەت بولۇپ، ئۇلارنى يۇيۇۋېتىدۇ، كەم يەرلىرىنى تولۇقلىۋېتىدۇ.

يەنە رامىزاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ – يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن ياردەم قىلىپ، رامىزاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ. رامىزاندا روزا ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئادا قىلىشقا، باشقىلارنى ئىپتارلىتىۋېلىش ۋە مال زاكاتلىرىنى ئادا قىلىشتەك ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئىزھار قىلىش بۇ سەدىقىنىڭ پەرز بولۇشىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

شۇڭا، كىمكى رامىزاندا روزا تۇتۇپ بۇ سەدىقىنى بەرمەيدىكەن، روزا تۇتۇش ئىبادىتىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولمىغان ياكى ئۇنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنىڭ شۈكرانىسىنى بەرمىگەن بولىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، نامراتلار بۇ سەدىقىنى ئېلىپ ھېيت – ئايەمنى موھتاجلىق ھېس قىلماي خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يىلدا بىرەر كۈن بولسىمۇ نامراتلارنى تىلەش خارلىقىدىن قۇتۇلدۇرغان بولىدۇ.

دېمەك، سەدىقە فىتىر ئىككى تەرەپكە پايدىسى يېتىدىغان ئىبادەتتۇر. بىرى، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆزى. يەنە بىرى، نامراتلار. نەتىجىدە، جەمئىيەتتىكى بارلىق تەبىقە ۋە قاتلاملار ھېيت كۈنلىرىنى ھەقىقىي شاد – خۇراملىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە گەپ – سۆز تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشى ۋە يوقسۇللارغا ئوزۇق – تۈلۈك بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلدى. كىمكى فىتىر زاكىتىنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بەرسە، ئۇ مەقبۇل زاكات ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھېيت نامىزىدىن كېيىن بەرسە، سەدىقىلەردىن بىرى قاتارىدا بولىدۇ»(1).

سەدىقە فىتىرنىڭ ھۆكمى

بۇ سەدىقىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى، شۇنداقلا سەھىھ ھەدىسلەر ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجماسى ئىسپاتلىغان.

ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئەبۇل ئالىيە: ﴿پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى﴾ دېگەن ئايەتنى(2) «سەدىقە فىتىرنى بېرىپ، ئاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇدى» دەپ تەپسىر قىلغان(3).

لېكىن، ئۇلاردىن باشقا بارلىق ئالىملار «بۇ سەدىقە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن ۋاجىپ بولغان» دېگەن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇل بولسۇن، ھۆر بولسۇن، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ھەربىر مۇسۇلمانغا خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا(4) سەدىقە فىتىر بېرىشنى ۋاجىپ قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىۋېتىشكە بۇيرۇغان»(5).

شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقىنىڭ پەرزلىكىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلگەندۇر.

سەدىقە فىتىر قاچان پەرز قىلىنغان؟

سەدىقە فىتىر ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان روزىسىنى تۇتۇش پەرز قىلىنىش بىلەن بىللە ۋاجىپ قىلىنغاندۇر.

سەدىقە فىتىرنى بېرىش قانداق كىشىگە ۋاجىپ بولىدۇ؟

بۇ سەدىقە ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولۇپ، ھەنەفىي مەزھىپىدە، «بۇ سەدىقىنى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن باي كىشىلا بېرىدۇ، كەمبەغەل بەرمەيدۇ. چۈنكى، زاكات بېرىش بىلەن ئېلىش بىر كىشىدە جەم بولمايدۇ» دېيلىدۇ.

باشقا مەزھەپلەر سەدىقە فىتىر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان بولسا، بۇ سەدىقىنى بېرىشى ۋاجىپ، دەپ قارىغان(6).

بۇ قاراشقا ئاساسەن، نامرات كىشىلەرمۇ سەدىقە فىتىرنى بېرىدۇ ھەم باشقىلاردىن ئالىدۇ. يەنى، نامرات كىشى سەدىقە فىتىرنى ئېلىپ، قولىدا سەدىقە فىتىر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ۋە باشقا زۆرۈر ئېھتىياجى قامدالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭمۇ فىتىر سەدىقە بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

«سەدىقە ئېلىپ، ئارقىدىنلا يەنە بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟» دېگەندە، ئۇنى مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ: گەرچە يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامرات كىشىلەرمۇ ئۆزىنى بايلارغا ئوخشاش باشقىلارغا بېرەلەيدىغان ھېس قىلىشى، باشقىلارغا سەدىقە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھۇزۇردىن بەھرىمەن بولۇشى، داۋاملىق ئېلىشقىلا كۆنمەي بېرىشكىمۇ كۆنۈشى، باياشات چاغدىلا بېرىدىغان ئەمەس، بەلكى نامرات چاغدىمۇ بېرەلەيدىغانغا چېنىقتۇرۇلۇشى ئۈچۈندۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەربىر ھايات ئىنسان ئۈچۈن بېرىلىدىغان سەدىقىدۇر. شۇڭا، ھېيت نامىزىغا ئون مىنۇت قالغاندا تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بۇ سەدىقىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

سەدىقە فىتىرنى قايسى كىشىلەرگە بەرسە بولىدۇ؟

سەدىقە فىتىرنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بەرسە بولىدۇ.

سەدىقە فىتىرنى ئۆزىدىن باشقا يەنە كىملەر ئۈچۈن بېرىدۇ؟

بۇ سەدىقىنى ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى، ئايالى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالا – چاقىلىرى ئۈچۈن، ھەربىرىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ. يەنە ئۇلاردىن باشقا ئۆزى بېقىۋاتقان ئاتا – ئانىسى، تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشىسى ئۈچۈنمۇ بېرىدۇ. ھېيت نامىزىغا قەدەر تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ. قورساقتىكى بالا ئۈچۈن بەرمەيدۇ.

سەدىقە فىتىرنى بېرىش ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقىت

سەدىقە فىتىر رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ۋاجىپ بولىدۇ. ۋاجىپ بولغاندىن كېيىن تاكى ھېيت نامىزى ئوقۇغانغا قەدەر بەرسە بولىدۇ. ھېيت نامىزىدىن كېيىنگە كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا گۇناھكار بولىدۇ. بۇ زاكات نامراتلارنىڭ ھەققى بولغاچقا، تاكى بەرمىگۈچە قەرز ھېسابىدا بوينىدىن ساقىت بولمايدۇ.

سەدىقە فىتىرنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەپ، ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسىمۇ بولىدۇ. ساھابىلەرنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن. ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلىشىچە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار (ساھابىلەر) سەدىقە فىتىرنى ھېيت كۈنىدىن بىر – ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرىشەتتى»(7).

 يەنە بەزىلەر: «رامىزان ئىچىدە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىنىڭ رامىزان ئىچىدە پۇرسەت تېپىپ بېرىۋېتىشى ئەۋزەل.

 سەدىقە فىتىرنى بېرىش ۋاجىپ بولىدىغان جاي

كىشى قەيەردە تۇرغان بولسا، سەدىقە فىتىرنى شۇ يەردىكى نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئەمما، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقا جايدىكى نامراتلارغا بەرسىمۇ ھەم بولىدۇ. مەسىلەن، بىرسى ئىچكىرىدە ياكى چەتئەلدە تۇرىدىغان بولسا، تۇرغان ئورۇندا نامرات مۇسۇلمان يوق بولۇپ، باشقا يۇرتلاردا نامرات مۇسۇلمانلار بار بولسا ياكى نامرات تۇغقانلىرى بولسا، شۇلارغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

ئۆزى بىر يۇرتتا، بالىلىرى باشقا جايدا بولسا، بالىلىرى ئۈچۈن سەدىقە فىتىرنى ئۆزى تۇرغان جايدا بەرسىمۇ بولىدۇ، بالىلىرى بار يۇرتتا بەرسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، سەدىقە فىتىر، تۈرلۈك كەفارەتلەر، فىدىيە، نەزىر ۋە ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ پۇللىرىنى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئېنىق بىر كۆرسەتمە يوق. بەزى ئالىملارنىڭ: «سەدىقە فىتىردە بەرگۈچى تۇرغان جاينىڭ، كەفارەتتە ئەۋەتىلىدىغان جاينىڭ باھاسى بويىچە بېرىدۇ» دېگەندەك بايانلىرى ئۇچرىسا، يەنە بەزى ئالىملارنىڭ: «ھەر ئىككىلىسىدە بەرگۈچى تۇرغان جاينىڭ باھاسى بويىچە بېرىدۇ» دېگەندەك بايانلىرى ئۇچرايدۇ(8).

مېنىڭچە، قايسى جايدا باھا يۇقىرى بولسا، شۇ جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرگىنى تۈزۈك. چۈنكى، باھا ئەرزان جايدا تۇرغان كىشى پۇلنى باھا قىممەت جايلارغا ئەۋەتسە، ئۇ پۇلغا پېقىرغا بەرمەكچى بولغان تاماق ياكى كىيىم – كېچەك كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ جايدا شۇ پۇلغا شۇ نەرسە كېلىدىغان بولسا، ئەرزان باھا بويىچە ئەۋەتسە جائىز.

مەسىلەن، بىر كىشى ياۋروپادا تۇرۇپ سەدىقە فىتىر بەرمەكچى بولسا، ياۋروپادا بىر كىشىلىك سەدىقە فىتىر ئون ياۋرو بولسا، تۈركىيەدە بەش ياۋروغا سەدىقە فىتىر كېلىدىغان بولسا، ئون ياۋرو ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. بەش ياۋرو ئەۋەتسىمۇ جائىز. ئەمما، تۈركىيەدە تۇرۇپ ياۋروپاغا بەش ياۋرو ئەۋەتسە جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ياۋروپادا ئۇ باھادا تاماق بېرەلمەيدۇ.

ۋەتەندىكى تۇغقانلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويۇش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ياۋرۇپادا ياشايمەن. ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم ۋەتەندە. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە پىتىر سەدىقىسى بېرىش ھەتتا روزا تۇتۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە پىتىر بەرسەم بولامدۇ؟ ئۇلار ھەم مېنىڭ بېرىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ. ئەگەر بېرىشىم دۇرۇس بولسا، ئۇلار ئۈچۈن قايسى دۆلەتتىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىمەن، ۋەتەندىكى ئۆلچەم بويىچىمۇ ياكى ياۋروپادىكى تۇرۇۋاتقان يېرىمنىڭ ئۆلچىمى بويىچىمۇ ياكى مەن ئەۋەتمەكچى بولغان دۆلەتتىكى ئۆلچەم بويىچىمۇ؟ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان ئائىلىسى ئۈچۈن ھەربىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن سەدىقە پىتىر بېرىشى ۋاجىپتۇر.

ئەگەر ۋەتەندىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىز ئارىسىدا خوتۇنىڭىز، ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادى بولمىغان بالىچاقىڭىز، قاتارلىقلارغا ئوخشاش بېقىپ خىراجىتىنى قىلىپ بېرىشىڭىز ۋاجىپ بولغانلار بولسا، شۇنداقلا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بولماي، ئۇلارنى بېقىشىڭىز سىزگە ۋاجىپ بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە پىتىر بېرىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانا ۋە بالىچاقىلارنىڭ خىراجىتى نەپىقە مەسىلىسىدە بايان قىلىنغان شەرتلىرى بويىچە ۋاجىپ بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭمۇ سەدىقە پىتىرىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. خىراجىتىنى قىلىش ۋاجىپ بولمىغان ئەھۋالدا، سەدىقە پىتىرىنى بېرىش ۋاجىپ بولمايدۇ».(9)

ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ سەدىقە پىتىرىنى بېرىش ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ۋاجىپ، سىزگە ۋاجىپ ئەمەس. قولىدا ئىقتىسادى بار قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ سەدىقە پىتىرىنى بېرىشمۇ سىزگە ۋاجىپ ئەمەس.

لېكىن سەدىقە پىتىرىنى بېرىش سىزگە ۋاجىپ بولمىغان تۇغقانلىرىڭىز سىزگە سەدىقە پىتىرنى ئۇلار ئۈچۈن يېنىڭىزدىن بېرىپ قويۇشنى تاپىلىغان بولسا، سىز بەرسىڭىز ئەلۋەتتە ئادا بولىدۇ.

بېرىشنى تاپىلىمىغان ياكى بېرىشتە سىزنى ۋەكىل قىلمىغان ئەھۋالدا، ئۇلار ئۈچۈن سىز بېرىپ قويسىڭىز، ئادا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ بىر ئىبادەت، ئىبادەت ئۈچۈن نىيەت بولۇشى كېرەك.

بۇ ئەھۋالدا ئىككى يول بار:

بىرى، ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بېرىپ قويغىنىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ رازى بولسا، ئەلۋەتتە بولىدۇ.

يەنە بىرى، ئۇلار ھازىر سەدىقە پىتىرنى زۇلۇم ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بېرەلمەيدىغان بولسا، ۋاقتىدا ئادا قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايدۇ، كېيىن بېرەلەيدىغان بولغاندا قازاسىنى قىلىپ بېرىدۇ.

سەدىقە پىتىرنى بېرىلىدىغان جاي باھاسى بويىچە بەرسىڭىز بولىدۇ. يۇقىرى باھادا بېرىش ئەۋزەل.

سەدىقە فىتىرنىڭ مىقدارى

ھەنەفىي مەزھىپىدە ھەربىر كىشى بۇغداي ياكى بۇغداي ئۇنىدىن 1625 گىرام بېرىدۇ، ئارپا، خورما ياكى يېمىشتىن 3250 گىرام بېرىدۇ. سەدىقە فىتىر ئۈچۈن نەق پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، بەلكى نەق پۇل بېرىش تېخىمۇ ياخشىراق. چۈنكى، كەمبەغەللەر نەق پۇل ئارقىلىق ھەرقانداق ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. نەق پۇل بەرمەكچى بولغاندا ئاشۇ مىقداردىكى ئوزۇقنىڭ شۇ كۈندىكى بازار باھاسى بويىچە بېرىدۇ.

ئەمما، باشقا مەزھەپلەردە بولسا نەق پۇل بېرىشكە بولمايدۇ، شۇ يۇرتنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقلىرىدىن 2040 گىرام مىقدارىدا بېرىدۇ.

ئەلۋەتتە، ھازىرقى زاماندا ھەنەفىي مەزھەپ قارىشى بويىچە نەق پۇل بېرىش مۇۋاپىقراق. چۈنكى، نامرات كىشىلەر نەق پۇلنى ئېلىپ، لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇغداي ئۇنى ياكى گۈرۈچنىڭ بىر كىلوسى ئۈچ سوم بولسا، ھەنەفىي مەزھەپنىڭ قارىشى بويىچە بىر كىشى ئۈچۈن بەش سوم، باشقا مەزھەپلەرگە كۆرە ئالتە سوم ئەتراپىدا بەرسە بولىدۇ. ئەمما، ئاچارچىلىق ياكى ئاشلىق قىس چاغلاردا ئاشلىقنىڭ ئۆزىنى بېرىش ئەۋزەل بولىدۇ.

پۇل بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەن چاغدا، ئۇ يەمەنلىكلەرگە: «ماڭا قوناق ۋە ئارپىنىڭ ئورنىغا رەخت ۋە كىيىم ئەكېلىڭلار، چۈنكى بۇ ھەم سىلەرگە قولاي ھەم مەدىنىدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارغا ئەڭ مۇناسىپ» دېگەن(10) ۋە ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئەيىبلىمىگەن. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلام شەرىئىتىنى، جۈملىدىن ھالال ۋە ھارامنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ساھابىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەمەنگە ۋالىيلىققا تەيىنلىگەن. يۇقىرىقى سۆزىنى ئۇ زاكات يىغقاندا ئېيتقان. يەمەن شۇ ۋاقىتتا رەخت ۋە كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىدى. شۇڭا، يەمەنلىكلەر ئۈچۈن زاكاتقا رەخت ۋە كىيىم – كېچەك بېرىش ئەڭ قولاي ئىدى، مەدىنىدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ يوقسۇللىرىنىڭ بولسا رەخت ۋە كىيىم – كېچەككە بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. چۈنكى، مەدىنىدە كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىلمايتتى. بۇ ھەدىس يىللىق زاكات توغرىسىدا كەلگەن بولسىمۇ، سەدىقە فىتىرمۇ بىر خىل زاكات بولغاچقا، بۇ ھەقتە يېتەرلىك دەلىل بولىدۇ. ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرىمۇ سەدىقە فىتىرنى پۇل ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئاشۇ ھەدىسنى ۋە باشقا بىرنەچچە سەھىھ ھەدىسنى «سەھىھۇل بۇخارىي»دا كەلتۈرگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ چاغدا كىشىلەرگە قولاي بولغان ئاشلىق تۈرلىرىنى تىلغا ئالغان، «ئۇنىڭدىن باشقىنى بەرسەڭ بولمايدۇ» دېمىگەن، ساھابىلەرمۇ ئۇنداق دېمىگەن. ھەدىسلەردە مەلۇم تۈردىكى ئاشلىقتىن بىرنەچچىنى سانىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق ساھابىلەر ئارپا ۋە خورمىنىڭ ئورنىغا بۇغداي ھېسابلاپ بەرگەن. بۇمۇ قىممىتىنى ھېسابلاپ بېرىشتىن ئىبارەت.

خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بەسرەدىكى ۋالىيسىغا: «دۆلەت مائاشىدىكىلەرنىڭ مائاشلىرىدىن ھەربىر كىشى ئۈچۈن يېرىم تەڭگە سەدىقە فىتىر ئېلىنىدۇ» دەپ ھۆججەت چۈشۈرگەن.(11) ھەسەن بەسرىيمۇ: «سەدىقە فىتىرگە تەڭگە بەرسىمۇ بولىدۇ» دېگەن(12).

شەرىئەتنىڭ روھى ۋە مەقسىتىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، زاكات بېرىشتىن بولغان مەقسەتنىڭ كەمبەغەللەرنىڭ ھەققى قىلىپ بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىكى پۇل – مالنى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق چەكلىك دائىرىدە بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز. بۇ مەقسەت تەڭ قىممىتىنى بېرىشتىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ. بەلكى تېخى تەڭ قىممىتىنى بېرىش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىشىغا بەكرەك مۇناسىپ كېلىشى مۇمكىن. ھەدىستە بۇ مەقسەتنى: «ئۇلارنى مۇشۇ كۈندە موھتاج قىلىپ قويماڭلار» دېگەن. ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، چوڭ شەھەرلەردە بۇغداي، گۈرۈچ تارقىتىلغان ئەھۋالدا كەمبەغەل ئۇنى بازاردىكى باھاسىدىن ئەرزان سېتىپ، پۇلغا ئايلاندۇرۇپ خەجلەيدۇ. نەتىجىدە، يا بۇغداينى يەپ پايدىلىنالمايدۇ، يا ئۇنىڭ بازاردىكى باھاسىدىن پايدىلىنالمايدۇ.

 سەدىقە فىتىرنى روزا تۇتمىغان كىشىمۇ بېرەمدۇ؟

رامىزان ۋە سەدىقە فىتىر ئۆز ئالدىغا ئايرىم پەرزلەردۇر. شۇڭا، بىرىنى ئادا قىلالمىغان كىشى يەنە بىرىنى تاشلىماسلىقى كېرەك. بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، سەدىقە فىتىر ئىككى خىل پايدىسى بار ئىبادەت بولغاچقا، روزا تۇتمىغان كىشى رامىزاندىن ئالىدىغان پايدىنى ئالالمىغان بولسىمۇ، نامراتلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئۇلارغا خۇشاللىق بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ ۋاجىپنى تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك.

سەدىقە فىتىرنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بەرسە ياكى بىرقانچە كىشىنىڭكىنى بەكلا موھتاج بىر كىشىگە يىغىپ بەرسە بولامدۇ؟

بىر كىشىنىڭ سەدىقە فىتىرنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بېرىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلسا نامراتلارنى ھېيت كۈنىدە موھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسەت ئادا بولمايدۇ، ئەمما بىرقانچە كىشىنىڭكىنى بەكلا موھتاج بىر كىشىگە يىغىپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، سەدىقە فىتىردىن بولغان مەقسەت ئادا بولىدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا ئوخشاش دەرىجىدىكى ياكى ئېغىرراق باشقا موھتاجلارنى تاشلاپ قويۇپ، ھەممىنى بىر كىشىگە يىغىپ بېرىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. باشقا موھتاجلار بولمىغان ئەھۋالدا يىغىپ بەرسە بولىدۇ.

 

ھىجرىيە 1428 – يىلى، رامىزاننىڭ 23 – كۈنى

مىلادىيە 2007 – يىلى 4 – ئۆكتەبىر

——————————————-
1. «ئەبۇ داۋۇد»، 1609 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
2. «ئەئلا» سۈرىسى، 14، 15 – ئايەت.
3. «تەپسىرى ئىبنى كەسىر»، 4/502.
4. بىر سا ــ 2040 گىرام. يەنە بىر قاراشتا 3250 گىرامغا توغرا كېلىدۇ.
5. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 1503 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 984 – ھەدىس.
6. «تبيين الحقائق»، 1/302؛ «بداية المجتهد»، 1/65.
7. «بۇخارىي»، 1511 – ھەدىس.
8. «نهاية المحتاج»، 8/183؛ «المنح السامية في النوازل الفقهية»، للإمام الوزاني، 1/1 – 4.
9. «المجموع» 6/85.
10. «بۇخارىي»، «تاۋار مالنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىش توغرىسىدا» دېگەن باب.
11. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2/398، 10368، 10369 – نومۇر. شەيخ مۇھەممەد ئەۋۋامە «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
12. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2/398، 10370 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز