ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا دائىر ئەھكاملار(2)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنىڭ مۇئەييەن مۇددىتى بارمۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار: «بىر كۈن ياكى بىرەر سائەت بولسىمۇ خالىغان مۇددەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزىلىرى: «ئون كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن. بۇلار «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى» دېگەن ھەدىسكە تايانغان بولسىمۇ، بۇ پەقەت ئون كۈن ئولتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئولتۇرسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىمۇ ئېتىكاپنى مەلۇم مۇددەت بىلەن چەكلىمىگەن. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾. بۇ ئايەتكە ئاساسەن، بىرەر سائەت بولسىمۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولىدۇ، ئۇنى بىر كۈن ياكى ئون كۈن دەپ چەكلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

بىر ھەدىستە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئونىدا ئېتىكاپقا كىردۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىگىرمىنچى كۈنى ئەتىگەندە چىقىپ، بىزگە خۇتبە سۆزلەپ: ›ماڭا قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن ئىدى، كېيىن ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم. ئۇنى ئاخىرقى ئوننىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار. مەن چۈشۈمدە سۇ بىلەن لاي ئۈستىگە سەجدە قىلغانلىقىمنى كۆرۈپتىمەن. كىمكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئېتىكاپقا كىرگەن بولسا، يەنە ئېتىكاپقا قايتسۇن‹ دەپ بۇيرۇغان»(1).

يەنە بىر ھەدىستە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر رامىزاندا ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى. ۋاپات بولغان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان»(2).

بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ شارائىتىغا بىرەر سائەت، ياكى يېرىم كۈن، ياكى ئىككى ناماز ئارىلىقى دېگەندەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش مۇناسىپ كېلىدۇ. شۇڭا، مەسجىدتىن چىقماي ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولغان مۇددەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نىيەت قىلىپ مەسجىدتە ئولتۇرسا، ئېتىكاپتا ئولتۇرغان بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ مەسجىدىدە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن تۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئېتىكاپتۇر. ئېتىكاپ دېگەن قىسقا مۇددەت بولسۇن، ئۇزۇن مۇددەت بولسۇن، يۇقىرىقى مەقسەتتە مەسجىدتە تۇرسىلا ۋۇجۇتقا چىقىۋېرىدۇ. چۈنكى، قۇرئان ياكى سۈننەت مۇنچە كۈن ياكى مۇنچىلىك ۋاقىت دەپ چەكلىمە قويمىغان. سەلەفلىرىمىزدىن سۈۋەيد ئىبنى غەفلە: «تاھارىتى بىلەن مەسجىدتە ئولتۇرغان كىشى تاھارىتىنى سۇندۇرۇۋەتمەيلا تۇرسا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان بولىدۇ» دېگەن. يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بەزىدە مەسجىدتە بىر سائەتلا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن تۇرىمەن». ئەتا مۇنداق دېگەن: «ئۇ مەسجىدتە تۇرسىلا ئېتىكاپتا تۇرغان بولىدۇ، مەسجىدتە ساۋاب كۆزلەپ ئولتۇرسا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان بولىدۇ، ساۋاب كۆزلىمىسە ئۇنداق بولمايدۇ»(3).

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش رامىزانغا خاسمۇ؟

بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش رامىزان ئېيىغا خاس ئەمەس، بەلكى يىلبويى ھەرقانداق ئايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولۇۋېرىدۇ. يەنى، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش يىلبويى سۈننەتتۇر. ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەۋۋال ئېيىدىمۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغان(4).

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾.(^[5]) بۇ ئايەتمۇ بىرەر ئاينى مۇئەييەن قىلىپ بەلگىلىمىگەن.

لېكىن، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش باشقا ۋاقىتلارغا قارىغاندا ئەۋزەل. چۈنكى، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئادەتتىكى كېچىلەردە مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىن ئەۋزەل بولغان قەدىر كېچىسى باردۇر. شۇڭا، بۇ كېچىنى ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ھالەتتە ئۆتكۈزۈش ئەۋزەل. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان.

 

رامىزاندا ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا قاچاندىن تارتىپ باشلايدۇ؟ قاچان ئېتىكاپتىن چىقىدۇ؟

شەكسىزكى، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش باشقا چاغلاردا ئولتۇرغاندىن ئەۋزەلدۇر. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا يىگىرمىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن مەسجىدكە كىرىپ ئېتىكاپنى باشلايدۇ. رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېتىكاپتىن چىقىدۇ. بۇ كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدۇر. بەزى ئالىملار 21 – كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن باشلايدۇ دەپ قارايدۇ.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش قاچان ۋاجىپ بولىدۇ؟

«مەلۇم مۇددەت ئېتىكاپتا ئولتۇرىمەن» دەپ نەزىر قىلغان بولسا، شۇنچىلىك مۇددەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنداقلا ئۈچ ئۇلۇغ مەسجىدنىڭ بىرىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نەزىر قىلغان بولسا، شۇ مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ. باشقا ئادەتتىكى مەسجىدلەرنىڭ بىرىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نەزىر قىلغان بولسا، قايسىبىر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، ئۈچ مەسجىدنىڭ پەزىلىتى ئالاھىدە پەرقلىقتۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا نەرز قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسۇن. كىمكى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا نەرز قىلغان بولسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمىسۇن»(6).

يەنە بىر ھەدىستە: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ›مەن جاھىلىيەتتە مەسجىدى ھەرەمدە بىر كېچە ئېتىكاپ قىلىشقا نەزىر قىلىغان ئىدىم‹ دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ›نەزىرىڭنى ئادا قىل‹ دېدى» دېيىلگەن(7).

 

بىر ئاي ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نەزىر قىلغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟

مۇئەييەن بىر ئاينى بەلگىلەپ، «مەن پالانى ئايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرىمەن» دەپ نەزىر قىلغان بولسا، شۇ ئايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئۇ ئايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرالماي قالسا قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. قازاسىنى كۈن ئۇلاپ بىر ئاي قىلسىمۇ ياكى بىرەر كۈندىن ئارىلاپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نەزىر قىلىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرالمىغان بولسا، كېيىن ئاينىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى مۆلچەرلىگەن بويىچە ئون كۈن چىقماي توققۇز كۈن چىقىپ قالسا، قازاسىنى قىلغاندا توققۇز كۈن قىلىۋالسا بولىدۇ.

ئىككى كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نەزىر قىلغان بولسا، ئىككى كۈندۈز ئارىلىقىدىكى بىر كېچىدىمۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. بەزى ئالىملار ئىككى كېچە – كۈندۈز ئولتۇرۇشى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ.

 

ئېتىكاپنى بۇزىدىغان ئامىللار

1. جىما قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۆيۈش، قۇچاقلاشتەك مۇقەددىمىلىرى ئېتىكاپنى بۇزىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار!﴾(8).

2. ئېھتىياج بولمىغان ئەھۋالدا مەسجىدتىن سىرتقا چىقسا ئېتىكاپ بۇزۇلىدۇ. ئاياللارمۇ ئۆيىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان جايدا ئېتىكاپ قىلغان بولسا، ئېھتىياج بولمىسىمۇ ئۇ جايدىن چىقسا ئېتىكاپى بۇزۇلىدۇ. زۆرۈر ئېھتىياج بولۇپ سىرتقا چىقسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ.

3. ھەيز ۋە نىپاس ھالىتى ئېتىكاپنى بۇزۇۋېتىدۇ. ھەيز كېلىپ قالسا مەسجىدتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، ھەيزدار مەسجىدتە تۇرسا بولمايدۇ.

4. مەست قىلىدىغان ماددىلارنى ئىستېمال قىلىش ئېتىكاپنى بۇزۇۋېتىدۇ.

«ئېتىكاپ بۇزۇلىدۇ» دېگىنىمىز «بۇرۇنقى ئېتىكاپى توغرا، بۇ ئىشنى قىلىش بىلەن ئېتىكاپ ئۈزۈلدى» دېگەنلىك بولۇپ، كېيىن يېڭىۋاشتىن ئېتىكاپقا كىرسە بولىدۇ.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا قايسى ئىشلار ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا بولىدۇ؟

تاھارەت سۇندۇرۇش ۋە ئېلىش، غۇسلى ۋاجىپ بولغاندا غۇسلى قىلىش، تاماق يېيىش ۋە ئىچىملىك ئىچىش، تۇرغان مەسجىدتىن جۈمە ئوقۇلىدىغان جامەگە بېرىش، ئۆتەر يولدا كېسەلنى يوقلاپ ئۆتۈش، گۇۋاھلىق بېرىش، ئېغىرراق كېسەلدىن داۋالىنىش قاتارلىق ئىشلارغا چىقسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ. ئومۇمەن، سىرتقا چىقمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئىشلار ئۈچۈن چىقسا بولىدۇ.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى مەجبۇرلىنىپ مەسجىدتىن چىقىپ كەتسە ئېتىكاپ بۇزۇلامدۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇغان ھالەتتە مەسجىدتىن سىرتقا چىقىپ كەتسە ياكى مەسجىد باشقۇرغۇچىلار ياكى ساقچىلار تەرىپىدىن مەسجىدتىن چىقىرىۋېتىلسە ئېتىكاپى بۇزۇلمايدۇ. بۇ خۇددى روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىغا مەجبۇرلاپ تۇرۇپ سۇ قۇيسا گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ روزىسى سۇنمىغانغا ئوخشاش.

ئېتىكاپى بۇزۇلمىغان بولغاچقا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا مەسجىدكە قايتىپ ئېتىكاپىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. قايتالمىسا چارە يوق. لېكىن، كېيىن قايتالايدىغان تۇرۇقلۇق مەسجىدكە قايتمىسا ئېتىكاپى توختىغان بولىدۇ.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا تىجارەت ۋە ھۈنەر – كەسىپ قىلىشقا بولامدۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى قورساق ئاچقاندا تاماق سېتىۋېلىشتەك زۆرۈر ئەھۋاللاردىن باشقا ئەھۋالدا ئېلىم – سېتىم، تىجارەت قاتارلىقلارنى قىلسا جائىز بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتە سودا – سېتىق قىلىشتىن توسىغان(9).

 ئېتىكاپتا ئولتۇرمىغان چاغدا مەسجىدتە سودا – سېتىق قىلىش چەكلەنگەن بولغاچقا، ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ. مەيلى ئېلىپ – سېتىلىدىغان تاۋار مەسجىدتە بولسۇن ياكى باشقا جايدا بولسۇن ئوخشاش.

تابىئىنلاردىن ئەتا ئىبنى يەسار دېگەن زات مەسجىدتە بىر نەرسە سېتىۋاتقان بىر كىشىگە: «ھەي نادان! بۇ دېگەن ئاخىرەتنىڭ بازىرى، سودا – سېتىق قىلماقچى بولساڭ دۇنيانىڭ بازىرىغا چىقىپ قىل» دېگەن(10).

ھۈنەر – كەسىپلەردىنمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلغانلىرى چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇمۇ سودا – سېتىققا ئوخشاش پۇل تېپىش كۆزلىنىدىغان ئىش. مەسىلەن، كىيىم تىكىش، موزدۇزلۇق قاتارلىقلار. ئەمما، ئۆزىنىڭ كىيىمى ياكى ئايىغى يىرتىلىپ كەتكەن بولسا تىكىۋالسا، يامىۋالسا بولىدۇ.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا تېلېفۇن ئىشلەتسە بولامدۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى ئۆزىنىڭ زۆرۈر ئىشى ۋە باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن ۋە باشقا ياخشى ئىشلار ئۈچۈن باشقىلارغا تېلېفۇن قىلسا بولىدۇ. ھەتتا ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، ئىشىنى قىلىشىپ بېرىش ئۈچۈن مەسجىدتىن سىرتقا چىقسىمۇ بولىدۇ.

«سەھىھەين»دە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئايالى ھەزرىتى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ قېشىغا يوقلاپ بېرىپ، مەسجىد سىرتىدا پاراڭلاشقان. كېچە بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايالىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتقان. ئەگەر بىرەر زۆرۈر ئىش چىقىپ قالغاندا پاراڭلىشىش چەكلەنمىسە، زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا تېلېفۇندا سۆزلىشىشمۇ چەكلەنمەيدۇ. لېكىن، بۇ رۇخسەتنى ئىنتايىن زۆرۈر ئەھۋاللاردىلا ئىشلىتىش كېرەك. كەلگەنلا تېلېفۇنلارنى ئېلىپ سۆزلىشىۋەرمەسلىك، بولسا تېلېفۇننى تاقاپ قويۇش كېرەك.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا رۇخسەت قىلىنىدىغان ئىشلار

1. مەسجىدتە تاماق يېيىش. لېكىن، سامساققا ئوخشاش پۇرىقى يامان يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش لازىم.

2. مەسجىدتە يېتىش ۋە ئۇخلاش.

3. ئەتىر ۋە خۇشپۇراقلارنى ئىشلىتىش. ئاياللارمۇ ھىدى ئەرلەرگە پۇرىمايدىغان بولسا، خۇشپۇراق ئىشلەتسە بولىدۇ. چاچلىرىنى تارىسىمۇ، مايلىسىمۇ بولىدۇ.

4. مەسجىدنى مەينەت قىلىۋەتمەيدىغان بولسا، زۆرۈر بولغاندا چاچ – تىرناقلىرىنى ئېلىش. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنى ئېتىكاپقا كىرىشتىن بۇرۇن قىلىۋېلىش لازىم.

5. مەسجىد ئىچىدە تۇرۇپ نىكاھلىنىش، نىكاھىغا ئېلىش، نىكاھ ئوقۇش ۋە نىكاھقا گۇۋاھ بولۇش.

6. مەسجىدتە چېدىر تىكىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان پەردە – توساقلارنى پەيدا قىلىش.

7. ئېھتىياجلىق ئىشلاردا پاراڭلىشىش، ئايالى يوقلاپ كەلسە سۆزلىشىش.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئوقۇيدىغان مۇئەييەن دۇئا بارمۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئوقۇيدىغان مۇئەييەن دۇئا يوق. ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى دۇئايى – تەلەپ، زىكىر – تىلاۋەت، دىنىي تەلىم – تەربىيە ۋە مۇزاكىرىلەرنى قىلىشى، نەپلە ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى، پايدىلىق كىتاب ئوقۇشى ياكى يېزىشى، شۇنداقلا قۇرئان ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئوقۇشى ۋە ئوقۇتۇشى، ئارتۇق پاراڭ سالماسلىقى، تالاش – تارتىش، جېدەل – ماجىرا ۋە دۇنيا پاراڭلىرىنى قىلماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش جەريانىدا ھۈنەر – كەسىپ ياكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرىمەن دەپ مەجبۇرىيەتلەرنى ۋە باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

ئېتىكاپ نەپلە ئىبادەت قاتارىغا كىرىدۇ. شۇڭا، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋاجىپ ئىشلارغا توسالغۇ بولىدىغان بولسا، ئېتىكاپتا ئولتۇرماسلىق كېرەك. ئەگەر ئون كۈن تولۇق ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا ۋاقىت بولمىسا ياكى خىزمەتتىن رۇخسەت سورىغىلى بولمىسا، بىر كۈن ھەتتا يېرىم كۈن ياكى بىر كېچە بولسىمۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىبادەتنى قىلىۋېلىش بەكمۇ پايدىلىق.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن خىزمىتىنى تاشلىيالمايدىغانلار خىزمەت ۋاقتىدا خىزمىتىگە چىقسا بولامدۇ؟

ئالىملار ھاجەتتىن سىرت مەسجىد تاشقىرىغا چىقىشنى ئېتىكاپنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارىغان. زۆرۈر ئىشلار ئۈچۈن چىقىشقا رۇخسەت قىلغان، ئەمما ئىشى ۋە خىزمىتى ئۈچۈن تاشقىرىغا چىقىش ئۈستىدە توختالمىغان. ئادەتتە، كىشى ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا تولۇق ۋاقتىنى چىقىرىشى كېرەك. تولۇق ۋاقتىنى چىقىرالمىغان ئەھۋالدا بىرەر سائەت، ياكى بىرەر كېچە، ياكى يېرىم كۈن ۋەياكى ئىككى ناماز ئارىلىقى… دېگەندەك قىسقا ۋاقىتلاردا مەسجىدتە ئولتۇرۇپ ئېتىكاپنى نىيەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن تولۇق ئون كۈن ئولتۇرۇش شەرت ئەمەس.

 

ئېتىكاپتىن چىقىپ كەتسە قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟

بىر كۈن ياكى ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نىيەت قىلغان بولسا ياكى نىيەت قىلىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ئەمەلىي باشلىغان بولسا، ئېتىكاپنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قىلالماي ياكى داۋاملاشتۇرالماي قالغان ئەھۋالدا كېيىنچە، پۇرسەت تېپىپ قىلىۋالسا بولىدۇ. كېيىن قىلمىسىمۇ ھېچ گەپ بولمايدۇ، يەنى، قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ. چۈنكى، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋاجىپ ئەمەس. ھەتتا بىر مۇددەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نىيەت قىلغان مۇددەتكە قەدەر داۋاملاشتۇرمىغان ئەھۋالدا بۇرۇنقى ئېتىكاپ ھېساب بولۇۋېرىدۇ، كېيىن چالا قالغىنىغا موھتاج بولمايدۇ. ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «ئېتىكاپ، شۇنداقلا باشلاشتىن بۇرۇن باشلىمىسىمۇ بولىدىغان (ۋاجىپ بولمىغان) ھەرقانداق بىر ئىشنى ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرماستىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ. ئاخىرىنى تولۇقلىۋېتىشىنى ياخشى كۆرىمەن. پەقەتلا نەپلە ھەج بىلەن ئۆمرەنى باشلاپ تاماملىمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ»(11).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ نەزىرىدە ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مۇددىتى بىر كۈندۈز بولغاچقا، بىر كۈنلۈك نەپلە ئېتىكاپقا كىرىش بىلەن ئېتىكاپنى شامغىچە تاماملاش ياكى تاماملىيالمىغان ئەھۋالدا قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئىمامنىڭ ئىككى شاگىرتىنىڭ قارىشىدا، بىر سائەت بولسىمۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش جائىز بولغاچقا، بۇزۇۋەتسە ئولتۇرغان ۋاقتى ئېتىكاپقا ھېساب بولۇپ، كېيىن خالىسا يەنە كىرسە بولىدۇ(12).

لېكىن، نەزىر قىلغان ئېتىكاپ ئەسلىدە ۋاجىپ بولغاچقا، ئۇنى باشلاپ تاماملىماستىن توختاتقان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسجىد تەرتىپىگە قانداق رىئايە قىلىش كېرەك؟

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا بىر كىچىك چېدىر تىككۈزگەن(13).

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قېتىم تۈركچە چېدىردىن بىرنى تىكىپ، ئىشىكىگە بورىنى تىكلەپ قويغان. بۇ ئېتىكاپنىڭ روھى ۋە نىشانى ۋۇجۇتقا چىقىش ئۈچۈن قىلىنغان ئىشتۇر. نادانلار بولسا ئون كىشىلىك چېدىرلارنى تىكىپ، پاراڭ سوقۇپ، زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ»(14).

ئەلۋەتتە، مەسجىدلەرنىڭ خانىقالىرىدا جامائەت بەش ۋاخ ناماز ئوقۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار جامائەت ناماز ئوقۇيدىغان جايدا چېدىرلارنى تىكىپ، پەردىلەرنى تارتىپ، سەپلەرنىڭ تىزىلىشىغا، جامائەتنىڭ ئىمامنى كۆرۈشىگە توسالغۇ بولىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك. توسالغۇ بولىدىغان بولسا، ناماز ۋاقىتلىرىدا پەردىلەرنى يىغىشتۇرۇۋېتىشى كېرەك.

ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچى ئېتىكاپ جەريانىدا ئۆزى ئولتۇرغان جايغا باشقىلاردىن ھەقلىق بولىدۇ، ئۇ ئولتۇرغان جاينى باشقىلار ئىگىلىۋالسا بولمايدۇ. ئەمما، ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسجىد ئىچىدىن ئالاھىدە ئورۇن تەييارلاپ، ئىبادەت ۋاقىتلىرىدا ئۇ يەرگە ھېچكىمنى كىرگۈزمەي، ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك قىلىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ. ئەگەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا توسۇشقا ئېھتىياج كۆرۈلسە پەردە تارتىپ، ناماز ۋاقىتلىرىدا ئۇنى ئېلىۋېتىشى كېرەك. نامازدىن كېيىن يەنە پەردە تارتىپ ئولتۇرسا بولىدۇ.

ناۋادا مەسجىدنىڭ خانىقاسىدا جامائەت كۆپ بولماي بوش جايلار قالىدىغان بولسا، جامائەتكە تاقاشمايدىغان يەردىكى پەردىسىنى ئېھتىياج بولمىغاچقا، ئېلىۋەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، جامائەت نامازغا سەپ تارتىپ تىزىلمايدىغان مەسجىدنىڭ ھويلىسى ۋە پىشايۋانلىرىدەك ئوچۇق جايلىرىدا بولسا، خالىسا پەردە تارتىپ، خالىسا كىچىك چېدىر تىكىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ سەقىف قەبىلىسىنىڭ ئۆمىكىنى مەسجىدكە ئورۇنلاشتۇرغان. ھەزرىتى سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يارىلانغاندا يوقلاشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن مەسجىدكە چېدىر تىكىپ ياتقۇزغان.

ئى ئاللاھ! بىزنى تائەت – ئىبادەتلىرىڭگە مۇۋەپپەق قىلغىن، نېمەتلىرىڭگە لايىقىدا شۈكۈر قىلىشقا، ساڭا توغرا ئىبادەت قىلىشقا ياردەم قىلغىن. بىزنى تائەت – ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىيدىغان، ھۇزۇرلىنىدىغان قىلغىن. بىزنى پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە توغرا ئەگىشىدىغان، ئۇنىڭ سۈننىتىنى كىشىلەر تاشلىۋەتسە ئەھيا قىلىدىغان، دىللىرى ھىدايەت مەشئىلى بولىدىغان، بار بولسا تونۇلمايدىغان، يوق بولسا ئىزدەلمەيدىغان، ھەر پىتنە – بالالاردىن سالامەت چىقىدىغان ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭدىن قىلغىن. بۇ دۇنيادا ھەقتە چىڭ تۇرۇپ ئاخىرقى نەپەسلىرىمىزگىچە ئىمان ۋە ئىسلامدا تەۋرەنمەي تۇرۇشقا نېسىپ قىلغىن. قىيامەتتە پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىدلەر ۋە سالىھلەر بىلەن بىللە قىلغىن. ئامىن، يارەببەل ئالەمىن!

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

1427 – يىلى رامىزاننىڭ 24 –كۈنى

2006 – يىلى 15 – ئاۋغۇست
——————————-
1. «بۇخارىي»، 2036 – ھەدىس.
2. «بۇخارىي»، 2044 – ھەدىس.
3. «ئەلمۇھەللا»، 5/180.
4. «بۇخارىي»، 1929 – ھەدىس.
5. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەت.
6. «بۇخارىي»، 6696 – ھەدىس.
7. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 2032 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1656 – ھەدىس.
8. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەت.
9. «تىرمىزىي»، 322 – ھەدىس. سەنەدى ھەسەن.
10. «مۇۋەتتا»، 421 – نومۇر.
11. «ئەلئۇم»، 2/103.
12. «ئەلئىختىيار»، 1/431.
13. «مۇسلىم»، 1172 – ھەدىس.
14. «زاد المعاد»، 2/89.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز